باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگى ئۈچۈن قىممەتلىك بىر بىلەت تاشلاپ قويۇڭ!

    ۋاقىت:2010-12-14 | تۈرى:بىلوگ ھەققىدە

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/89171853.html

    يىل ئاخىرى بولغاچ ، خىزمەتلەرنىڭ جىددىلىكىدىن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بىلوگقا قارىيالمىغان ئىدىم. بۈگۈن يىللىق خىزمەتلەرنى تۈگىتىپ، ئازراق خاتىرجەم بولۇپ، بۇ قېتىم ئۆزۈم يولۇققان يۈەننى بىرلىكىنى تۈمەن يۈەنگە ئايلاندۇرۇش توغرىسىدىكى يازمىنى يېزىپ بولۇپ، يوللىۋىتەي دەپ بىلوگ ئارقا سەھنىسىگە ئۆتۈپ ھونزادە ئەپەندىنىڭ بۈگۈن  يازغان ئۆز بىلوگىغا بىلەت توپلاۋاتقان يازمىسىغا كۆزۈم چۈشۈپ قىلىپ، دەرھال يۈكسەل بىلوگىغا كېرىپ باقتىم. قارىسام 2010-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى ئون چوڭ بىلوگقا بىلەت تاشلىنىش باشلانغىلى بىر نەچچە كۈن بولۇپتۇ. شۇنداقتىمۇ ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگىمىز ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ قوللىشى ئاستىدا ھازىرغىچە 10- ئورۇندا تۇرىۋىتىپتۇ.

    بۇ يەردە ئالدى بىلەن بىزنى قوللىغان بارلىق تورداشلارغا ئالدىن رەھمىتىمنى ئېيتقاچ تۇراي.

    ئەمدى كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام ، بىلوگىمىز 2008- يىلىدىكى 10 چوڭ بىلوگنى تاللاشقا قاتناشقان بولۇپ، بىلەت تاشلاش ئارقىلىق ئاخىرىدا 10 چوڭ بىلوگ ئىچىگە كىرەلمىگەن ئىدۇق. (ئەمما 11 ياكى 12- ئورۇندا تۇردۇمغۇ دەيمەن )ئۇ چاغدا بىلوگىم يڭى قۇرۇلغان، تەجرىبە كەمچىل بولغاچ،مەن ئۆزۈممۇ بىلوگىمنى تەشۋىق قىلىشقا بەك كۈچەپ كەتمىگەن ئىدىم. شۇ چاغدا تەشىۋىقاتقا كۈچىگەنلەر راستلا پايدىسىنى كۆرگەندەك قىلغان ئىدى.  شۇ سەۋەپ بۇ يىل مەنمۇ  رەسمى بىلەت تاشلاش باشلانغاندا بىلوگىمدا بىر تەشۋىقات قىلىپ باقاي دەپ ئويلىغان. ئەمما يەنىلا سەل كېچىكىتىمەن.

    شۇنداق بولسىمۇ بىلەت تاشلاش ئاخىرلىشىشقا يەنە ئون بەش كۈن ۋاقت باركەن. شۇڭا بىلوگ ئوقۇرمەنلىرىدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن شۇنى ئېلتىماس قىلىمەنكى، ئەگەر بىلوگىمىز سىزگە ئازراق بولسىمۇ نەپ يەتكۈزەلىگەن بولسا،

     

    بىلوگىمىزنى قوللىسڭىز بىزگە پەقەت ۋە پەقەت بىر تاللا  قىممەتلىك

     

     قوللاش بىلىتىڭىز كېرەك (ھەرگىز ئارتۇق بىلەت كېرەك ئەمەس. )

    ئاخىرىدا ئوقۇرمەنلىرىمىزگە شۇنى ئىيتماقچىمەنكى بىلوگىمىز 2008-يىلى تاللىنالمىغاندىمۇ يىڭىلىنىشتىن توختىغان ئەمەس. بۇندىن كېيىنمۇ ھەم توختىمايدۇ. ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ بىلوگىمىزنى داۋاملىق زىيارەت قىلىپ تۇرۇشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن قارشى ئارلىمىز.

    بىلەت تاشلاش مەنزىلى : http://www.yuksle.me

    يەنى يۈكسەل بىلوگىنىڭ ئوڭ يان تەرەپتىكى يىگىرمە بىلوگ ئىچىدىكى 10- بىلوگ ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگى دەل سىز بىلەت تاشلىماقچى بولغان بىلوگدۇر.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30]مۇبارەك بولسۇن ، ئېلكىتاب بلوگىنىڭ تورداشلارغا تېخىمۇ ياخشى كىتابلارنى تەقدىم قىلىشىغا تىلەكداشمىز!
    ئابرال回复Yuksel说:
    يۈكسەل ئەپەندىنىڭ تەبرىكىگە تەشەككۈر.بىلوگىمىز بۇندىن كېيىن داۋاملىق ئۆز يولىدا توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.
    2011-01-03 19:17:40
  • [avatar:30][avatar:30]بلوگىڭىزنىڭ 2010-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بىلوگ شەرىپىگە نائىل بولغىنىنى قۇتلۇقلايمەن،مۇبارەك بولسۇن،باسقان قەدەملىرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۇن!
    ئابرال回复جەلىپكار说:
    رەھمەت سىزگە. سىزنىڭ بۇندىن كېيىن داۋاملىق تېرشىپ، 10 چوڭ بىلوگ قاتارىدىن ئورۇن ئىلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.
    2011-01-03 19:23:11
  • [avatar:30][avatar:30][avatar:30]مەن بىرنى تاشلاپ قويدۇم تىرىشىڭ توختاپ قالماڭ
    ئابرال回复uyghurlar说:
    قوللىغىنىڭىز ئۈچۈن كۆپ تەشەككۈر.داۋاملىق كېلىپ تۇرۇڭ.
    2010-12-23 23:18:23

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !