باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • كومپيۇتېر ئاتىسى ۋان. نىيۇمان

    ۋاقىت:2009-04-01 | تۈرى:ITئۇچۇرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/37314818.html

    كومپيۇتېر ئاتىسى ۋان. نىيۇمان

    بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان كومپيۇتېرنىڭ خىزمەت پرىنسىپى بولسا پروگراممىنى ساقلاش ۋە پروگراممىنى كونترول قىلىش بولۇپ، بۇ پرىنسىپ ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ۋېنگرىيىلىك ئالىم John Von Neumann تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى «كومپيۇتېر ئاتىسى» دەپ ئاتىشىدۇ.

    جون. ۋان. نىيۇمان (John Von Neumann) بولسا بىر كۆپ جەھەتتىن يېتىشكەن ئالىم بولۇپ، ماتىماتىكاشۇناسلار ئۇنىڭ ئېرگودىك نەزەرىيىسى، توپولوگىيە نەزەرىيىسى قاتارلىق جەھەتلەردە قوشقان ئۆچمەس تۆھپىلىرىگە قاراپ ئۇنى مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ماتېماتىكا ئالىمى دەپ قارايدۇ. فىزىكاشۇناسلار بولسا ئۇنىڭ 30- يىللاردا يازغان «كۋانت مېخانىكا ماتېماتىكا ئاساسى» دېگەن ئەسىرىنى ئاتوم فىزىكا ئىلمىنىڭ تەرەققىياتى ئۆچمەس تۆھپىسى بار دەپ قارايدۇ. ئىقتىسادشۇناسلار بولسا ئۇ بىر داڭلىق ئىقتىسادشۇناس اس دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ

    《博弈论和经济行为》 (بۇ قايسى نەزىرىيەكىن تەرجىمىسىنى تاپالمىدىم) نەزەرىيىسىنى ئىقتىساد ئىلمى ۋە تەدبىر بەلگىلەش ئىلمى ساھەسىدىكى بىر نامايەندە دەپ قاراپ، ئۇنى ئەڭ ئۇلۇغ ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ بىرسى دەپ قارايدۇ.

    جون. ۋان. نىيۇمان 1903-يىلى12-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋېنگرىيە پايتەختى بۇداپېشتتا باياشات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.، ئاتىسى بانكىر بولۇپ، ئوغلىنىڭ تەربىيىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇ ئۈچ يېشىدىلا دادىسىنىڭ ھېسابات دەپتىرىدىكى سانلارنى يادلىۋالغان، ئالتە يېشىدا سەككىز خانىلىق سانلارغا سەككىز خانىلىق سانلارنى كۆڭۈلدە بۆلۈشنى ئۆگىنىپ بولغان، ئاتىسى بىلەن قەدىمكى گرېتسىيە تىلىدا ئاتىسى بىلەن سۆزلىشەلەيدىغان بولغان، سەككىز يېشىدا دىفرىنسىئال ۋە ئىنتېگرال ئىلمىنى ئۆگىنىپ بولغان، ئۇ بىر كىتابنى بىر كۆرۈپلا مەزمۇنىنى ناھايىتى تىز دەپ بېرەلەيدىغان بولۇپ، ھەتتا بىر نەچچە يىلدىن كېيىنمۇ ئۇنتۇپ قالمىغان. ئۇ 18 ياش ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىسى Fee Hackett بىلەن بىرلىكتە 1- ماتېماتىكا ماتېماتىكا ئىلمى ماقالىسىنى ئېلان قىلغان ھەمدە يەتتە خىل تىلنى ئىگىلەپ بولغان. 1921-يىلىدىن 1923-يىلىغىچە سىيۇرىخ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان.1926- يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن بۇداپېشت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ چاغدا ئۇ ئارانلا 22 ياش ئىكەن. ئۇ 1927- 1929- يىلىغىچە بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ھامبۇروگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماتېماتىكا لېكتورى بولۇپ ئىشلىگەن.1930-يىلى پىرىنىستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زىيارەتچى پروفېسسور دېگەن ئۇنۋانىنى قوبۇل قىلغان.1931- يىلى بۇ مەكتەپنىڭ مەڭگۈلۈك پروفېسسورى بولغان. 1933- يىلى بۇ مەكتەپنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقات ئورنىغا يۆتكىلىپ، ئېينىشتېين بىلەن بىرلىكتە بۇ مەكتەپنىڭ دەسلەپكى 6 نەپەر ئۆمۈرلۈك پروفېسسورلارنىڭ بىرسى بولۇپ قالغان ھەمدە شۇ يەردە بىر ئۆمۈر خىزمەت قىلغان.

    ئۇ پىرىنىستون ئۇنىۋېرسىتېتى، پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى، مارىلاند ئۇنىۋېرسىتېتى، كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەخرى دوكتورى؛ ئامېرىكا دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى، پېرۇ دۆلەتلىك تەبىئىي پەن ئاكادېمىيىسى ۋە ئىتالىيە دۆلەتلىك ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. 1951-1953- يىلغىچە ئامېرىكا ماتېماتىكا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1954- يىلى ئامېرىكا يادرو ئېنېرگىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

    1944- يىلى بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە ئۇ مور ئىنىستۇتىنىڭ ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى بولۇپ، دۇنيادىكى تۇنجى كومپيۇتېر ENIAC نى ياساشقا قاتناشقان. ENIAC نىڭ كۈچى زور بولسىمۇ بىراق نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلىرى بار ئىدى. مەسىلەن: توك سەرپىياتى يۇقىرى بولۇش، خىراجىتى يۇقىرى بولۇش. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ENIAC قوزغىتىلغاندا پۈتكۈل فىنلاندىلفىيە شەھىرىدە توك توختاپ قالغان.

    1945- يىلى 6- ئايدا ۋان. نىيۇمان قاتارلىقلار ENIAC قا قارىتا باشقىدىن لايىھىلەش ئىلىپ بېرىپ، كومپيۇتېر تارىخىدىكى مەشھۇر بولغان «101 بەتلىك دوكلات» نى ئېلان قىلغان.

    بۇ 101 بەتلىك دوكلات ھازىرقى زامان كومپيۇتېر سىستېمىسىنىڭ ئاساسىنى ياراتقان بولۇپ، ھازىرمۇ كىشىلەر تەرىپىدىن ھازىرقى زامان كومپيۇتېر ئىلمىدىكى نامايەندە خاراكتېرلىك ئەسەر دەپ قارىلىدۇ.

    بۇ دوكلاتتا كومپيۇتېرنىڭ بەش چوڭ بۆلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئونلۇق سىستېما ئورنىغا ئىككىلىك سىستېما ئارقىلىق ھېسابلاش ئىلىپ بېرىش بەلگىلىنىپ كومپيۇتېرنىڭ توك يولى تاختىسىنىڭ لايىھىلىنىشىگە ئاسانلىق تۇغدۇرغان. بۇ دوكلاتنىڭ ئەڭ چوڭ ئەھمىيىتى شۇكى پروگراممىلارمۇ سانلىق مەلۇمات قاتارىدا ماشىنىغا كىرگۈزۈۋېتىلىپ، ماشىنىنىڭ ئاپتوماتىك ھېسابلاش ئىلىپ بېرىشىغا لايىقلاشتۇرۇلغان.

    كېيىن كىشىلەر بۇ خىل ئوي ئاساسىدا ياسالغان كومپيۇتېرلارنى «نىيۇمان كومپيۇتېرى» دەپ ئاتىغان.

    شۇ چاغدىن باشلاپ ھازىرغىچە نەچچە مىليونلىغان كومپىيۇتېرلار لايىھەلىنىشى «نىيۇمان كومپىيۇتېر» لايىھەسىدىن ھالقىپ كېتەلمىگەن. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ۋان. نىيۇماننى ھەقىقى «كومپىيۇتېر ئاتىسى » دىيىشكە بولىدۇ. ئەلۋەتتە« سۈنئى ئەقلى ئىقتىدار » ۋە «نېرۋا تورى » تېخنىكىسى ئاساسىدىكى كومپىيۇتېرلارنىڭ تەرەققى قېلىشىغا ئەگىشىپ «نىيۇمان كومپىيۇتېر»نىڭ ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش دەۋرى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ ، ئەمما ۋان.نىيۇماننىڭ كومپىيۇتېرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان ئۆچمەس تۆھپىسى مەڭگۇ ئۇنتۇلمايدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، يېڭى ئۇسلۇبىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ، بلوگىڭىز چىرايلىق بولۇپ كېتىپتۇ[defFace:10] ... بلوگىڭىزنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىگە ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تىلەكداشمەن !

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !