باش بەت | ئېلكىتاپ | تەرجىمە فىلىم | ئالبۇم | ULY نۇسخىسى |
-
تاۋباۋدا دۇكان ئاچقانلار كىنىشكا بىجىرىدىكەن
ۋاقىت:2008-07-16 | تۈرى:ITئۇچۇرلىرى
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/24872514.html
بىيجىڭ سودا-سانائەت باشقۇرۇش ئىدارىسى 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئىلىكتىرۇنلۇق سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار چوقۇم توردا ئۆزىنىڭ كارخانىسىنىڭ ھەقىقى سالاھىيىتىنى ئاشكارلاش كىرەك دەپ بەلگىلىمە چىقارغان. سودا-سانائەت ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار مۇخبىرغا بىلدۈرىشىچە سودا - سانائەت ئىدارىسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە توردىكى كىنىشىكىسى يوق « قارا ئۇۋا» لارنى ئىزدەش تىخنىكىسىنى ئىگەللىگەن بولۇپ، بۇندىن كىيىن كىنىشكىسى يوق ئورۇندىن بىرنى بايقىسا، بىرنى تاقايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جۇڭگۇ تاۋار تورى، كۆمۈر تورى، جۇڭگۇ قۇرۇلۇش-بىزەكچىلىك تورى قاتارلىق 10 نەچچە ئىلىكتىرۇنلۇق سودا تور پۇنكىتلىرى ئۆز پۇنكىتلىرىدىكى نەچچە يۈزمىڭ ئابونتقا قارىتا سالاھىيەت بىكىتىش ئىلىپ بىرىپ بولغان. سىز پەقەت جۇڭگۇ دۆلەت ئىچى سودا-سانائەت كارخانا ئۇچۇرلىرىنى ئىزدەش سىستىمىسى تورىغا (www.mingsuo.com) كىرسىڭىز سالاھىيەتبىكىتىشتىن ئۆتكەن كارخانىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كارخانا نامى كەينىدە قىزىل خەتلىك بەلگە بار ئىكەن . سىز پەقەت شۇ قىزىل بەلگىنى چەكسىڭىزلا شۇ شىركەتنىڭ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كىيىنكى سالاھىيەت ئۇچۇرلىرىنى كۆرەلەيسىزكەن.
بۇندىن سەل ئىلگىرى تىزىملاتقان ئورنى ئايرىم- ئايرىم خاڭجۇ ۋە شاڭخەي بولغان تاۋباۋ ۋە يىچۈ تورلىرى بىيجىڭ تەرەپنىڭ بۇ بەلگىلىمىسى پەقەتلا بىيجىڭ تەرەپتە ئىشلىتىلىدۇ، تىزىملاش ئورنى بىيجىڭ بولمىغان شەھەرلەردىكى مەملىكەت خارەكتىرلىك تور بەتلىرىگە ماسكەلمەيدۇ دىگەن.ئەمما بېيجىڭ سودا-سانائەت ئىدارىسى ئالاھىدە سودىنى نازارەت قىلىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جىڭ مۇنداق دىگەن« پەقەت تىجارەت ئورنى بىيجىڭدا بولسىلا، چوقۇم سودا -سانائەت ئورۇنلىرىغا بىرىپ تىزىمغا ئالدۇرىدۇ. يەنى تاۋباۋ ۋە يىچۇدىن دۇكان ئاچقان بىيجىڭلىق ساتقۇچىلار چوقۇم بۇ بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىپ، كىنىشكا بىجىرىشى كىرەك » دىگەن.
خەۋەر مەنبەسى : http://blog.zol.com.cn/740/article_739525.html
收藏到:Del.icio.us
كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !