باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • CPU نىڭ ئۈچ خىل چاستوتىسى

    ۋاقىت:2008-06-26 | تۈرى:قاتتىق دېتال بىلىملىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/23621106.html

     CPU  نىڭ ئۈچ خىل چاستوتىسى 

    CPU  نىڭ ئۈچ خىل  چاستوتىسى : CPU نىڭ ئاساسى چاستوتىسى ، سىرتقى چاستوتىسى، ھەسسىلەنمە چاستوتىسى دەپ ئۈچ خىل چاستوتا بولىدۇ.

     

    CPU نىڭ ئاساسى چاستوتىسى بولسا CPU نىڭ خىزمەت ۋاقتىدىكى سائەت چاستوتىسى بولۇپ، بىرلىكى MHz ،(ئاساسى ھىساپلاش ئۇسۇلى 1MHz=1000Hz1GHz=1000MHz ) ھازىرقى  CPU لار ئاللىبۇرۇن MHz  دىن ئىشىپ،  GHz نى بىرلىك قىلىۋاتىدۇ. ئادەتتە بىز ئاڭلايدىغان، Pentium 4 E3.0GHz دىگەندە بولسا ئاساسى چاستوتىسى 3.0GHz بولغان بولىدۇ. ئادەتتە ئاساسى چاستوتا قانچە يۇقۇرى بولسا، CPU نىڭ بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە ئورۇنلايدىغان كوماندىلىرى شۇنچە كۆپ بولۇپ، CPU نىڭ سۈرئىتى تىز بولىدۇ . ( بىراق ھازىر بۇ قاراش ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. يەنى بۇرۇنقى 3.0GHz لىق CPU نىڭ ئىقتىدارى ،ھازىرقى قوش نىگىزلىك 2.0GHz لىق CPU دىن تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن.)

     

    سىرىتقى چاستوتىسى بولسا،  CPU نىڭ سىرىتقى خىزمەت چاستوتىسى ، يەنى سىستىما غول لىنىيەسىنىڭ چاستوتىسى بولۇپ،ھازىرقى لارنىڭ ئەڭ يۇقۇرى سىرىتقى چاستوتىسى 200MHz بولىۋاتىدۇ.

     

    ھەسسىلەنمە چاستوتىسى بولسا ئاساسى چاستوتا بىلەن سىرىتقى چاستوتا ئارىسىدىكى پەرقنىڭ ھەسسىلىك سانى. يەنى CPU نىڭ ئاساسى چاستوتىسى= سىرىتقى چاستوتا * ھەسسىلەنمە چاستوتا

     

    نۇرغۇن دوسلارCPU نىڭ سىرىتقى چاستوتىسى بىلەن ئاساسى تاختىنىڭ ئالدىنقى غول لىنىيە (FSB) چاستوتىسىنى ئارلاشتۇرىۋىلىپ، CPU نىڭ سىرىتقى چاستوتىسى= ئالىدىنقى غول لىنىيە (FSB) چاستوتىسى . دەپ قارايدۇ.

     

    بۇنداق قاراش خاتا بولۇپ، FSB بولسا ئاساسى تاختىنىڭ شىمالى ئۆزىكىنىڭ تىزلىكىنى كۆرسىتىپ، CPU بىلەن سىرىتقى ئۇچۇرلارنىڭ ئالماشتۇرۇلۇش سۈرئىتىنى بەلگىلەيدۇ. ھازىرقى ئەڭ يىڭى ئاساسى تاختىلارنىڭ FSB سى 800 ياكى 1000 بولىۋاتىدۇ. يەنى  CPU نىڭ سىرىتقى چاستوتىسىنىڭ 4-5 ھەسسىگە تەڭ بولىۋاتىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !