باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • مىكروسوفت IE8.0 جاھاننامىسىنىڭ ھەقىقى نۇسخىسى ئىلان قىلىماقچى

    ۋاقىت:2009-03-06 | تۈرى:ITئۇچۇرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/36216107.html

    تېڭشۇن پەن-تېخنىكىسىنىڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرى:

    چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، مالايسىيا پەن -تىخنىكا تور بېكىتى بولغان TechARP بېكىتى ماقالە ئىلان قىلىپ، ئەگەر باشقىچە ئەھۋال يۈز بەرمىسە مىكروسوفت شىركىتى بۇ يىل 3-ئاينىڭ16- كۈنى IEجاھامننامىسىنىڭ 8.0 نەشىرىنىڭ ھەقىقى نۇسخىسىنى تارقاتماقچى دىگەن. TechARP تور بېكىتى مۇنداق دىگەن: مىكروسوفت 3-ئاينىڭ16-كۈندىن ئىلگىرى ھەر قايسى OEM ( ئەسلى ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقارغۇچىلار، يەنى كومپىيۇتېر ئىشلەپچىقارغۇچىلار) لارغا مىكروسوفت جاھاننامىسىنىڭ 8.0 نۇسخىسىنى تەمىنلەپ، بارلىق كومپىيۇتېر ياساش شىركەتلىرىنىڭ Windows XP ياكىVista قاچىلانغان كومپىيۇتېرلاغا قاچىلاپ تارقىتىشىغا قولايلىق يارىتىدىكەن.

    مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە ، مىكروسوفت ئۆتكەن يىلى ئۆتكۈزگەن MIX08پەن-تېخنىكا كۆرگەزمىسىدەIE8.0سىناق نۇسخىسىنى كۆرگەزمە قىلغان. بۇ يىل مىكروسوفتنىڭ MIX09 پەن- تېخنىكا كۆرگەزمىسى  3-ئاينىڭ18-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە ئامرىكىنىڭ لاس-ۋىگاس شەھرىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى. شۇڭا مىكروسوفت بەلكىم بۇ قېتىمقى پەن – تېخنىكا كۆرگەزمىسىدە IE نىڭ ھەقىقى نۇسخىسىنى ئىلان قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

    بۇ يىل 1- ئايدا مىكروسوفت IE جاھاننامىسىنىڭ ئاخىرقى سىناق نۇسخىسىنى تارقاتقان بولۇپ، IE8.0   دىكى  مۇقىمسىزلىق ۋە ماسلاشماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بولغانلىقىنى ئىلان قىلغان. مىكروسوفتنىڭ IE جاھاننامىسىنى ئىچىشقا مەسئۇل دېرىكتورى Dean Hachamovitch ئىپادە بىلدۈرۈپ، «ئەمىليەتتە IE8.0 نى ئېچىش خىزمىتى ئاساسەن ئاخىرلاشتى » دىگەن.

    بۇ يىل 2 – ئايدا مىكروسوفت بىر ياماق پروگراممىسى تارقىتىپ، IE8.0 نىڭ Windows 7 مەشغۇلات سىستىمىسىدىكى بىر قانچە ماسلاشماسلىق ۋە مۇقىمسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلغان.

    مىكروسوفت ئەسلى پىلانى بويىچە IE8.0 بولسا 2008- يىلى يىل ئاخىردا تارقىتىلماقچى ئىدى.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • قاچانقى گەپكەنبۇ ؟؟
    ئابرال回复چەكمەن说:
    تېڭشۇن پەن-تېخنىكىسىنىڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرى:
    بۇ يەرنى ئوقىمىغان ئوخشىمامسىز؟
    2009-03-10 02:14:25

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !