باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • كومپىيۇتۇربىلەن ھەرخىل ئىلىكتىرۇنلۇق ئۈسكىنىلەرنى ئۇلاش ئۇسۇلى

    ۋاقىت:2008-07-23 | تۈرى:قاتتىق دېتال بىلىملىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/25318209.html

     كومپىيۇتۇر بىلەن تىلىۋىزۇرنى ئۇلاشتا ئاساسلىق تايىنىدىغىنىمىز كومپىيۇتۇرنىڭ كۆرسىتىش كارتىسى، كۆرسىتىش كارتىسىغا ئادەتتە بىز پەقەتلا بىرلا ئىكران ئۇلاپ ئىشلىتىمىز،ئەمىليەتتە بولسا ئۇنىڭغا ئىكراندىن باشقا يەنە تىلىۋىزۇر، سىنئالغۇ ۋەسىنقويغۇ قاتارلىق ئۈسكىنىلەرنى   ئۇلاپ ئىشلتىشىكە بولىدۇ.
      ھازىرقى كۆرسىتىش كارتىلىرىغا ئاساسەن دىگىدەك vga,dvi,s-vedio قاتارلىق ئىغىزلار ئورتىلغان،ئىشلەتكۈچى ئۆزىنىڭ كارتىسىدىكى ئىغىزغا ئاساسەن باشقا ئۈسكىنىلەر بىلەن ئۇلاش ئىلىپ بارسا بولىدۇ.ئەگەر ماس كەلمىسە ئىغىز ئالماشتۇرغۇچ(转接头 ) بىلەن ئۆزگەرتسە بولىدۇ.
    تۆۋەندىكى رەسىمدەكۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ئۇلاش ئىغىزلىرى كۆرسىتىلدى.

    1.بىر كومپىيۇتۇرغا ئىككى ئىكراننى ئۇلاش ئۇسۇلى.
       ئادەتتە بىز بىر كومپىيۇتۇرغا بىرلا ئىكراننى ئۇلايمىز.ئەگەر سىزنىڭ كۆرسىىتىش كارتىڭىز يۇقۇرقى رەسىمدىكىگە ئوخشاش بولسىلا بىر كومپىيۇتۇرغا ئىككى ئىكراننى ئۇلاپ ئىشلىتەلەيسىز.

    ئۇلاش ئۇسۇلى مۇنداق: سىز بىر ئىكراننىڭ سىمىنى dvi ئىغىزغا،يەنە بىر ئىكراننىڭ سىمىنى  vga ئىغىزغا ئۇلايسىز،ئەگەر ئىكرانىڭىزنىڭ ھەرئىككىسى  vga ئىغىزلىق بولسا dvi ئىغىزنى vga غا ئۆزگەرتىدىغان ئىغىز ئالماشتۇرغۇچ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن كومپىيۇتۇرنى قوزغاتسىڭىز ھەر ئىككى ئىكراندا كۆرۈنۈش پەيدا بولىدۇ.ئەگەر ئىشلەتكەن سىستىمىڭىز windows xp  بولسا سىزنىڭ بىر ئىكرانىڭىز ئۆچۈپ قىلىشى مۇمكىن ،بۇنىڭدىكى سەۋەپ windows xp ئادەتتىكى ئەھۋالدا قوش ئىكراندا كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى ئىتىۋەتكەن بولىدۇ. سىز بۇنى كۆرسىتىشنىڭ كارتىسىنىڭ قوزغىتىش پىراگرامىسىنى قاچىلاش ئارقىلىق ھەل قىلالايسىز.تەڭشەش جەريانى مۇنداق: ئىكران يۈزىدە مائۇسنىڭ ئوڭ  كۇنۇپكىسىنى بىر چىكىپ ،چىققان تىزىملىكتىن خارەكتىر(属性  )نى چەكسىڭىز تۆۋەندىكىدەك رامكا چىقىدۇ.بۇ رامكىدىن تەڭشەش(设置) نى تاللايسىز. كۆرۈنۈشى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.بۇنىڭدا ئىككىنچى ئىكران كۈلرەڭ ھالەتتە بولۇپ،قوزغىتىلمىغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ.


     

    بىز بۇنىڭدىن ئاشۇ كۈلرەڭ ئىكراننى ئىككى چەكسەك،بىزدىن ئىككىنچى ئىكراننى قوزغىتامسەن دەپ سورايدۇ.بىز <ھە> دىگەن كۇنۈپكىنى باسقاندىن كىيىن تۆۋەندىكدەك كۆرۈنۈش كۆرۈنىدۇ. 

    بىز بۇنىڭدىكى   nView  نى تەڭشەش ئارقىلىق ھەر ئىككى ئىكراندا بىر خىل مەزمۇننى كۆرسىتىش ياكى ھەرخىل مەزمۇننى كۆرسىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.يەنى  nView دىگەن خەتنىڭ يىنىدىكى(复制)كۆچۈرۈش دىگەن خەتنى باسساق ئۇنىڭدىن تاللاشقا بولىدىغان بىر قانچە تۈر بارلىقىنى كۆرىمىز.بۇلارنىڭ رولى تۆۋەندىكىچە :

    كۆچۈرۈش --ھەر ئىككى ئىكراندا ئوخشاش بىر مەزمۇننى كۆرسىتىدۇ.

    (水平跨越) گورزىنتال ئۆتۈشبۇنىڭ رولى ئىككى ئىكراننى گورزىنتال يۆلىنىش بويىچە بىر ئىكران  قىلىپ كۆرسىتىدۇ.بۇنداق بولغاندا سىز كومپىيۇتۇردا بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلسىڭىز ،باشقىلار يەنە بىر ئىكراندىن كىنو كۆرسەبولىدۇ.

    (垂直跨越 ) ۋىرتىكال ئۆتۈشبۇنىڭ رولى گورزىنتال ئۆتۈش بىلەن ئوخشاش بولۇپ، پەقەت بۇ ۋىرتىكال يەنى تىك يۆلىنىش بويىچە ئىككى ئىكراننى بىرلەشتۇرىدۇ.

    بىرلا ئىكران بويىچە كۆرسىتىش بولسا پەقەت كومپىيۇتۇر ئىكرانىدىلا كۆرسىتىشنى كۆرسىتىدۇ.

    ئىككى ئىكراننى بىر كومپىيۇتۇرغا چىتىشنى بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىككى كۆرسىتىش كارتىسى ئىشلىتىش ئۇسۇلىمۇ بار.

    1.      كومپىيۇتۇر ئىكرانىنى تىلىۋىزۇردا كۆرسىتىش ئۇسۇلى

    ئادەتتە كۆرسىتىش كارتىسدىكى s-vedio  ئىغىزى كومپىيۇتۇر بىلەن تىلىۋىزۇرنى ئۇلاشتىكى ئاساسلىق ئىغىز.ھازىرقى تىلىۋىزۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىگە s-vedio ئىغىزى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

    بىز ئالدى بىلەن كومپىيۇتۇر بىلەن تىلىۋىزۇرنى مۇشۇ ئىغىز ئارقىلىق ئۇلاپ تۇتاشتۇرىمىز.ئادەتتە بۇخىل ئۇلاش ئىغىزى بار كۆرسىتىش كارتىسىنى سىتىۋالسىڭىز بۇ خىل سىمنى قوشۇپ بىرىدۇ.ئەگەر يوق بولۇپ قالسا،بازاردىن سىتۋىلىشىڭىزغا توغرا كىلىدۇ.(دىققەت بۇ خىل سىمنىڭ بەزىلرىنىڭ ئىچىدە ئىككى تال سىم بار ئىكەن. بۇنداق سىمنىڭ بەزىلىرى سۈرەتنى تىلىۋىزۇرغا يوللىيالمايدىكەن.شۇڭا سىز ئەڭ ياخشىسى ئىچىدە بەش تال سىمى بار ئۇلاش سىمى تىپىڭ،تىلىۋىزۇر بىلەن ئارلىقى يىراق بولۇپ قالغاندا ئۇنى ئادەتتىكى تور سىمى بىلەن ئۇزارتىڭ تىلغۇن سىمى بىلەن ئەمەس).

    كومپىيۇتۇر بىلەن تىلىۋىزۇرنى ئۇلاپ بولغاندىن كىيىن كومپىيۇتۇرنى قوزغاتسىڭىز بەزىدە تىلىۋىزۇرنى دەرھال تونىماسلىقى مۇمكىن بۇچاغدا سىز يەنىلا يۇقۇردا دەپ ئۆتكەن ئۇسۇل بويىچە nView  نى

    تەڭشەپ ئۇنى كۆچۈرۈشكە توغۇرلىسىڭىزلا بولىدۇ.ئەگەر كومپىيۇتۇردىكى كىنولارنى تىلىۋىزۇردا كۆرمەكچى بولسىڭىز ، nViewنى كۆچۈرۈشكە تەڭشەپ ئاندىن ئاستىدىكى ئىكراندىن تىلىۋىزۇرنى ئاساسى ئىكران قىلسىڭىز كومپىيۇتۇردىكى كىنولارنى تىلىۋىزۇردا كۆرەلەيسىز.

    3.سىنئالغۇ (dv ئاپاراتى) دا كومىيۇتۇردىكى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرسىتىش ئۇسۇلى.

    ھازىرقى  dv ئاپاراتلىرىدا ئاساسەن دىگۈدەك s-vedio ئىغىزى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.مىنىڭچە سىلەر بۇنى قانداق ئۇلاشنى بىلىپ بولدۇڭلارغۇ دەيمەن.قالغان تەڭشەش جەريانلىرىنى ئۆزۈڭلار قىلىپ بىقىڭلار ،مەندە dv ئاپاراتى بولمىغاچقا سىناپ باقمىدىم،بۇنى يەنىلا <ئالدىن بىيىغانلار >سىناپ باقسۇن.

    4.سىنقويغۇ بىلەن كومپىيۇتۇرنى ئۇلاش ئۇسۇلى.

    بۇنىڭدا سىزنىڭ كۆرسىتىش كارتىڭىزنىڭ ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچلۈك بولۇشى كىرەك،يەنى ئادەتتە

    ئىيتىلىدىغان vivo  ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇشى كىرەك.ئەگەر كارتىڭىز بۇ شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولسا،سىزدە يەنە بىر دانە سىنقويغۇ،بىر دانە تىلىۋىزىيە قوبۇل قىلىش قۇتىسى(电视盒)  بولۇشى كىرەك.ئۇلىغان چاغدا ئالدى بىلەن سىز سىنقويغۇنىڭ ئۇچۇر چىقىرىش ئىغىزى بىلەن تىلىۋىزىيە قۇبۇل قىلىش قۇتىسىنىڭ ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ئىغىزىنى ئۆزئارا ئۇلايمىز.ئاندىن تىلىۋىزىيە قوبۇل قىلىش قۇتىسى بىلەن كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ s-video ئىغىزىنى ئۇلايمىز.

    سىنقويغۇدىكى ئۇچۇرنى كومپىيۇتۇرغا چىقىرىش ئۇچۈن بىز چوقۇم يەنە مۇناسىۋەتلىك سۈرەت كىرگۈزۈش قوزغاتقۇچ پىراگراممىسىنى قاچىلىشىمىز كىرەك.قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ئىكران ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى كىچىك لابانىڭ سۈرىتىنى بىسىپ،ئۇنىڭ خارەكتىرىدىن ئاۋاز ئىلىشنى تاللايمىز. ھەمدە چوقۇم line-in  دىگەن تۈرنى تاللاش كىرەك شۇنداقلا ئاۋاز مىقدارىنى ئەڭ يۇقىرى قىلىپ بەلگىلەش كىرەك.ئاندىن InterVideo WinProducer دىگەندەك سەيجى قىلىش دىتالى (视频采集软件) نى قاچىلايمىز.ئاندىن ئۇنى قوزغىتىپ ئانچە مۇنچە تەڭشەش ئىلىپ بىرىپ ئىش باشلىۋەتسەڭلار بولۋىرىدۇ.

    5.تىلىۋىزۇردىكى نومۇرلارنى كومپىيۇتۇردا ساقلاپ قىلىش.

    بۇنىڭدىن باشقا يەنە vivo  ئىقتىدارلىق كارتا ئارقىلىق تىلۋىزۇردىكى نومۇرلارنى كومپىيۇتۇرغا ساقلاپ قالغىلىمۇ بولىدۇ.بۇنىڭدا سىز بىر vivo ئىغىزىنى ئۆزگەرتكۈچكە مۇھتاج بولسىز .ئۇ ئۆزگەرتكۈچنىڭ ئىككى دانە s-video  ئىغىزى ۋە ئادەتتىكدەك Video Out،Video In ئىغىزى بولىشى كىرەك.بۇلاردىن باشقا يەنە بىر تال ئاۋاز كىرگۈزۈش ئۈچۈن 3.5مىللىلىق ئاۋاز ئىغىزىنى قوش ئەركەك ئۇنۋىرسال ئىغىزغا (ئادەتتە vcd بىلەن تىلىۋىزۇرنى ئۇلايدىغان سىم )ئۆزگەرتىدىغان سىم،

    ھەمدە يەنى ھەر ئىككىلا تەرىپى ئەركەك بولغان ئۇنۋىرسال سىم( ئادەتتە vcd بىلەن تىلىۋىزۇرنى ئۇلايدىغان سىم) بولۇشى كىرەك.

    ئۇلاش ئۇسۇلى مۇنداق: ئالدى بىلەن vivo ئىغىزىنى ئۆزگەرتكۈچ بىلەن كۆرسىتىش كارتىسىنى ئۇلايمىز.ئاندىن ھەرئىككى تەرىپى ئەركەك بولغان ئۇنۋىرسال سىمنىڭ بىر ئۇچىنى vivo ئىغىزىنى ئۆزگەرتكۈچنىڭ ئۇچۇر كىرگۈزۈش ئىغىزىغا ئۇلايمىز،يەنە بىر ئۇچىنى تىلىۋىزۇرنىڭ ئۇچۇر چىقىرىش دىگەن ئىغىزىغا ئۇلايمىز .3.5 مىللىلىق ئاۋاز ئىغىزنى قوش ئەركەك ئۇنۋىرسال ئىغىزغا ئۆزگەرتكۈچ سىمنىڭ بىر  ئۇچىدىكى ئىككى تال سىمنى تىلىۋىزۇنىڭ ئوڭ ۋە سول ئاۋاز چىقىرىش ئىغىزىغا ئۇلايمىز يەنە بىر ئۇچىنى كومپىيۇتۇردىكى ئاۋاز كارتىسىنىڭ (ھازىرقى كومپىيۇتۇرلاردا ئاساسى تاختىغا بىرلەشتۇرۈۋىتىلگەن) line-in دىگەن يىرىگە ئۇلايمىز.

    بۇ ئىشلار پۈتكەندىن كىيىن كومپىيۇتۇرنى قوزغىتىپ ئۇنىڭغا سەيجى قىلىش دىتاللىرىنى قاچىلاپ، ئاندىن تىلىۋىزۇرنى ئىچىپ، ئالماقچى بولغان قانالغا توغۇرلاپ ،قالغان ئىشلارنى سەيجى قىلىش دىتاللىرىغا تايىنىپ ئىلىپ بارساق بولىدۇ.

     

    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !