باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • Winrar دىكى بۇيرۇق كودى

    ۋاقىت:2008-10-31 | تۈرى:باشقا دىتاللار

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/30851827.html

    كۆپچىلىك بىلىدۇ بىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ھۆججەت پرېسلاش قورالى Winrar  نىڭ ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىز تۈرلۈك ھۆججەتلىرىمىزنى پرېسلاپ بىرلا ھۆججەتكە ئايلاندۇرۇۋالىمىز. بۇ بىزنىڭ ساقلاش ۋە يۆتكەپ ئىشلىتىشىمىزگە زور قۇلايلىق ئېلىپ كېلىدۇ. بىز يەنە بۇ دېتالدىن پايدىلىنىپ  ئاددىي ھالدىكى قاچىلاش ھۆججىتىمۇ ياسىيالايمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى زور كۆپچىلىك كىشىلەر ئاساسەن بىلىدۇ.
    بىراق بەزىدە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇنداق ئۆزىمىز پرېسلاپ قويغان ھۆججەتنىڭ ئەسلى نېمە ھۆججەت ئىكەنلىكى، ئەسلى ئورنى قەيەر ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى ئۇنتۇپ قالىمىز. ئەگەر سىز بۇ پرېس ھۆججىتىنى يېشىۋاتقان چاغدا سىزگە بىر كۆزنەك چىقىپ، ئۇنىڭ ئىچىدە قانداق ھۆججەتلەر بارلىقى، توغرۇلۇق بىر كۆرسەتمە بەرسە دەرھال ئېسىڭىزگە كېلىشى مۇمكىن. بۇنداق بولسا ھەتتا ئۆزىڭىزلا ئەمەس سىزنىڭ بۇ ھۆججىتىڭىزنى ئىشلەتمەكچى بولغان باشقا كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ ئىچىدە نېمىلەر بارلىقىنى بىلەلەيدۇ ۋە ئىھتىياجىغا ئاساسەن پىرىستىن يېشىش ياكى يەشمەسلىكنى قارار قىلالايدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىگە قاراڭ:


    سىز بۇ كۆزنەكتىن قوبۇل قىلىش كۇنۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن بۇ كۆزنەك تۆۋەندىكىچە ئۆزگىرىدۇ.

    بۇ يەرگە كەلگەندە قاچىلاش دېگەن كۇنۇپكىنى چەكسىڭىز، ئاندىن رەسمىي قاچىلاشنى باشلايدۇ.
    بۇنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرىمىز؟ بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن Winrar
     نىڭ ئۆزى يېشىلىدىغان ھۆججەت ئۇسۇلى بىلەن ئۇنىڭ پروگرامما تىلىدىن پايدىلىنىمىز. Winrar  نىڭ پروگرامما تىلى دېسە بېشىڭىز قېتىپ كەتمىسۇن، ئاتالمىش پروگرامما تىلى 5-6 بۇيرۇقتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ناھايىتى ئاسانلا بىلىۋالالايسىز. ئالدى بىلەن ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
    Winrar
    نىڭ پروگرامما تىلىنىڭ بۇيرۇقلىرى تۆۋەندىكىچە:
    Path بۇيرۇقى:
    بىز بەزىدە ئۆزى يېشىلىدىغان ھۆججەتنى ئورنى ئېنىق بولغان مەلۇم بىر جايغا يەشمەكچى بولۇپ قالىمىز. بۇنداق چاغدا بۇ بۇيرۇق ئىشلەيدۇ. مەسىلەن؛ ئەگەر بىز پرېسلانغان ھۆججەتلەرنى شۇ ھۆججەت كۆچۈرۈلگەن مۇندەرىجە ئاستىدىكى زاپاس دېگەن مۇندەرىجە ئىچىگە كۆچۈرمەكچى بولساق. Path
    =.\zapas دەپ يازساقلا بولدى. ئەگەر بۇ ھۆججەتلەرنى D دىسكا ئاستىدىكى ئابرال دېگەن مۇندەرىجە ئاستىغا كۆچۈرمەكچى بولسام، مۇنداق يازساق بولىدۇ. Path= d:\abral
    License
    بۇيرۇقى:
    بۇ بۇيرۇقنىڭ رولى بولسا، ئادەتتە پروگرامما قاچىلاش ئىلىپ بارغاندا بىزگە يۇمشاق دېتال ئىشلىگۈچىنىڭ ۋە ئىشلەتكۈچىنىڭ  ھوقۇق- مەجبۇرىيىتى ئەسكەرتىلىدىغان ھوقۇق بېرىش كېلىشىم بېتىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئىجرا بولىدىغان ھۆججەت ئىجرا بولغاندىن كېيىن، بىزگە 1- رەسىمدىكىدەك كۆرۈنۈش كۆرۈنۈپ، بىر ئەسكەرتىش بېرىپ ئۆتىدۇ. بۇ ئەسكەرتىشتىن كېيىن بىز ھەقىقىي قاچىلاش باسقۇچىغا كېرىمىز.
    بۇ بۇيرۇقنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك:
    license=abral hojjetliri
    بۇ يەردىكى abral hojjetliri دېگەن خەت كۆزنەكنىڭ نامى سۈپىتىدە كۆرۈنىدۇ. كۆزنەك ئىچىدىكى خەتلەر بولسا، بىردانە } دىن كېيىن ئاستىنقى قۇرغا چۈشۈپ، ئاساسى مەزمۇننى يازىمىز. ئاندىن يەنە بىر دانە { بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمىز.(خەتلەر بۇ ئىككى بەلگە بىلەن بىر قۇردا بولسا بولمايدۇ) تۆۋەندىكىدەك

    }
    Bu prés höjjitide towendikiler bar.
    jpg
    hojjetler
    2. sirt hojjetler
    3. doc hojjetler
    .
    }

    يېزىلىش شەكلى يۇقىرىقىدەك بولىدۇ. مەزمۇنىنى ئۆزىڭىز خالىغانچە بېكىتسىڭىز بولىدۇ.
    Setup بۇيرۇقى:
    بەزىدە بىز ھۆججەتنى پرېستىن يېشىپ بولغاندىن كېيىن مەلۇم بىر ھۆججەتنى ئاپتوماتىك ئىجرا قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىمىز. بۇنداق بۇ بۇيرۇقنى ئىشلەتسەك بولىدۇ. مەسىلەن:  setup
    =d:\abral\install. exe دېسەك، پرېستىن يېشىپ بولغاندىن كېيىنلا دەرھال D  دىسكا ئاستىدىكى ئابرال دېگەن مۇندەرىجە ئاستىدىكى install. exe دېگەن ھۆججەتنى ئىجرا قىلىدۇ.
    Title
    ۋە text  بۇيرۇقى:
    بۇ بۇيرۇقنىڭ رولىمۇ يۇقىرىقى License
    بۇيرۇقى بىلەن ئوخشاش دېگۈدەك بولۇپ، پەرقى License نى ھوقۇق كېلىشىمى ئىزاھاتى دېسەك، بۇنى ھەقىقىي ئىزاھات دېيىشكە بولىدۇ. يەنى 2- رەسىمدىكىدەك كۆرۈنۈش مۇشۇ بۇيرۇق ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
    ئىشلىتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك:

    Title
    =abral prés höjjiti
    Text
    {
    1
    .jpg hojjetler
    2.doc
    hojjetler
    3.sirt hojjetler
    }

    ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى تۈرلەرنى ۋە كىرگۈزۈلگەن مەزمۇننى سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىھتىياجى بويىچە خالىغانچە كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ.
    باشقا بۇيرۇقلار:
    Delete= بۇيرۇقى ئارقىلىق ھۆججەت يېشىلىدىغان مۇندەرىجە ئىچىدىكى بەلگىلەنگەن ھۆججەتنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە بولىدۇ. بۇ يەردىكى filename
    بولسا سىز ئۆچۈرمەكچى بولغان ھۆججەت ئىسمىنى كۆرسىتىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە ھۆججەت ئىسمىنى يېزىشقا بولىدۇ.
    Overwrite=[n] بۇيرۇقى بولسا، ھۆججەتلەرنى يېشىش جەريانىدا ئوخشاش ھۆججەتلەر بولسا، قاپلاپ كۆچۈرۈشنى بەلگىلەيدۇ. بۇ بۇيرۇقتىكى
    n بولسا، 0،1،2 بولۇپ ئۈچ خىل قىممەت ئالىدۇ.0 بولغاندا قاپلاش قاپلىماسلىقنى ئىشلەتكۈچىدىن سورايدۇ؛ 1 بولغاندا ياكى ھېچقانداق سان يازمىسا ھۆججەتلەرنى يېشىش جەريانىدا شەرتسىز قاپلاپ كۆچۈرىدۇ. 2 بولسا ئوخشاش ھۆججەت بولسا، قاپلىۋەتمەي ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.
    Presetup=
     بولسا، سىزنى پرېس ھۆججىتىنى ئىجرا قىلىشتىن بۇرۇن بەزى پروگراممىلارنى  ئىجرا قىلىشىڭىزغا يول قويىدۇ. مەسىلەن: يىڭى نۇسخىسىنى قاچىلاش ئۈچۈن كونا نۇسخىسىنى ئۆچۈرۈۋېتىش دېگەندەك. مەسىلەن:
    Presetup=uninstall. exe /clean
    بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق ھۆججەت يېشىلىدىغان مۇندەرىجە ئىچىدىكى uninstall. exe ھۆججىتىنى ئىجرا قىلىپ، كونا نۇسخىدىكى ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە بولىدۇ.
    Winrar  نىڭ بۇيرۇقلىرى مۇشۇلار. ئەمدى بۇ كودنى تۈزدۇق، بىراق بۇنى قايسى جايغا يازىمىز  يازىمىز دېسەڭلار. ناھايىتى ئاددىي. بۇ بۇيرۇقلار ئارقىلىق سىز كودنى تۈزۈپ بولغاندىن كېيىن  بۇ كودنى كۆچۈرۈپ، پرېس ھۆججىتى ياسىغان چاغدا چىققان كۆزنەكتىكى ئىزاھات دېگەن كۆزنەك ئىچىگە كۆچۈرۈپ قويساقلا بولىدۇ. يەنى مۇنداق: ئاۋۋال بىر قانچە ھۆججەتنى تاللاپ، مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، تىزىملىكتىن «پرېس ھۆججىتىگە قوشۇش»(
    添加到压缩文件) دېگەن تۈرنى تاللىدۇق، بىر كۆزنەك ئېچىلغاندىن كېيىن، كۆزنەكتىكى «دائىملىق»(常规) تاللانمىسى ئاستىدىكى پرېسلاش تەڭشەكلىرى ئارىسىدىن «ئۆزلۈكىدىن يېشىلىدىغان ھۆججەت شەكلىدىكى پرېس ھۆججىتى قۇرۇش»(创建自解压压缩格式文件) دېگەن تۈرگە بەلگە قويمىز. ئاندىن ئەڭ چەتتىكى «ئىزاھات»(注释) دېگەن تاللانمىنى تاللاپ، ئۇ كۆزنەكتىكى «ئىزاھات مەزمۇنىنى قول بىلەن كىرگۈزۈش»(手动输入注释内容) دېگەن جايغا بايا تۈزىۋالغان كودنى كۆچۈرۈپ چاپلاپ قويساقلا بولدى. قېنى سىزمۇ سىناپ بېقىڭ، چوقۇم قىلالايسىز.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30]ئەسسالامۇ ئەليكۇم ، ئابرال ئېلكىتابلىرى بلوگى جەمگاھتا ئۇلىنىشى باركەن، سىزمۇ بۇ بەتنى ئۇلىنىش قىلماپسىزغۇ؟[defFace:10]
    ئابرال回复بىلىملىك بلوگ说:
    جەمگاھ ئۇلىنىشى ئۇلىنىشقا قوشۇلدى
    2009-02-17 22:59:04
  • [avatar:30]بۇ ناھايتى ياخشى بىر تىما بوپتىكەن، ئەپسۇس مەن رەسىمنى كۆرەلمەي ئۇگۇنەلمىدىم.

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !