باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • مېنىڭ بلوگ زىيارەت قىلىش ئۇسۇلۇم

    ۋاقىت:2008-11-11 | تۈرى:تور

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/31231744.html

    ھەممىمىز بىلىمىز ھازىر خېلى كۆپ تورداشلار بىلوگ قۇردى. ھەمدە ھەممەيلەن ئەڭ يىڭى يازمىلىرىنى ئالدى بىلەن بىلوگىدا ئىلان قىلىۋىتىپ ئاندىن باشقا مۈنبەر ياكى تور بەتلىرىدە ئىلان قىلىۋاتىدۇ. شەخسەن مەن ئۆزۈم ئەشۇنداق قىلىمەن. بەزىدە ئالدىراشلىقتىن، بىلوگىمغا چىقىرىپ قويۇپ، 4-5 كۈندىن كېيىن ئاندىن باشقا مۈنبەرلەرگە چاپلىيالايمەن.بەزىدە بىرەر ھەپتىگىچە تورغا كىرەلمىگەچ بىرەرمۇ يازما يوللىيالماي قالىمەن. بۇنداق چاغدا كېرىپ قالسىڭىز يەنىلا ئەشۇ كونا يازمىلار سىزنى قارشى ئالغان بولىدۇ.ئەمما سىزنىڭ كۆرمەكچى بولغىنىڭىز يىڭى يازمىلار. بۇنداق چاغدا قانداق قىلىسىز؟ ئەگەر بىلمىسىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغا دىققەت قىلىڭ.
    باشقىلار قانداق تور بەت كۆرگۈچ(جاھاننامە)نى ئىشلىتىدۇ بىلمىدىم، مەن ئاساسلىقى
    Maxthon نى ئىشلىتىمەن. ئۇنىڭ ھازىرقى نەشىرى2.1.4.443 بولۇپ، مەن بۇ تور كۆرگۈچ بىلەن بلوگ زىيارەت قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن. چۈنكى بۇ تور كۆرگۈچ ئارقىلىق بىلوگنى ئاچماي تۇرۇپلا، شۇ بىلوگقا يىڭى يازما قوشۇلغان ياكى قوشۇلمىغانلىقىنى بىلەلەيمەن.سىزنىڭ مۇشۈنداق قىلغۇڭىز بارمۇ؟
    ئەمىسە دىققەت قىلىڭ.
    ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى رەسىمگە دىققەت قىلىڭ.

    تىزىملىكتىن «كۆرۈش-قورال سىتونى-يان سىتون»( 查看-工具-侧边栏) دىگەن بۇيرۇقنى چىكىمىز ياكى رەسىمدىكى «مېنىڭ يىزىلغانلىرىم»(我的订阅) دىگەن خەتنىڭ ئۈستىدىكى بەششۇئار بەلگىسنى چەكسەك، رەسىمدىكدەك يان ستون ئىچىلىدۇ. يان سىتوندىكى «قوشۇش...» دىگەن كۇنۇپكىنى چەكسەك، تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئىچىلىدۇ.

    بۇ كۆزنەكتىكى «تىمىسى»(标题) دىگەن يەرگە بىلوگ ئىسمىنى يازىمىز.ئادرىسى دىگەن يەرگە بلوگنىڭ مۈشتەرى بولۇش ئادرىسىنى يازىمىز.ئاندىن «قوشۇش» دىگەن كۇنۇپكىنى چەكسەك، بۇ بىلوگنى تور كۆرگۈچىمىزنىڭ يان سىتونىدىكى «مېنىڭ يېزىلغانلىرىم» دىگەن تۈرگە قوشۇۋالغان بولىمىز.
    بۇ يەردە دىققەت قىلىدىغان نۇقتا تور بەت ئادرىسى بولۇپ، بۇ يەردىكى ئادرىسقا نوقۇل ھالدا ئەسلىدىكى بىلوگ ئادرىسىنى يېزىپ قويساق بولمايدۇ. ئادەتتە بىلوگلاردا مەسىلەن: ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگىغا قارىسىڭىز، زىيارەت سانى دىگەننىڭ ئۈستىدە«
    RSS قا مۇشتەرى بولۇش» (RSS订阅) دىگەن خەت بار.مۇشۇ خەتنى بىر چەكسەك، بىر بەت ئىچلىدۇ.بىز ئادرىس قۇرىدىن شۇ بەتنىڭ ئادرىسىنى كۆچۈرىۋىلىپ، يۇقارقى رەسىمدىكى بەت ئادرىسى دىگەن يەرگە چاپلاپ قويساق بولىدۇ.

    بىلوگنى قوشۇپ بولغاندىن كېيىن يان سىتوندىكى «مېنىڭ يېزىلغانلىرىم»(我的订阅) دىگەن كۈنۇپكىنى چەكسەك، بىز قوشۇۋالغان بەت كۆرۈنىدۇ. شۇ قوشىۋالغان بەتنى بىر چەكسەك ، ئۇنىڭ ئاستىدا شۇ بىلوگدىكى يازمىلار ماۋزۇسى كۆرۈنىدۇ. قايسى يازمىنى ئوقىماقچى بولساق، شۇ يازمىنى چەكسەك، شۇ  بەت ئىچلىدۇ.رەسىمدىكىدەك.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم : نورۇز بايرىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن .
  • [avatar:30]بۇ بەكمۇ مول مەزمۇنلۇق بىر بىلوگ ئىكەن ، تولىمىۇ ئىنچىكە ، ئەستايىدىل ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىشلەنگەن بۇنداق بىلوگلار زىيارەت قىلغان ھەر قانداق كىشىنى ھەرگىز ئۈمىتسىزلەندۈرمەيدۇ . بىلوگ ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت .
  • [avatar:30]بۇ ئۇسۇل بلوگباسنىڭ قوشۇمچە قانال ئىقتىدارىغا ئوخشاشمۇ نىمە؟
    ئابرال回复dunyakara说:
    بۇ خىل ئۇسۇل RSS بىلەن مۇناسىۋەتلىك
    RSS قا يول قويۇلغانلا بولسا مېنىڭچە ھەر قانداق بىلوگنى كۆرگىلى بولىدۇ.
    2008-11-26 14:38:55

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !