باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • Excel دا خوشنا بولمىغان رەت ياكى قۇرنى بىرلەشتۈرۈش

    ۋاقىت:2008-10-25 | تۈرى:excel ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/30626467.html

    Excel دا ئادەتتىكى بىرلەشتۈرۈش بۇيرۇقى پەقەتلا خوشنا بولغان كاتەكلەردىكى سانلارنى بىرلەشتۈرەلەيدۇ. ئەگەر سىز بەزىدە خوشنا بولمىغان ، مەسىلەن:  B  رەت بىلەن D رەتتىكى ساننى بىرلەشتۈرۈپ،A رەتكە چىقارماقچى بولساق قانداق قىلىمىز؟   بۇ مەسىلىنى ئادەتتە concatenate فونكىسيەسىدىن پايدىلىنىپ ھەل قىلىشقا بولىدۇ. سىز پەقەت نىشان قىلغان كاتەكچىگە بىرلەشتۈرمەكچى بولغان كاتەكىچىلەرنى يازسىڭىزلا بولىدۇ. مەسىلەن a2 كاتەكچىگە تۆۋەندەندىكى فورمىلانى يازساق: = concatenate(b2,d2 )b2ۋەd2 كاتەكچىلەردىكى سانلىق مەلۇماتلار بىرلەشتۈرۈلۈپ، a2كاتەكچىگە يېزىلىدۇ.ئەمما نەتىجىگە قارىساق بۇ ئىككى بىرلەشكەن سان ئارىسىدا بوشلۇق يوق بولۇپ، ئەگەر بىز بۇ ئىككى كاتەكچىلەردىكى سان ئارىسىغا بوشلۇق قويماقچى بولساق، b2ۋەd2 ئارىسىدىكى c2 كاتەكچىگە بىر بوشلۇق بەلگىسى قويۇپ (ياكى ئۆزىڭىز خالىغان باشقا بەلگە بولسىمۇ بولىۋىرىدۇ)، ئاندىن تۆۋەندىكى فورمىلارنى يازىمىز.= concatenate(b2, c2,d2 )ياكى بۇ فورمىلانى تۆۋەندىكىدەك قىسقارتىپ يازساقمۇ بولىدۇ.=b2&c2&d2قېنى سىناپ بېقىڭ.Excel دا قۇرۇق قۇرلارنى تىز ئۆچۈرۈشبەزىدە Excel دا جەدىۋەل ئىشلىگەن چاغدا، كېيىنچە كېرەك بولۇپ قالار دەپ، بىر مۇنچە قۇرۇق قۇرلارنى قوشىۋىلىپ، كېيىنچە ئۇلارنى ئىشلەتمىگەندە ،ئۆچۈرۈش بىر ئاۋارىچىلىق بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق چاغدا تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى قوللانسىڭىز ئاسانلا قۇرۇق قۇرلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلىيالايسىز.

    يەنى ئالدى بىلەن سانلىق مەلۇمات رايۇنىغا بىر قۇرۇق قۇر قوشىۋىلىپ، ئاندىن سول تەرەپ يۇقۇرقى بۈرجەكتىن ھەممىنى تاللاشقا بولىدىغان كاتەكچىنى بىسىپ، بارلىق سانلىق مەلۇمات رايۇنىنى تاللايمىز.ئاندىن تىزىملىكتىن «سانلىق  مەلۇمات ــ تاسقاش ــ ئاپتۇماتىك تاسقاش» بۇيرۇقىنى باسىمىز. بۇ چاغدا 1- قۇردىكى ھەر بىر رەتتىكى كاتەكچە ئۈستىدە كېچىك بىر ئۈچبۈرجەك كۇنۇپكا پەيدا بولىدۇ. بۇ كۇنۇپكىنى بېسىپ، تىزىملىكتىن «بوش قۇر» دىگەن تۈرنى تاللىساق ، بارلىق بوش قۇرلارنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. ئەمدىكى ۋەزىپىمىز بولسا، بۇ بوش قۇرلارنى تاللاپ، ئاندىن ئۆچۈرۈش بۇيرۇقى بىلەن ئۆچۈرۈپ تاشلىساقلا بولدى. ئەمدى ئەسلى ھالەتكە قايتماقچى بولساق، بىز يەنە تىزىملىكتىكى «سانلىق مەلۇمات ــ تاسقاش ــ ئاپتۇماتىك تاسقاش» بۇيرۇقىنى يەنە بىر قېتىم بىسىۋەتسەكلا ئەسلى ھالەتكە قايتىپ كېلىدۇ.

     


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !