باش بەت | ئېلكىتاپ | تەرجىمە فىلىم | ئالبۇم | ULY نۇسخىسى |
-
بىلوگىمىزدا ئېلكىتاپ چۈشۈرگۈچىلەر دىققەت
ۋاقىت:2010-10-27 | تۈرى:بىلوگ ھەققىدە
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/ilkitap-logs/81020251.html
بۇ يىل يىل 5- ئايدا شىنجاڭدا تور ئەسلىگە كەلگەندىن بېرى، دۆلەت نۇرغۇن تور بەتلەرگە قارىتا تۈزەش، تەڭشەش، نازارەت قىلىش، ۋە باشقۇرۇش سالمىقى بۇرۇنقىدىن زور دەرىجىدە كۈچەيتىلگەنلىكتىن بىلوگىمىز ئىشلەتكەن بەزى ھەقسىز ماتىريال يوللاش بوشلۇقلىرى چەكلەندى ياكى ئۇلارنىڭ يوللانغان ماتىريالنى تەكشۈرۈش ئۆتكىلى كۈچەيتىلدى. شۇ سەۋەبتىن بەزىبىر بۇرۇن يوللانغان ئېلكىتاپلار ئۆچۈرۈلگەن بولۇپ، ھازىر چۈشۈرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالغان. يېقىندا بىلوگىمىز بارلىق چۈشۈرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالغان ئېلكىتاپلارنى قايتىدىن ھازىرچە ئىشلەتكىلى بولىدىغان باشقا بوشلۇقلارغا يوللىدۇق. تورداشلارنىڭ ۋاقتىدا ئۆزىگە كېرەكلىك دەپ قارىغان ئېلكىتاپلارنى چۈشۈرۈۋىلىشىنى سورايمىز. ھەمدە چۈشۈرگىلى بولمىغان، ياكى ئادرىسى خاتا بولۇپ قالغان ئېلكىتاپلار بولسا ، ۋاقتىدا ئىنكاس يېزىپ مەلۇم قىلىپ قويۇشىنى سورايمىز.
بىلوگىمىزدىكى ئېلكىتاپلار ھازىر تۆت خىل بوشلۇققا يوللانغان بولۇپ، بەزى تورداشلار ئېلكىتاپلارنى چۈشۈرەلمىگەنلىكىنى ، چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تاپالمىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىپتۇ. شۇ سەۋەپ چۈشۈرۈشنى بىلەلمىگەن دوسلارغا ياردىمى بولۇش ئۈچۈن تۆۋەندە ھەر قايسى بەتلەردىن چۈشۈرۈش ئۇسۇلى رەسىم شەكلىدە چۈشەندۈرۈلىدۇ.
1. بىلوگىمىز ئۆزى ئىشلەپ تارقاتقان بىر قىسىم ئېلكىتاپلار بلوگباس تەمىنلىگەن ھۆججەت يوللاش بوشلۇقىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ خىل ئېلكىتاپلارنى ئېككى چىكىپلا ياكى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىپ تىزىملىكتىن خالىغان بىر چۈشۈرۈش قورالى ( 迅雷,flashget) دىگەندەك قوراللار ئارقىلىق چۈشۈرەلەيسىز.
2. سىنا تور بېتىنىڭ ماتىريال ئورتاقلىشىش بېتى بولۇپ، بۇ بەتتىكى ئېلكىتاپلارنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.
3. 91box تور بېتى بولۇپ، بۇ تور بەتتىن ئېلكىتاپ چۈشۈرگەندە دىققەت قىلىڭ. چۈشۈرۈش ئۇسۇلى تۆۋەندىكى رەسىمدە
4.good.gd ماتېريال ئورتاقلىشىش تور بېتى بولۇپ. چۈشۈرۈش ئۇسۇلى تۆۋەندىكى رەسىمدە. ئەگەر بەزى ئېلكىتاپلار ئۆچۈرۈلگەن بولسا قۇرۇق بەت ئېچىلىدۇ. دىققەت قىلارسىز.چۈشۈرۈش ئۇسۇلى رەسىمدىكىدەك.
بىلوگ ئورقۇرمەنلىرىمىزنىڭ يەنە چۈشەنمىگەن ياكى باشقا مەسلىھەت سورايدىغان تەرەپلەر بولسا مۇشۇ يازما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدرۇشىنى سورايمىز.
收藏到:Del.icio.us
كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !
评论
http://www.yasinjan.com
http://sahabilar.blogbus.com/ بۇ ئادىرىسى
چۈشۈرۈش ئۇسۇلى ھەققىدە يوللىغان تېمىڭىزنىڭ رەسىملىرى كۆرۈنمىدى. خاپا بولماي رەسىملەرنى ئېلخەت ئادرىسىمغا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز.
Ghulamuyghur@Gmail.com