باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • ئىلكىتاپ ھۆججەت شەكلى ھەققىدە

    ۋاقىت:2008-07-16 | تۈرى:باشقا ئىشخانا دىتاللىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/24835803.html

    ئېلكىتاپ (ئىلىكتىرۇنلۇق كىتاب) بولسا بىر خىل كومپىيۇتۇردا ئىجرا بولىدىغان،تۈرلۈك ماتىرياللار ،كىتاپلار ۋە ھەر خىل ئۇچۇرلارنى مەلۈم بىر خىل كومپىيۇتۇر ھۆججىتى شەكلىدە بىر تەرەپ قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

    ئەگەر سىزنىڭ خەنزۇچە سەۋىيەرىڭىز ياخشى بولۇپ،خەنزۇچە كىتاپلارنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان بولسىڭىزلا ئەمدى سىزنىڭ نۇرغۇن  پۇل خەجلەپ ماتىريال ۋە كىتاپ سىتىۋىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت سىز تورغا چىقىپ،ئىلىكتىرۇنلۇق كىتاپلارنى توردىن ئىزدەپ تىپىپ كومپىيۇتۇرىڭىزغا چۈشۈرىۋىلىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ، شۇنىڭغا يارىشا ئۇيغۇرچە يىزىقتىكى ئىلكىترۇنلۇق كىتاپلارمۇ ھازىر ھەۋەسكار دوسلار تەرىپىدىن كۆپلەپ ئىشلەپ تارقتىلىۋاتىدۇ. ھەمدە مەخسۇس ئېلكىتاپ چۈشۈرۈش تور بەتلىرى قۇرۇلدى.

    ھازىر توردا ئىلىتىرۇنلۇق كىتاپ ھۆججىتىنى شەكلى خىلمۇ خىل بولۇپ،ئۇلاردىن تۆۋەندە مەن ئاساسلىق بىر قانچە خىل شەكلىنى تونۇشتۇرۇش ئۆتەي.

    Pdf  ھۆججىتى شەكلى.  بۇ خىل ھۆججەت شەكلىنى adobe   شىركىتى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئادەتتە  adobe acrobat  دەپ ئاتىلىدىغان يۇمشاق دىتال ئارقىلىق بۇ خىل ھۆججەت شەكلىنى ياسىغىلى  بولىدۇ.ئۇلاردىن باشقا Nice PDF Creator ،SolidConverter.PDF.to.DOC.2.2 دەپ ئاتىلىدىغان يۇمشاق دىتاللار ئارقىلىقمۇ بىز ئادەتتە word,excel,powerpoin  لار ئارقىلىق يازغان ماقالىلەر ۋە باشقىلارنى Pdf  ھۆججىتىگە ئايلاندۇرالايمىز.بۇخىل ھۆججەت شەكلىنى كۆرۈش ئۈچۈن يەنە كومپىيۇتۇرىمىزدا adobe acrobat reader  ياكى  FoxitPDFReader دەپ ئاتىلىدىغان يۇمشاق دىتاللارنى كومپىيۇتۇرغا قاچىلىشىمىز كىرەك.ئەگەر سىز Pdf  ھۆججىتى ياسىماي پەقەتلا شۇ خىل ھۆججەتلەرنى كۆرمەكچى بولسىڭىز adobe acrobat reader  ياكى  FoxitPDFReader نى قاچىلىسىڭىزلا بولىدۇ.

    ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ Nice PDF Creator بىلەن acrobat reader  نى ئىشلتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.چۈنكى ئۇيغۇرچىنى بىر تەرەپ قىلىشى بەك ياخشى خەنزۇچە ،ئىنگىلىزچە ئارلاش كەلسىمۇ بىر تەرەپ قىلالايدۇ.ئارتۇق تەڭشەشنىڭ ھاجىتى يوق.ئىشلىتىش ئىنتايىن ئاسان.ئۇيغۇرچە ئىلىكىتاپ ياساشتا مۇشۇ خىل شەكىلنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.سەۋەبى ئشىلەنگەن ئىلكىتاپنىڭ ئۇيغۇرچىنى قوللىشى ياخشى ،پايدىلىق ماتىرياللارنى پىرىنتىردا بىسىپ چىقىرىپ ساقلاشقا ئىنتايىن قولايلىق.

    Pdg ھۆججىتى شەكلى. بۇ خىل ھۆججەت شەكلىنى 超星  شىركىتى ئوتتۇرىغا قويۇپ ياسىغان بولۇپ،ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ تور كۈتۈپخانىسغا ئەزابولسىڭىز نۇرغۇنلىغان كىتاپلارنى كۆرەلەيسىز. ئەمما ھەممىسى خەنزۇچە.بۇ خىل ھۆججەتنى ياساش  ۋە ئوقۇشتا 超星阅览器  (ssread3.71)نى ئىشلىتىش كىرەك.ئۇيغۇرچىغا تازا ماس كەلمەيدۇ.

    Wdl ھۆججىتى شەكلى. بۇ خىل ھۆججەت شەكلىنى ئىچىش ۋە ئىشلەشتە 华康阅览器  نى (Reader_SC )ئىشلتىمىز.بۇ خىل ھۆججەت شەكىلىمۇ كۆپ ئۇچرايدىغان شەكىل بولۇپ،توردا بۇخىل شەكىل بىلەن يىزىلغان ماتىرياللار خىلى بار.

    Chmۋە  Hlp ھۆججىتى شەكلى. ھازىر نۇرغۇنلىغان يۇمشاق دىتاللارنىڭ ياردەم ھۆججەتلىرى ئاساسەن دىگۈدەك مۇشۇ خىل شەكلى بىلەن تارقىتىلىۋاتىدۇ.بۇ خىل شەكىلدە باشقا يۇمشاق دىتال قاچىلاشىنىڭ ھاجىتى يوق .windows  مۇھىتىدا بىۋاستە ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ.

    بۇ خىل ھۆججەتنى ياساشتا Visual CHM ،Visual winhelp، etextwizard،chm ياساش قورالى دىگەندەك نۇرغۇنلىغان دىتاللار بار ئۆزىمىز ياقتۇرغان بىرسىنى تاللاپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.بىراق بۇ خىل ھۆججەت شەكلى ئاساسەن تىكىست ھۆججىتى ۋە تور بەت ھۆججىتىنى ئۆزگەرتىپ ياسايدىغان بولغاچقا ،بۇنداق ھۆججەتلەرنى ياسايدىغان بەزى دىتاللارنىڭ ئۇيغۇرچىنى قوللىشى تازا يىتەرلىك ئەمەس .يەنى ئەگەر سىستىمىدا سىز ئىشلەتكەن خەت نۇسخىسى بولمىسا نورمال كۆرگىلى بولمايدۇ.بۇنىڭغا قارىغانداPdf  ھۆججىتىدا خەت شەكلى بولۇش بولماسلىقىنىڭ كارايىتى چاغلىق.

    Exe ھۆججەت شەكلى.كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى بۇمۇ windows  ئاستىدا بىۋاستە ئىجرا بولىدىغان بىر خىل ھۆججەت شەكلى.بۇنى مەخسۇس ياسايدىغان ئۆزىنىڭ دىتاللىرى بولۇپ،   مەسىلەن:  zinemakerدىگەندەك دىتاللار ئارقىلىق ياسىلىدۇ.

    بۇلاردىن باشقا توردا يەنە نۇرغۇنلىغان ئىلىكتىرۇنلۇق كىتاپ ھۆججىتى شەكىللىرى بولۇپ، [مەسىلەن :   دىگەن djvu بىر خىل ھۆججەت شەكلىدە «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئىلان قىلىنغان بولۇپ، بۇنى ئوقۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مەخسۇس (WINDJVUVIEWER) ناملىق ئىچىش پىراگراممىسى بار. ]بۇلارنى ئىچىپ ئوقۇش ئۈچۈن شۇلارنىڭ ماس ھالدىكى پىراگراممىسىنى تىپىپ قاچىلاش كىرەك.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !