باش بەت | ئېلكىتاپ | تەرجىمە فىلىم | ئالبۇم | ULY نۇسخىسى |
-
Excel دىن بىر قانچە مەخپىيەتلىك
ۋاقىت:2008-09-25 | تۈرى:excel ھۈنەرلىرى
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/29609109.html
Excel دىن بىر قانچە مەخپىيەتلىك
1.بىر قانچە خىزمەت دەپتىرىنى تەڭ ئېچىپ سىلىشتۇرۇش
ئالدى بىلەن ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولغان Excel خىزمەت دەپتىرىنى ئېچىپ، تىزىملىكتىن «كۆزنەك- تۈز شەكلىدە تىزىپ تەكشۈرۈش» دىگەن بۇيرۇقنى چەكسەك، (ئەگەر ئىككىلا خىزمەت دەپتىرى ئېچىلغان بولسا، كۆزنەك تىزىملىكى ئاستىدا« xxx ھۆججىتى بىلەن تۈز تىزىپ سىلىشتۇرۇش» دىگەن بۇيرۇق كۆرۈنىدۇ.) بىر كۆزنەك ئېچىلىپ، بۇنىڭدىن قايسى خىزمەت دەپتىرى بىلەن سىلىشتۇرىدىغانلىقىمىزنى سورايدۇ. بىز ئۆزىمىز سىلىشتۇرماقچى بولغان خىزمەت دەپتىرىنى كۆرسىتىپ بەرسەك. ئىككى خىزمەت دەپتىرىنى ئاستى- ئۈستى شەكىلدە ئېچىپ، بىزنىڭ تەكشۈرۈشىمىزگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.
2.رەت نومۇرى قاتارىدىكى ھەرپلەرنى سانغا ئالماشتۇرۇشئادەتتە Excel دا قۇرلار سان بىلەن مەسىلەن : 1،2،3، ، رەتلەر ھەرپ بىلەن مەسىلەن: A,B,C دىگەندەك رەت نومۇرى قويۇلغان بولىدۇ. رەتلەرگە قويۇلغان ھەرپ بىلەن ئىپادىلەنگەن رەت نومۇرىنى سانغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىمىز. يەنى تېزىملىكتىن «قورال – تەڭشەك» نى بېسىش ئارقىلىق تەڭشەك كۆزنىكىنى ئېچىپ، كۆزنەكتىن «دائىملىق» (常规) تاللانمىسىنى تاللاپ، بۇ تاللانما ئاستىدىكى« R1C1 يۆتكەش شەكلى (R1C1引用样式)» تۈر ئالدىغا قويۇلغان بەلگىنى ئېلىۋەتسەكلا ھەرپ بىلەن ئىپادىلەنگەن رەت نومۇرى سان بىلەن يېزىلغان رەت نومۇرىغا ئايلىنىدۇ.
3.رەت نومۇرى ۋە قۇر نومۇرىلىرىنى بېسېپ چىقىرىش
بەزىدە سىلىشتۇرۇشقا قولاي بولۇش ئۈچۈن Excel ئۆزىدىكى رەت نومۇرى ۋە قۇر نومۇرىلىرنى بېسىپ چىقىرىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىمىز. بۇنداق چاغدا تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلساق بولىدۇ. يەنى تىزىملىكتىن « ھۆججەت-بەت يۈزىنى تەڭشەش» بۇيرۇقىنى چەكسەك، بەت يۈزىنى تەڭشەش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ.بۇ كۆزنەكتىن «خىزمەت جەدىۋىلى» دىگەن تاللانمىنى تاللاپ، بۇ تاللانما ئاستىدىكى «قۇر نومۇرى رەت بەلگىسى» (行号列标) دىگەن تۈرنىڭ ئالدىغا بەلگە قويساقلا ئىش پۈتىدۇ.ئەمدى « بېسىشنى كۆرۈپ بېقىش» دىگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ كۆرۈپ باقساق، قۇر نومۇرى بىلەن رەت بەلگىسى(نومۇرى)نىڭ بىزنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىمىز بىلەن بىللە « بېسىپ چىقىرىشنى كۆرۈش »كۆزنىكىدە كۆرۈلگەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز.
4.بىر بەتكە پاتمىغان مەزمۇنلارنى بىر بەتكە پاتقۇزۇش ئۇسۇلى
ئادەتتە Excel جەدىۋىلىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بىر بەتكە پاتماي ئېشىپ كەتكەندە كۆپىنچە بىر-ئىككى قۇر ياكى بىر – ئىككى رەت سان پاتماي قالىدىغان ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلىدۇ.بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە :
1).كېچىكلىتىش نىسبىتى ئارقىلىق تەڭشەش ئۇسۇلى.
تىزىملىكتىن «ھۆججەت-بەت يۈزىنى تەڭشەش» بۇيرۇقىنى بېسىپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىن «بەت يۈزى» دىگەن تاللانمىنى تاللاپ، «كېچىكلىتىش»(缩放) دىگەن تۈر ئاستىدىكى «كېچىكلىتىش نىسبىتى» دىگەن يەردىكى نىسبەتنى مۇۋاپپىق بەلگىلىسەك (يەنى بارلىق مەزمۇنلار بىر بەت بولسىلا بولدى.) بولىدۇ.
2).بەت كەڭلىكى ۋە بەت ئىگىزلىكىنى تەڭشەش ئۇسۇلى
تىزىملىكتىن «ھۆججەت-بەت يۈزىنى تەڭشەش» بۇيرۇقىنى بېسىپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىن «بەت يۈزى» دىگەن تاللانمىنى تاللاپ، «كېچىكلىتىش» دىگەن تۈر ئاستىدىكى «تەڭشەش (调整为)» دىگەن خەت يېنىدىكى بەت كەڭلىكى، بەت ئېگىزلىكى دىگەن تۈرلەرنى تەڭشىسەك بولىدۇ. يەنى ئەگەر بىرلا بەت قىلماقچى بولساق، بەت كەڭلىكى، بەت ئىگىزلىكىنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 1 دەپ بېكىتسەك بولىدۇ.
3).بەتكە بۆلۈپ كۆرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەڭشەش ئۇسۇلى
تىزىملىكتىن «كۆرۈنۈش- بەتكە بۆلۈپ كۆرۈش»(视图-分页预览) بۇيرۇقىنى چەكسەك، پۈتۈن جەدىۋەل بەتكە بۆلۈپ كۆرۈش ھالىتىگە كىرىدۇ.بۇ چاغدا قارىساق، بىر بەتكە پاتماي ئېشىپ كەتكەن قىسمى بىلەن بىر بەتكە پاتقان قىسمى ئارىسىدا بىر ئۈزۈك كۆك سىزىق تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز.ئەگەر بەت توغرىسىغا پاتمىغان بولسا، بۇ ئۈزۈك سىزىق ئوڭ تەرەپتە، تىك ھالدا بولىدۇ. ئەگەر تۆۋەن تەرەپ پاتمىغان بولسا، ئۈزۈك سىزىق بەتنىڭ ئاستى تەرەپتە بولۇپ، توغرىسىغا تۇرغان ھالەتتە بولىدۇ. بىز پەقەت بۇ كۆك سىزىقنى تۇتۇپ، ئوڭ تەرەپتىكى پاتمىغان رەتلەرنى كەينىگە ئۆتكىزىۋەتسەك ياكى تۆۋەندىكى پاتمىغان قۇرلارنىڭ ئاستىغا ئۆتكۈزۈپ قويساقلا بولىدۇ.كۆك سېزىقنى يۆتكە ئۇسۇلى مائوس كۇنۇپكسىنى كۆك سىزىق ئۈستىگە ئەكەلسەك ئىككى تەرەپنى تەڭ كۆرسىتىدىغان يۆلىنىش بەلگىسىگە ئايلىنىدۇ. بۇ چاغدا بىز مائۇس سول كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ قويىۋەتمەي يۆتكىسەك بولىدۇ.
收藏到:Del.icio.us
كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !
评论