باش بەت | ئېلكىتاپ | تەرجىمە فىلىم | ئالبۇم | ULY نۇسخىسى |
-
Excel دىكى ئاددى ھۈنەرلەر(داۋامى)
ۋاقىت:2008-07-18 | تۈرى:excel ھۈنەرلىرى
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/24966366.html
1. تىز سۈرئەتتە بوش قۇر قوشۇش
ئەگەر خىزمەت جەدىۋىلىدە ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن بىر قانچە بوش قۇر قوشۇش كىرەك بولسا، سىز قايسى قۇرنىڭ ئۈستىگە، قانچە قۇر قوشماقچى بولسىڭىز، ئاشۇ قۇرنىڭ ئۈستىدىن شۇنچە قۇرنى تاللاپ، مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىپ، ئىتىلما تىزىملىكتىن «قىستۇرۇش» بۇيرۇقىنى تاللىساق، بىر كىچىك «قىستۇرۇش» كۆزنىكى ئىچىلىدۇ، بۇ كۆزنەكتىن «پۈتۈن قۇر»(整行) دىگەن تۈرنى تاللاپ، جەزىم كۇنۇپكىسىنى باسساقلا، سىز قىستۇرماقچى بوش قۇرنى قىستۇرۇپ بىرىدۇ.
ئەگەر ئارقا-ئارقىدىن ئۇلىنىپ كەلمىگەن بىر قانچە قۇر ئۈستىگە بىر قانچە بوش قۇر قىستۇرۇش كىرەك بولسا، ئالدى بىلەن ئاشۇ بىر نەچچە قۇرنى تاللىۋىلىپ(Ctrl كۇنۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇپ، ئاشۇ قۇرلارنىڭ قۇر نومۇرى بار ئورۇننى بىردىن –بىردىن چىكىپ تاللايمىز) ، ئاندىن مائۇس ئوڭ كۇنۇپكسىنى چىكىپ، ئېتىلما تىزىملىكتىن «قىستۇرۇش» بۇيرۇقىنى تاللاپ، ئىچىلغان قسىتۇرۇش كۆزنىكىدىن « پۈتۈن قۇر» دىگەن بۇيرۇقنى تاللاپ جەزىملەشتۈرسەكلا بولدى. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئوخشاشلا يەنە رەت قىستۇرۇشقىمۇ بولىدۇ.
2. كەسىر ساننى كىرگۈزۈش ئۇسۇلى
ئادەتتە Excel دا 3/2 دىگەندەك كەسىر سان كىرگۈزسەك، بۇ سان دەرھاللا 2月3日 گە ئۆزگىرىپ، چىسلانى ئىپادىلەپ تۇرىۋالىدۇ. بۇنى تۈزەشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار.
بىرى ئالدى بىلەن 0 دىن بىرنى كىرگۈزۈپ، ئاندىن بوشلۇق كۇنۇپكىسىنى بىر بىسىۋىتىپ، ( بىر بوش ئورۇن قويۇپ قويۇپ) 3/2 نى كىرگۈزۇپ، قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى باسساقلا بولىدۇ.
يەنە بىرى ئالدى بىلەن «'» ( ماۋۇ " بەلگە بىلەن ' بەلگە بار كۇنۇپكا ) بەلگىسىنى بىر بىسىۋىتىپ، ئاندىن 3/2 نى كىرگۈزۈپ قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى باسساق مەقسەتكە يىتەلەيمىز.
3. چىسلا كىرگۈزۈش
يۇقارقى مىسالدا كۆرسىتىلگەندەك ئۇسۇل بىلەن يەنى 3/2 شەكلىدە كىرگۈزسەك 2月3日 شەكلىگە ئۆزگىرىپ، شۇ يىل ئىچىدىكى چىسلانى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر بىز مائۇسنى ئاشۇ كاتەكچە ئۇستىدە ئىككى چەكسەك چىسلا دەرھاللا 3-2-2008 شەكلىدە كۆرۈنىدۇ. مائۇس سىتىرىلكىسىنى ئەكەتسەك، يەنە ئەسلى ھالىتىگە كىلىپ قالىدۇ.ئەگەر يىل سانىنىمۇ كۆرسەتمەكچى بولساق، كاتەكچە خاسلىقىدىن ( يەنى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىپ، تىزىملىكتىن
( 设置单元格格式 ) بۇيرۇقىنى تاللىساق كاتەكچە خاسلىقى كۆزنىكى ئىچىلىدۇ) سانلار (数字)دىگەن تاللانما ئىچىدىكى تۈرلەر دىگەن جايدىن « چىسلا» دىگەن تۈرنى تاللاپ، ئۆزىمىز ياقتۇرغان چىسلا شەكلىنى تاللاپ بىكىتىپ قويساقلا بولىدۇ.
ئەگەر نۆۋەتتىكى (بۈگۈنكى) چىسلانى قويماقچى بولسىڭىز « Ctrl+;» بىرلەشمە كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا ، بۈگۈنكى چىسلانى كىرگۈزۈش مەقستىگە يىتەلەيسىز.
收藏到:Del.icio.us
كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !
评论