باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • كۆكچىش 3.0 ئۆلچىمى ئىلان قىلىندى

    ۋاقىت:2009-04-25 | تۈرى:ITئۇچۇرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/38466057.html

    ياپۇنىيەنىڭ توكيۇ شەھرىدە ئۆتكۈزىلىگەن يىللىق يېغىندا كۆكچىش تېخنىكا بىرلەشمىسى (Bluetooth SIG) يىڭى بىر ئەۋلات كۆكچىش ئۆلچىمى Bluetooth Core Specification Version 3.0 + High Speed (يەنى كۆكچىش يادرۇلۇق ئۆلچىمى3.0 + يۇقۇرى سۈرئەت . مۇشۇنداق تەرجىمە قىلىپ تۇردۇم)  نى ئېلان قىلدى. بۇنى قىسقارتىپ BlueTooth3.0+HS ياكى بىۋاستىلا كۆكچىش 3.0 دەپ ئاتايدىكەن.

    كۆكچىش 3.0 نىڭ يادرۇلۇق قىسمى بولسا (Generic Alternate MAC/PHY”(AMP)) تېخنىكىسى بولۇپ، بۇ بىر خىل يىڭىچە چاستوتىنى نۆۋەتلەشتۇرۇش (交替射频) تېخنىكىسى بولۇپ، كۆكچىش كېلىشىمىنىڭ خالىغان بىر ۋەزىپىگە قارىتا توغرا بولغان چاستوتىنى دىنامىك ھالدا تاللىشىنى كۆرسىتىدىكەن.

    كۆكچىش 3.0 نىڭ ئادەتتىكى ئۇچۇر يوللاش تىزلىكى كۆكچىش 2.0 نىڭ 8 ھەسسىگە توغرا كېلىدىكەن. بۇنداق بولغاندا سىنئالغۇ ئاپاراتلىرىدىن تىلىۋىزۇرغا، كومپىيۇتېردىن ئالقان كومپىيۇتېرى، يانفۇن دىگەندەكلەرگە ئۇچۇر يوللاش ناھايىتى ئاسانلىشىدىكەن.

    ئىنىرگىيە سەرپ قىلىش جەھەتتە تىز سۈرئەتتە ئۇچۇر يوللاش ئىنىرگىيەنى خورىتىدىغان بولغانلىقتىن كۆكچىش 3.0 ئۆلچىمى كۈچەيتىلگەن توك مەنبەسىنى باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىنى ئىشلەتكەچكە، كۆكچىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ توك ساقلاش ۋاقتىنى ئاشۇرۇش مەسىلىسنى ھەل قىلىدىكەن. ئۇندىن باشقا ھازىرقى كۆكچىش 2.1 ئۆلچىمىدىكى ئۈسكىنىلەرنىڭ ئۈزەك پىراگراممىسىنى يىڭىلاش ئارقىلىق بۇلارنىمۇ كۆكچىش 3.0 ئۆلچىمىنى قوللايدىغان قىلغىلى بولىدىكەن.

    مۇتەخەسىسلەرنىڭ پىكرىچە ئەگەر ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولسا، بۇ يىلنىڭ 9-12 ئايلار ئارىسدا كۆكچىش 3.0 ئۆلچىمىدىكى ئۈسكۈنىلەر بازارغا سىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

     


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !