باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • Excel دا يۇەن بىرلىكىنى تۈمەن يۈەنگە ئايلاندۇرۇش

    ۋاقىت:2010-12-14 | تۈرى:excel ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/89159429.html

    يىل ئاخىرى بولۇپ قالغاچقا، نۇرغۇن ئورۇنلار يىللىق خۇلاسە ئىشلەشكە چۈشۈپ كەتتى. نۇرغۇن ئورۇنلار يىللىق خۇلاسىدە  نۇرغۇنلىغان سانلارنى تولدۇرۇش زۆرۈر بولغان گىراپىلارنى يۇقۇرى تۆۋەن ئورۇنلاردىن تاپشۇرۇپ ئالىدۇ ۋە ئىشلەشكە تاپشۇرىدۇ. ئاخىردا تاپشۇرۇپ ئالغان گىراپىلارنى بىرلەشتۈرۈپ تۆۋەندىكى بىر قانچە ئورۇندىن تۈزۈلگەن  بىر ئورۇننىڭ  يىللىق جەدىۋىلىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. ئورۇن يۇقۇرلىغانسىرى سانلارنى تولدۇرۇش بولۇپمۇ پۇل قىممىتىدىكى سانلارنى تولدرۇغاندا تۈمەن يۇەن، ھەتتا يۈز مىليۇن يۇەننى (万元,亿元) بىرلىك قىلىپ تولدۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ.  بۇ يازمىمىزدا تورداشلارغا Excel جەدىۋىلىكى يۇەن بىرلىكىدىكى سانلارنى تۈمەن يۇەنگە ئايلاندۇرش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ بىرىمىز.

    ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلى بىر قانچە خىل بولۇپ  ئەڭ ئاددىسى شۇ كاتەكتىكى ساننى ئۆز جايىدا تۇرغۇزۇپ 10000 غا بۆلۈش ياكى 0.0001 گە كۆپەيتىش.

    ئەگەر سىزنىڭ ئايلاندۇرماقچى بولغىنىڭىز بىر سىتون ياكى بىر قۇر بولسا دەرھال شۇ سىتون ياكى قۇرنىڭ يېنىغىلا بىر سىتون ياكى قۇر قوشۇپ، (مەسىلەن ئەسلىدىكى سان a5 كاتەكتىن باشلانغان كاتەكلەردە بولسا، بىز شۇ بىر سىتوندىكى سانلارنى تۈمەن يۈەنگە ئايلاندۇرماقچى بولساق، دەرھال شۇ سىتوننىڭ يېنىغا بىر سىتون قوشۇپ، شۇ سىتونىكى a5 كاتەكنىڭ يېنىدىكى (b5  كاتەككە دەيلى)  كاتەككە  =a5/10000   ياكى   =a5*0.0001  دەپ فورمىلا يېزىپ، ئاندىن بۇ فورمىلارنى تۆۋەنگە سېرىپ چۈشۈرۈپ ھىساپلاپ تۈمەن يۈەنگە ئايلاندۇرۇپ بولۇپ، ئاندى چىققان نەتىجىنى a سىتوندىكى ماس ئورنىغا كۆچۈرۈپ قويۇپ، قوشىۋالغان سىتوننى ئۆچۈرىۋەتسەكلا بولىدۇ.

    ئەگەر بىز پەقەت جەدىۋەل يۈزىدە قەغەزگە بېسىپ چىقاندىلا تۈمەن يۈەن بويىچە كۆرۈنسۇن دىسەك يەنە كاتەكچە خاسلىقىنى تەڭشەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىشقىمۇ بولىدۇ. يەنى تۈمەن يۈەنگە ئايلاندۇرماقچى بولغان كاتەكلەرنى تاللاپ، مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىپ، تىزىملىكتىن كاتەكچە فورماتىنى بېكىتىشدىگەن تۈرنى تاللىساق ، كاتەكچە فورماتى كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. كۆزنەكتىكى 1-تۈر بولغان ‹سانلىق قىممەت› (数字) دىگەن تاللانما ئاستىدىكى تۈرلەر دىگەن بىر قانچە تۈرلەر ئارىسىدىن ‹ئۆز بەلگىلەش›(自定义) دىگەن تۈرنى تاللاپ، ئوڭ تەرەپتىكى تۈرى دىگەن (类型) جايغا 0000.!0 دىگەن قىممەتنى يېزىپ جەزىملەشتۈرسەكلا شۇ تاللانغان كاتەكلەردىكى سانلارغا 4 خانىدىن كېيىن چىكىت قويۇپ، بىزگە تۈمەن يۈەن شەكلىدە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

    ئەڭ ئاخىرقى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇپ، خالىغان بىر بوش كاتەكچىگە 10000 دىگەن ساننى يېزىۋىلىپ، ئاندىن ئۇ ساننى كۆچۈرىۋالىمىز. ئاندىن تۈمەن يۈەنگە ئايلاندۇرماقچى بولغان كاتەكچىلەرنى تاللاپ، مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىپ، تىزىملىكتىن ‹تاللاش خارەكتىرىدىكى چاپلاش›(选择性粘贴) بۇيرۇقىنى تاللايمىز.ھەمدە ‹ھىساپلاش›(运算) دىگەن تۈر ئاستىدىن ‹بۆلۈش› () دىگەن تۈرگە بەلگە قويۇپ، جەزىملەش كۇنۇپكىسىنى باسساقلا ئىش پۈتىدۇ.(ياكى 0.0001 نى يېزىۋىلىپ، بۇنى كۆچۈرۈپ، تاللاش خارەكتىرلىك چاپلاشتا، كۆپەيتىش ئۇسۇلىنى قوللانساقمۇ بولىىدۇ. سىزگە قايسىىسى ئوڭ بولسا شۇنى قوللانسىڭىز بولىدۇ.)

    يۇقارقىلار ئەڭ ئاددى ئۇسۇللار بولۇپ، بۇلاردىن باشقا يەنە VBA  دا پىراگرامما تۈزۈش ئۇسۇلى ئارقىلىقمۇ ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقى ھەمدە شۇنداق ماكرۇلار بارلىقى توردا ئىزدىسەك تاپقىلى بولىدۇ. ئەگەر يۇقارقى ئۇسۇللار سىزنىڭ ئىھتىياجىڭىزنى قاندۇرالمىغان بولسا، توردىن VBA توغۇرۇلۇق ئىزدىنىپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.

    يۇقارقى تەجرىبىلەرگە ئاساسەن يۇەن بىرلىكىنى يۈزمىليۇن يۈەنگە ئايلاندۇرماقچى بولسىڭىز قانداق قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئاسانلا تىپىۋالالىدىڭىز ، شۇنداقمۇ؟

     


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !