باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • Photoshop دا چىراي گۈزەللەشتۈرۈش (1)

    ۋاقىت:2009-04-23 | تۈرى:كۆپ ۋاستە دىتاللىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/38343286.html

    مەن Photoshop ماھىرى ئەمەس ، بىراق ئانچە- مۇنچە Photoshop نى ئۈگىنىپ باققان. مەن لايىھەلىگۈچى ئەمەس، ھەم ئۇنداق خىيالىممۇ يوق. ئەمما مەن Photoshop ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ ۋە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرىنى ئانچە- مۇنچە تەھرىرلەپ، سۈرەتلەرنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلماقچى . مەن مۇشۇ مەقسەت بىلەن توردىن ئىزدەش ئارقىلىق، رەسىملەرنى گۈزەللەشتۈرىدىغان بىر قانچە خىل ئۇسۇللارنى تېپىپ چىقتىم ۋە ئۆزۈم سىناپ كۆرۈپ مۇۋەپپىقەيەتلىك بولغاندىن كېيىن، ماڭا ئوخشاش خىيالدىكى كىشلەرنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم.

    بۇ دەرسىمىز بىر قانچە بۆلەككە بۆلىنىدۇ. شۇڭا قىزىقىدىغان تورداشلارنىڭ بىلوگىمىزغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ تۇرۇشىنى سورايمىز.

    1. چىرايى سەل قاراڭغۇراق تارتىلغان رەسىملەرنى ئوڭشاش ئۇسۇلى

    تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ.

    clip_image002

    بۇ رەسىمدە قىزچاقنىڭ چىرايى سەل قاراڭغۇ، ھەمدە يۈزىدە ئانچە-مۇنچە ھۈررەكتەك بىر نەرسىلەر بارلىقىنى كۆرەلەيمىز. بىز بۇ رەسىمنى ئوڭشاپ باقايلى.

    1. ئالدى بىلەن قىزچاقنىڭ چىرايىدىكى ھۈررەك ۋە تۈگۈنچەكلەرنى چىقىرىپ تاشلايلى. بۇنىڭ ئۈچۈن ياماش قورالى(修补工具)ئارقىلىق قىزچاقنىڭ يۈزىدىكى تۈرلۈك ھۈررەك ۋە تۈگۈنچەكلەرنى چىقىرىپ تاشلايمىز. تۆۋەندىكى ھالەتكە كېلىدۇ.

    clip_image004

    2. ئەمدى چىرايىنى يورۇق ۋە ئاقارتايلى.

    ئالدى بىلەن ئەسلى رەسىم قەۋىتىنى يەنە بىر نۇسخا كۆپەيتىمىز. ئاندىن قانال (通道) كۆزنىكىگە ئۆتۈپ، قىزىل قانالنى تاللىۋىلىپ، ctrl كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ، مائۇس سول كۇنۇپكىسىنى بىر باسىمىز.

    رەسىمدە تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىش بولىدۇ.

    clip_image005

    3. رەسىم قەۋىتى كۆزنىكىگە يۆتكىلىپ، رەسىم قەۋىتى 1 (图层1) نى تاللايمىز. ئاندىن تىزىملىكتىن «滤镜-高斯模糊) نى تاللاپ، رادىيوسىنى مۇۋاپپىق تەڭشەيمىز. ئاندىن ctrl + d كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، تاللاش رايۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرىمىز. بۇ چاغدا رەسىم تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىدۇ.

    clip_image007

    يۇقارقى رەسىمگە قارىساق، رەسىمدە قىزچاقنىڭ چېچى بەكلا ئاقىرىپ كەتكەن، ھالقىسى ۋە زەنجىرىنىڭ ئەسلى رەڭگى ئۆزگىرىپ كەتكەن. بىز بۇلارنى ئەسلى ھالىتىگە قايتۇرساقلا بولىدۇ. بۇنى ماسكىلاش(添加图层蒙版) ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلالايمىز.

    4. رەسىم قەۋىتى كۆزنىكىدە تۇرۇپ، رەسىم قەۋىتى 1 نى تاللاپ، ئاندىن ئاستىدىكى سىنبەلگىلەردىن ماسكىلاش(添加图层蒙版) دىگەن سىنبەلگىنى باسىمىز. بۇ چاغدا رەسىم قەۋىتى 1دىكى كىچىك ئادەم سۈرىتى بار بەلگە يېنىغا ئاق رەڭلىك ئوخشاش چوڭلۇقتا يەنە بىر رەسىم پەيدا بولىدۇ. مانا بۇ ماسكا قەۋىتىدۇر(图层蒙版) . ئەمدى قىلىدىغىنىمىز، رەسىم قەلىمى (画笔) قورالى ئارقىلىق قىزچاقنىڭ چېچى، كۆزى، كىرپىكى، قېشى، ھالقىسى، زەنجىرى ۋە باشقا ئەسلى رەڭنى ئېلىپ قالسام بولىدىكەن دەپ قارىغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر قۇر سىزىپ چىقىمىز. دىققەت قىلىڭ، رەسىم قەلىمىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىنى ھەر قايسى ئورۇنلارغا قارىتا مۇۋاپپىق تەڭشەپ ئىشلىتىڭ. بەزى يەرلەردە ئېنىقلىق دەرىجىسىنى (透明度)تۆۋەنلەتسىڭىز بولىدۇ.

    clip_image009

    5. رەسىمغۇ ئاساسى جەھەتتىن كېلىپ قالدى. بىراق يەنىلا چىرايى قاراڭغۇراق تۇرىدۇ. ئازراق ئاقارتايلى. بۇنىڭ ئۈچۈن رەسىم قەۋىتى كۆزنىكىنىڭ ئاستىدىكى سىنبەلگىلەردىن رەسىم رەڭگىنى تەڭشەيدىغان ئەگرى سىزىق (曲线) ئۈنۈمىنى قوشايلى. ئەگرى سىزىق كۆزنىكىدە مۇۋاپپىق تەڭشىسەكلا بولىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ.

    clip_image010

    يۇقارقى رەسىمدىكى RGB قانالنى سىز يەنە قىزىل، يېشىل، كۆك قاتارلىق قاناللارغا ئالماشتۇرۇپ، تەڭشەش ئېلىپ بارسىڭىز،رەسىمنى يورۇتۇپلا قالماي، يەنە ھەر خىل ئۈنۈملەرگە ئېرىشەلەيسىز. تۆۋەندىكىسى مېنىڭ كۆك قانالغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارغاندىن كېين ئېرىشكەن سۈرىتىم.

    clip_image012

    سىلەرچە قانداقراق بولۇپتۇ. ئەسلىدىكى سۈرەتكە قارىغاندا بۇ قىزچاق قانداقراق ئۆزگىرىپتۇ. ئەگەر قىزىقسىڭىز سىزمۇ سىناپ بېقىڭ.

    فوتوشۇپ ھەققىدە چۈشىنىشلىكرەك قىلىپ دەرىسلىك ئىشلىمەك ئەجەپ تەسكىنا، بەزى گەپلەرنى پەقەتلا تەرجىمە قىلالماي كەتتىم ، ئەگەر تورداشلارنىڭ چۈشەنمىگەن يەرلىرى بولسا، ئىنكاس قالدۇرۇپ سورىسا بولىدۇ.

    كېلەركى قېتىم، چىراي گۈزەللەشتۈرۈشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلىنى سۆزلەيمىز. دىققەت قىلىپ تۇرغايسىز.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30][avatar:30]مەن سىناپ باقتىم ، بولىدىكەن ، رەھمەت سىزگە !

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !