باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • مەن دائىم ئىشلىتىدىغان دېتاللار

    ۋاقىت:2008-07-25 | تۈرى:سىستىما ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/25542708.html

    1- مەشغۇلات سىستېمىسى

    بۇنىڭغا ئەلۋەتتە   Windows XPSP2  نى ئىشلىتىمەن. مېنىڭچە بۇنى كومپيۇتېر بىلەن ھەپىلىشىۋاتقانلار ئارىسىدا ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان ئادەم يوققۇ دەيمەن. ئەگەر راستلا شۇنداق ئادەم بولسا ئۇنى  مارستىن كەپتۇ دېسەك بولىدۇ.

    2- ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش دېتاللىرى

    كۈندىلىك خىزمەتلەردە MicroSoft Office 2003 نىڭ ئىچىدىكى MicroSoft Word 2003 بىلەن MicroSoft Excel 2003 نىلا ئىشلىتىمەن. ئارىلاپ MicroSoft Access 2003 بىلەنمۇ ھەپىلىشىپ قويىمەن. بىراق كۆپ ئەمەس. MicroSoft Office 2007 نى قاچىلاپ كۆرۈپ باققان بولساممۇ، يەنىلا MicroSoft Office 2003 دەك ياخشى كۆرمىدىم. ئۇنىڭ قورال ستونى ياخشى بولسىمۇ، بىراق بىزدەك تىزىملىك بۇيرۇقلىرىغا كۆنۈپ قالغانلار  ئۇنىڭغا ئاسانلىقچە كۆنگىلى بولمايدىكەن. ئاندىن قالسا ئىچىلىش سۈرئىتىنى سەل ئاستا ھېس قىلىپ ئىشلەتمىدىم.

    3- ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ

    كومپيۇتېرىمغا توردا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەرنى چۈشۈرۈۋالغان بولساممۇ، ئاخىرى يەنىلا ئويغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بىلەن ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمى جەمئىيىتى تارقاتقان، ئويغان كىرگۈزگۈچ بىلەن بىللە تارقىتىلغان فونتلارنى ياراپ قالدى.

    سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش دېتالى ۋە فىلىم رەتلەش دېتالى دېگەندەكلەرگە ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئىلگىرى دۇلدۇل كىرگۈزگۈچنى ئىشلەتكەن ئىدىم. ھازىر خىيال كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىۋاتىمەن.

    يازغان نەرسىلەرنىڭ ئىملاسىنى ئانچە-مۇنچە توغرىلاش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېدىت دېتالىدىن پايدىلىنىمەن. بۇ دېتالنىڭ ئىملا توغرىلاشتىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئالاھىدىلىكى بولۇپ، مەن ئاساسلىق ئىشلىتىدىغىنىم ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدىكى تور بەتلىرىنى بۇ دېتال ئارقىلىق ئۇيغۇر كونا يېزىقىغا ئايلاندۇرۇپ كۆرىمەن. ئىشلىتىپ باقمىغان دوستلارنىڭ بۇ ئىقتىداردىن ئوبدان پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

    4- ۋىرۇسخور

      ھازىرقىدەك توردىن ھەر قانداق نەرسىنى تاپقىلى بولىدىغان «چوڭ ياخشى ۋەزىيەتتە» ۋىرۇسخۇرنىڭ ھەقلىقىنى ئىشلىتىش (ئالاھىدە ئېھتىياج بولمىسىلا) پەقەت ئەخمەقلەرنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ. شۇڭا مەن توردىن ھەقسىز يېڭىلىغىلى بولىدىغان NOD32 ۋىرۇسخورىنى ئىشلىتىمەن.  بۇ دېتال ئەسلى ھەقلىق دېتال بولسىمۇ «جاپا-مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان جۇڭگو خاككىرلىرى ئۇزۇن مەزگىل ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇ دېتالنى يېشىپ» بىز ئۈچۈن ھەقسىز قىلىپ بەرگەن. بۇ دېتالنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقىنىمغا 2 يىلدىن ئاشتى. ناھايىتى ياخشى ئىشلەيدۇ. بەزىدە بۇنى بىز ئۈچۈن ھەقسىز قىلغان جاپاكەش خاككىرلار ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويىمەن. گەرچە بۇ دۇئا مەقبۇل بولمىسىمۇ، كۆڭلۈم دەيمەنغۇ- ئەمدى. ئەگەر سىزمۇ ئىشلىتىشنى خالىسىڭىز بەيدۇ تورى دەيدىغان بىر يەر بار، شۇ يەردىن ئىزدىسىڭىز تاغاردا بىرنى تېپىپ بېرىدۇ.

    5- تور بەت زىيارەت قىلىش دېتالى

       تور بەتلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن بۇرۇن 6.0Intérnét Explorer بىلەن  maxthon نى ئىشلىتەتتىم. يېقىندىن بىرى كۆپرەك Firefox 3.0 نى ئىشلىتىدىغان بولۇپ قالدىم. بۇ نۇسخىسى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى چىقىپتۇ. باشقىلارنىڭ قانداق بىلمىدىم مېنىڭكىدە ئۇيغۇرچىنى قوللىشى شۇنداق ياخشى. شۇڭا كۆپرەك مۇشۇنى ئىشلىتىمەن. بەزىدە تور بەتلىرىدىن بىر نەرسە چۈشۈرگەندە Firefox  نى چەكلىۋەتكەن بەتلەرگە ئۇچراپ قالسام ئامال يوق Intérnét Explorer نى ئىشلىتىمەن.

    6- ئۈن-سىن قويۇش دېتالى

      ئۈن قويۇش دېتالى ئۈچۈن 千千静听 دېگەن دېتالنى ئىشلىتىمەن. ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزدا مۇشۇ بىرلا دېتال بولسا، MP3، WMA قاتارلىق 30 نەچچە خىل ئاۋاز ھۆججەتلىرىنى ئاڭلىغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە ئايرىم ئايلاندۇرغۇچ قاچىلاپ يۈرمەيلا، ئۇلارنى ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ئايلاندۇرالايسىز. ھەتتا سۈرەتلىك MTV ناخشىلارنىمۇ MP3، WMA قاتارلىق ئاۋاز ھۆججەتلىرىگە ئايلاندۇرالايسىز. ئەگەر بۇ دېتالنى ئىشلىتىشنى بىلمىسىڭىز ياكى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تەپسىلىي ئۆگىنەي دەپ قارىسىڭىز تۆۋەندىكى ئادرېستا ئۇيغۇرچە ئىشلەنگەن دەرسلىك بار كۆرۈپ بېقىڭ.

     logs/23577984.html

    سىن قويۇش دېتالى ئۈچۈن 暴风影音 ئىنگلىزچە نامى StormPlayer نى ئىشلەتسىڭىزلا كۇپايە، ھەر قانداق فىلىم ھۆججىتىنى كۆرەلەيسىز. ھەتتا فىلەش ھۆججەتلىرىدىن تارتىپ رەسىملەرگىچە كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. بۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ يىڭى نەشرى بولسا 3.6نەشىرى توردىن ئىزدىسىڭىز تاپالايسىز.

    7-لۇغەت

    بۇرۇن لۇغەتلەردىن توردا تارقىتىلغان ئانا تىلىم بىلەن ئوكىيانۇس لۇغىتىنى ئىشلىتەتتىم. ھازىر قارىسام پەقەت بىرسىلا بولسا يېتەرلىك ئىكەن. شۇڭا ھازىر ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭمۇ مەنىسىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان ئوكىيانۇس لۇغىتىنى ئىشلىتىۋاتىمەن. بۇ لۇغەتنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى ئىنتىل سەيناسىدىن تاپالايسىز.

    8- ئوپتىك دىسكا دېتاللىرى

      دىسكا ئويۇش ئۈچۈن Nero نىڭ 6.0 نەشرىنى  ئىشلىتىۋاتىمەن. گەرچە 7.0 نەشرى چىققان بولسىمۇ بىراق سەل كېلەڭسىز كۆردۈم. چۈنكى ئۇنىڭدىكى رەسىم كۆرۈش، فىلىم قويۇش دېگەندەك دېتاللىرى مەن ئۈچۈن ئارتۇقچە بولۇپ قالدى.

    مەۋھۇم ئوپتىك دىسكا دېتالى ئۈچۈن Alcohol 120% نىڭ 1.9.2  دېگەن يېشىۋېتىلگەن نەشرىنى ئىشلىتىمەن. گەرچە يىڭى نۇسخىسى چىققان بولسىمۇ، بىراق ھازىرقى يېشىۋېتىلگەن نۇسخىسى مېنىڭ ھاجىتىمدىن چىقىپ كېلىۋاتىدۇ.

    9- سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش دېتاللىرى

    مېنىڭ سۈرەت بىر تەرەپ قىلىشقا ئېھتىياجىم كۆپ بولمىغاچقا، ئادەتتە ئاددىي ھالدىكى سۈرەتلەرنى كېسىش، ھۆججەت شەكلىنى ئايلاندۇرۇش دېگەندەك مەشغۇلاتلار بولسا Microsoft Office picture manager نى ئىشلىتىمەن. ئەگەر ئۇمۇ قىلالمىسا ياكى سۈرەتلەرنى ئانچە- مۇنچە تەھرىرلەپ، خەت كىرگۈزىدىغان ئىش بولسا، Adobe PhotoShop 8.0 نىڭ يېشىل نۇسخىسىنى ئىشلىتىمەن. بۇ نۇسخىسىنىڭ ئىگىلىگەن سىغىمى كىچىك، سۈرئىتى تىز.

    10- فىلىم ھۆججەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش دېتاللىرى

    فىلىم ھۆججەتلىرىنىڭ شەكلىنى ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ئايلاندۇرۇشتا مەن ئاساسلىقى ئىككى دېتالنى ئىشلىتىمەن.

    ئەگەر VCD دىن كۆچۈرۈۋالغان كىنولارنى  كومپيۇتېرىمغا ئۇزۇن مەزگىل ساقلاپ قويماقچى بولسام، بۇنى ئالدى بىلەن RM ياكى RMVBئايلاندۇرۇپ ساقلايمەن. چۈنكى بۇ خىل ھۆججەتنىڭ نورمال ھالەتتە پىرىسلانغاندىكى سىغىمى ئادەتتىكى  VCD  ھۆججىتىنىڭ سىغىمىدىن 3 ھەسسە ئەتراپىدا كىچىك بولغاچقا، دىسكا بوشلۇقىنى تېجىگىلى بولىدۇ. بۇ خىل ھۆججەت شەكلىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن Easy RealMedia Tools دېتالىنى ئىشلىتىمەن. ئەگەر سىزمۇ كىنولارنى مۇشۇ خىل شەكلىگە ئايلاندۇرۇپ ساقلىماقچى بولسىڭىز، بۇ دېتال سىزگە چوقۇم ئەسقاتىدۇ. بۇ دېتالنىڭ يەنە بىر قوشۇمچە قورالى بولۇپ، بۇ قورال ئارقىلىق RM ياكى RMVBشەكلىدىكى ھۆججەتلەرنى خالىغانچە كەسكىلى ياكى ئىككى ئۈچ پارچە ھالەتتىكى RM ياكى RMVBھۆججەتلىرىنى ئۇلاپ بىرلا ھۆججەت قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر سىز RM ياكى RMVBھۆججەتلىرىنى كېسىشتە سەل قىينالسىڭىز  realmediaeditor 10.0 نى ئىشلىتىڭ، ئۇنىڭدا فىلىمنى كۆرۈپ تۇرۇپ، قەيەردىن قەيەرگىچە كېسىشنى بەلگىلەپ بەرسىڭىز لا بولىدۇ. Easy RealMedia Tools دەك باشلىنىش ۋاقتى بىلەن ئاخىرلىشىش ۋاقتىنى سان بىلەن كىرگۈزمەيسىز. ئەگەر بۇ دېتاللار سىزگە لازىم بولسا ئۇنى بەيدۇ تورىدىن ئىزدەپ تاپالايسىز.

    ئەگەر سىز كىنو ھۆججەتلىرىنى AVI شەكلىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى DVD دىسكىسىغا ئويماقچى بولسىڭىز، سىزگە تەۋسىيە قىلىدىغىنىم Ultra Video Splitter دېتالى. بۇ دېتال AVI, MPG, WMV, ASF, VOB قاتارلىق فىلىم ھۆججىتى شەكلىنى بىر-بىرىگە ئايلاندۇرۇپ قالماي، يەنە RM ياكى RMVBشەكلىدىكى ھۆججەتلەرنىمۇ يۇقىرىقى شەكىللەرگە ئايلاندۇرالايدۇ. ھاسىل بولىدىغان ھۆججەتنىڭ سۈپىتىنى ئۆزىڭىز بەلگىلەيسىز. ئۇندىن باشقا بۇ دېتالنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى AVI قاتارلىق ھۆججەتلەرنى كېسىشتە سۈرئىتى ئوخشاش تىپتىكى دېتاللارغا قارىغاندا ئالاھىدە تىز. بەزى دېتاللار AVI ھۆججىتىنى كېسىپ، بىر 20 مىنۇتلۇق ھۆججەت ھاسىل قىلىشقا بىر ئىككى سائەت سەرپ قىلسا، بۇ دېتال بىلەن كۆپ بولسائون مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە ئورۇنلاپ بولىدۇ. ئۇزۇنلۇقى ئىككى سائەتتىن ئارتۇق بولغان ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم «بېشارەت» نى يۇقىرى سۈپەتلىك، DVD دا قويۇشقا ماس كېلىدىغان شەكىلدىكى AVI غا ئايلاندۇرۇشۇمغا تەخمىنەن 30 مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت كەتتى.

    ئەگەر مەن MP3 ھۆججەتلىرىنى كېسىپ تەھرىرلىمەكچى بولسام يېشىل نۇسخىدىكى GoldWave دېتالىنىڭ 5.10 نۇسخىسىنى ئىشلىتىمەن. بۇ دېتالنىڭ باشقا ئىقتىدارلىرى بولسىمۇ، مەندەك مۇزىكا دېتاللىرى بىلەن كۆپ ھەپىلەشمەيدىغان، پەقەت ئاندا-ساندا ناخشا- مۇزىكىلارنى كېسىش، ئۇلاش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىپ قالىدىغانلار ئۈچۈن مۇشۇ دېتال يېتىپ ئاشىدۇ دەپ ئويلايمەن.

    بەزىدە تۇغقانلار توي فىلىملىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئىچىدىكى ناخشىلارنى يېڭىلاپ كىرىشتۈرۈپ بەر دەپ كېلىدۇ. بۇنداق چاغدا ئامال يوق 会声会影11 ئىنگىلىزچەئىسمى 11Ulead Video Studio دېگەن دېتالنى ئىشلىتىمەن. بۇ دېتال دەسلەپكى ئۆگەنگۈچىلەرگە بەك ماس كېلىدۇ. ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىش ئاسان.

    11- ئېلكىتاپ دېتاللىرى

      ئۆزۈم بىر ئېلكىتاپ ياساش ھەۋەسكارى بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ خىل دېتاللارنى كۆپ سىناپ كۆرەتتىم. ھازىر ئاساسلىق ئىشلىتىۋاتقان دېتاللىرىم تۆۋەندىكىچە:

    ئېلكىتاپ كۆرۈش ئۈچۈن (PDF ھۆججەت شەكلى ئۈچۈن) Acrobat Reader 5.0 نەشرىنى ئىشلىتىمەن. گەرچە بۇ نۇسخىسى كونىراپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق سۈرئىتى ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەشرلىرىدىن تېزرەك.

    ئېلكىتاپ ئىشلەش ئۈچۈن MicroSoft Word 2003 بىلەن Macromedia FlashPaper 2 دېتالىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىمەن. ئاخىردا يەنە Adobe Acrobat 7.0 بىلەن بىر قېتىم تۈزىتىشى ئىلىپ بارىمەن. ئەگەر ئېلكىتاپ ياساشقا قىزىقىدىغان دوستلار بولسا تۆۋەندىكى يازمىدا ئېلكىتاپ ئىشلەش جەريانى تەپسىلىي سۆزلەندى.

     logs/24721128.html

    12-مەخپىي ھۆججەتلەرنى ساقلاشتا

       ئىدارىدىكى كومپيۇتېرنى ئىدارىدىكى ھەر قانداق ئادەم ئىشلىتىپ باقىدىغان بولغاچقا بەزى ھۆججەتلىرىمنى مەخپىي جايلارغا يوشۇرۇپ قويىمەن. مەخپىي ساقلاشتا مەن تايىنىدىغان ئاساسلىق قورال私人硬盘 يەنى شەخسى دىسكا دېگەن كىچىككىنە قورال. بۇ دېتال سىغىمى كىچىك بولۇپ، ئالاھىدىلىكى ھازىرقى دىسكا بوشلۇقىدىن ئېشىپ قالغان ئورۇننى يىڭى بىر دىسكا رايونى قىلىپ كۆرسىتىدۇ. بۇ دېتالنى ئۆچۈرۈۋەتسىڭىز بۇ دىسكا رايونى كۆرۈنمەيدۇ. بۇ دېتالنى قوزغاتسىڭىز بۇ رايون كۆرۈنىدۇ. بۇ دېتالغا مەخپىي نومۇر ئورناتقىلى بولىدىغان بولۇپ، مەخپىي نومۇرنى بىلمىگەن ئادەم، بۇ يىڭى دىسكا رايونىنى ئاچالمايدۇ. ئەگەر بۇ دېتالغا قىزىقسىڭىز بەيدۇ تورىدىن私人硬盘 دېگەن ئاچقۇچلۇق سۆز بويىچە ئىزدەڭ.

    13- تور ئالاقە دېتالى

    تور ئالاقىسىدە مەنمۇ كۆپچىلىككە ئوخشاشلا QQ نى ئىشلىتىمەن. يېقىندا بۇنىڭ نەشرىنى 2009- يىللىق نەشرىنىڭ سىناق نۇسخىسى ئېلان قىلىنغان شۇ نۇسخىسىنى ئىشلىتىشنى باشلىدىم.

    14- پىرىسلاش قورالى

    ھۆججەت پىرىسلاش دېتالى ئۈچۈن Winrar دېتالىنى ئىشلىتىمەن. بۇ دېتالنىڭ ئىقتىدارىنى مەن سۆزلىمىسەممۇ كۆپچىلىككە ئايان.


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30]ئابرال دوستۇم مەن ئۇلىنىش قىلىپ قويسام سىز ئۇلىنىش قىلىپ قويماپسىزغۇ~!~!؟؟؟؟
    ئابرال回复بۇلاق说:
    كەچۈرۈڭ. ساقلىماي چىقىپ كەتكەن ئوخشايمەن. ھازىر تەڭشەپ قويدۇم
    2008-07-27 09:21:32

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !