باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • بەت قېشى ۋە بەت تېگى ھەققىدە

    ۋاقىت:2008-11-07 | تۈرى:wordھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/31080540.html

     Word   بولسا بىز ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىدىغان يېزىق تەھرىرلەش دىتالى، شۇنداقلا بىزنىڭ pdf فورماتىدىكى ئۇيغۇرچە ئېلكىتاپ ئىشلەشتە تايىنىدىغان ئاساسلىق قوراللىرىمىزنىڭ بىرى.  ئەگەر سىز بەت قېشى ۋە بەت تېگىنى چىرايلىق قېلىپ  لايىھەلىيەلىسىڭىز ، ئۇنداقتا سىز ئىشلىگەن ئېلكىتاپ چوقۇم كۆركەم چىقىدۇ. ئۇنداق بولسا تۆۋەندە Word دا بەت قېشى ۋە بەت تېگى لايىھەلەشتىكى بىر قانچە كېچىك ھۈنەرلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
    1. بەت قېشى ۋە بەت تېگى قورال كۇنۇپكىلىرىدىن ئەپچىل پايدىلىنىش
    ئادەتتە Word دا ئاساسى تېكىست مەزمۇنى بىلەن بەت قېشى ۋە بەت تېگى رايۇنى ئايرىۋىتىلگەن بولۇپ، سىز پەقەت تىزىملىكتىن «كۆرۈنمە-بەت قېشى ۋە بەت تېگى» (视图-页眉和页脚) بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغاندىن كېيىنلا، ئاندىن بەت قېشى ۋە بەت تېگىدىكى مەزمۇنلارنى تەھرىرلەش ھالىتىگە كىرگىلى بولىدۇ.ھەم بۇ چاغدا «بەت قېشى ۋە بەت تېگى» قورال سىتونى ئاپتۇماتىك پەيدا بولۇپ،قورال كۇنۇپكىلىرى ئىشلىتىش ھالىتىگە كىرىدۇ. بىز بۇ قورال سىتونىدىكى «ئاپتۇماتىك بەلگىلەر توپلىمى»(自动图文集) دىگەن كۇنۇپكا ئارقىلىق «بەت قېشى ۋە بەت تېگى» رايۇنىغا بەت نومۇرى،ھۆججەت نامى، ئاپتۇرى،ھۆججەت قۇرۇلغان ۋاقتى دىگەندەك ئۇچۇرلارنى ئاپتۇماتىك ھالدا كىرگۈزگىلى بولىدۇ.ئەمما ھازىرچە بۇ يەردىكى مەزمۇنلار ئاساسەن خەنزۇچە بولۇپ، ئۇيغۇرچە قىلىش ئۈچۈن ئۇنى ئازراق تەھرىرلەشكە توغرا كېلىدۇ. «تاقاش» (关闭) كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ئاساسى تېكىستنى تەھرىرلەش ھالىتىگە قايتىپ كەلگىلى بولىدۇ، قالغان كۇنۇپكىلارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئىشلىتىش جەريانىدا ئۈگىنىۋالىسىز.
    2. بەت قېشى بىلەن بەت تېگى ئارىسىدا ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش
    ھازىر يەنىلا نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر 17 سۇڭلۇق تۈز ئىكراننى ئىشلىتىۋاتقان بولغاچقا، تەھرىرلەش جەريانىدا بەت قېشى بىلەن بەت تېگى بىر ئىكراندا كۆرۈنمەيدۇ، بۇ چاغدا بىز بەت قېشى بىلەن بەت تېگى ئارىسىدا يۆتكىلىش ئۈچۈن،ئىكراننى ئاستى-ئۈستى سۈرۈپ ھىرىپ قالىمىز، بۇ بىر ئاۋارىچىلىق. ئەمىليەتتە بىز بەت قېشى ۋە بەت تېگى قورال كۇنۇپكىلىرى ئارىسىدىكى «بەت قېشى ۋە بەت تېگى ئارىسدا ئارىسدا يۆتكىلىش» (在页眉和页脚之间切换) دىگەن كۇنۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق، بەت قېشى ۋە بەت تېگى ئارىسدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.
    3. بەت قېشىدىكى تۈز سىزىقنى يوقىتىش
    ئادەتتە Word نىڭ بەت قېشىدا بىر تۈز سىزىق بولۇپ، بۇ تۈز سىزىق بەزىدە بىز لايىھەلەۋاتقان بەتنى كۆرۈمسىز قېلىپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئۇسۇل بىلەن يوقىتىۋىتىشكە بولىدۇ. 1- ئۇسۇل: ئالدى بىلەن Word تېزىملىكىدىن «فورمات ئۇسلۇپ ۋە فورمات»(格式-样式和格式) بۇيرۇقىنى چەكسەك، Word نىڭ ئوڭ تەرەپ رايۇنىدا «ئۇسلۇپ ۋە فورمات» كۆزنىكى پەيدا بولىدۇ. بىز بۇ چاغدا بەت قېشىنى تەھرىرلەش ھالىتىگە كىرىپ، ئاندىن «ئۇسلۇپ ۋە فورمات» كۆزنىكىدىن «تاللانغان خەتلەرنىڭ فورماتى»(所选文字的格式) دىگەن خەت ئاستىدىكى نۆۋەتتىكى فورمات ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغان فورمات نامىنى بىر چەكسەك، بىر كىچىك ئۈچبۈرجەك كۇنۇپكا پەيدا بولىدۇ. شۇ كۇنۇپكىنى بىر چەكسەك، بىر تىزىملىك كۆرۈنىدۇ. بۇ تىزىملىكتىن، «فورماتنى ئۆچۈرۈش»(清除格式) بۇيرۇقىنى چەكسەك، بەت قېشىدىكى تۈز سىزىقنى يوقىتالايمىز.
    2- ئۇسۇل بولسا، ئالدى بىلەن بەت قېشىنى تەھرىرلەش ھالىتىگە كېرىپ، ئاندىن تىزىملىكتىن« فورمات-ئۇسلۇپ ۋە فورماتپ» بۇيرۇقىنى چەكسەك، ئىكران ئوڭ تەرىپىدە «ئۇسلۇپ ۋە فورمات» كۆزنىكى پەيدا بولىدۇ. بىز يەنىلا يۇقارقى ئۇسۇلدا قىلغاندەك،  «تاللانغان خەتلەرنىڭ فورماتى»(所选文字的格式) دىگەن خەت ئاستىدىكى نۆۋەتتىكى فورمات ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغان فورمات نامىنى بىر چەكسەك، بىر كىچىك ئۈچبۈرجەك كۇنۇپكا پەيدا بولىدۇ. شۇ كۇنۇپكىنى بىر چەكسەك، بىر تىزىملىك كۆرۈنىدۇ. بۇ تىزىملىكتىن، «ئۇسلۇپنى ئۆزگەرتىش» (修改样式)بۇيرۇقىنى چەكسەك، يىڭى بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكتىن بىز تۆۋەندىكى «فورمات»(格式) دىگەن كۇنۇپكىنى چەكسەك، بىر تىزىملىك چىقىدۇ، تىزىملىكتىن «رامكا»(边框) دىگەن تۈرنى تاللىساق،«رامكا ۋە ئاستىنقى نەقىش» دىگەن كۆزنەك كۆرۈنىدۇ. بۇ كۆزنەكتىن سول تەرەپ ئۈستىدىكى «يوق»() دىگەن تۈرنى تاللاپ جەزىملەشتۈرسەك، تۈز سىزىقنى يوقاتقىلى بولىدۇ. ئەگەر بىز بۇ تۈز سىزىقنى باشقىچە ئۆزگەرتمەكچى بولساق، دەل مۇشۇ يەردىن تۈز سىزىقنىڭ شەكلى، چوڭ-كىچىكلى، رەڭگى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
    4.بەت قېشى ۋە بەت تېگى رايۇنىغا تىز سۈرئەتتە كىرىش
    ئادەتتە سىز بەت قېشى ۋە بەت تېگى رايۇنىغا بىرەر مەزمۇن كىرگۈزگەندىن كېيىن، ھەر قېتىمدا تىزىملىكتىن « بەت قېشى ۋە بەت تېگى» بۇيرۇقىنى تاللاپ يۈرۈشۈڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، سىز پەقەت «بەت قېشى ۋە بەت تېگى» رايۇنىدىكى شۇ خەتلەرنى ئىككى چەكسىڭىزلا تەھرىرلەش ھالىتىگە كىرەلەيسىز.
    5. ئوخشاش بولمىغان باش بەت بەت قېشى ۋە بەت تېگىنى لايىھەلەش
    ئادەتتە باش بەت يەنى كىتاپنىڭ تېشى ئادەتتىكى ئاساسى تېكىست بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ. بۇنى ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇل بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
    بەت قېشى ۋە بەت تېگى قورال كۇنۇپكىلىرى ئارىسىدىن «بەت لايىھەلەش» كۇنۇپكىسىنى چىكىپ،ئېچىلغان كۆزنەكتىن «بەت شەكلى»(版式) تاللانمىسىغا كېرىپ، «باش بەت ئوخشاش ئەمەس»(首页不同) دىگەن تۈرگە بەلگە قويۇپ، مۇقىملاشتۇرۇپ چىكىنىمىز. ئەمدى قارىساق ھۆججەتنىڭ 1-بېتىدىكى بەت قېشى ۋە بەت تېگى رايۇنىدا «باش بەت بەت قېشى» ۋە «باش بەت بەت تېگى»(首页页眉,首页页脚) دىگەن خەت پەيدا بولىدۇ.بىز بۇ يەرگە ئۆزىمىز خالىغان مەزمۇننى كىرگۈزۈپ، جەزىملەشتۈرسەكلا ، باش بەتنىڭ بەت قېشى ۋە بەت تېگى ئاساسى تېكىست بەتلىرىدىكى بەت قېشى ۋە بەت تېگى بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ.ئەمىليەتتە بىز ئادەتتە باش بەت يەنى كېتاپنىڭ تېشىغا ھىچقانداق بەت قېشى ياكى بەت تېگى يازمايمىز. شۇڭا بۇ يەردە بىز باش بەتتىكى بەت قېشى ۋە بەت تېگىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلىساق بولىدۇ.
    6. تاق بەتلەر بىلەن جۈپ بەتلەردىكى بەت قېشى ۋە بەت تېگىنى پەرقلىق لايىھەلەشيۇقارقى 5- ئۇسۇلدا تونۇشتۇرغان «بەت لايىھەلەش» كۆزنىكىدىكى «بەت شەكلى» تاللانمىسىدىكى «باش بەت ئوخشاش ئەمەس» دىگەن تۈر ئۈستىدىكى «تاق بەت ۋە جۈپ ئوخشاش ئەمەس»(奇偶页不同) دىگەن تۈرگە بەلگە قويۇپ، جەزىملەشتۈرۈپ چىكىنسەك، تاق بەتلەر بىلەن جۈپ بەتلەردە «تاق بەت بەت قېشى ۋە تاق بەت بەت تېگى» ۋە «جۈپ بەت بەت قېشى ۋە جۈپ بەت بەت تېگى»(奇数页页眉,偶数页页眉) دىگەن خەتلەر پەيدا بولىدۇ. بىز بۇيەرگە ئوخشاش بولمىغان بەت قېشى ۋە بەت تېگى يازساقلا، تاق بەت ۋە جۈپ بەتلەردە ئوخشاش بولمىغان بەت قېشى ۋە بەت تېگى بەلگىلەنگەن بولىدۇ.
    7.ئوخشاش بولمىغان باپلارنىڭ بەت قېشى ۋە بەت تېگىنى پەرقلىق لايىھەلەش

    ئادەتتە مەزمۇنى كۆپرەك بولغان ماقالىلەر ،(مەسىلەن: كىتاپلار.) كىرىش سۆز، مۇندەرىجە، ھەر قايسى باپلار، قوشۇمچە مەزمۇنلار قاتارلىقلار بولۇپ، ھەر قايسى بۆلەكلەرنىڭ بەت قېشى ۋە بەت تېگى ئوخشاش بولمايدۇ. بۇ چاغدا بىز بەت قېشى ۋە بەت تېگى لايىھەلەشتە «باپ ئايرىش بەلگىسى» دىن پايدىلىنىمىز.
    ئالدى بىلەن بەت قېشى ۋە بەت تېگى بەلگىلىمەكچى بولغان ھۆججەتنى ئاچىمىز.
    ھۆججەتنى ئاچقاندىن كىيىن بەت قېشى بەلگىلەشكە ئالدىرىماي، ئالدى بىلەن ھەر بىر بەت قېشى بەلگىلىمەكچى بولغان يەرگە مائۇس سىتىرىلكىسىنى ئەكىلىپ،تىزىملىكتىن «قىستۇرۇش ـــ ئايرىش بەلگىسى» (插入 分隔符 ) بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىمىز.ئىچىلغان «ئايرىش بەلگىسى تۈرلىرى» دىگەن كۆزنەكتىن« باپ ئايرىش بەلگىسى تۈرلىرى»(分节符类型) دىگەن تۈر ئاستىدىكى «كىيىنكى بەت»(下一页) دىگەن تۈرگە بەلگە قويۇپ، جەزىملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن بارلىق بەت قېشى ۋە بەت تىگى بەلگىلىمەكچى بولغان ئورۇنلارغا «باب ئايرىش بەلگىسى» قىستۇرۇپ چىقىمىز.
    پۈتۈن ھۆججەتكە «باب ئايرىش بەلگىسى» قىستۇرۇپ بولغاندىن كىيىن،تىزىملىكىتىن «كۆرۈنۈش ـــ بەت قېشى ۋە بەت تېگى»    (页眉与页脚 视图) دىگەن بۇيرۇقنى بىسىپ،« بەت قېشى ۋە بەت تېگى» بەلگىلەش ھالىتىگە كىرىپ،بىرىنچى بەتنىڭ «بەت قېشى ۋە بەت تېگى»نى بەلگىلەيمىز.
    «بەت قېشى ۋە بەت تېگى» قورال سىتونىدىن «كىيىنكى تۈرنى كۆرسىتىش»(显示下一项) دىگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ، كىيىنكى بابنىڭ «بەت قېشى ۋە بەت تېگى» بەلگىلەش ئورنىغا بارىمىز. ئەگەر سىز بۇيەردە دىققەت بىلەن كۈزەتسىڭىز،ئالدىنقى باپ بىلەن بۇ بابنىڭ «بەت قېشى»دا ئوخشاشماسلىق بارلىقىنى بايقايسىز. يەنى 1-بابتا (页眉-1-) دىگەن خەت بولسا،بۇ بابتا  (页眉-2-) دىگەن خەت كۆرۈنىدۇ، ھەمدە بەت قېشىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە(与上一节相同) دىگەن خەت كۆرۈنىدۇ. ئەمدى بىز ئالدى بىلەن «بەت قېشى» قورال ستونىدىن «ئالدىقىسىغا باغلاش» (链接到前一个) دىگەن كۇنۇپكىنى بىسىپ، بۇ باپ بىلەن ئالدىنقى بابنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈزىۋىتىمىز.باغلاش مۇناسىۋىتى ئۈزۈلگەندىن كىيىن(与上一节相同) دىگەن خەت يوقايدۇ.ئاندىن بۇ باپنىڭ «بەت قېشى ۋە بەت تېگى»نى بەلگىلەپ بولۇپ،يەنە «كىيىنكى تۈرنى كۆرسىتىش» دىگەن كۇنۇپكىنى بىسىپ،بۇ بابنىڭ كەينىدىكى بابلارغا ئۆتىمىز.ھەمدە پۈتۈن ھۆججەتتىكى ئايرىم بەت قىشى بەلگىلىمەكچى بولغان ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىگە يۇقارقى ئۇسۇل بويىچە «بەت قېشى ۋە بەت تېگى» بەلگىلەپ چىقىمىز.
     «بەت تېگى»نى بەلگىلەشمۇ «بەت قېشى» بەلگىلىگەنگە ئوخشاش.بەت قېشى بىلەن بەت تېگى ئارىسدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بىرىشتا قورال سىتونىدىكى «بەت قېشى بىلەن بەت تېگى ئارىسدا ئالماشتۇرۇش ئىلىپ بىرىش» دىگەن كۇنۇپكىنى بىسىش ئارقىلىق ئالماشتۇرساقمۇ ياكى، بىۋاستە مائۇس سىتىرىلكىسى ئارقىلىق يۆتكىسەكمۇ بولىدۇ.
    يۇقۇردا بىز ئايرىش بەلگىسى قىستۇرغاندا «باپ ئايرىش بەلگىسى تۈرلىرى» دىگەن كۆزنەكتە جەمئى تۆت تۈرلۈك باپ ئايرىش بەلگىسى بولۇپ، بۇلار «كىيىنكى بەت»،«ئۆزلۈكسىز»«جۈپ سانلىق بەت» ۋە «تاق سانلىق بەت» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.بۇلارنىڭ رولى تۆۋەنىدىكىچە:
    كىيىنكى بەت يەنى بىر باب ئايرىش بەلگىسى قىستۇرۇلغاندىن كىيىن، يىڭى باپ كىيىنكى بەتتىن باشلىنىدۇ.
    ئۆزلۈكسىز بىر باپ ئايرىش بەلگىسى قىستۇرۇلغاندىن كىيىن، يىڭى باپ يەنىلا شۇ بەتتىن باشلىنىدۇ.
    تاق سانلىق بەت ياكى جۈپ سانلىق بەت بىر باپ ئايرىش بەلگىسى قىستۇرۇلغاندىن كىيىن، يىڭى باپ كىيىنكى جۈپ سانلىق بەت ياكى تاق سانلىق بەتتىن باشلىنىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30]رەخمەت سىزگە
    سىزگە كۆپرەخمەت

    مەن دىمۇئويغۇرچە بىرمۇنچە كىتاپلار بار

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !