باش بەت | ئېلكىتاپ | تەرجىمە فىلىم | ئالبۇم | ULY نۇسخىسى |
-
Office نىڭ يىڭى نەشىرىگە 2010 دەپ نام بېرىلدى.
ۋاقىت:2009-04-14 | تۈرى:ITئۇچۇرلىرى
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/37906659.html
بىر پارچە مىكروسوفتنىڭ ئىچكى قىسمىدىن كەلگەن نامسىز ئېلخەت، مىكروسوفتنىڭ Office يۈرۈشلۈك دىتاللىرىنىڭ ئەڭ يىڭى نەشىرىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىغان.
ئىلگىرى نۇرغۇن خەۋەرلەر ، غەرپلىكلەر 13 نى خەيىرلىك بولمىغان سان دەپ قارىغانلىقتىن، بۇ قېتىمقلىق نەشىردىكى ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش يۈرۈشلۈك دىتاللىرىنىڭ Office 14 دەپ ئېچىش نومۇرى بېرىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. ئېلخەتتە بەكمۇ كۆپ تەپسىلات تىلغا ئېلىنمىغان بولۇپ، ھەتتا build نەشىر نومۇرىمۇ بېرىلمىگەن.
تۆۋەندىكىسى ئاشكارلانغان سۈرەت بولۇپ، 2010 دەپ نام بېرىلگەن.
ئادەتتە مىكروسوفت مەھسۇلاتلىرىنىڭ نەشىر نومۇرى كەلگۈسى يىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ ئارقىلىق مەھسۇلاتنىڭ دەۋىر بىلەن تەڭ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن Windows 95 ۋە 98 Windows دىگەندەك. مىكروسوفت 2009- يىلنىڭ ئاخىرى ياكى 2010 – يىلىنىڭ بېشىدا بۇ ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش يۈرۈشلۈك دىتاللىرىنى تارقتىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۇندىن باشقا يىڭى نۇسخىدىكى Office يۈرۈشلۈك دىتاللىرى ئارىسىدا يەنە Office Web دىتاللىرىمۇ بار بولۇپ، Web ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەتلەرگە قولايلىق ئېلىپ كېلىدىكەن.
ئىچكى قىسىمدىكى بەزى كىشلەرنىڭ ئاشكارلىشىچە مىكروسوفت ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرش دىتاللىرىنىڭ بۇ قېتىمقى نەشىرىدە بەلكىم Office يۈرۈشلۈك دىتاللىرى دىگەن نام ئىشلىتىلمەسلىكى مۇمكىن ئىكەن.
收藏到:Del.icio.us
كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !