باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • يىڭى تىپتىكى قاتتىق دىسكا ھەققىدە

    ۋاقىت:2009-04-09 | تۈرى:قاتتىق دېتال بىلىملىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/37676207.html

     قاتتىق دىسكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئۇ بىزنىڭ كومپىيۇتېرىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان زاپچاسلارنىڭ بىرى. ئەمدى بىز بۇ يەردە دەۋاتقان يىڭى تىپتىكى قاتتىق دىسكا بولسا، ئادەتتە ئىنگىلىزچە Solid State Disk خەنزۇچە 固态硬盘 دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ گەپلەرنى ئۇدۇل تەرجىمە قىلساق مەنىسى قاتتىق ھالەتتىكى دىسكا دىگەنلىك بولىدۇ. بۇ خىل دىسكا يەنە ئىلىكتىرۇنلۇق دىسكا ياكى قاتتىق ھالەتتىكى ئېلىكتىرۇنلۇق دىسكا دەپمۇ ئاتىلىدۇ.( مېنىڭچە بۇنىڭغا ۋاقتىدا بىر ئۇيغۇرچە ئېسىم قويۇش زۆرۈر. شۇڭا ھازىرچە قاتتىق ھالەتتىكى دىسكا دەپ ئاتاپ تۇردۇم.).

    بىز بىلىمىز ئادەتتىكى قاتتىق دىسكىنىڭ ھەر قاندىقىدا چوقۇم بىر پېقىرايدىغان سانلىق مەلۇمات ساقلايدىغان تەخسە، ماتۇر، ماگىنىتلىق باش قاتارلىق ئۈسكىنىلەر بولىدۇ.يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.

    image

    ئەمما قاتتىق ھالەتتىكى دىسكىنىڭ سېرىتقى قىياپىتى ئاساسەن ئادەتتىكى قاتتىق دىسكا بىلەن ئوخشاش بولغان بىلەن، ئىچكى قۇرۇلمىسى تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. رەسىمگە قاراڭ.

    clip_image005

    بۇ خىل دىسكا ئادەتتە كونتۇرۇل بۆلىكى ۋە قاتتىق ھالەتتىكى ساقلاش بۆلىكىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇ خىل دىسكىنىڭ سېرىتقى قىياپىتى،ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە ئۇلاش ئېغىزى ئادەتتىكى قاتتىق دىسكا بىلەن ئوخشاش بولۇپ، پەرقى ئۇنىڭدا ئادەتتىكى قاتتىق دىسكىلارغا ئوخشاش پېرقىراش قۇرۇلمىسى بولمىغاچقا ، تەۋرىنىشكە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئىنتايىن ياخشى. بۇ خىل دىسكا ئۆزىكىنىڭ خىزمەت قىلىش تىمپۇراتۇرىسى ئادەتتە نۆلدىن تۆۋەن 40 سىلسىيە گىرادۇستىن 85 سىلسىيە گىرادۇسقىچە بولۇپ، خىزمەت تىمپۇراتۇرىسى ئادەتتىكى قاتتىق دىسكىدىن ناھايىتى كەڭ.

    سىرىتقى شەكلى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.

    clip_image006

    ئۇلاش ئېغىزى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.

    clip_image007

    دىمەك بۇ خىل دىسكىنىڭ شەكلى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى بىز ئىشلىتىۋاتقان قاتتىق دىسكىلاردىن پەرق قىلمايدۇ. يەنى ئۇلاش ئېغىزى SATA II شەكلىدە . تۆۋەندە كىڭسىتون شىركىتى ئىشلەپچىقارغان 80 گىگابايتلىق تىپى SSDSA2MH080G1GC بولغان قاتتىق ھالەتتىكى دىسكىنىڭ پارامىتىرلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.

    سىغىمى 80 گىگابايت، ئۇلاش ئېغىزى SATA II ، ئۇلاش يۆلىنىشى پارالىل، دىسكىدىن سانلىق مەلۇمات ئۇقۇش سۈرئىتى سىكۇنتىغا 250 مىگابايت، يېزىش سۈرئىتى سىكۇنتىغا 70 مىگابايت بولۇپ، ئادەتتىكى SATA ئۇلاش ئېغىزلىق قاتتىق دىسكىلارنىڭ ئوقۇش سۈرئىتى سىكونتىغا 60-70 مىگابايت، Raid 0 ئۆلچىمىدە ئىككى دىسكىنى تەرتىپلەپ ئىشلەتكەندىمۇ 150 مىگابايتتىن ئاشمايدۇ. دىمەك ئوقۇش-يېزىش سۈرئىتى تىز. ئوتتۇرىچە كاشىلىسىز ئىشلىتىش ۋاقتى بىر مىليۇن ئىككى يۈزمىڭ سائەت. كېرگۈزىلىدىغان توك بېسىمى 5 ۋولت، خىزمەت قىلىۋاتقاندىكى توك قۇۋۋىتى 0.15 ۋات، ئارام (ئۇخلاش ھالىتىدىك) ۋاقتىدىكى توك قۇۋۋىتى 0.06 ۋات. سىرتقى رازمىرى: 69.85mm×100mm×9.5mm . باھاسى : توردىكى پايدىلىنىش باھاسى2999.00 يۇەن. ھازىرچە بۇ خىل دىسكىنىڭ تەننەرخى سەل يۇقۇرى بولۇپ، باھاسى قىممەت بولغاچقا ، ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئارىسىدا ئەمدىلەتىن ئومۇملىشىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ.

    قاتتىق ھالەتتىكى دىسكىنىڭ ئوقۇش – يېزىش سۈرئىتى تىز بولغانلىقتىن ، كومپىيۇتېرنىڭ ئومۇمى ئىقتىدارىنى يەنى تىزلىكىنى ئاشۇرۇشتا رولى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.

    بۇ خىل دىسكا نۆۋەتتە ھەربى ئىشلار، ماشىنا، قۇرۇلۇش ئورنى، كۈزىتىش ئاپاراتى، تور نۇقتىلىرى، ئېلىكتىر كۈچى، داۋالاش، ئاۋىئاتسىيە ، يول باشلاش سىستىمىسى قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.

    قاتتىق ھالەتتىكى دىسكىنىڭ ئۇچۇر ساقلاشتا پايدىلىنىدىغان ماتېريالى ئىككى خىل بولۇپ، بېرى FLASH ئۈزىكى، يەنە بىرى DRAM ئۈزىكى.

    FLASH ئۈزىكىنى ساقلاش ماتېريالى قىلغان قاتتىق ھالەتتىكى دىسكىنىڭ سىرتقى شەكلىنى خىلمۇ- خىل قىلىشقا بولىدۇ.مەسىلەن: لەپتوپ دىسكىسى، مىكرۇ دىسكا، ساقلاش كارتىسى، بارماق دىسكا قاتارلىق. بۇ خىل دىسكىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى يۆتكەشكە ئەپلىك بولۇپ، سانلىق مەلۇماتنى ساقلاش ئۈچۈن توك مەنبەسىنىڭ كونتىرۇلىغا ئۇچرىمايدۇ. كەمچىلىكى ئىشلىتىش ۋاقتى قىسقا بولۇپ، شەخسلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كېلىدۇ.

    DRAM ئۈزىكىنى ساقلاش ماتېريالى قىلغان قاتتىق ھالەتتىكى دىسكىنىڭ ھازىرچە ئىشلىتىش دائىرى نىسبەتەن تار بولۇپ، ئۇنىڭ لايىھەلىنىشى ئادەتتىكى قاتتىق دىسكىلارغا ئوخشاش بولۇپ، كۆپ قىسىم مەشغۇلات سىستىمىلىرى تەرىپىدىن رايۇنلارغا ئايرىغىلى بولىدۇ . ئىشلىتىش ئۇسۇلى SSD ۋە SSD تەرتىپىلەش ھالىتىدە ئىشلەيدۇ. بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىشلىتىش ئۆمرى ئۇزۇن، ئەمما مۇستەقىل توك مەنبەسى ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    قاتتىق ھالەتتىكى دىسكىنىڭ ئارتۇقچىلىقى تۆۋەندىكىچە:

    1. ماتورنىڭ قوزغىلىش جەريانى بولمىغاچقا ، قوزغىلىشى تىز.

    2. ماگىنىتلىق باشنى كېرەك قىلمايدۇ. ئوقۇش سۈرئىتى تىز. كىشلەر سەپلىمىسى ئوخشاش بولغان ئىككى لەپتوپنىڭ بىرىگە ئادەتتىكى قاتتىق دىسكا، يەنە بىرىگە قاتتىق ھالەتتىكى دىسكا ئىشلىتىلگەن. نەتىجىدە ئادەتتىكى قاتتىق دىسكا ئىشلىتىلگەن لەپتوپ 31 سىكونتتا، قاتتىق ھالەتتىكى دىسكا ئىشلىتىلگەن قاتتىق دىسكا 18 سىكونتتا ئۈستەل يۈزى كۆرۈنگەن.

    3. دىسكىدىن ئوقۇش سۈرئىتى بىر خىل بولۇپ، دىسكا ئۇۋاقلىرى ھاسىل بولمايدۇ.

    4. DRAM ئۈزىكى ئىشلىتىلگەن قاتتىق دىسكىنىڭ يېزىش سۈرئىتى ئىنتايىن تىز.

    5. شاۋقۇن يوق. چۈنكى ماتۇر ۋە شامالدۇرغۇچ دىگەندەك نەرسىلەر بولمىغاچقا شاۋقۇن بولمايدۇ. ئەمما سىغىمى يۇقۇرى بولغان دىسكىلارغا شامالدۇرغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇلسا يەنىلا مەلۇم شاۋقۇن ھاسىل بولىدۇ.

    6. تۆۋەن سىغىملىق دىسكىلارنىڭ ئېنىرگىيە تەلىپى تۆۋەن، ئەمما سىغىمى يۇقۇرى بولغان دىسكىلارنىڭ ئېنىرگىيەگە بولغان تەلىپى يۇقۇرى.

    7. ئىچكى قىسمىدا ھىچقانداق مىخانىكىلىق قۇرۇلما يوق بولۇپ، مىخانىك خاتالىق كۆرۈلمەيدۇ.

    8. خىزمەت قىلالايدىغان تىمپۇراتۇرا دائىرىسى كەڭرى . ئادەتتىكى قاتتىق دىسكىلار 5-55 سىلسىيە گىرادۇسقىچە بولغان تىمپۇراتۇرا مۇھىتىدا خىزمەت قىلىدۇ. كۆپ قىسىم قاتتىق ھالەتتىكى دىسكىلار نۆلدىن تۆۋەن 10 سىلسىيە گىرادۇستىن 70 سىلسىيە گىرادۇسقىچە بولغان مۇھىتتا خىزمەت قىلالايدۇ. بەزى سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان قاتتىق ھالەتتىكى دىسكىلار نۆلدىن تۆۋەن 40 گىرادۇستىن 85 سىلسىيە گىرادۇسقىچە بولغان تىمپۇراتۇرا مۇھىتىدا خىزمەت قىلالايدۇ.

    9. ھەجمى كىچىك. بۇ خىل دىسكىنىڭ سىغىمى كىچىكلىگەنسىرى ھەجمىنى كىچىكلىتىشكە بولىدۇ. شۇنداقلا 256 گىگابايتلىق قاتتىق ھالەتتىكى دىسكىنىڭ ھەجمى ئادەتتىكى تەڭ سىغىملىق قاتتىق دىسكىنىڭ ھەجمىدىن كىچىك بولىدۇ.

    قاتتىق ھالەتتىكى دىسكىنىڭ يۇقارقىدەك ئارتۇقچىلىقلىرى بولسىمۇ يەنە تۆۋەندىكىدەك كەمچىلىكلىرى بار.

    1. تەننەرخى يۇقۇرى.

    2. سىغىمچانلىقى تۆۋەن. ھازىرچە قاتتىق ھالەتتىكى دىسكىنىڭ سىغىمى ئادەتتىكى قاتتىق ھالەتتىكى دىسكىنىڭ سىغىمىدىن تۆۋەن. ئەمما بۇ خىل ئەھۋال ئۇزۇنغا بارماسلىقى مۇمكىن.

    3. ئادەتتىكى قاتتىق دىسكىلارغا ئوخشاش فارادى قەپىزى ئىچىگە ئېلىنمىغان بولغاچقا ، سىرىتقى ئۈسكىنىلەرنىڭ پاسسىپ تەسىرىگە ئۇچرىشى ئېغىر بولىدۇ. مەسىلەن: ماگىنىت مەيدانى، زەرەتلىنىش دىگەندەك.

    4. يېزىش قېتىم سانى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. ئادەتتىكىلىرى ئونمىڭ قېتىمدىن يۈزمىڭ قېتىمغىچە بولىدۇ. ئالاھىدە ياسالغانلىرى بىر مىليۇن قېتىمغىچە بولىدۇ.

    5. FLASH ئۈزىكى ئىشلىتىلگەن قاتتىق ھالەتتىكى دىسكىنىڭ يېزىش سۈرئىتى ئادەتتىكى قاتتىق دىسكىدىن تۆۋەن.

    6. سانلىق مەلۇماتلار بۇزۇلغاندىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۈشكۈل. بولۇپمۇ DRAM ئۈزىكى ئىشلىتىلگەن قاتتىق ھالەتتىكى دىسكىلار.

    7. سىناش ئارقىلىق ئادەتتىكى قاتتىق دىسكا ئىشلىتىلگەن لەپتوپ بىلەن قاتتىق ھالەتتىكى دىسكا ئىشلىتىلگەن لەپتوپ باتارىيەسىنىڭ خورىشى تىز ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.

    8. DRAM ئۈزىكى ئىشلىتىلگەن قاتتىق ھالەتتىكى دىسكىنىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتىكى سەرپ قىلىدىغان ئىنىرگىيەسى ئادەتتىكى قاتتىق دىسكىدىن يۇقۇرى.ھەتتا كومپىيۇتېر ئېتىۋىتىلگەن ھالەتتىمۇ توك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. بولمىسا سانلىق مەلۇماتلار يوقاپ كېتىدۇ.

    بۇ خىل قاتتىق ھالەتتىكى دىسكا ئەمدىلەتىن ئومۇملىشىش باسقۇچىدا بولۇپ، يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك خېلى كۆپ كەمچىلىكى بولغاچقا مۈكەممەللىشىش ھالىتىدە تۇرىۋاتىدۇ. شۇڭا تورداشلار بۇ خىل دىسكىنى سىتىۋىلىشقا ئالدىرىمىسىمۇ بولىدۇ. ئىشىنىمىزكى پات يېقىندا ئىقتىدارى مۈكەممەل بولغان، ئوقۇش- يېزىش سۈرئىتى تىز بولغان بۇ خىل قاتتىق ھالەتتىكى دىسكىلار جەزمەن ئومۇملىشىپ كېتىدۇ. بىز شۇڭغىچە بۇ خىل دىسكىغا مۇۋاپپىق ئىسىم تاپقاچ تۇرساق بولار دەپ ئويلايمەن.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30]قاتتىق ھالەتتىكى قاتتىق دىسكا= چىڭ دىسكا
    ئابرال回复بىدار قۇتلان说:
    چىڭ دىسكا، بۇمۇ بولىدىكەن. ئۆتكەندە بىرسى شەبنەمدىغۇ دەيمەن. ئۆزەك دىسكا دەپتىكەن. مەنچە ئۆزەك دىسكا دىگەن سەل يېقىن كېلىدىكەن. بولسا يەنە باشقا ئىسملار بولسا ئويلىشىپ باقساق.
    2009-05-21 15:03:29
  • [avatar:30]يېڭى مەھسۇلاتتىن بەرگەن ئۇچۇرىڭىزغا كۆپ رەھمەت.

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !