باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • Excelدىن يەنە بىر قانچە ھۈنەر

    ۋاقىت:2008-12-10 | تۈرى:excel ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/32342655.html

    1.فورمۇلا ۋە نەتىجىنى ئالماشتۇرۇپ كۆرۈش
    ئادەتتىكى ئەھۋالدا EXCEL دا فورمىلانى كىرگۈزۈپ، قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز شۇ كاتەكچە ئىچىدە نەتىجە كۆرۈنىدۇ. ئەمما بەزىدە بىز فورمىلا ئۆزىنى كۆرۈشكە مۇھتاج بولىمىز. بۇنداق چاغدا مۇنداق ئىككى ئۇسۇلنى قوللانسىڭىز بولىدۇ.
    1. بىرلەشمە كۇنۇپكىلاردىن Ctrl+` ( يەنى Esc كۇنۇپكىسىنىڭ ئاستىدىكى كۇنۇپكا) نى باسساق، فورمىلا پېتى كۆرۈنىدۇ. يەنە بىر باسساق نەتىجە كۆرۈنىدۇ.
    2. تىزىملىكتىن «قورال- تەڭشەك» (工具-选项)بۇيرۇقىنى باسساق بىر تەڭشەك كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. كۆزنەكتىكى «كۆرۈنمە» (视图) دىگەن تاللانما ئاستىدىكى «كۆزنەك تەڭشەكلىرى»(窗口选项) دىگەن تۈرلەر ئارىسدىن «فورمىلا»(公式) دىگەن تۈر ئالدىغا بەلگە قويۇپ قويساقلا فورمىلا كۆرۈنىدۇ. ئەگەر بىز يەنە نەتىجىنى كۆرسەتمەكچى بولساق بايام قويۇپ قويغان بەلگىنى ئىلىۋەتسەكلا بولىدۇ.
    2. Excel  غا قوشۇمچە پراگراممىلارنى يۈكلەش
    Excel نىڭ ھىساپلاش ئىقتىدارى ياخشى بولسىمۇ بەزىدە بىز ھىساپلىغۇچقا ھاجەت بوپ قالىمىز .Excel قوراللىرىنىڭ قاتارىغا ھىساپلىغۇچ قوشۇۋالساق بىزگە تىخىمۇ  قولايلىق يارىتىدۇ.قوشۇش ئۇسۇلى مۇنداق:

    تىزىملىكتىن «قورال- ئۆزى بەلگىلەش» (工具-自定义) بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلساق، ئۆزى بەلگىلەش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكتىن «بۇيرۇق» دىگەن تاللانمىنى تاللاپ، ئاستىدىكى تۈرلەر (类别) ئارىسىدىن «قورال»(工具) دىگەن تۈرنى تاللاپ، ئوڭ تەرەپتىكى بۇيرۇقلار ئارىسىدىن «ئۆزى بەلگىلەش»(自定义) دىگەن تۈرنى تاللاپ، ئۇنى سۆرەش ئۇسۇلى ئارقىلىق قورال سىتونىغا قوشۇپ قويمىز. ھەمدە كۆزنەكنى ئۆچۈرىۋەتمەي تۇرۇپ، ھازىر قوشۇلغان  «ئۆزى بەلگىلەش» دىگەن سىنبەلگە ئۈستىگە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن بىر چەكسەك ، بىر تىزىملىك ئېچىلىدۇ. بۇ تىزىمىلىكتىن «ئۇلانما تەھرىرلەش» () دىگەن تۈر ئاستىدىن «ئېچىش» دىگەن بۇيرۇقنى تاللاپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىن C:\WINDOWS\system32\calc.exe نى كۆرسىتىپ بەرسەكلا بولىدۇ. كېيىنكى قېتىم بىز پەقەت ئەشۇ بەلگىنى بىرلا چەكسەك، ھىساپلىغۇچ قوشۇلىدۇ. ئەگەر سىز باشقا پراگراممىلارنى ياكى دىتاللارنىمۇ قوشىۋالماقچى بولسىڭىز، ھىساپلىغۇچنىڭ ئورنىغا باشقا پراگراممىلارنىڭ ئىسمىنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ. ئاندىن جەزىم كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئاخىرلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.
    3.ماۋزۇ قۇرىنى بىكىتىش
    ئادەتتە بىر جەدىۋەلنى بىسىپ چىقارغاندا بىر نەچچە ۋاراق بولۇپ كەتسە، بىز جەدىۋەلنىڭ ئىسمى ، 1- قۇردىكى ئىسمى، يېشى دىگەندەكلەر يېزىلغان ماۋزۇ قۇرىنى ھەممە بەتتە كۆرسىتىشكە ئىھتىياجلىق بولۇپ قالىمىز. بۇنداق چاغدا بۇ مەسىلىنى مۇنداق ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشقا بولىدۇ. يەنى تىزىملىكتىن «ھۆججەت – بەت تەڭشىكى»(文件-页面设置) بۇيرۇقىنى بېسىپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىن «خىزمەت جەدىۋىلى(工作表) دىگەن تاللانمىنى تاللاپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى « ماۋزۇنى بېسىپ چىقىرىش» دىگەن تۈر ئاستىدىن «ئۈستۈنكى ماۋزۇ رېتى» (顶端标题行) دىگەن جايغا بىۋاستە ماۋزۇ قۇرى يېزىلغان كاتەكچىلەرنى يازساق بولىدۇ. مەسىلەن : a1:h2 دىگەندەك. ياكى بولمىسا خەت يېزىش ئورنىنىڭ يېنىدىكى جەدىۋەل بەلگىسىنى چېكىپ، ئاندىن ماۋزۇ قۇرى قىلىنماقچى بولغان دائىرىنى تاللاپ، قايتۇرۇش كۇنۇپكسىنى باسساقلا بولىدۇ. ئەگەر سىز سول تەرەپتىكى 1-2 رەتنىمۇ ئەشۇنداق ھەر بىر بەتتە قىلماقچى بولسىڭىز «ماۋزۇنى بېسىپ چىقىرىش» دىگەن تۈر ئاستىدىكى «سول تەرەپ ماۋزۇ رېتى»(左端标题列) دىگەن تۈرگە ماۋزۇ رېتى بولدىغان دائىرىنى تاللاپ ياكى كىرگۈزۈپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ.
    4.ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىش
    يىقىندا مەكتەپلەر ئىشلەۋاتقان ئىككى ئاساسەندىكى نوپۇس سىتاتىسكىسىنىڭ جەدىۋىلىدىن (قانچىنچى نومۇرلۇق جەدىۋەل ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.)ھەر قايسى ياش قاتلىمىدىكىلەرنى سىتاتىسكا قىلماقچى بولدۇق. بىراق بۇ جەدىۋەل لايىھەلىنىشى ئادەتتىكى Word  نىڭ جەدىۋەللىرىگە ئوخشاش لايىھەلەنگەن بولۇپ، بىرئائىلە بىر ۋاراققا بىسىپ چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلەنگەن ئىكەن.جەمئى 4-5 يۈر ۋاراق كەلسە كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىلا  بەتتە ماۋزۇ قۇرى ئايرىم يېزىلغان، ماۋزۇسى ۋە باشقا قوشۇمچە ئۇچۇرلار تىكىست رامكىسى ئارقىلىق يېزىلغان ئىكەن. مانا مۇشۇ تىكىست رامكىلىرى ماڭا بەكلا كاشىلا بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيان ئىزدەپ بۇيان ئىزدەپ، ئاخىرى بۇلارنى بىراقلا ئۆچۈرىدىغان ئۇسۇلنى تاپتىم.يەنى تىزىملىكتىن «تەھرىرلەش- ئورۇن بەلگىلەش»(编辑-定位) بۇيرۇقىنى باسساق تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ.


    بۇ كۆزنەكتىكى «ئورۇن بەلگىلەش شەرتى» (定位条件) دىگەن كۇنۇپكىسنى چەكسەك، تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك كۆرۈنىدۇ.


    بۇ كۆزنەكتىن «ئوبىكىت»(对象) دىگەن تۈرنى تاللاپ جەزىملەشتۈرسەم بارلىق تىكست رامكىسى تاللاندى. شۇنىڭ ئۆچۈرۈش كۇنۇپكىسىنى بىسىپلا ئۆچۈرىۋەتتىم. قانداق ئاسانمىكەن. ئەگەر سىز باشقا تۈردىكى مەزمۇنلارنى بىراقلا تاللىماقچى بولسىڭىزمۇ مۇشۇ ئىقتىداردىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
    5.تۈرگە بۆلۈپ جەملەش
    Excel نىڭ ئەسقاتىدىغان ئىقتىدارلىرىدىن بىرسى بولسا، تۈرگە بۆلۈپ جەملەش ئىقتىدارىدۇر. بىز بۇ ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ، مەلۇم بىر جەدىۋەلدىكى مەلۇم ھالىقىلىق سۆزگە ئاساسەن تۈرگە ئايرىپ، ھەر قايسى تۈرلەرنىڭ جەمئىسى ياكى باشقا ئۇچۇرىلىرىنى ھىساپلاپ چىقالايمىز. مەسىلەن تۆۋەندىكىدىكى جەدىۋەل بولسا بىر تۈرگە ئايرىپ ھىساپلاشتىن كېيىنكى جەدىۋەل بولۇپ، بۇ دىھقانلارنىڭ بۇغداي ياردەم پۇلىنى كەنتلەرنى ھالقىلىق سۆز قىلىپ تۇرۇپ، ھەر بىر كەنتكە قانچە ئادەمگە، قانچە مو يەرگە ۋە قانچە پۇل بىرىلگەنلىكىنى ئىخچام قىلىپ، خۇلاسە قىلىپ بەرگەن جەدىۋەلدۇر.

     

    بۇ خىل ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى باسقۇچلار بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ.
    ئالدى بىلەن سىز ھالقىلىق سۆز بويىچە يەنى قايسى تۈر بويىچە ئايرىم –ئايرىم جەملىمەكچى بولسىڭىز، شۇ تۈر بويىچە تەرتىپلەڭ. مەيلى چوڭىيىش بويىچە ياكى كىچىكلەش بويىچە بولسىمۇ بولىۋىرىدۇ. رەسىمدىكىدەك: رەسىمدە كەنت بويىچە تەرتىپلەنگەن بولۇپ، ئوخشاش كەنتلىكلەر ئارقىمۇ- ئارقا كىلىدۇ. تەرتىپلەش ئۈچۈن سىز پەقەت قورال سىتونىدىكى «ئۆسۈش يۆلىنىشى بويىچە تەرتىپلەش» ياكى تۆۋەنلەش يۆلىنىشى بويىچە تەرتىپلەش» (升序排序,降序排序) دىگەن كۇنۇپكىنىڭ خالىغان بىرىنى چىكىپ تەرتىپلىسىڭىز بولىدۇ.


    تەرتىپلەپ بولغاندىن كېيىن تىزىملىك سىتونىدىن «سانلىق مەلۇمات – تۈرگە بۆلۈپ جەملەش» (数据-分类汇总)دىگەن بۇيرۇقنى چىكىمىز. تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ.


    بۇ كۆزنەكتىكى «تۈرلەرگە ئايرىش سۆز بۆلىكى» (分类字段)دىگەن تۈرگە باشقا تۈرلەرنى تاللىساقمۇ بولىدۇ. ئەمما ھازىر بىز كەنت ئايرىمىسى بويىچە تۈرگە ئايرىۋاتقان بولغاچقا «كەنت ئايرىمىسى» تاللاندى. ئۇنىڭ ئاستىدىكى «جەملەش ئۇسۇلى»(汇总方式) دىگەنگە «ساناش» دىگەن تۈرنى تاللايمىز. چۈنكى ساناش ئارقىلىق قانچە ئادەم بارلىقىنى بىلەلەيمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سۆز بۆلىكى تىكست تىپىدىكى سۆز بۆلىكى بولغاچقا باشقا تۈرلەرنى تاللاشقا بولمايدۇ. ئەگەر سانلىق قىممەت تىپىدىكى سان بولغان بولسا، جەملەش ياكى ئەڭ چوڭ قىممەت ۋە ياكى ئەڭ كىچىك قىممەت دىگەندەك تۈرلەرنى تاللىساق بولاتتى. ئاستىدىكى جەملىنىدىغان تۈر دىگەن جايدىكى «كەنت ئايرىمىسى» دىگەن سۆز بۆلەك ئالدىغا بەلگە قويۇپ قويمىز. ئاندىن ئاستىدىكى تۈرلەردىن ئۆزىمىز خالىغان تۈرلەرنى تاللاپ ئاندىن جەزىم كۇنۇپكىسىنى باسساق كەنت ئىسمى يىزىلغان كاتەكچىلەرنى ساناپ ، نەتىجىسىنى ئاستىنقى قۇرغا چىقىرىپ بىرىدۇ. ئاندىن بىز مو سانى بىلەن تۆلەم سوممىسىنى ھىساپلاش ئارقىلىق نەتىجىسىنى چىقارساق ئەھۋال تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.
    تۆۋەندىكى رەسىمگە قارىساق، رەسىمنىڭ سول تەرىپىدە  ئادەتتە Excel كۆرگىلى بولمايدىغان 1،2،3 دىگەن سانلار ھەمدە ئۇ سانلار ئاسىتدا ] بۇ خىل بەلگە شەكلىدىكى سىزىقلار پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايمىز. ئەگەر بىز بۇ چاغدا ئاشۇ 1 دىگەن ساننى باسساق، بارلىق كاتەكلەر يىغىنچاقلىنىپ، ماۋزۇ كاتەكچە بىلەن ئومۇمى جەمئى سان بار كاتەكچە كۆرۈنىدۇ. ئەگەر 2 دىگەن ساننى باسساق، ھەر قايسى كەنتلەر بويىچە  يەنى باشتىكى رەسىمدىكىدەك ھالەتتە كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر 3 دىگەن ساننى چەكسەك، بارلىق تۈرلەرنى يېيىپ، تۆۋەندىكى ھالەتتە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.  


     


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !