باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • كۆك چىش 3.0 ئۆلچىمى ئىلان قىلىنماقچى

    ۋاقىت:2009-04-19 | تۈرى:ITئۇچۇرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/38155280.html

    مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە [Bluetooth SIG (Special Interest Group)]  كۆك چىش تىخنىكىسى بىرلەشمىسى  4-ئاينىڭ 21-كۈنى كۆك چىش 3.0 (Bluetooth 3.0) ئۆلچىمىنى ئىلان قىلماقچى. ئىلگىرى بۇ ئۆلچەم يەنە Bluetooth UWB دەپمۇ ئاتالغان ئىدى. بۇ يىڭى ئۆلچەمدىكى كۆك چىش 3.0 نىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ئۇچۇر يوللاش-قوبۇللاش سۈرئىتى ئىنتايىن تىز بولۇپ، ھازىرقى 2.0+ EDR ئۆلچىمىدىن 18 ھەسسە تىز ئىكەن. ئەڭ يۇقۇرى بولغاندا 480 Mb/s سۈرئەت بىلەن ئۇچۇر يەتكۈزەلەيدىكەن. ئەگەر ئارىلىق  2 -10 مېتىرغىچە  بولسىمۇ 53.3 Mb/s100 Mb/s  بولغان ئۇچۇر يەتكۈزۈش سۈرئىتىنى ساقلاپ قالالايدىكەن. ئۇندىن باشقا ئۇ يەنە ئۇچۇر يەتكۈزۈش جەريانىدىكى تولا ئۈزۈلۈپ قىلىش ئەھۋالىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشىلايدىكەن.

    كۆك چىش 3.0 ئۆلچىمى Generic Alternate MAC/PHY (AMP) تېخنىكىسىنى قوللىغاندىن كېيىن، كۆك چىش 3.0 ئابونتلارغا Wi-Fi دەرىجىسىگە يېتىدىغان سىمىسىز توردىكى ئۇچۇر يوللاش سۈرئىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.يەنى ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا بۇ يىڭى ئۆلچەم ئارقىلىق Wi-Fi 802.11 كېلىشىمىنى ئىشلىتىپ، ئۇچۇر يوللىغىلى بولىدىكەن. يۇقۇرى سۈرئەتتە ئۇچۇر يوللاش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەر چوقۇم بىرلا ۋاقتتا كۆك چىش 3.0 ئۆلچىمى بىلەن Wi-Fi سىمىسىز تور ئىقتىدارىنى قوللىشى كېرەك، ئەگەر مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەر Wi-Fi سىمىسىز تور ئىقىتىدارىنى قوللىمىسا، ئۇ چاغدا ئۇچۇر يوللاش، كۆك چىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

     Bluetooth SIG كۆك چىش 3.0 نىڭ بىر قانچە سىكونت ئىچىدە كۆپ مىقداردىكى  ناخشا-مۇزىكا، رەسىم ۋە DVD  لارنى يوللاشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    نۇرغۇن كىشلەر كۆك چىشنىڭ ئۇچۇر يوللاش سۈرئىتى ئاستا بولغانلىقىدىن، خىزمەتنىڭ ئىھتىياجىدىن چىقالمايدۇ دەپ قارايتتى. مانا ئەمدى كۆك چىش 3.0 نىڭ ئىلان قىلىنىشى بىلەن بۇ خىل ئەھۋال ئۆزگەرگۈسى.

     


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !