باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • تور دۇنياسىدىكى چىراي ئىپادىلىرى

    ۋاقىت:2009-03-25 | تۈرى:تور

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/37031432.html

    تور دۇنياسىدىكى چىراي ئىپادىلىرى

    ھەممىمىز بىلىمىز ھازىر QQ، MSNقاتارلىق پاراڭلىشىش قوراللىرى، مۇنبەرلەردە ئۆزىمىز ھالىتىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن تۈرلۈك چىراي ئىپادىلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەيمىز. ئەمما سىز بىلەمسىز بۇ خىل چىراي ئىپادىلىرى ئەڭ دەسلەپ قاچان بارلىققا كەلگەن، قاچان كومپىيۇتېر ۋە تور دۇنياسىدا پەيدا بولغان؟ ئەگەر بىلمەكچى بولسىڭىز دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى يازمىدا بولسۇن.

    ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ دەسلەپكى چىراي ئىپادىسى بولسا 1964-يىلى سەنئەتكار HarveyBall ئىجات قىلغان بولۇپ، بۇ چىراي ئىپادىلىرى پەقەت ئېنتېرنېت دەۋرىگە كەلگەندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى تور مەدىيىتىنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم تەركىپلەرنىڭ بىرسى بولۇپ قالغان.بۇ چىراي ئىپادىلىرىنىڭ تۈنجى قېتىم تور دۇنياسىدا ئىشلىتىلىشى بولسا، 1982-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئامرىكا Carnegie-Mellon ئۇنۋىرسىتىتىدىكى پرافىسور سىكوت.فورمان ئۆزىنىڭ كومپىيۇتېرىدا ئىلىكتىرۇنلۇق ئىلان تاختىسى (ئەينى چاغدىكى مۇنبەرگە توغرا كەلسە كېرەك) دا يازما يوللاپ، تۈنجى قېتىم تۆۋەندىكى ASCII كودىدىن تۈزۈلگەن چىراي ئىپادىسى «:-)» ئارقىلىق كۈلۈشنى ئىپادىلىگەن.

    بۇ خىل چىراي ئىپادىسى كېيىن ياپۇنىيەگە كىرگەندىن كېيىن ياپۇنلار يەنە بىر خىل تۈز ھالەتتە ئىپادىلىگىلى بولدىغان چىراي ئىپادىسى ئارقىلىق كۈلۈشنى ئىپادىلىگەن يەنى. مۇشۇ «"_"» بەلگە.

    ياپۇنچە چىراي ئىپادىسىدە چىراي ئىپادىسى ئاساسلىق كۆزگە مەركەزلەشكەن. ئامرىكىچە چىراي ئىپادىسىدە بولسا چىراي ئىپادىسى ئېغىزغا مەركەزلەشكەن.

    توردا سۆزلىشىش قوراللىرى پەيدا بولغاندىن كېيىن بۇ چىراي ئىپادىلىرى بۇ دىتاللاردا ئايكون رەسىمى شەكلىدە تىخىمۇ ئوبرازلىق ھالەتتە ئىپادىلەندى.

    تۆۋەندە بىر قىسىم ئەڭ دەسلەپكى چىراي ئىپادىلىرى بىرىلدى.

    كۆپ ئىشلىتىلىدىغان چىراي ئىپادىلىرى

    :-D

    خوشال بولۇش

    :-(

    خاپا بولۇش

    :-P

    تىلىنى چىقىرىش

    :-*

    سۆيۈشۈش

    ;-)

    كۈلۈش

    :-x

    ئاغزىڭنى يۇم

    ^_^

    خوشال بولۇش

    :-O

    ھەيران قىلىش

     

    $_$

    پۇلنىلا تونۇش

    *\(^_^)/*

    ساڭا مەدەت تىلەيمەن

    (×_×)

    ئوڭدىسىغا ئۇچۇپ كېتىش

    T_T

    يېغلاش

    ^(oo)^

    قاپاقباش

    >3<

    سۆيۈشۈش

    تەسىرلىنىش

    = =#

    ئاچچىقلاش

    ئەگەر يەنە كۆپ بولغان چىراي ئىپادىلىرىنىڭ مەنىسىنى بىلمەكچى بولسىڭىز بەيدۇ ياكى گوگۇل تورىدىن 表情符号 دىگەن ئاچقۇچلۇق سۆز بويىچە ئىزدىسىڭىز تىخىمۇ كۆپ بولغان چىراي ئىپادىسىغا ئائىت تىخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى تاپالايسىز.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !