باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • Excel دا قۇرلارنى رەڭ بىلەن ئايرىش

    ۋاقىت:2008-09-21 | تۈرى:excel ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/29460539.html

    Excel ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات ئىنتايىن كۆپ بولغان بىر جەدىۋەلنى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا بەزىدە قۇرلارنى خاتا كۆرىۋالىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر بۇ قۇرلار ئوخشاش بولمىغان رەڭدە بولسا، بۇ خىل خاتالىق كېلىپ چىقىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ . بىز Excel  دىكى« شەرتلىك فورماتى» (条件格式) ۋە فۇنكىسيەلەردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق بۇ مەقسەتكە يېتەلەيمىز.
    ئالدى سانلىق مەلۇمات رايۇنىنى تاللاپ، تىزىملىكتىن «فورمات- شەرتلىك فورمات»(
    格式-条件格式) بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىمىز. ئېچىلغان شەرتلىك فورمات كۆزنىكىدە «شەرت 1» (条件 1) دىگەن خەت ئاستىدىكى «كاتەكچە قىممىتى» (单元格数值)دىگەن خەتنى ياكى ئۇنىڭ يېنىدىكى كىچىك ئۈچبۇلۇڭنى چەكسەك، بىر كېچىك تىزىملىك چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن «فورمۇلا»(公式) دىگەن تۈرنى تاللايمىز. ئاندىن ياندىكى كاتەكچىگە (=MOD(ROW(),2)=0) بۇ فورمىلانى يازىمىز. ئاندىن كيىن ئاستىدىكى «فورمات»(格式) دىگەن كۇنۇپكىنى باسساق، «كاتەكچە فورماتى»(单元格格式) دىگەن كۆزنەك ئىچىلىدۇ.بۇ كۆزنەكتىن «رەسىم-بەلگە»(图案) دىگەن تاللانمىنى تاللاپ، خالىغان بىر رەڭنى بېكىتىپ جەزىملەشتۈرۈپ،«شەرتلىك فورمات» كۆزنىكىگە قايتىمىز.ئاندىن يەنە بۇ كۆزنەكتىمۇ جەزىم كۇنۇپكىسىنى باسساق، بىز تاللىغان رايۇن قۇر تاشلاپ، بىز بىكىتكەن رەڭدە كۆرۈنىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30]ئەجەب بۇرۇنراق كىرمەپتىمەن، بىلوگ باشقۇرغۇچىسىغا رەھمەت جۇمۇ!!!

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !