باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ سەپلىمىسىنى بىلەمسىز؟

    ۋاقىت:2009-04-04 | تۈرى:قاتتىق دېتال بىلىملىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/37446664.html

    كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ سەپلىمىسىنى بىلەمسىز؟ مېنىڭچە ھازىر نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزىنىڭ كومپىيۇتېرىنىڭ سەپلىمىسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ ، بىراق يەنىلا خېلى كۆپ قىسىمدىكى يىڭى ئۈگەنگۈچى دوستلار بىلمەيدۇ. ئېنىقىنى دىگەندە قانداق قىلغاندا ئۆز كومپىيۇتېرىنىڭ سەپلىمىسىنى بىلگىلى بولدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئەگەر سىز ئەشۇ خىلدىكى بىلمەيدىغان يىڭى ئۈگەنگۈچىلەردىن بولسىڭىز تۆۋەندىكى يازمىنى بىر ئوقۇپ چىقسىڭىز مېنىڭچە سىزمۇ ئاسانلا بىلىۋالالايسىز.

    كومپىيۇتېرنىڭ سەپلىمىسى دىگەندە ئادەتتە كومپىيۇتېر ئاساسى قېپى ئىچىدىكى ئاساسى تاختا، مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ(cpu)، ئىچكى ساقلىغۇچ، كۆرسىتىش كارتىسى، قاتتىق دىسكا قاتارلىقلارغا قارايمىز. ئادەتتە بىزدە مەخسۇس قوراللار بولمىغان چاغدا تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق كومپىيۇتېرنىڭ ئاساسى سەپلىمىسىنى بىلگىلى بولىدۇ.

    1. سىستىما خارەكتىرىنى كۆرۈپ بىلىش ئۇسۇلى

    مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ(cpu) نىڭ تىپى ۋە خىزمەت چاستوتىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ۋە ئىچكى ساقلىغۇچنى سىغىمىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئىكران يۈزىدە «مېنىڭ كومپىيۇتېرىم»() دىگەن سىنبەلگە ئۈستىگە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بىر چىكىپ، تىزىملىكتىن «خارەكتىر» دىگەن كۇنۇپكىنى تاللىساق تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ.

    بۇ كۆزنەكتىكى قىزىل سىزىق ئىچىگە ئېلىنغان رايۇنغا دىققەت قىلىڭ.

    clip_image001

    رەسىمدىكى قېزىل سىزىق ئىچىدىكى رايۇنغا قارىسىڭىز بۇ كومپىيۇتېرنىڭ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ(cpu) نىڭ بولسا AMD شىركىتىنىڭ Phenom(tm) 8650 تىپلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ(cpu) بولۇپ، بۇ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ(cpu)نىڭ خىزمەت چاستوتىسىنىڭ 2.3 گىگاگىرتىس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

    شۇنداقلا 1.0 GHz 的内存 دىگەن خەتلەردىن بۇ كومپىيۇتېرنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىنىڭ 1 گىگا بايت ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.

    ئەمما بەزى ئەھۋاللاردا ئىچكى ساقلىغۇچ قىممىتى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن، مەسىلەن: كۆرسىتىش كارتىسى ئاساسى تاختىغا بىرلەشتۈرىۋىتلگەن كومپىيۇتېرلاردا كۆپ ھاللاردا كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ساقلىغۇچى ئادەتتە ئىچكى ساقلىغۇچتىن مەلۇم بىر قىسىم ئىچكى ساقلىغۇچنى تارتىپ چىقىرىپ ئىشلىتىدۇ. يەنى ئەگەر كۆرسىتىش كارتىسى 64 مىگابايت ئىچكى ساقلىغۇچنى ئىگەللەيدۇ دىگەن بولسا، ئۇنداقتا بۇ 64 مىگا بايت ساقلىغۇچ ئەسلىدىكى ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمىدىن چىقىرىۋىتىلىپ ھىساپلىنىدۇ. يەنى يۇقارقى كومپىيۇتېردا كۆرسىتىش كارتىسى مۈستەقىل بولماي، ئاساسى تاختىغا بىرلەشتۈرىۋىتىلىپ، 64 مىگا بايت ئىچكى ساقلىغۇچنى ئىشلىتىدۇ دىيىلگەن بولسا، بۇ 64 مىگابايت ساقلىغۇچ كومپىيۇتېردىكى 1 گىگابايت ئىچكى ساقلىغۇچ ئارىسىدىن چىقىرىۋىتىلىپ، 966 مىگابايت دەپ كۆرۈنۈشى مۇمكىن.

    2. DirectX سىناش پروگراممىسى ئارقىلىق بىلىش ئۇسۇلى.

    باشلاش تىزىملىكى ئىچىدىكى «ئىجرا قىلىش» دىگەن بۇيرۇقنى قوزغىتىپ، كۆرۈنگەن خەت يېزىش ئورنىغا DirectX دىگەن بۇيرۇقنى كىرگۈزۈپ، جەزىملەشتۈرسەكلا ، Direct X سىناش پروگراممىسىنىڭ كۆزنىكى قوزغىلىدۇ.

    clip_image003

    يۇقارقى رەسىمدىن بۇ كومپىيۇتېرنىڭ ئاساسى سەپلىمىسىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. يەنى يۇقۇرىدىن قاراپ كەلسەك، سىناق ۋاقتى 2009-4-2 كۈنى. مەشغۇلات سىستىمىسى Microsoft Windows XP Professional نۇسخىسى، cpu بولسا، بولسا AMD شىركىتىنىڭ Phenom(tm) 8650 تىپلىق 3 نىگىزلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ(cpu) . چاستوتىسى 2.3 گىلو گىرتىس . ئىچكى ساقلىغۇچ 1 گىگابايت دىگەندەك ئاساسى ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيمىز.

    كۆرسىتىش كارتىسىنى بىلىش ئۈچۈن، يۇقارقى كۆزنەكنىڭ «كۆرسىتىش»() دىگەن تاللانمىسىنى تاللىساق تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك كۆرۈنىدۇ.

    clip_image005

    يۇقارقى رەسىمدىكى قېزىل سىزىق ئىچىگە ئىلىنغان رايۇندىكى ئۇچۇرلار كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ئۇچۇرلىرى بولۇپ، يۇقارقى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بۇ كومپىيۇتېرنىڭ كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ NVIDIA شىركىتى ئىشلەپچىقارغان GeForce 9500 GT تىپلىق ئۆزىكىنى ئىشلەتكەن كۆرسىتىش كارتىسى ئىكەنلىكىنى، كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ساقلىغۇچى (ئىچكى ساقلىغۇچ) سىغىمىنىڭ 512 مىگابايت ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.

    قىزىل سىزىق بىلەن سىزىلغان رايۇننىڭ ئوڭ تەرىپىدىكىسى كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنىڭ نەشىر ئۇچۇرلىرى، ئاستىدىكىسى بولسا، كۆرسىتىش كارتىسى ئىقتىدارىنى سىنايدىغان كۇنۇپكىلار. بۇ كۇنۇپكىلارنى چىكىش ئارقىلىق كۆرسىتىش كارتىڭىزنى سىناپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.

    Direct X سىناش پروگراممىسىنىڭ كۆزنىكىدىكى باشقا تاللانمىلارنىڭ رولى ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن بەك چوڭ ئەھمىيىتى يوق. بۇ يەردە ئارتۇق تونۇشتۇرۇپ يۈرمەيمىز.

    3. قاتتىق دىسكا ئەھۋالىنى بىلىش ئۇسۇلى.

    قاتتىق دىسكا ئەھۋالىنى بىلىش دىگەندە ئاساسلىقى قاتتىق دىسكىنىڭ سىغىمىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

    ئادەتتىكى ئەھۋالدا قاتتىق دىسكا سىغىمىنى بىلىشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلى ئېكران يۈزىدىن «مېنىڭ كومپىيۇتېرىم» كۆزنىكىنى ئېچىپ، بۇ يەردىكى ھەر قايسى دىسكىلارنىڭ سىغىمىنى ئۆز- ئارا قوشۇپ ھىساپلاشتىن ئىبارەت. يەنى C,D,E,F قاتارلىق دىسكىلارنىڭ سىغىمىنى قوشۇپ ھىساپلايمىز. ئاندىن ئۇ چىققان نەتىجىنى مەلۇم بىر پۈتۈن سانغا يىقىنلاشتۇرىمىز. مەسىلەن: ئەگەر سىز قاتتىق دىسكىڭىزنى 3 رايۇنغا بۆلگەن بولسىڭىز بۇ ئۈچ رايۇننىڭ سىغىمىنى قوشۇپ ھىساپلىساق،74 ئەتراپىدا بىر سان چىققا بولسا، قاتتىق دىسكىڭىزنى 80 گىگابايتلىق دىسكا دىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر 232 ئەتراپىدا چىقسا قاتتىق دىسكىڭىزنى 250 گىگابايت دىسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى قاتتىق دىسكا ئىشلەپچىقارغۇچىلار 1000 مىگابايتنى 1 گىگابايت دەپ ھىساپلايدۇ. ئەمما كومپىيۇتېر بولسا 1024 مىگابايتنى 1 گىگابايت دەپ ھىساپلىغاچقا ئارىلىقتا پەرق كېلىپ چىققان. شۇڭا سىز قوشۇپ چىققان ساننى ئۆزىدىن چوڭ بولغان ھەمدەمەلۇم بىر قاتتىق دىسكا ئۆلچىمىدىكى سانغا يېقىنراق بولغان سان بويىچە دىسكىڭىزنىڭ سىغىمىنى ھىساپلىسڭىز بولىدۇ.

    ئىككىنچى بىر ئۇسۇل بولسا، كونتىرۇل تاختىسى ئىچىگە كېرىپ، «باشقۇرۇش قوراللىرى» دىگەن تۈر ئىچىدىن «كومپىيۇتېر » دىگەن تۈرنى تاللاپ قوزغاتساق بىر كۆزنەك ئىچىلىدۇ. كۆزنەكنىڭ سول تەرىپىدىن «دىسكا باشقۇرۇش» دىگەن تۈرنى تاللىساق ئو تەرەپ ئاستىنقى بۆلەكتە شۇ دىسكىنىڭ سىغىمىنى كۆرگىلى بولىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.

    clip_image007

    يۇقارقى رەسىمنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى قىزىل سىزىلغان رايۇنغا قارىسىڭىز بۇ كومپىيۇتېرنىڭ قاتتىق دىسكىسىنىڭ ئومۇمى سىغىمى 232.88 گىگابايت بولۇپ، بۇ ئەمىليەتتە سىز بازاردىن 250 گىگابايت دەپ سېتىۋالغان دىسكا بولىدۇ.

    4. كومپىيۇتېرنىڭ cmos  كۆزنىكىگە كېرىپ ئېنىقلاش

    ئادەتتە كومپىيۇتېر قوزغىلىۋاتقان چاغدا DEL  دىگەن كۇنۇپكىنى بىسىپ تۇرساق، cmos تەڭشەش كۆزنىكى ئىچىگە كىرگىلى بولىدۇ. ئەگەر ئىنگىلىزچىدىن ئازراق خەۋىرىڭىز بولسىلا بۇ يەردە كۆرۈنگەن ئۇچۇرلار ئارقىلىق كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ CPU  ، ئىچكى ساقلىغۇچ، قاتتىق دىسكا ، نۇر دىسكا، قاتارلىقلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى بىلەلەيسىز. بۇ يەردە بۇ خىل ئۇسۇل تەپسىلى تونۇشتۇرۇلمىدى.

     

    يۇقارقى ئۇسۇلنى ئۈگىنىۋالسىڭىز ھەر قانداق بىر كومپىيۇتېر ئالدىغا  كەلسىڭىز ، ھىچقانداق يۇمشاق دىتال قاچىلماي تۇرۇپلا ئەشۇ كومپىيۇتېرلارنىڭ سەپلىمىسىنى بىلەلەيدىغان ھالغا كېلىسىز.

    ئەلۋەتتە كومپىيۇتېر سەپلىمىسىنى بىلەلەيدىغان نۇرغۇن يۇمشاق دىتاللار بار بولۇپ، ئەگەر سىز بۇ دىتاللارنى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ ئاساسى تاختا، مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، ئىچكى ساقلىغۇچ، كۆرسىتىش كارتىسى (سىنكارتا) ، ئاۋاز كارتىسى(ئۈنكارتا) ۋە باشقا سەپلىمىلىرىنىمۇ بىلەلەيسىز. بۇ خىلدىكى دىتاللاردىن بىر نەچچىسى ئىلگىرى بىلىك كۇلۇبى بىلەن ئىنتىل سەيناسىغا يوللانغان ھەمدە تونۇشتۇرۇلغان. ئەگەر بۇ تەرەپتىكى بىلىملەرگە قىزىقسىڭىز بىلىك كۇلۇبى ياكى ئىنتىل سەيناسىدىن ئىزدىسڭىز بۇ خىل دىتاللارنى تاپالايسىز.

     


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !