باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • EXCEL ئاددى ھۈنەرلىرى (3)

    ۋاقىت:2008-12-08 | تۈرى:excel ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/32265627.html

    1.سانلارنىڭ خەنزۇچە چوڭ خەت ۋە كىچىك خەت بىلەن يېزىلىشىنى چىقىرىش
    ئادەتتە بىز بەزىدە سانلارنى خەنزۇچە چوڭ ياكى كېچىك خەت بىلەن يېزىلىشىغا ئۆزگەرتىشكە مۇھتاج بولۇپ قالىمىز.  بۇنداق چاغدا خەت بىلەن يېزىلىشىغا ئۆزگەرتمەكچى بولغان كاتەكچىنى تاللاپ، مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بىر چىكىپ، ئېچىلغان تىزىملىكتىن،كاتەكچە خاسلىقىنى تاللاپ ئېچىلغان كۆزنەكتىكى «سان» دىگەن تاللانما ئاستىدىكى تۈرلەر ئارىسىدىن «ئالاھىدە»() دىگەن تۈرنى تاللاپ، ياندىكى «تىپ» (类型) تىزىملىكى ئارىسىدىن «سانلارنىڭ خەنزۇچە چوڭ يېزىلىشى» (中文大写数字) ياكى « سانلارنىڭ خەنزۇچە كېچىك خەت بىلەن يېزىلىشى » (中文小写数字) دىگەن تۈرنى تاللاپ جەزىملەشتۈرسەك، شۇ كاتەكچە ياكى شۇ تاللانغان رايۇندىكى سانلار خەنزۇچە چوڭ ياكى كىچىك خەت بىلەن يېزىلىشىغا ئۆزگىرىدۇ.
    2.ئىكراننى بۆلۈش
    Excel
    دا سانلارنى تەكشۈرۈشتە بەزىدە ئىكراننى بىر قانچىگە بۆلۈپ ئىشلىتىشكە توغرا كىلىدۇ. ئىكراننى بۆلۈشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئاددى ئۇسۇلى بار.1. ئالدى بىلەن بۆلمەكچى بولغان قۇر ياكى رەتنى تاللاپ ، تىزىملىكتىن «كۆزنەك- بۆلۈش» (窗口-拆分) كۇنۇپكىسىنى باسساق، ئىكران بىر بەلگىلىگەن جايدىن ئىككىگە بۆلىنىدۇ. ئەگەر ئىكران ئوتتۇرىدىكى مەلۇم بىر كاتەكچىنى تاللاپ، ئاندىن تىزىملىكتىن «كۆزنەك- بۆلۈش» (窗口-拆分) باسساق ، ئىكران تۆتكە بۆلىنىدۇ.2. ئۇسۇل بولسا مائۇس بىلەن سۆرەش ئۇسۇلى بولۇپ، قۇرنى بۆلۈش ئۈچۈن ئۈستىدىكى A,B  دىگەندەك ھەرپلەر بار قۇرنىڭ ئوڭ تەرەپ بۇلۇڭىدىكى يەنى  (^ ) بەلگىسىنىڭ ئۈستىدىكى كېچىككىنە كۈلرەڭ سىزىقتەك جايغا مائوس سىتىرىلكىسىنى ئەكەلسەك، سىتىرىلكىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. بۇ چاغدا مائوس سول كۇنۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇپ، تۆۋەنگە تارتساق، ئىكران بۆلىنىدۇ. بىز قەيەرگىچە بۆلۈشنى خالىساق شۇ يەرگە كەلگەندە مائۇس كۇنۇپكىسىنى قويىۋەتسەك بولىدۇ. ئەگەر رەتنى بۆلمەكچى بولساق، sheet1,sheet2  دىگەنلەرنىڭ ئوڭ تەرىپىدە > بەلگىسىنىڭ يېنىدىكى كىچىككىنە كۈلرەڭ تالچىنى يۇقارقىغا ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن سۆرەپ، ئىكراننى قەيەرگىچە بۆلمەكچى بولساق شۇ يەردە قويۇپ بەرسەك بولىدۇ.
    3.مەلۇم قۇر ياكى رەتنى توڭلىتىش
    ئادەتتە ئۇچۇرلار بەك كۆپ بولسا،يەنى بىر ئىكرانغا پاتمىسا مەلۇم قۇر ياكى رەتنى توڭلىتىپ قويۇشقا توغرا كىلىدۇ. مەسىلەن: سىز مۇئاش جەدىۋىلى ئىشلىگەن بولسىڭىز، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىسمىنى كۆرۈپ تۇرىشىڭىز كېرەك ، بۇنداق چاغدا ئىسىم بار قۇرنى ياكى رەتنى توڭلىتىپ قويساق،نۇر بەلگە باشقا قۇرلارغا  يۆتكىلىپ تۇرسىمۇ، ئىسىم بار قۇر (ھەم ئۇنىڭ ئۈستىدىكى قۇرلار)ياكى( رەت ھەم ئۇنىڭ سول تەرىپىدىكى رەتلەر) ئۆز جايىدا جىم تۇرىدۇ.بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇنداق قىلىمىز. يەنى ئالدى بىلەن توڭلىتىپ قويماقچى بولغان كاتەكچە يېنىدىكى كاتەكچىنى تاللاپ، تىزىملىكتىن «كۆزنەك- كاتەكچىنى توڭلىتىش» (窗口-冻结窗格) بۇيرۇقىنى باسساقلا بولىدۇ.  ئەگەر ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولساق، يەنە تىزىملىكتىن «كۆزنەك – كاتەكچىنى توڭلىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش» دىگەن تۈرنى تاللىساقلا بولىدۇ.
    4. EXCEL نىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش
    EXCELدا ئادەتتە يېقىندا ئىشلەتكەن ھۆججەتلەرنى ئىچىشتا ئادەتتە ھۆججەت( 文件) نىڭ ئاستىغا قارىساق ئادەتتە 4 ھۆججەتنىلا كۆرەلەيمىز،بۇنىڭدىن ئارتۇق ھۆججەتلەرنى ئاچماقچى بولساق قاتتىق دېسكىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ بىر ئاۋارىچىلىق بولۇپ ئەگەر بىز دائىملىق كۆرۈنىدىغان ھۆججەت سانىنى ئۆزگەرتىپ قويساق بىز گە كۆپ قولايلىق بولىدۇ.
    بۇنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق: تىزىملىكتىن «قورال- تەڭشەك» (工具-选项) نى باسساق بىر كۆزنەك چىقىدۇ. بۇ كۆزنەكتىن «دائىملىق» تاللانمىسى ئاستىدىكى «يىقىندا ئىشلەتكەن ھۆججەتلەرنىڭ تىزىملىكى»(最近使用的文件列表) دىگەن جايدىكى 4 دىگەن ساننى كۆپەيتىپ قويساقلا بولىدۇ. بىراق ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 دىن ئىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
    ئادەتتە بىر خىزمەت دەپتىرىدە 3 دانە خىزمەت جەدىۋىلى بولىدۇ. ئەگەر سىز بۇ ساننى كۆپەيتمەكچى ياكى ئازايتماقچى بولسىڭىز، ھازىر ئاچقان كۆزنەكنىڭ ئۈستىدىكى «يىقىندا ئىشلەتكەن ھۆججەتلەرنىڭ تىزىملىكى»(最近使用的文件列表) دىگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى « يىڭى خىزمەت دەپتىرىدىكى خىزمەت جەدىۋىلى» (新工作簿内的工作表) دىگەن يەردىكى ساننى ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇسى بويىچە تاللاپ قويساقلا بولىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !