باش بەت | ئېلكىتاپ | تەرجىمە فىلىم | ئالبۇم | ULY نۇسخىسى |
-
بوش قۇردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ رەت نومۇرى قويۇش
ۋاقىت:2008-06-26 | تۈرى:excel ھۈنەرلىرى
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/23620794.html
بوش قۇردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ رەت نومۇرى قويۇش
Excel دا ئەگەر سانلىق مەلۇماتلار B رەتتە بولسا، بىزA رەتكە رەت نومۇرى قويماقچى بولساق، ئەگەر B رەتتىكى مەلۇم قۇرلاردا ھىچنىمە يوق ، قۇرۇق بولۇپ، بۇ قۇرلارغا رەت نورمۇرى قويماسلىق تەلەپ قىلىنسا، بۇنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرىمىز؟
ئالدى بىلەن A رەتنىڭ كاتەكچە خاسلىقىنى تەكشۈرەيمىز. يەنى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىپ ، ئىتىلما تىزىملىكتىن设置单元格格式 دىگەن تۈرنى تاللاپ ، ئىچلغان كۆزنەكتىن 数字 (سېفىر) دىگەن تاللانمىنى تاللاپ، بۇنىڭدىكى قىممەتنى «常规» دىگەن تۈرگە توغۇرلايمىز. ئاندىن A2 كاتەكچىگە تۆۋەندىكى فورمىلانى كىرگۈزىمىز.
=if(b2<>"",counta($b$2:b2,"")
ئاندىن بۇ فورمىلانى سۆرەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، پۈتكۈل A رەتتىكى نومۇر قويۇلماقچى بولغان كاتەككىچە سۆرەپ تولدۇرىمىز. ئەمدى نەتىجىگە قاراپ باقسىڭىز ، بارلىق قۇرۇق بولغان قۇرلاردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىپ، رەت نومۇرى قويۇلغان بولدى. دىققەت قىلىدىغان يەنە بىر نۇقتا ، ئەگەر سىز B رەتتىكى مەلۇم بىر قۇردىكى ساننى ئۆچۈرىۋەتسىڭىز A رەتتىكى رەت نومۇرىمۇ ئاپتۇماتىك ئۆزگۈرۈپ ، توغۇرلىنىپ ماڭىدۇ.
收藏到:Del.icio.us
كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !