باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تور كېلىشىملىرى

    ۋاقىت:2009-03-15 | تۈرى:تور

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/36602522.html

    كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تور كېلىشىملىرى

    بۈگۈن تور ئارىلاۋېتىپ ئىنتېرنېتتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تور كېلىشىملىرى دېگەن تېما ئۇچراپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم بىر قۇر ئوقۇپ چىقىپ بۇرۇن بەزىبىر ئايدىڭ بولمىغان نەرسىلەر كاللامدا خېلى يورۇپ قالدى. شۇڭا قىزىقىدىغان تورداشلارنىڭ بىلىۋېلىشى ئۈچۈن قىسقىچە تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. قىزىقىدىغان دوستلار توردىن ئۆزلىرى ئىزدەپ كۆرسە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى تاپالايدۇ. تەرجىمەمدە خاتالىق بولسا بۇ ساھەدىكى دوستلارنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىنى سورايمەن.

    1. ئادرېس چۈشەندۈرۈش كېلىشىمى((Address Resolution Protocol)地址解析协议) ئادەتتە قىسقارتىلىپ ARP كېلىشىمى دەپ ئاتىلىدۇ.

    بۇ كېلىشىم كومپيۇتېرنىڭ توردىكى فىزىكىلىق ئادرېسى يەنى ئەسلى ئادرېسى ۋە ۋاقىتلىق بەلگىلەنگەن ئادرېسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ كېلىشىم قوزغالغاندا توردىن بىر ئادرېسنى تاللاپ بۇ ئادرېسنىڭ باشقا كومپيۇتېرلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن ياكى ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى تەكشۈرەيدۇ. ئەگەر ئىشلىتىلگەن بولسا، يەنە باشقا ئادرېس تاللايدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ ئادەتتە ئائىلىدە تورغا چىققاندا يەنى مۇقىم IP ئىشلەتمىگەندە، ھەر قېتىم تورغا كىرسەك IP ئادرېسىمىزنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىنىڭ سەۋەبى.

    2. تور باشقۇرۇش كېلىشىمى ((Simple Network Management P)网络管理协议) قىسقارتىلىپ SNMP دەپ ئاتىلىدۇ.

    بۇ TCP/IP كېلىشىمىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇ يەرلىك ۋە يىراقتىكى تور ئۈسكۈنىسىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن بىر ئۆلچەملەشكەن باشقۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەش بولۇپ، تەقسىملەنمە مەشغۇلات سىستېمىسى مۇھىتىدىكى مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى.

    3. چېگرا تور ئۆتكىلى كېلىشىمى4-نەشرى (BGP4(Border Gateway Protocol Vertion 4)边界网关协议-版本4) قىسقارتىلىپ BGP4 كېلىشىمى دەپ ئاتىلىدۇ.

    ئۇ ئۆزىمىز قۇرغان توردىكى(ئاساسلىقى قىسمى توردىكى) تور ئۆتكىلى مۇلازىمېتىرلىرى ئارىسىدا يول ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرىدىغان كېلىشىم بولۇپ، ئۇ باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ تور يولى لايىھىسىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يول باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، ئۇ بىر خىل توردا كۆپلىگەن ئادرېسلارنى سىغدۇرالايدىغان مېخانىزم.

    4. دىنامىك مۇلازىمېتىر سەپلەش كېلىشىمى ( (Dynamic Host Configuration Protocol)动态主机配置协议) بۇ قىسقارتىلىپ DHCP كېلىشىمى دەپ ئاتىلىدۇ.

    بۇ ئاساسلىقى TCP/IP تورىدا ئابونتچى كومپيۇتېرنى سەپلەش ئۇچۇرىغا ئېرىشتۈرىدىغان كېلىشىم بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسى BOOTP كېلىشىمى ھەمدە مۇشۇ ئاساستا ئاپتوماتىك ھالدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئادرېس تەقسىملەش ئىقتىدارى قوشۇلغان. بۇ ئىككى كېلىشىم بىر قىسىم مېخانىزملار ئارقىلىق ئۆز-ئارا مەشغۇلات ئېلىپ بارالايدۇ. DHCP كېلىشىمى TCP/IP كېلىشىمىنى ئىشلىتىپ ئالاقىلەشكەن چاغدا چوقۇم IP ئادرېس، تارماق تور يوشۇرۇن كودى، كۆڭۈلدىكى تور ئۆتكىلى قاتارلىق ئۈچ پارامېتىرغا تەڭشەپ تەقسىملەيدۇ. بۇ ئۈچ پارامېتىرنى قول بىلەن تەڭشەشكىمۇ ياكى DHCP كېلىشىمى ئارقىلىق تەڭشەشكىمۇ بولىدۇ.

    5. ھۆججەت يەتكۈزۈش كېلىشىمى ((File Transfer Protocol)文件传输协议) بۇ قىسقارتىلىپ FTP كېلىشىمى دەپ ئاتىلىدۇ.

    بۇ بىر ئۆلچەملىك كېلىشىم بولۇپ، بۇ كومپيۇتېر بىلەن تور ئارىسىدا ھۆججەت ئالماشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى. FTP كېلىشىمىدە كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇسۇل ھۆججەت تەمىنلىگۈچى ھۆججەتنى مۇلازىمېتىرغا يۈكلەپ قويىدۇ. ئىشلەتكۈچى مۇلازىمېتىردىن ئۆزىنىڭ كومپيۇتېرىغا چۈشۈرۈۋالىدۇ. ھازىر نۇرغۇن FTP مۇلازىمېتىرلىرى نامىسىز چىقىش قىلىپ چىقىشنى قوللايدىغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچىنىڭ ANONYMOUS ياكى FTP نى ئىسىم قىلىپ كېرىشىنى قوللايدۇ، ھەمدە مەخپىي نومۇرنى خالىغانچە بېكىتىشكە ياكى قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى بىۋاسىتە بېسىپ كېرىپ كېتىشكە بولىدۇ.

    6. يۇقىرى قاتلام سانلىق مەلۇمات زەنجىرى كېلىشىمى((High-Level Data Link Control)高层数据链路协议) بۇ قىسقارتىلىپ HDLC كېلىشىمى دەپ ئاتىلىدۇ.

    ئۇ بىر گۇرۇپپا تور نۇقتىلىرى ئارىسىدا سانلىق مەلۇمات يەتكۈزۈش كېلىشىمى بولۇپ، سانلىق مەلۇماتلار تور ئارقىلىق كېچىك بىرلىكلەر(فىرۇم) شەكلىدە ئەۋەتىلىدۇ ھەمدە تاپشۇرۇۋالغۇچى تەرەپنىڭ تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ. ئۇ يەنە سانلىق مەلۇمات ئېقىمى ۋە سانلىق مەلۇمات ئەۋەتىلگەن ۋاقىت ئارىلىقىنىمۇ باشقۇرىدۇ. ئۇ ھازىر ISO ئۆلچەملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، HDLC بولسا IBM نىڭ SDLC كېلىشىمىگە ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، SDLC بولسا IBM نىڭ چوڭ تىپتىكى كومپيۇتېرلىرىغا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن.

    7. بىخەتەر تېكىست يوللاش كېلىشىمى ((Secure Hypertext Transfer Protocol)安全超文本传输协议) بۇ قىسقارتىلىپ HTTPS كېلىشىمى دەپ ئاتىلىدۇ.

    بۇ كېلىشىم Netscape تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ ۋە ئۆزلىرىنىڭ تور كۆرگۈسى ( جاھاننامىسى) ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، سانلىق مەلۇماتلارنى پېرىسلاش ۋە پىرىستىن يېشىش، ھەمدە توردا نەتىجىسىنى كۆرسىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ.

    8. ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىش كېلىشىمى ((Intérnét Control Message Protocol) Intérnét控制信息协议) بۇ قىسقارتىلىپ ICMP كېلىشىمى دەپ ئاتىلىدۇ.

    ئۇ بىر خىل مۇلازىمېتىر بىلەن تور ئۆتكىلى ئارىسىدىكى ئۇچۇر كونترول قىلىش ۋە خاتالىق مەلۇم قىلىش كېلىشىمى. بۇ كېلىشىمنىڭ لايىھىلىنىشىدىكى مەقسەت بولسا، توردا مەسىلە كۆرۈلگەن چاغدا كونترول قىلىش ئۇچۇرى قايتۇرۇش بولۇپ، ھەرگىزمۇ IP كېلىشىمىنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ياكى سانلىق مەلۇماتلار ۋە ياكى ئۇچۇرلارنىڭ قايتىشى ئۈچۈن ئەمەس. . ICMP ئۇچۇرى ئادەتتە سانلىق مەلۇمات بەلگىلەنگەن نىشانغا يېتىپ بارمىغاندا ئاندىن ئۇچۇر قايتۇرۇلىدۇ.

    9. ئېنتىرنېت كېلىشىمى 6- نەشرى((Intérnét Protocol Version 6) Intérnét协议-版本6) بۇ قىسقارتىلىپ IPv6 كېلىشىمى دەپ ئاتىلىدۇ.

    بۇ ئىنتېرنېت كېلىشىمىنىڭ يىڭى نۇسخىسى بولۇپ، IP كېلىشىمىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى ھەمدە كۆپلىگەن ئاساسلىق مەشغۇلات سىستېمىلىرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشتى. IPv6 يەنە Ipng (كېيىنكى ئەۋلاد IP كېلىشىمى) دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ھازىرقى IP كېلىشىمى (4- نەشرى) گە قارىتا مۇھىم ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزگەن بولۇپ، ئابونت ۋە مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچى بىۋاسىتە ھالدا قاچىلىسا بولىدۇ، چوڭ تەڭشەش ئىلىپ بېرىش ھاجەتسىز. 4- نەشرىگە قارىغاندا 6- نەشرىدىكى ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىك IP ئادرېسى 32 خانىدىن 128 خانىگە كۆپەيتىلگەن بولۇپ، بۇ ئۆزگەرتىش تورنىڭ تەرەققىياتى بىلەن IP ئادرېسقا بولغان ئېھتىياجغا ماسلىشىش ئۈچۈن بولۇپ، IP ئادرېسىنىڭ كەم بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

    10. ئەڭ قىسقا يولنى ئېچىش كېلىشىمى ((Open Shortest Path First)开放最短路优先) بۇ قىسقارتىلىپ OSPF كېلىشىمى دەپ ئاتىلىدۇ.

    OSPF بولسا چوڭ تىپتىكى توردا يول ئۇچۇرلىرى كېلىشىمى ئورنىنى ئالىدىغان كېلىشىم ئۆلچىمى بولۇپ، بۇ خىل كېلىشىمنى ئىشلەتكەندە بارلىق يول جەدۋەللىرىنى خاتىرىلىمەي بەلكىم ئەڭ قىسقا يولنى ھېسابلايدۇ. ھەمدە بۇ ئارقىلىق تور ئالاقە مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

    11. پوچتا كېلىشىمى 3- نەشرى((Post Office Protocol Version 3)邮局协议-版本3) بۇ قىسقارتىلىپ POP3 دەپ ئاتىلىدۇ.

    بۇ ھەممىگە مەلۇملۇق بولغان مۇلازىمېتىر ياكى ئابونتچى كومپيۇتېرنىڭ ئېلخەت قوبۇل قىلىش كېلىشىمىدۇر. بۇ كېلىشىمنىڭ رولى بولسا ئېلخەت ئالدى بىلەن مۇلازىمېتىر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ ساقلىنىدۇ. ئاندىن ئابونتچى كومپيۇتېر تەرىپىدىكى ئېلخەت قوبۇللاش پىراگراممسى ئارقىلىق تەكشۈرۈلىدۇ ھەمدە قوبۇل قىلىنىدۇ. POP3 كېلىشىمى IE قاتارلىق تور كۆرگۈلەرگە بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن.

    12. نۇقتىدىن- نۇقتىغا يەتكۈزۈش كېلىشىمى ((Point to Point Protocol)点对点协议) بۇ قىسقارتىلىپ PPP كېلىشىمى دەپ ئاتىلىدۇ.

    ئۇ ئارقىمۇ – ئارقا ئۇلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىككى كومپيۇتېر ئالاقىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان بىر خىل كېلىشىم. يەنى تېلېفون سىمى ئارقىلىق كومپيۇتېر ۋە مۇلازىمېتىرنى ئۇلاش ئارقىلىق بۇلار ئارىسىدا ئۆز-ئارا ئالاقە ئورنىتىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن كېلىشىم. تور مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ مۇلازىمېتىرى سىزنى نۇقتىدىن نۇقتىغا يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. PPP كېلىشىمى IP كېلىشىمىنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، بەزىلەر ئۇنى TCP/IP كېلىشىمىنىڭ بىر ئەزاسى دەپ قارايدۇ. بۇنىڭدا يەنە كۆپلىگەن ئابونت بىر لىنىيىنى(تور يولىنى) ئورتاق ئىشلىتەلەيدۇ.

    13. يول ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش كېلىشىمى ((Routing Infomation Protocol)路由信息协议) بۇ قىسقارتىلىپ RIP كېلىشىمى دەپ ئاتىلىدۇ.

    RIP كېلىشىمى ئەڭ دەسلەپكى يول كېلىشىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىرمۇ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. ئۇ تۈرىگە قاراپ ئايرىساق ئىچكى تور ئۆتكىلى كېلىشىمىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇ ئارىلىق ۋېكتور يولى شەكلىدىكى كېلىشىم. بۇ كېلىشىمدە ئىككى كومپيۇتېر ئارىسىدىكى ئارىلىقنى ھېسابلىغاندا پەقەت قانچە دانە روتىردىن ئۆتكەنلىكىنى ھېسابلايدىغان بولۇپ، ئەگەر ئوخشاش ئىككى نىشان بولۇپ، ئۇلار سۈرئىتى ۋە تور بەلۋېغى كەڭلىكى(带宽) ئوخشاش بولمىسا، ئەمما ئۇلار ئۆتىدىغان يولدىكى روتىرلارنىڭ سانى ئوخشاش بولسا، RIP كېلىشىمى ئىككىسىنىڭ ئارىلىق ئوخشاش دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇچۇر بېرىشتا بىرى تىز يەنە بىرى ئاستا بولىدۇ. مانا بۇ RIP كېلىشىمىنىڭ كەمچىلىكى بولۇپ، OSPF كېلىشىمى ئۇنىڭ ئاساسىدا بۇ كەمچىلىكنى تۈگەتكەن.

    14. پوچتا يوللاش كېلىشىمى ((Simple Mail Transfer Protocol)简单邮件传送协议) بۇ قىسقارتىلىپ SMTP كېلىشىمى دەپ ئاتىلىدۇ.

    ئۇ ئېلخەت يوللاشتا ئىشلەيدىغان كېلىشىم بولۇپ، ئۇنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى يوللاش جەريانىدا ئېلخەتنى كۈچ ئۇلاش شەكلىدە يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ.

    15. يوللاشنى كونترول قىلىش كېلىشىمى ياكى ئېنتىرنېت كېلىشىمى ((Transmission Control Protocol/Intérnét Protocol)传输控制协议/Intérnét协议) بۇ قىسقارتىلىپ TCP/IP كېلىشىمى دەپ ئاتىلىدۇ.

    TCP/IP كېلىشىمى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئالىي تەتقىقات پىلان ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولۇپ، ئىشەنچلىك سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمى بولۇپ، TCP/IP كېلىشىمى ئىنتېرنېت تورىدا كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقان بىر خىل تور كېلىشىمى بولۇپ، ئېنتىرنېت تورىدا ئېلخەت يوللاش- قوبۇللاش، ھۆججەت يەتكۈزۈش، يىراقتىن كونتروللاش، تور ھۆججەت سىستېمىسى، تېلېۋىزىيە يېغىنى، قاتارلىقلار TCP/IP كېلىشىمىنى ئىشلىتىدۇ. بۇ كېلىشىم ئىنتېرنېتنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئىنتېرنېتنى پىششىق بىلىمەن دەيدىغان ئادەم چوقۇم TCP/IP كېلىشىمىنى ۋە ئۇنىڭ خىزمەت پرىنسىپىنى پىششىق بىلىشى كېرەك. TCP/IP توغرىسىدىكى مەزمۇنلار تېخىمۇ كەڭرى بولۇپ، تورداشلار ئۆزلىرى قىزىقىشى بويىچە توردىن ئىزدەپ كۆرسە تىخىمۇ كۆپ بىلىمگە ئېرىشەلەيدۇ.

    16. مەۋھۇم تېرمىنال كېلىشىمى (TELNET Protocol虚拟终端协议) بۇ ئادەتتە قىسقارتىلىپ TELNET دەپلا ئاتىلىدۇ.

    TELNET كېلىشىمى مەقسىتى نىسپىي ئورتاق ئىشلەتكىلى بولىدىغان، قوش يۆنىلىشلىك، سەككىز بىتلىق ئالاقە ئۇسۇلىغا يۈزلەنگەن بولۇپ، ئابونت يىراقتىكى كومپيۇتېردىن كېرىپ، ھەمدە يىراقتىكى كومپيۇتېردا تۇرۇپ، سىرتقا ئىچىۋېتىلگەن بارلىق مەنبەلەردىن پايدىلىنالايدۇ.

    17. ۋاقىت كېلىشىمى(Time Protocol时间协议)

    بۇ كېلىشىم مەشغۇلات سىستېمىدىن خالى ھالدا توردىكى كومپيۇتېرلارنى چېسلا ۋە ۋاقىت ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. يەنى ئادەتتە توردىكى ھەر قايسى كومپيۇتېرلارنىڭ ۋاقتى ئوخشاش ئەمەس بولۇپ، بۇ كېلىشىم ئارقىلىق ئۇلارغا ئورتاق بولغان تور ۋاقىتنى بەلگىلەيدۇ. ئادەتتە 1900-يىلى 1-1-كۈندىن ھازىرغىچە بولغان ۋاقىتنى سېكۇنت بىلەن ھېسابلايدۇ. بۇ كېلىشىم TCPۋەUDP كېلىشىمى ئاستىدا خىزمەت قىلالايدۇ.

    18. كىچىك ھۆججەتلەرنى يوللاش كېلىشىمى ((Trivial File Transfer Protocol)小文件传输协议) بۇ قىسقارتىلىپ TFTP كېلىشىمى دېيىلىدۇ.

    بۇ بىر كىچىك تىپتىكى تور قوللىنىشچان پروگراممىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىقتىدارى FTP غا قارىغاندا ئاددىي ھەم FTP دىن ئاز. ئۇ ئابونت ھوقۇقىنى كېرەك قىلمايدىغان ۋە مۇندەرىجىنى كۆرگىلى بولىدىغان ئەھۋال ئاستىدا ئىشلەيدۇ. ئۇ TCP كېلىشىمىگە تايانماستىن، UDP كېلىشىمىگە تايىنىدۇ.

    19. ئابونت سانلىق مەلۇماتى كېلىشىمى ((Üser Datagram Protocol)用户数据报协议) بۇ قىسقارتىلىپ UDP كېلىشىمى دەپ ئاتىلىدۇ.

    UDP كېلىشىمى بولسا TCP كېلىشىمىنىڭ يەنە بىر خىل شەكلى بولۇپ، ئۇ TCP كېلىشىمىگە ئوخشاش IP كېلىشىمى ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرىغا ئېرىشىدۇ. TCP غا ئوخشىمايدىغان يېرى ئۇ سانلىق مەلۇماتنى گۇرۇپپىغا ئايرىمايدۇ ۋە گۇرۇپپىلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىمەيدۇ.

    UDP ۋە TCP/IP كېلىشىمى توغرىسىدا قىزىقىدىغان دوستلارنىڭ توردىن ئۆزلىرى ئىزدەپ كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • ياخشى ماقالىكەن، راستلا..ھې ھې

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !