باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • قاتتىق دىسكىدا مەسىلە كۆرۈلۈش ئالدىدىكى بىشارەتلەر

    ۋاقىت:2008-09-17 | تۈرى:قاتتىق دېتال بىلىملىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/29255350.html

    قاتتىق دىسكىدا مەسىلە كۆرۈلۈش ئالدىدىكى بىشارەتلەر


    قاتتىق دىسكا كومپىيۇتېرنىڭ ئەڭ مۇھىمى ئۈسكىنىلىرىدىن بىرى بولۇپ،ئەگەر قاتتىق دىسكىدىن مەسىلە كۆرۈلسە، ئۇچاغدا بىزنىڭ قاتتىق دىسكىغا ساقلاپ قويغان نۇرغۇن نەرسىلىرىمىز يوقۇلۇپ كېتىش تەھدىتىگە دۈچ كېلىدۇ.شۇڭا بىز ئادەتتە ئىشلىتىش جەريانىدا قاتتىق دىسكىنى ئاسراشقا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.ئەگەر قاتتىق دىسكىدا مەسىلە كۆرۈلسە دەل ۋاقتىدا بايقاش ھەمدە توغرا تەدبىر قوللىنىش زۆرۈر.
    ئادەتتە قاتتىق دىسكىدا كاشىلا كۆرۈلۈش ئالدىدا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
    1.
    S.M.A.R.T خاتالىقى كۆرسەتمىسى.
    S.M.A.R.T  دىگىنى « ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش، ئانالىز قىلىش ۋە دوكلات قىلىش تىخنىكىسى» دىگەنلىك بولۇپ، ئۇ ماگىنىتلىق باش، ماگىنتلىق دىسكا،توك يولى قاتارلىقلارنى نازارەت قىلالايدۇ.ئەگەر بىز cmos قا كېرىپ، قاتتىق دىسكىنىڭ S.M.A.R.T ئىقتىدارىنى ئېچىپ قويساق، قاتتىق دىسكىدا مەسىلە كۆرۈلسە، ئاپتۇماتىك سىگنال بىرىدۇ. بۇنداق چاغدا بىز دەرھال قاتتىق دىسىكىدا مۇھىم نەرسىلەرنى باشقا بىخەتەر دىسكىلارغا يۆتكىۋەتسەك بولىدۇ.
    2. پات –پات
    BIOS دا قاتتىق تونالماسلىق، تونىسىمۇ مەشغۇلات سىستىمىسى قاتتىق دىسكىنى تاپالماسلىق ھادىسىسى كۆرۈلسە بۇ قاتتىق دىسكىدا فىزىكىلىق كاشىلا كۆرۈلۈشنىڭ بىشارىتى بولۇپ، دىسكىدىكى مۇھىم ماتىرياللارنى دەرھال باشقا دىسكىغا يۆتكىۋىلىش كىرەك ھەمدە، قاتتىق دىسكىنى تەكشۈرتۈپ ، رىمونت قىلدۇرۇش كېرەك.
    3.
    Windows مەشغۇلات سىستىمىسىغا كىرەلىسىمۇ، بىراق پىراگرامما ئىجرا بولغان ھامان خاتالىق كۆرۈلۈش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دىسكا تەكشۈرۈش پىراگراممىسىنى ئىجرا قىلساقمۇ ئىجرا بولماسلىق، ئىجرا بولسىمۇ تەكشۈرۈش جەريانىدا ئاستا مېڭىش، توختاپ قىلىش ھەتتا كومپىيۇتېر قېتىپ قىلىش قاتارلىق ھادىسىلەر كۆرۈلسە، بۇ بەلكىم قاتتىق دىسكىنىڭ مەسىلىسى بولۇشى مۈمكىن، ۋە ياكى Windows نىڭ ئۇزۇن ۋاقتلاردىن بىرى يېغىلىپ قالغان يۇمشاق دىتال جەھەتتىكى مەسىلىسى بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا بىز بۇنداق چاغدا سىستىمىنى قايتا بىر قېتىم قاچىلاپ سىناپ باقساقلا، كاشىلىنىڭ يۇمشاق دىتالدا ياكى قاتتىق دىتالدا ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ئەگەر قاتتىق دىتالدا بولسا، كاشىلا كۆپ ھاللاردا قاتتىق دىسكىدا بولىدىغان بولۇپ، مۇھىم ماتىرياللارنى دەرھال يۆتكەپ، قاتتىق دىسكىنى تەكشۈرتۈش ھەمدە رىمونت قىلدۇرۇش كېرەك.
    4.كومپىيۇتېردا قاتتىق دىسكىنى تەكشۈرۈش پراگراممىسىنى ئىجرا قىلىپ، خاتالىق بايقىساق، ھەتتا بۇزۇق سىكتورلار بايقالسا،دەرھال
    Windows ئۆزىنىڭ پراگراممىسى ئارقىلىق تۈزىتىشتىن باشقا 效率源硬盘检测修复 دىتال ئارقىلىق ئوڭشاش، بۇزۇق سىكتورلارنى ئايرىۋىتىشكە بولىدۇ. بۇ دىتال ئىشلىتىشكە ناھايىتى ئەپلىك.
    5.
    Windows قوزغىلىش بىلەنلا كومپىيۇتېر قېتىۋالسا، بۇ خىل ئەھۋال سەل مۈرەككەپرەك بولۇپ، بىز ئالدى بىلەن،باشقا ئۈسكىنلەرنى تەكشۈرۈپ، باشقا ئۈسكىنىلەردىن خاتالىق كېلىپ چىقىش ئىھتىمالىنى چەتكە قاققاندىن كېيىن، ئاخىردا چاتاق قاتتىق دىسكىدا دەپ ھۆكۈم قىلالىساق، ئاندىن دىسكىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىتا تەدبىر قوللىنىشقا بولىدۇ.
    ئۇندىن باشقا، كۈندىلىك ئىشلىتىش جەريانىدا ھەر ۋاقىت زاپاسلاشتەك ياخشى ئادەتنى يىتىلدۈرۈش كېرەك. بەزى ئىنتايىن مۇھىم ماتىرياللارنى ئوپتىك دىسكىغا ئويۇپ زاپاس ساقلاش كېرەك. بۇنداق بولغاندا قاتتىق دىسكىدا مەسىلە كۆرۈلسە، ئۇچۇرلارنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ كېتىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !