باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • Access دىن بىر مىسال

    ۋاقىت:2008-07-25 | تۈرى:باشقا ئىشخانا دىتاللىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/25496415.html

    بۇ دەرسلىكنى خىلى بۇرۇنلا يىزىپ، ئېلكىتاپ قىلىپ توردا تارقاتقان ئىدىم. بۇ قېتىم بىلوگدا ئىلان قىلىندى

    Microsoft    شىركىتى ئىشلەپچىقارغان بىر يۈرۈش ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش قورالى (ھازىرقى نەشىرى 2003)OFFICE XP دا ئادەتتە بىز كۆپ ئىشلىتىدىغان word,powerpoint,excel لار بار.بىراق كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلارئانچە ئىشلىتىپ كەتمەيدىغان بىر يۇمشاق دىتال بار ئۇبولسىمۇ(2003)XP    Access بولىدۇ.ئەگەر ئۇنى ئىشلىتىشنى ئۇسۇلىنى ئىگەللەپ ئالسىڭىز ئۇ سىزنىڭ خىزمەت ۋە ئۈگىنىشتىكى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان قورالڭىزغا ئايلىنىدۇ. Access  بولسا بىر سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش يۇمشاق دىتالى بولۇپ،ئۇنىڭ باشقا سانلىق ئامبار يۇمشاق دىتاللىرى ، مەسىلەن: dbase,foxbase,foxpro  قاتارلىقلاغا ئوخشايدىغان ۋە ئوخشمايدىغان تەرەپلىرى بار.ئەگەر سىز بۇرۇن باشقا  سانلىق مەلۇمات ئامبار سىستىمىلىرىنى ئۈگەنگەن بولىسىڭىز Access  ئىنتايىن تىز ئىگەللەپ كىتەلەيسىز.

    XP(2003)  Access بولسا تۈرلۈك كىچىك ۋە ئۇتتۇرا تىپتىكى سانلىق مەلۈمات ئامبار سىستىمىىلىرىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى دىتال.ئەگەر سىزنىڭ VBA دىن ئازراق خەۋىرىڭىز بولسا تىخى ياخشى ،خەۋىرىڭىز بولمىسمۇ Access ئۆزىدىكى كۆزنەك،ماكرۇ،قاتارلىق تۈرلەردىن پايدىلىنىپ،ئۆزىڭىزنىڭ يۇمشاق دىتالىنى تۈزۈپ چىقالايسىز.( Access چوقۇم كومپىيۇتۇرىڭىزدا بولىشى كىرەك.ئەگەر Access نى ئۆچىرىۋەتسىڭىز سىز تۈزگەن سىستىما ئىجرا بولمايدۇ.مۇنداقچە ئىيتقاندا Access دا تۈزۈلگەن سىستىما  Access  دىن ئايرىلالمايدۇ.)

      تۆۋەندە مەن ئۆزەم خىزمەت ئىھتىياجى بىلەن تۈزۈۋالغان كادىرلار باشقۇرۇش سىسىمىسىنى ئىشلەش جەريانىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

    ئالدى بىلەن  Access  قاچىلىمىغان بولسىڭىز قاچىلاڭ،ئانىدىن ئۇنى قوزغىتىڭ.ھۆججەت تىزىملىكىدىن ‹يىڭىدىن قۇرۇش› تۇرىنى تاللاپ،يىڭى قۇرماقچى بولغان ھۆججەت ئىسمىنى كىرگۈزۈپ بىرىڭ.

    بۇ چاغدىكى كۆرۈنۈش تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك  بولىدۇ.

      سىز بۇنىڭدىن جەدىۋەل () تۈرىنى تاللاپ ،ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە كىرەكلىك بولغان بىر قانچە جەدىۋەلنى تۈزىۋىلىڭ.

    جەدىۋەل تۈزۈشنىڭ بىرقانچە خىل ئۇسۇلى بار مەسىلەن:جەدىۋەل لايھەلىگۈچى ئارقىلىق ياساش،يولباشچى ئارقىلىق ياساش دىگەندەك. سىز قايسىسىنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىۋىرىدۇ. بىز بۇنىڭدا يىڭىدىن قۇرۇش (新建 ) تۈرىنى تاللايمىز.ئاندىن ئۆزىمىز تۈزمەكچى بولغان جەدىۋەلنىڭ سۆز بۆلەكلىرىنى كىرگۈزىمىز.

    تۆۋەندە كادىرلار دەپ بىر جەدىۋەل تۈزەيلى.

        كادىرلار جەدىۋىلى ئاساسىلىق تۆۋەندىكىدەك سۆز بۆلەكلىرىدىن  تەركىپ تاپىدۇ.

    يەنى1.رەت نومۇرى2.ئىسمى3.جىنسى4.تۇغۇلغان ۋاقتى5.مەدىنىيەت سەۋىيەسى 6.ئوقىغان كەسپى7.پۇتتۈرگەن مەكتىپى 8.پۇتتۈرگەن ۋاقتى9.سىياسى قىياپىتى 10.ئالاھىدىلىكى11.خىزمەتكە قاتناشقان ۋاقتى12.ئاساسلىق ۋەزىپىسى 13.توي قىلغانمۇ؟14.تىلغۇن نومۇرى15.ئادىرىسى16.تۇغۇلغان جايى 17.سالامەتلىك ئەھۋالى18.رەسىم 19.قىسقىچە تارىخى 20.ئائىلە ئەزالىرى بولۇپ جەمئى 20 خىل سۆز بۆلىكى قۇرىمىز ھەمدە ئۇلارنىڭ سانلىق مەلۈمات تىپىنى( (数据类型 رەسىمدىكىدەك قىلىپ بەلگىلەيمىز.

       ئاندىن كۆزنەك( 窗体)تۈرىنى تاللايمىز.يىڭىدىن بىركۆزنەك ياسايمىز.

    كۆزنەك سانلىق مەلۈماتلارنى كومپىيۇتۇرغا كىرگۈزۈشتە ئىنتايىن ياخشى قورال بولۇپ،ئۇ ئارقىلىق سىز ھەر بىر ئادەمنىڭ ئارخىۋىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا كىرگۈزەلەيسىز.

       يىڭىدىن كۆزنەك ياساشتا يولباشچى ئارقىلىق كۆزنەك ياساش                 ( 使用向导创建窗体  )تۈرىنى تاللاپ ئىككى چىكىمىز.

    يەنى يۇقارقى رەسىمدىكىدەك.

      ئاندىن يىڭىدىن بىر كۆزنەك ئىچىلىدۇ. بىز بۇ كۆزنەك ئىچىدىكى‹ جەدىۋەل/ ئىزدەش› تۇرىدىن ئۆزىمىز قۇرغان كادىرلار جەدىۋىلىنى تاللايمىز. ئۇنىڭ تۆۋىنىدىكى ‹ ئىشلىتىشكە بولىدىغان سۆز بۆلەكلىرى › دىگەن تۈردىن بارلىق سۆز بۆلەكلىرىنى تاللايمىز.تاللاشتا « بەلگىسىنى بىر بىسىپ قويساقلا بولىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.

     

     كىيىنكى قەدەم (下一步 ) كۇنۇپكىسىنى باسساق كۆزنەك تۈرىنى تاللاش باسقۇچىغا ئۆتىمىز.بىز بۇنىڭدىن ئۆزىمىز ياقتۇرغان تۈرنى تاللىساق بولىدۇ.  ياكى بىۋاستە ‹كىيىنكى قەدەم› كۇنۇپكىسىنى ئۆتۈپ كەتسەكمۇ بولىدۇ.بۇ باسقۇچتىن كىيىن كۆزنەك سىرىتقى كۆرۈنۈشىنى تاللاش باسقۇچىغا ئۆتىدۇ. بىز بۇنىڭدا ئۆلچەملىك (标准) تۈرىنى تاللىساق بولىدۇ.‹كىيىنكى قەدەم›كۇنۇپكىسىنى باسساق كۆزنەككە ئىسىم قويۇش باسقۇچىغا ئۆتىمىز.كۆزنەككە  (كادىرلار،干部) دەپ ئىسىم قويۇپ بولۇپ، ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك (كۆزنەكنى ئىچىپ كۆرۈش ياكى كۆزنەكنى ئۆزگەرتىش) كۇنۇپكىسىنىڭ بىرىنى بىسىپ، ئاندىن ئاخىرلاشتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى باسساق بولىدۇ.

     

    ئالدى بىلەن بىز ھازىر ئۆزىمىز قۇرغان كۆزنەكنى كۆرۈپ باقايلى.

    رەسىمدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدىكى ھەرقايسى بۆلەكلەرنىڭ تىزىلىشى رەتسىز بولۇپ قالغان بىز ئەمدى بۇنى ئازراق ئۆزگەرتىپ تەڭشەيلى.

    ‹كۆرۈنۈش›(视图)تىزىملىكىدىن ‹كۆرۈنۈش لايىھەلەش›( 设计视图) بۇيرۇقىنى تاللاپ ئۆزگەرتىش باسقۇچىغا كىرىپ ئۆزگەرتەيلى.ئاندىن سانلىق مەلۈماتلارنى كىرگۈزەيلى.تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.

    ئەمدى بىز ئۆزىمىز قۇرغان  پىراگراممىنى ئىككى چەكسەكلا سانلىق مەلۇمات كىرگۈزۈش كۆزنىكى ئىچىلىدىغان قىلايلى.

    ‹قورال›(工具 )تىزىملىكىدىن ‹قوزغىتىش›(启动 )تۈرىنى تاللىساق بىر كۆزنەك ئىچىلىدۇ.تۆۋەندىكى رەسىمدەك.

     

    بىز بۇنىڭدىكى‹ كۆرسىتىدىغان كۆزنەك/بەت›(显示窗体/ ) دىن ئۆزىمىز قۇرغان (干部 ) دىگەن كۆزنەكنى تاللايمىز. باشقىلىرىنى قوشۇمچە تاللاپ قويساقمۇ بولىدۇ.ئەمدى Access  نى تاقاپ قايتىدىن ئۆزىمىز قۇرغان پىراگرامما بەلگىسىنى ئىككى چىكەيلى .Access قوزغىلىشى بىلەنلە بىز قۇرغان پىراگراممنىڭ سانلىق مەلۇمات كىرگۈزۈش كۆزنىكى ئىچىلىدۇ.

    قانداق بولامدىكەن؟Access   نىڭ ئىقتىدارى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.بۇلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئىقتىدارىلىرى بار.ئەگەر سىز ئۈگىنىشنى خالىسىڭىز بەيدۇ  تور بىتىدىن Access قا مۇناسىۋەتلىك دەرسلىكلەرنى ئىزدىسىڭىز نۇرغۇن خەنزۇچە ئېلكىتاپلارنى  تاپالايسىز. ھەمدە بۇ ئېلكىتاپلارنى  توردىن چۈشۈرىۋىلىپ ئۈگەنسىڭىز بولىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا يەنە مەخسۇس    Access نى ئىشلىتىشنى تونۇشتۇرىدىغان ۋە مۇلاھىزە قىلىدىغان تور بەتىلىرى بار.بۇ تور بەتلرىدە يەنە باشقىلار Access ئارقىلىق تۈزگەن نۇرغۇن ياخشى سىستىمىلار بار.سىز ئۇ سىسىتىمىلارنى چۈشۈرىۋىلىپ پايدىلىنىش ماتىريالى قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.

    Access تونۇشتۇرىدىغان تور بەتلىرىدىن تۆۋەندىكلەر بار.ئەگەر قىزىقسىڭىز زىيارەت قىلىپ بىقىڭ.

    http://www.accessoft.com/

    http://www.access-cn.com/

    http://www.office-cn.net

    http://www.access-bbs.com/

    http://zjl.access-cn.com

     

     

     

     

     


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30]بۇ تور بىتىڭىزنىڭ مەزمۇنلىرى ناھايىتى ياخشى ئىكەن مۇمكىن بولسا قوللىنىشچان دىتاللارنىڭ ئارىسىغا xilisoft video converter نىڭ ھەقسىز نۇسقىسىنى چۈشۈرگىلى بۇلىدىغان قىلىپ قۇشۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن، مەن ئۇنىڭ ھەقسىز نۇسقىسىنى پەقەتلا تاپالمىدىم.[defFace:11]

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !