باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • Windows سىستىمىسىدىكى ئەسقاتىدىغان ھۈنەرلەر

    ۋاقىت:2008-12-06 | تۈرى:سىستىما ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/32195502.html

    1. قانداق قىلغاندا Windows XP نىڭ پرېسلانغان ھۆججەت (zip) مۇندەرىجىسى ئىقتىدارىنى ئېتىۋەتكىلى بولىدۇ.
    Windows XP
    نىڭ يىڭى ئىقتىدارلىرىدىن بىرى پرېسلانغان ھۆججەتنىمۇ مۇندەرىجە شەكلىدە كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.  ئەگەر سىزگە بۇ ئىقتىدار كېرەك بولىمىسا ياكى بەك ئاستىكەن دەپ قارىسىڭىز ئېتىۋەتسىڭىزمۇ  بولىدۇ. ئۇسۇلى. باشلاش- ئىجرا قىلىش بۇيرۇقىنى بېسىپ، ئېچىلغان كۆزنەككە بۇ بۇيرۇقنى كىرگۈزىمىز.  regsvr32 /u zipfldr. dll. بۇ بۇيرۇقنى كىرگۈزۈپ بولۇپلا قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى باسساقلا، پرېسلانغان ھۆججەت  مۇندەرىجە ئىقتىدارىنى ئېتىۋەتكىلى بولىدۇ.
    2. سىستېمىنى قۇتقۇزۇشتىكى ئاخىرقى ئۇرۇنۇش
    ئەگەر سىستېمىڭىز بىرەر قاتتىق دېتال ياكى يۇمشاق دېتال قاچىلاش ئارقىلىق نورمال قوزغىلالمىسا ياكى سىز شۇنداق بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلسىڭىز، سىستېما قايتا قوزغىتىپ، قوزغىلىۋاتقان ۋاقىتتا
    F8 كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرساق، سىستېما قوزغىتىش ھەققىدىكى بىر قانچە تىزىملىك كۆرۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىن بىز «ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق توغرا سەپلىمىسى» (最后一次正确的配置) دېگەن تۈرنى تاللاپ قايتا قوزغاتساق بولىدۇ.
    3. قاتتىق دېتاللارنىڭ ئەسلىدىكى قوزغىتىش پروگراممىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش
    بىرەر يىڭى ئورۇنلاشتۇرغان قاتتىق دېتالنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنى قاچىلىغاندىن كىيىن سىستېمىدا مۇقىمسىزلىق كۆرۈلسە، بىز دەرھاللا «ئۈسكىنە باشقۇرغۇچى» كۆزنىكىدىن شۇ ئۈسكىنىنى تاللاپ، ئىككى چەكسەك شۇ ئۈسكىنىگە قارىتا تەڭشەش ئىلىپ بارىدىغان كۆزنەك ئىچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكتىكى« قوزغىتىش پروگراممىسى »(
    驱动程序) دېگەن تاللانمىنى تاللاپ، ئاستىدىكى تۆت كۇنۇپكىدىن ئۈچىنچىسى يەنى «قوزغىتىش پروگراممىسىغا قايتىش»(返回驱动程序) دېگەن كۇنۇپكىنى باسساقلا، ئەسلىدىكى قوزغىتىش پروگراممىسىغا قايتىدۇ.
    4. تىز ئۆچۈرۈش ياكى تىز قوزغىتىش سىنبەلگىسى قۇرۇش
    ئۈستەل يۈزى ھالەتتە، ئاق يەرگە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بىر چېكىپ، بۇنىڭدىن يىڭىدىن قۇرۇش
    تىز قوزغىتىش بەلگىسى (新建- 快捷方式) دېگەن تۈرنى تاللاپ جەزملەشتۈرسەك، بىر كۆزنەك ئىچىلىدۇ. كۆزنەكتىكى ئورۇنغا C:\WINDOWS\system32\shutdown. exe -s -t 10 دېگەن بۇيرۇقنى كىرگۈزۈپ، كېيىنكى باسقۇچتا بۇ تىز قوزغىتىش بەلگىسىگە ئىسىم قويۇپ جەزملەشتۈرۈپ چېكىنىمىز. ئەمدى بىز بۇ بەلگىنى ئىككى بېسىپ ئىجرا قىلىپ كۆرۈپ باقايلى. نەتىجىسى قانداق بولدى؟ دېمەك كومپيۇتېرىڭىز 10 سېكۇنتتىن كىيىن ئۆچۈپ قالدى. ئەگەر سىز ۋاقىتنى بىر سائەت قىلماقچى بولسىڭىز 3600 دەپ كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر قايتا قوزغاتماقچى بولسىڭىز بۇ بۇيرۇقتىكى s نى r غا ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىنبەلگىسىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز، بۇ تىز قوزغىتىش بەلگىسىنىڭ خاراكتېر تەڭشەش كۆزنىكىنى ئېچىپ، سىنبەلگىنى ئۆزگەرتىش دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق سىنبەلگىسىنى ئۆزىڭىز ياقتۇرغان بەلگىگە ئالماشتۇرۇۋالسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىز يەنە(  "كومپيۇتېر ئۆچۈش ئالدىدا" c) دېگەن تۈرنى قوشۇپ قويسىڭىز كومپيۇتېرىڭىز ئۆچۈش ئالدىدا سىزگە بىر كۆزنەك چىقىرىپ بېرىدۇ. بۇ كۆزنەكتە «كومپيۇتېر ئۆچۈش ئالدىدا دېگەن خەت كۆرۈنۈپ تۇرغان بولىدۇ. ئەمما ھەرپ سانى 127 دىن ئېشىپ كەتمىسۇن.
    5. ھۆججەتلەرگە توپ ئىسىم قويۇشئەگەر سىز بىر يۈز ھۆججەتكە توپ ئىسىم قويماقچى بولسىڭىز، مېنىڭ كومپيۇتېرىمدىن شۇ ھۆججەتلەر بار مۇندەرىجىنى ئېچىپ، ئىسىم قويماقچى بولغان ھۆججەتلەرنى تاللاپ، ئاندىن بۇ ھۆججەتلەر ئىچىدىكى خالىغان بىر ھۆججەتكە قايتا ئىسىم قويۇپ، قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى باسساق. بۇ يەردە تاللانغان بارلىق ھۆججەتلەر ئاشۇ ئىسىم قويۇلغان ھۆججەت نامى بىلەن باشلانغان ھالدا، ئارقىسىغا قاتار رەت نومۇرى قويۇپ ھۆججەت نامىنى ئۆزگەرتىدۇ.
    6. باشلاش تىزىملىكىنى ئۆزگەرتىشھەممىمىز بىلىمىز Windows XP باشلاش تىزىملىكىگە قارىتا ئۆزگەرتىش ئىلىپ باردى. بىراق ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا ئەسلىدىكى باشلاش تىزىملىكىنى ئەپلىك ۋە قۇلايلىق كۆرۈپ ھازىرغىچە ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز.  ئەسلىدىكى باشلاش تىزىملىكىنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالىمىز؟ ناھايىتى ئاددىي، ئالدى بىلەن مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن ۋەزىپە ئىستونىنىڭ ئاق يېرىنى بىر چەكسەك، بىر تىزىملىك ئىچىلىدۇ. تىزىملىكتىن «خاراكتېر»نى تاللىساق بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكتىكى «باشلاش تىزىملىكى» دېگەن تاللانمىنى تاللاپ، ئۇنىڭدىن «كلاسسىك باشلاش تىزىملىكى» دېگەن تۈر ئالدىغا بەلگە قويۇپ، جەزملەشتۈرۈپ چېكىنسەكلا بولىدۇ.
    7. ئاپتوماتىك يېڭىلاش ئىقتىدارىنى ئېتىۋېتىش
    يېقىندا مىكروسوفت شىركىتى قانۇنسىز نەشرىدىكى
    Windows XP نى چەكلەش ئۈچۈن بىر ياماق پروگراممىلىرىنى تارقاتقان بولۇپ، ئەگەر سىستېمىڭىز قانۇنسىز ئوغرى نەشر بولسا، بۇ ياماقنى ئاپتوماتىك قاچىلىۋالىدۇ ھەمدە سىستېمىڭىز بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە لىپىلداپ ياكى قارا ئېكران بولىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن ساقلىنىشنىڭ ئۇسۇلىمۇ ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، سىز پەقەت كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئاپتوماتىك يېڭىلاش ئىقتىدارىنى ئېتىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ. ئېتىۋېتىشى ئۇسۇلى:مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن رەت بويىچە « مېنىڭ كومپيۇتېرىم خاراكتېر- ئاپتوماتىك يېڭىلاش» دېگەن تۈرلەرنى چېكىسىز. ھەمدە ئاستىدىكى تۈرلەر ئارىسىدىن « ئاپتوماتىك يېڭىلاشنى ئېتىۋېتىش» دېگەن تۈرگە بەلگە قويۇپ جەزملەشتۈرسىڭىزلا بولدى. ياماق ياماشقا كەلسەك ئەڭ ياخشى ياماق يامايدىغان پروگرامما 360 بىخەتەرلىك قوغدىغۇچىسى. شۇنىڭدىن پايدىلانسىڭىز بىخەتەر ياماق يامىيالايسىز.
    8. سىستېمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنى تاقىۋېتىش
    Windows XP
    نىڭ يىڭى ئىقتىدارلىرىنىڭ بىرى. بىراق قاتتىق دىسكا بوشلۇقىنى بەكلا كۆپ ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىقتىدارىنىمۇ ئۇنچە ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئادەتتە نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىقتىدارنى تاقىۋېتىدۇ. تاقاش ئۇسۇلى: باشلاش تىزىملىكىدىن« پراگرامما-قۇشۇمچىلار سىستېما قوراللىرى- سىستېمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» بۇيرۇقىنى بېسىپ ياكى بولمىسا بىۋاسىتە كونترول تاختىسىدىن «سىستېما خاسلىقى» دېگەن تۈرنى تاللاپ قوزغىتىپ، ئېچىلغان سىستېما خاسلىقى كۆزنىكىدىن «سىستېما ئەسلىگە كەلتۈرۈش» تاللانمىسىنى تاللاپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىكى «بارلىق دىسكىلاردىكى سىستېما ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنى تاقىۋېتىش»(在所有驱动器上关闭系统还原) دېگەن تۈرگە بەلگە قويۇپ، جەزملەشتۈرسەكلا بولىدۇ.
    9. ئۇخلاش ھالىتىنى چەكلەش
    Windows XP
    نىڭ ئۇخلاش ھالىتى بولسا ئىچكى ساقلىغۇچتا ئىجرا بولۇۋاتقان پروگراممىلارنىڭ ھەممىسىنى قاتتىق دىسكىغا ساقلىۋالىدىغان بولغاچقا، ئۇخلاش ھالىتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرگەندە سىستېما  يىڭى قوزغالغان ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش پروگراممىلارنى يۈكلەش قاتارلىق باسقۇچلاردىن ئاتلاپ ئۆتۈپلا بىۋاسىتە ئۇخلاش ھالىتىدىن بۇرۇنقى ھالەتكە قايتالايدۇ. بىراق بۇنىڭغا تۆلىنىدىغان بەدەل سىزنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىڭىزنىڭ چوڭلۇقى بىلەن ئوخشاش سىغىمدىكى قاتتىق دىسكا بوشلۇقىدىن ئىبارەت. يەنى ئىچكى ساقلىغۇچ 1 گىگا بايت بولسا، بۇنىڭ 1 گېگابايت قاتتىق دىسكا بوشلۇقىنى سەرپ قىلىدۇ. ئەگەر قاتتىق دىسكىڭىزنىڭ سىغىمى كىچىك بولسا، ئۇنى ئېتىۋەتسىڭىز بولىدۇ. يەنى كونترول تاختىسىدىن توك مەنبەسىنى باشقۇرۇش دېگەن تۈرنى قوزغىتىپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىن «ئۇخلاش» دېگەن تاللانمىنى تاللاپ، بۇنىڭدىن «ئۇخلاش ھالىتىنى قوزغىتىش»(启用休眠) دېگەن تۈر ئالدىدىكى توغرا بەلگىسىنى ئىلىۋەتسەكلا بولىدۇ.
    10. ئاپتوماتىك خاتالىق مەلۇم قىلىش ئىقتىدارىنى تاقىۋېتىش
    سىز سىستېمىڭىزنىڭ بىرەر يېرىدىن خاتالىق چىققاندا
    Windows XP ئاپتوماتىك ھالدا بىر كۆزنەك ئىچىپ، سىزدىن بۇ خاتالىقنى مىكروسوفتقا مەلۇم قىلامسىز دەپ سورىغانمۇ؟ مانا بۇ ئاتالمىش ئاپتوماتىك خاتالىق مەلۇم قىلىش، سىز مىكروسوفتنىڭ سىزگە بۇ خاتالىقنى قانداق ھەل قىلىش توغرۇلۇق جاۋاب بېرىشىگە ئىشەنمەيدىغانسىلەر؟ ئۇنداقتا بۇ ئىقتىدارنى تاقىۋېتىڭ. ئۇسۇلى مۇنداق.
    كونترول تاختىسىغا كىرىپ سىستېما خاسلىقىنى قوزغىتىپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىن «ئالىي دەرىجە» دېگەن تۈرنى تاللاپ، ئەڭ ئاستىدىكى «خاتالىق دوكلاتى»(
    错误报告) دېگەن كۇنۇپكىنى چېكىپ، يىڭى ئېچىلغان كۆزنەكتىن «خاتالىق دوكلاتىنى چەكلەش»(禁用错误报告) دېگەن تۈرگە بەلگە قويۇپ قويىمىز. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئاستىدىكى «ئېغىر خاتالىق يۈز بەرگەندە ماڭا مەلۇم قىل» (但在发生严重错误时通知我) دېگەن تۈرگىمۇ بەلگە قويۇپ قويىمىز. ئاندىن جەزملەشتۈرۈپ چېكىنسەكلا بولىدۇ.
    11. مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچنى مۇۋاپىق بەلگىلەش
    Windows XP
    نىڭ ئالدىن بەلگىلىگەن مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچ ھۆججىتىمۇ خېلى چوڭ دىسكا سىغىمىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، بۇ ھۆججەت ئادەتتە سىستېما قاچىلانغان دىسكا رايونىدا بولىدۇ. ئىسمى pagefile. sys بولۇپ. ئەگەر سىزنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىڭىز 256 مېگابايت ياكى ئۇنىڭدىن كىچىك بولسا 1.5 ھەسسە بويىچە بەلگىلىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر 512 مېگابايتتىن يۇقىرى بولسا يېرىم ھەسسە بويىچە بەلگىلىسىڭىز بولىدۇ ھەمدە ئەڭ ياخشىسى سىستېما قاچىلانغان دىسكا رايونىدىن باشقا رايونغا بەلگىلەڭ. بەلگىلەش ئۇسۇلى كونترول تاختىسىدىن سىستېما خاسلىقىنى قوزغىتىپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىن « ئالىي دەرىجە» تاللانمىسىنى تاللاپ، بۇنىڭدىن «ئىقتىدار»(性能) دېگەن تۈر خەت بار رايون ئاستىدىكى « بەلگىلەش»(设置) دېگەن كۇنۇپكىنى چېكىمىز. بۇ چاغدا يەنە بىر يىڭى كۆزنەك ئېچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكتىنمۇ يەنە« ئالىي دەرىجە» دېگەن تاللانمىنى تاللاپ، بۇنىڭ ئىچىدىن «مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچ»() دېگەن تۈر ئاستىدىكى «ئۆزگەرتىش»() دېگەن كۇنۇپكىنى چەكسەك «مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچ»نى ئۆزگەرتىش كۆزنىكىنى ئاچالايمىز. بۇ كۆزنەكتىن ئالدى بىلەن مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچ ھۆججىتىنى قايسى دىسكىغا يۆتكىمەكچى بولساق شۇ دىسكىنى تاللاپ، ئاستىدىكى «چوڭ- كىچىكلىكىنى ئۆزى بەلگىلەش» دېگەن تۈر ئالدىغا بەلگە قويساق، تەھرىرلىگىلى بولىدىغان ھالەتكە ئۆتىدۇ. بىز ياندىكى كاتەكچەئىچىگە ئەڭ چوڭ قىممەت ۋە ئەڭ كىچىك قىممەتنى كىرگۈزۈپ بەرسەكلا بولىدۇ. ئاندىن باشقا دىسكا رايونلىرىدا مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچ قىممىتى بېكىتىلگەن بولسا، ئۆچۈرۈۋەتسەك بولىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشلەر سىستېما قايتا قوزغالغاندىن كېيىن ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
    12. كېرەكسىز ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش
    كېرەكسىز ھۆججەتلەرنى ئەلۋەتتە ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەك. بىراق يىڭى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى سىستېما رايونى ئىچىدىكى ھۆججەتلەردىن قايسىلىرىنىڭ كېرەكسىز ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيدۇ. تۆۋەندىكى ھۆججەتلەر يىڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئاساسەن كېرەكسىز ھۆججەتلەر.
    1. ئالدىن ئوقۇش ھۆججىتى- Windows XP نى يىڭى قاچىلىغان ۋاقىتتا ياخشى ئىدى، بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن ئاستىلاپ كەتكىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ ئۇنداق بولسا بۇنىڭ ئاساسى سەۋەبكارى مۇشۇ ئالدىن ئوقۇش ھۆججىتى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ ھۆججەتلەر ئارىسىدا ئۇلانما خاتالىقى كۆرۈلسە سىستېما سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا بۇ ھۆججەتلەرنى پات-پات تازىلاپ تۇرۇش كېرەك. بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ئونى C:\Windows\prefetch دا بولۇپ، بۇ مۇندەرىجە ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى بىۋاسىتە ئۆچۈرۈۋەتسەك بولۇۋېرىدۇ.
    2. ئىشلىتىلمەيدىغان ھۆججەتلەر- بەزى ھۆججەتلەرنى بىز پەقەت بىر قېتىملا ئىشلىتىمىز، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاساسەن ئىشلىتىپ كەتمەيمىز. شۇڭا بۇ خىلدىكى ھۆججەتلەرنىمۇ ئۆچۈرۈۋېتىشكە بولىدۇ. بۇلار:
    C:\Windows\Help
    ئاستىدىكى ياردەم ھۆججەتلىرى؛ C:\Windows\driver cache\i386 ئاستىدىكى زاپاسلانغان قوزغىتىش پروگرامما ھۆججەتلىرى؛ C:\Windows\system32\dllcache زاپاسلانغان dll ھۆججەتلىرى. C: Windows\Ime   ئاستىدىكى ياپون، كورىيە، خەنزۇچە مۇرەككەپ خەت شەكلىدىكى كىرگۈزۈش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنىڭ ھۆججىتى.( chtimeimjp8_1imkr6_1) بۇ ھۆججەتلەرنى بىۋاسىتە ئۆچۈرۈۋېتىشكە بولىدۇ.
    3. ئەخلەت ھۆججەتلەر- سىستېمىنى ئىشلىتىش جەريانىدا نۇرغۇن ئەخلەت ھۆججەتلەر پەيدا بولىدۇ. بۇلار يىغىلىۋەرسە سىستېما سۈرئىتى ۋە دىسكا بوشلۇقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ھۆججەتلەرنىمۇ ئۆچۈرۈپ تاشلاش كېرەك. بۇلار كېڭەيتمە نامى TMPBAKOLD بولغان ھۆججەتلەر بولۇپ، توردىن ئىزدىسىڭىز باشقىلار ياساپ تەييار قىلىپ قويغان، بۇ خىل ھۆججەتلەرنى يوقىتالايدىغان توپ بىر تەرەپ قىلىش ھۆججىتى ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بار. ياكى بۇلارنى ئەڭ ئاددىي ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، سىستېمىنىڭ ئىزدەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ،*. bak دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىز، ئىزدەش كۆزنىكىدە بارلىق كېڭەيتمە نامى bak بولغان ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇ يەردىن ھەممە ھۆججەتنى تاللاپ ئاندىن ئۆچۈرۈۋەتسىڭىز بولىدۇ. باشقىلىرىمۇ ئوخشاش.
    4. ئارتۇقچە بولغان خەت نۇسخىلىرى- ئەگەر قاچىلانغان خەت نۇسخىلىرى بەك كۆپ كەتسە كومپيۇتېر سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. شۇڭا ئارتۇقچە بولغان خەت نۇسخىلىرىنى ئۆچۈرۈۋەتسەكمۇ بولىدۇ. ئۇسۇلى C:\Windows\font مۇندەرىجىسى ئاستىغا كىرىپ، ئۆزىڭىزگە كېرەك بولمايدىغان خەت نۇسخىلىرىنى تاللاپ ئۆچۈرۈۋەتسىڭىز بولىدۇ.
    5. Windows نىڭ يوشۇرۇنغان قوشۇمچە پروگراممىلىرىنى ئۆچۈرۈۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈنكى بىز نۇرغۇن پروگراممىلارنى ئادەتتە پەقەت ئىشلەتمەيمىز. بۇ ھۆججەتلەر يوشۇرۇن بولغاچقا ئادەتتە كۆرۈنمەيدۇ، ئۇلارنى ئۆچۈرۈش ئۇسۇلى مۇنداق. ئالدى بىلەن  C:\Windows\Inf\ مۇندەرىجىسى ئاستىغا كىرىپ، Sysoc. inf ھۆججىتىنى خاتىرە دەپتەر ئارقىلىق ئېچىپ، ئىزدەش/ئالماشتۇرۇش كۆزنىكىنى ئېچىپ، ئىزدەش دېگەن جايغا   «, hide » (ئالدىدا بىر ئىنگلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىدىكى بىر پەش بار) نى كىرگۈزۈپ، ئالماشتۇرۇش دېگەن يەرنى بوش قويۇپ، ھەممىنى ئالماشتۇرۇش دېگەن تۈرگە بەلگە قويۇپ، ئالماشتۇرۇش ئىلىپ بارساق، بارلىق  «, hide » نى يوقىتىۋېتىدۇ. بىز ساقلاپ چېكىنىپ، ئاندىن كونترول تاختىسىغا كىرىپ، پروگرامما قوشۇش ۋە ئۆچۈرۈش دېگەن تۈرنى قوزغاتساق، كۆرۈنمىگەن تۈرلەرنىڭ ھەممىسى كۆرۈنىدۇ. بىز بۇلار ئارىسىدىن ئىشلەتمەيدىغان تۈرلەرنى ئۆچۈرۈۋەتسەك بولىدۇ.
    6. خاتالىقنى خاتىرىلەش ئىقتىدارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش- Windows XP ئادەتتە سىستېمىدا خاتالىق كۆرۈلگەندە خاتىرىلەپ قويىدىغان بولۇپ، بۇ ھۆججەتلەرنى ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر كېرەك قىلمايدۇ. شۇ ئۇنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە بولىدۇ. ئۇسۇلى. كونترول تاختىسىدىن سىستېما خاسلىقىنى قوزغىتىپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىن «ئالىي دەرىجە» دېگەن تۈرنى تاللاپ، «قوزغىتىش ۋە خاتالىقتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش»(启动和故障恢复) دېگەن تۈر ئاستىدىكى «بەلگىلەش»() دېگەن كۇنۇپكىنى چەكسەك يىڭى بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكتىن «خاتالىقنى خاتىرىلەپ قويۇش»(将事件写入日志文件) دېگەن تۈر ئالدىدىكى بەلگىنى ئىلىۋېتىمىز. ھەمدە ئاستىدىكى « تەڭشەش ئۇچۇرلىرىنى يېزىش» (写入调试信息) دېگەن سىيرىلما تاللاش تۈرىدىن «يوق» () دېگەننى تاللاپ جەزملەشتۈرسەك، بۇ خىل ھۆججەت ھاسىل بولمايدۇ.
    7. IE نىڭ ۋاقىتلىق ھۆججەت مۇندەرىجىسىنى ئۆزگەرتىش- تورغا چىققاندا كۆپ مىقداردىكى ۋاقىتلىق ھۆججەتلەر IE نىڭ ۋاقىتلىق ھۆججەت مۇندەرىجىسىگە كۆچۈرۈلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا بۇ مۇندەرىجە سىستېما دىسكا رايونىدا بولۇپ، بۇ ھۆججەتلەر قاتتىق دىسكىنىڭ ئوقۇش-يېزىش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن سىز بۇ ۋاقىتلىق مۇندەرىجىنىڭ ئورنىنى باشقا دىسكا رايونىغا تەڭشەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئۇسۇلى: كونترول تاختىسى ياكى IE جاھاننامىسىنىڭ تىزىملىكىدىن «قورال- Intérnét  تەڭشىكى»(工具-Intérnét选项) نى ئىجرا قىلىپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىن «دائىملىق(常规) تاللانمىسىنى تاللاپ، بۇنىڭ ئېچىدىكى تەڭشەش(设置) دېگەن كۇنۇپكىنى باسىمىز، ئېچىلغان كۆزنەكتىكى «مۇندەرىجىنى يۆتكەش»(移动文件夹) دېگەن كۇنۇپكىنى چېكىپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىن سىستېما دىسكا رايونىدىن باشقا دىسكا رايونىدىكى بىر مۇندەرىجىنى كۆرسىتىپ بەرسەك بولىدۇ. ھەمدە بۇ مۇندەرىجە ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى قەرەللىك تازىلاپ تۇرۇش كېرەك.
    13.  windows messenger نىڭ كومپيۇتېر بىلەن بىللە قوزغىلىشىنى چەكلەش
    ھەر قېتىم
    windows نى قوزغاتقان ۋاقتىڭىزدا windows messenger بىللە ئاپتوماتىك قوزغىلىۋېلىپ سىزنى ئاۋارە قىلغانمۇ؟ بۇ ئادەتتە دائىم توردا شۇنى ئىشلىتىدىغانلار ئۈچۈن قۇلاي بولسىمۇ، لېكىن دائىم تورغا كىرمەيدىغانلار ئۈچۈن، ئىچكى ساقلىغۇچ ئىسراپچىلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنى چەكلەشنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق: 1. باشلاش تىزىملىكىدىكى ئىجرا قىلىش(运行) رامكىسىغا msconfig  دەپ كىرگۈزۈپ جەزملەشتۈرسەك، «سىستېما سەپلىمە پروگراممىسى»(系统配置实用程序) كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. ئۇنىڭدىن «قوزغىتىش»() دېگەن تاللانمىنى تاللاپ، قوزغىتىش تۈرلىرى ئارىسىدىن MSMSGS ئالدىدىكى بەلگىنى ئېلىۋېتىپ، جەزملەشتۈرۈپ چېكىنىمىز، ھەمدە تەلەپ بويىچە بىر قېتىم قايتا قوزغىتىۋەتسەكلا بولىدۇ. 2. خىل ئۇسۇل: يۇمشاق دېتالنىڭ تىزىملىكىدىن قورال تىزىملىكى ئىچىدىكى تەڭشەك دېگەن بۇيرۇقنى چەكسەك، تەڭشەك كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكتىن« دەسلەپلەشتۈرۈش تەڭشەكلىرى»(首选项) دېگەن تاللانما ئىچىدىكى « windows قوزغالغاندا windows messenger نى تەڭ قوزغىتىش»(windows启动时运行windows messenger) دېگەن تۈر ئالدىدىكى بەلگىنى ئېلىۋېتىپ جەزملەشتۈرۈپ چېكىنسەكلا بولىدۇ.   


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30]كومپىيوتېر ئاساسى بىلىملىرى ،تەپسىلى يوللاپسىز رەھمەت.

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !