باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • Excel ئارقىلىق سىتاتىستىكا خىزمىتى ئىشلەش

    ۋاقىت:2008-06-25 | تۈرى:excel ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/23580774.html

    Excel بىز ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىدىغان جەدىۋەل تەھرىرلەش قورالى،ئۇنىڭ ھىساپلاش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك.تۆۋەندە مەن كۆپچىلىككە Excel نىڭ سىتاتىستىكا خىزمىتىدە قوللىنىشى قىسقىچە سۆزلەپ بىرەي.

     

    فونكىسيە ۋە فورمىلا بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشۇش

     

    1.فۇنكىسيە بىلەن تونۇشۇش

     

    Excel دىكى فۇنكىسيە دىگىنىمىز مەلۇم بىر خىل ھىساپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالدىن تۈزۈپ قويۇلغان ھىساپلاش فۇرمىلاسى بولۇپ، Excel گە مالىيە فۇنكىسيەلىرى، چىسلا-ۋاقىت فۇنكىسيەلىرى،ماتىماتىكىلىق فۇنكىسيەلەر، سىتاتىستىكا فۇنكىسيەلىرى، ئىزدەش ۋە يۆتكەپ ئىشلىتىش فۇنكىسيەلىرى، ساندان فۇنكىسيەلىرى،تىكىست فۇنكىسيەلىرى، لوگىكىلىق فۇنكىسيەلەر ۋە ئۇچۇر فۇنكىسيەلىرى دەپ 9 چوڭ تۈردە جەمئى 300 دىن ئارتۇق فۇنكىسيە بار.

     

    (1) فۇنكىسيەنىڭ تۈزۈلۈشى

     ئادەتتە Excel دىكى بىر فۇنكىسيە ئۈچ ئىلمىنتتىن تەركىپ تاپىدۇ. مەسىلەن: =MAX (A1:A100,95,98)

    بۇ فۇنكىسيەدە = بەلگىسى بولسا بىرىنجى بۆلەك بولۇپ، ھەر قانداق فۇنكىسيە ۋە فۇرمىلاغا چوقۇم كىرگۈزۈلۈشى كىرەك.ئەگەر ئۇ كىرگۈزۈلمىسە Excel كىرگۈزۈلگەن مەزمۇنلارنى تىكىست قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىۋىتىدۇ.

     

    2-بۆلەك يەنى MAX بولسا فۇنكىسيە ئىسمى بولۇپ،ئادەتتە شۇ فۇنكىسيە ئىجرا قىلىدىغان ئىقتىدارنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ. (فۇنكىسيە ئىسمى ئادەتتە قىسقارتىلغان ئىنگىلىزچە سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن بولىدۇ)

     

    3- بۆلەك يەنى (A1:A100,95,98) بولسا فۇنكىسيە پارامىتىرى بولۇپ،فۇنكىيە بىر تەرەپ قىلىدىغان ئوبىكىتلاردىن تەركىپ تاپىدۇ.ئادەتتە پارامىتىرلارنىڭ ھەممىسى () ئىچىگە ئىلىنىدۇ.ئەگەر قاتمۇ-قات فۇنكىيسە ئىشلىتىلسە ئۇ چاغدا بىر قانچە قەۋەت تىرناق ئىشلىتىشكە توغرا كىلىدۇ.تىرناق فۇنكىسيە ئىسمىغا ئۇلىنىپ كىلىدۇ.بۇلارنىڭ ئارىسىدا بوش ئورۇن ياكى باشقا ھەرپ-بەلگە بولۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

     

    (2) پارامىتىرلارنىڭ تۈرلىرى

     

    فۇنكىسيەنىڭ پارامىتىرى بولالايدىغان سانلىق مەلۇماتلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنى تۆۋەندىكى بىر قانچە خىلغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

     سانلىق قىممەت تىپىدىكى پارامىتىرلار-ئادەتتىكى سانلىق رەقەملەرنى كۆرسىتىدۇ.

    تىكىست خارەكتىرىدىكى پارامىتىرلار-ئىنگىلىزچە،خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ۋە باشقا تىللاردىكى ھەرپ-بەلگىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

     

    لوگىكىلىق پارامىتىرلار-پەقەتلار راست(True) ۋە يالغان(False) دىگەن ئىككى قىممەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

     يۆتكەپ ئىشلىتىلگەن پارامىتىرلار-خىزمەت جەدىۋىلىدىكى كاتەكچىلەر (رايۇنلار)ئادەتتە كاتەكچە ئادرىسى ئارقىلىق ئىپادە قىلىنىدۇ(مەسىلەن: A10 دىگەندەك)سانلار گۇرۇپپىسى خارەكتىرىدىكى پارامىتىرلار- سانلىق قىممەت،تىكىست ۋە لوگىكىلىق قىممەت قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان بىر گۇرۇپپا سانلار قاتارىدىن ئىبارەت

    ئىپادە خارەكتىرلىك پارامىتىرلار-مەلۇم بىر فۇنكىسيەنى يەنە بىر فۇنكىسيەنىڭ پارامىتىرى قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما بەلگىلەنگەن پارامىتىر چوقۇم ئىناۋەتلىك پارامىتىر قىممىتى بولۇشى كىرەك.بۇندىن باشقا بىر فۇنكىسيەنىڭ كونكىرىتنى قانداق پارامىتىر ئىشلىتىدىغانلىقى،قانچە پارامىتىر بولىدىغانلىقى ئاشۇ پارامىتىر ئىشلەتمەكچى بولغان فۇنكىسيەگە باغلىق بولىدۇ.

     

    2.فۇنكىيسەنى كىرگۈزۈش

     

    Excel كاتەكچىسىگە فۇنكىسيە كىرگۈزۈشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار.تۆۋەندە MAX فۇنكىسيەسىنى كىرگۈزۈشنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ،كونكىرىت مەشغۇلات ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز.

     

    (1)           فۇنكىسيە يولباشچىسىدىن پايدىلىنىش

     

    ئالدى بىلەن فۇنكىسيە كىرگۈزمەكچى بولغان كاتەكچىنى تاللاپ،تىزىملىكتىن قىستۇرۇش← فۇنكىسيە(插入-函数) بۇيرۇقىنى چەكسەك،فۇنكىسيە قىستۇرۇش كۆزنىكى ئىچىلىدۇ.بۇنىڭدىن فۇنكىيسە تۈرىنى تاللاپ(مەسىلەن: سىتاتىستىكا)،ئاندىن ئۆزىمىز ئىشلەتمەكچى بولغان فۇنكىسيەنى (مەسىلەن: MAX) تاللاپلا جەزىم كۇنۇپكىسىنى باسساق،فۇنكىسيە يولباشچىسى قوزغىتىلىدۇ.

     

    كىچىك كۆرسەتمە: ئەگەر قايسى فۇنكىيسەنى ئىشلتىپ،ھىساپلاش ئىلىپ بىرىشنى بىلەلمەي قالسىڭىز،ئىچىلغان فۇنكىسيە قسىتۇرۇش كۆزنىكىدىكى «فۇنكىسيە ئىزدەش» دىگەن ئورۇنغا مۇناسىپ بولغان ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈپ (مەسىلەن:«ئەڭ چوڭ قىممەت» دەپ خەنزۇچە كىرگۈزسەك) يۆتكىلىش دىگەن كۇنۇپكىنى چەكسەك Excel مۇناسىۋەتلىك فۇنكىسيەلەرنى چىقىرىپ بىرىدۇ، بىز شۇلارنىڭ ئىچىدىن تاللىۋالساقلا بولىدۇ.

     

    1-پارامىتىر كىرگۈزۈش ئورنى (Number 1) غا «A1:A100» دەپ كىرگۈزىمىز،2-پارامىتىر كىرگۈزۈش ئورنىغا «95» دەپ،3-پارامىتىر كىرگۈزۈش ئورنىغا«98» دەپ كىرگۈزۈمىز.ھەممىسى تۈگىگەندىن كىيىن جەزىم كۇنۇپكىسىنى بىسىپ چىكىنىمىز.

     

    ياكى بولمىسا سۆرەش ئۇسۇلى ئارقىلىق كىرگۈزسەكمۇ بولىدۇ.يەنى 1-پارامىتىر كىرگۈزۈش ئورنى (Number 1) ئوڭ تەرىپىدىكى قىزىل رەڭلىك كۇنۇپكىنى باسساق، يۇقارقى كۆزنەك باشقا خىل شەكىلگە يەنى بىر تالچىگە ئۆزگىرىدۇ.بىز مائۇس ئارقىلىقA1:A100 گىچە بولغان كاتەكچە رايۇنىنى  سۆرەش ئۇسۇلى ئارقىلىق تاللايمىز.تاللانغان دائىرە يىڭى پەيدا بولغان تالچىدە كۆرۈنىدۇ.ئاندىن بىز تالچىنىڭ ئوڭ تەرىپدىكى قىزىل كۇنۇپكىنى باسساق يۇقارقى كۆزنەككە قايتىمىز.ئاندىن بىز يەنە يۇقارقى ئۇسۇل ئارقىلىق 2- ۋە3- پارامىتىر كىرگۈزۈش ئورنىغا باشقا پارامىتىرلارنى تولدۇرساقمۇ بولىدۇ.

     

    (2)           بىۋاستە كىرگۈزۈش

     

    ئەگەر بىز فۇنكىسيەگە نىسبەتەن مۇئەييەن چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ،ئۇنى ئىشلىتىشنى ئۈگەنگەندىن كىيىن مۇناسىپ كاتەكچىگە فۇنكىسيەنى بىۋاستە كىرگۈزۈپ (مەسىلەن: MAX(A1:A100,95,98)= )،قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى باسساقلا بولىدۇ.

     

    كۆرسەتمە:

     

    3.كاتەكچىنىڭ نىسپى(مۇتلەق) يۆتكەپ ئىشلىتىلىشى

     

    بىز ئادەتتە كاتەكچىنى(رايۇن) فونكىسيە پارامىتىرى قىلىپ ئىشلەتكەندە،ئۇنىڭ يۆتكەپ ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئىككى خىل بولىدۇ يەنى نىسپى يۆتكەپ ئىشلىتىش ۋە مۇتلەق يۆتكەپ ئىشلىتىش.(相对引用,绝对引用)

     

    (1)نىسپى يۆتكەپ ئىشلىتىش- كاتەكچىلەرنىڭ ئادرىسىنى بىۋاستە كىرگۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ(مەسىلەن: A1:A100) كاتەكچە تولدۇرغۇچ(填充柄)ئارقىلىق فۇمىلانى كۆچۈرگەندە، ماس ئورۇندىكى سانلار ئاپتۇماتىك ھالدا ئۆزگۈرۈپ ماڭىدۇ.

     

     مەسىلەن:ئەگەر بىز B1 كاتەكچىگە MAX(A1:A100)=) دىگەن فورمىلانى كىرگۈزۈپ، كاتەكچە تولدۇرغۇچ بىلەن كاتەكچىنى سۆرەپ، B2 كاتەكچىگە كۆچۈرسەك،فورمىلا ئاپتۇماتىك ھالدا MAX(A1:A101)=) گە ئۆزگۈرىدۇ.

     (2)مۇتلەق يۆتكەپ ئىشلىتىش كىرگۈزۈلگەن كاتەكچە قۇر نومۇرى(رەت بەلگىسى)ئالدىغا $ بەلگىسىنى قوشۇپ ئىشلەتسەك(مەسىلەن: $A$1:$A$100) فورمىلانى كاتەكچە تولدۇرغۇچ بىلەن سۆرەپ كۆچۈرگەندىمۇ كاتەكچە ئادىرىسىدا ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ.

     كۆرسەتمە:نىسپى يۆتكەپ ئىشلىتىش بىلەن مۇتلەق يۆتكەپ ئىشلىتىشنى بىر پارامىتىر ئىچىدە ئارلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئادەتتە بۇنداق ئىشلىتىش «ئارلاش يۆتكەپ ئىشلىتىش» دىيىلىدۇ. مەسىلەن:$A1:$A100,$A1:A$100,$A$1:A100  دىگەندەك.

     

    4.فونكىسيەدىكى خاتالىق ئۇچۇرلىرىنى بىرتەرەپ قىلىش

     

    Excel دا فونكىسيە ياكى فورمىلانى خاتا كىرگۈزۈش سەۋەبىدىن نەتىجىگە خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالىدۇ (مەسىلەن:#DIV/0,#NAME). بىز تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە بۇلارنى ئايرىم-ئايرىم بىر تەرەپ قىلىمىز.

     

    (1) #DIV/0خاتالىقى

     

    خاتالىق سەۋەبى:فورمىلادا مەلۇم بىر ساننى نۆلگە ياكى قۇرۇق كاتەكچىگە بۆلگەنلىكتىن،Excelنىڭ قۇرۇق كاتەكچە قىممىتىنى نۆل دەپ قارىغانلىقىدىن  كىلىپ چىققان.(بۆلۈش ئەمىلىدىكى قائىدە بويىچە بولغان)

     

    بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى:يۆتكەپ ئىشلىتىلگەن قۇرۇق كاتەكچىنى تۈزىتىش ياكى بۆلگۈچى بولغان كاتەكچىگە سان تولدۇرۇش ۋە ياكى بىۋاستە سان يىزىش.

     

    (2)  #NAME خاتالىقى

     

    خاتالىق سەۋەبى: فورمىلادا Excel تونىيالمايدىغان ھەرپ- بەلگە ئىشلەتكەنلىكتىن كىلىپ چىققان. مەسىلەن: فونكىسيە ئىسمى خاتا ياكى ئۆچۈرۈلگەن، فونكىسيە نامىنى يىزىشتا خاتا يىزىۋالغان،تىكىستنى يۆتكەپ ئىشلەتكەندە قوش پەش بەلگىسىنى قويمىغان دىگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان.

     

    بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: كونكىرىت فۇرمىلاغا قارىتا تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىپ،خاتالىقنى تىپىپ،فۇرمىلانى تۈزىتىش.مەسىلەن: توغرا بولغان فونكىسيە ئىسىمىنى قايتىدىن يىزىش،قوش پەش بەلگىسىنى قويۇش دىگەندەك.

     

    (3)           NULL ! خاتالىقى

     

    خاتالىق سەۋەبى:توغرا بولمىغان ئەمەل بەلگىسى ياكى كاتەكچىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش توغرا بولماسلىقتىن كىلىپ چىققان.مەسىلەن:=SUM(A1:A10 C1:C10) دىگەن فۇرمىلاغا قارىساق،ئىككى پارامىتىرنى پەش ئايرىماي، بوش ئورۇن بىلەن ئايرىغانلىقى ئۈچۈنExcel بۇ قوشۇش ھىسابىنى چىقىرىپ بىرەلمەي خاتالىق ئۇچۇرى چىقىرىدۇ.

     

     بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: فورمىلادىكى ئەمەل بەلگىلىرىنى ياكى توغرا يۆتكەپ ئىشلىتىلمىگەن كاتەكچىلەرنى تەكشۈرۈپ تىپىپ چىقىپ تۈزىتىش.

     

    (4)#NUM !  خاتالىقى

     

    خاتالىق سەۋەبى:فورمىلا ياكى فونكىسيەدە توغرا بولمىغان سانلارنى ئىشلىتىش ياكى فورمىلا قايتۇرىدىغان نەتىجە بەك چوڭ( ياكى بەك كىچىك) بولغانلىقتىن كىلىپ چىققان.مەسىلەن: يىلتىز تىپىش فونكىسيەسى (SQRT) دا مىنوس قىممەتلىك كاتەكچە ئىشلىتىلسە مۇشۇ خىل خاتالىق ئۇچۇرى كۆرۈنىدۇ)

     

    بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى:ئىناۋەتسىز قىممەتلىك يۆتكەپ ئىشلىتىلگەن كاتەكچىنى ياكى يۆتكەپ ئىشلىتىلگەن كاتەكچىدىكى ئىناۋەتسىز قىممەتنى تەكشۈرۈپ تۈزىتىش، بەك چوڭ ياكى بەك كىچىك نەتىجە قايتۇرۇدىغان فورمىلانى تۈزىتىش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىمىز.

     

    (5) #REF خاتالىقى

     

     خاتالىق سەۋەبى: فورمىلا ئىشلەتكەن كاتەكچە ئۆچۈرىۋىتىلىپ،Excel ئاپتۇماتىك تەڭشىيەلمىگەنلىكتىن كىلىپ چىققان .

     

    بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: فورمىلانى قايتىدىن ئۆزگەرتىپ تۈزىتىش.

     

     (6) #VALUE خاتالىقى

     

    خاتالىق سەۋەبى: خاتا بولغان پارامىتىر ياكى ھىساپلاش ئوبىكتى ئىشلەتكەنلىكتىن كىلىپ چىققان.ياكى فورمىلانىڭ ئاپتۇماتىك تۈزىتىش ئىقتىدارى فورمىلانى ئاپتۇماتىك تۈزىتەلمىگەنلىكتىن كىلىپ چىققان.مەسىلەن: سانلار قاتارى فورمىلاسى تەھرىرلىگەندە ياكى كىرگۈزگەندە CTRL+Shift+Enter كۇنۇپكىسىنى بىسىپ جەزىملەشتۈرمەي، قايتۇرۇش كۇنۇپكىسى ئارقىلىقلا جەزىملەشتۈرسەك مۇشۇ خىل خاتالىق كۆرۈلىدۇ.

     

      بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: خاتا بولغان پارامىتىرنى ياكى يۆتكەپ ئىشلىتىش ئوبىكىتىنى تۈزىتىش. ياكى توغرا بولغان فورمىلانى قايتىدىن كىرگۈزۈپ، توغرا بولغان ئۇسۇل بىلەن جەزىملەشتۈرۈش.

     

    (7)             #### خاتالىقى

     

    خاتالىق سەۋەبى: چىسلا ھىساپلاشنىڭ نەتىجىسى مىنوس چىقىپ قالغان ياكى فورمىلا قايتۇرغان نەتىجىدىكى سانلار كۆپرەك بولۇپ، كاتاكچىنىڭ كەڭلىكى تار بولۇپ قىلىپ سانلار پاتمىغانلىقتىن كىلىپ چىققان.

     

    بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: چىسلا ھىساپلاش فورمىلاسىنى تۈزىتىش،يەنى نەتىجىنى پىلوس قىممەت چىقىدىغان قىلىش. كاتەكچىنىڭ كەڭلىكىنى تەڭشەپ،بارلىق سانلار پاتىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش.

     

    سىتاتىستىكا مىسالى-جەملەش ۋە ساناش

     

    Excel دا 300 خىلدەك فونكىيسە بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغىنى جەملەش ۋە ساناش فونكىسيەلىرى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.

     

    1.ئادەتتىكى جەملەش

     

    ئادەتتىكى جەملەش ئىشلىتىدىغان فونكىسيە SUM(Number1,Number2,..Number30)  دىن ئىبارەت بولۇپ، پارامىتىرلار سانى 30 دىن ئاشمايدۇ. بۇ پارامىتىرلارغا بىۋاستە سان يازسىمۇ ياكى سان بار بولغان كاتەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.

     

    تۆۋەندىكى رەسىمگە قارايلى:

     

    جەملەش فورمىلاسى

    كاتەكچە تولدۇرغۇچ
    ئاپتۇماتىك جەملەش
    رەسىم 1

    يۇقارقىسى يىزىلارنىڭ بىر سىتاتىستىكىلىق مەلۇمات جەدىۋىلى بولۇپ، نۆۋەتتە كۆرۈنۇپ تۇرغان فورمىلا B11 كاتەكچىدىكى فورمىلا بولۇپ،بۇنىڭ رولى B12 نومۇرلۇق كاتەكچىدىن تارتىپ B19نومۇرلۇق كاتەكچىگىچە بولغان بارلىق سانلارنى يەنى يەتتە ئورۇننىڭ كۆچمە مۈلكىنىڭ يىغىندىسىنى جەملەپ قوشۇشتىن ئىبارەت.

     

    ئەمدى بىز C11 كاتەكچىگە فورمىلانى كۆچۈرمەكچى بولساق، B11كاتەكچە ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى + بەلگىسى يەنى كاتەكچە تولدۇرغۇچنى ( بۇ بەلگە ئادەتتە ھەر بىر كاتەكچىنىڭ ئوڭ ئاستىدىكى باشقا كاتەكچىلەر بىلەن كىسىشكەن يىرىگە ئەكەلسىڭىز پەيدا بولىدۇ.يۇقارقى رەسىمنى 500 ھەسسە چوڭايتسىڭىز ئىنىق كۆرەلەيسىز.)مائۇس سول كۇنۇپكىسىنى بىسىپ  تۇتۇپ تۇرۇپ، ئوڭ تەرەپكە سۆرىسەك يەنى C11 كاتەكچىگە ئەكىلىپ، مائۇسنى قويىۋەتسەك، C11كاتەكچىدە (SUM(C12:C19= دىگەن فورمىلا پەيدا بولۇپ،پۇل مەبلىغىنىڭ يىغىندىسىنى چىقىرىپ بىرىدۇ. مۇشۇ خىل سۆرەش ئۇسۇلى ئارقىلىق فورمىلانى جەدىۋەلنىڭ ئاخىرىغىچە كۆچۈرۈپ باشقا تۈرلەرنىڭ يىغىندىسىنى چىقىرىشقا بولىدۇ.

     

    ئەگەر بىز ھىساپلاش نەتىجىسىنى تۆۋەنكى قۇرغا ياكى ئوڭ تەرەپتىكى رەتلەرگە چىقارماقچى بولساق،بۇنداق فورمىلانى بىرمۇ بىر يىزىپ يۈرمەي بىۋاستىلا فورال سىتونىدىكى ئاپتۇماتىك جەملەش كۇنۇپكىسى(رەسىمگە قاراڭ) ئارقىلىقلا ھىساپلىساق بولىدۇ.يەنى ئالدى بىلەن جەملىمەكچى بولغان بارلىق كاتەكچىلەرنى تاللاپ، ئاندىن ئاپتۇماتىك جەملەش كۇنۇپكىسىنى باسساقلا نەتىجىنى چىقىرىپ بىرىدۇ.(كاتەكچىلەرنى تاللىغاندا ئۆزلۈكسىز بولۇشى يەنى كاتەكچە ئادرىس نومۇرلىرى ئارقىمۇ ئارقا كىلىشى كىرەك )

     

    2.تاق شەرتلىك جەملەش

     نۇرغۇنلىغان سانلار ئارىسدا ،مەلۇم تاق شەرتكە ئۇيغۇن كىلىدىغان سانلارنىڭ يىغىندىسىنى تىپىشتا تاق شەرتلىك جەملەش فونكىسيەسى SUMIF(range,criteria,sum-range)

    نى ئىشلىتىمىز.بۇ فونكىسيەنىڭ پارامىتىرى ئۈچ بولۇپ، ئۇلاردىن range بولسا شەرتكە ھۆكۈم قىلىدىغان كاتەكچىلەر رايۇنىنى كۆرسىتىدۇ. Criteriaبولسا بەلگىلەنگەن شەرتنى بىلدۈرىدۇ.ئالىدىغان قىممىتى سانلىق قىممەت، ئىپادە ياكى تىكىست بولسا بولىدۇ. sum-range بولسا جەملىمەكچى بولغان ئەمىلى سانلار بولغان كاتەكچە رايۇنىنى كۆرسىتىدۇ.

     رەسىم 2يۇقارقى رەسىمدە بىر قانچە تۈرلۈك چىقىملار سىتاتىستىكا قىلىنغان بولۇپ،فورمىلا ( =SUMIF(A1:A49,D8,B1:B49نى مۇنداق چۈشەنسەك بولىدۇ.  A1:A49  رايۇن بولسا شەرتكە ھۆكۈم قىلىش رايۇنى بولۇپ، بەلگىلىگەن شەرتنىڭ قانەئەتلەندۇرىغان ياكى قانائەتلەندۈرۈلمەيدىغانلىقىنى مۇشۇ رايۇندىكى سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق تەكشۈرىدۇ.

    D8 بولسا شەرت بولۇپ،بۇ يەردىكى شەرت 办公费 بولۇپ، بۇ شەرتنى   A1:A49رايۇندىكى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن سىلىشتۇرۇپ،بۇ شەرتنىڭ قانائەتلىنىدىغان ياكى قانائەتلەنمەيدىغانلىقىنى تىپىپ چىقىدۇ.ھەمدە بۇ شەرتكە چۈشىدىغان قانچە قىممەت بولسا شۇ قىممەتلەرنى تىپىپ چىقىدۇ. B1:B49بولسا ئەمىلى سىتاتىستىكا قىلماقچى بولغان رايۇن بولۇپ، يۇقارقى شەرتلەر ئورۇندالسا،شۇ ئورۇندالغان شەرتكە ماس بولغان ھالدا بۇ رايۇندىن سانلىق قىممەتلەرنى تىپىپ قوشۇپ جەملەيدۇ.

     

    3.كۆپ شەرتلىك جەملەش

     

    كۆپلىگەن سانلىق مەلۇماتلار ئارىسىدىن بەلگىلىگەن كۆپ شەرتكە چۈشىدىغان سانلارنى سىتاتىسكا قىلىش ئۈچۈن كۆپ شەرتلىك جەملەش ئۇسۇلىنى قوللىنىمىز. Excelدا ئادەتتە ئىككى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق كۆپ شەرتلىك جەملەشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

     

    (1) شەرتلىك جەملەش يولباشچىسى

     

     1-قىتىم شەرتلىك جەملەش يولباشچىسىنى ئىشلەتكەندە مۇنداق بىر ئىقتىدارنى قوشۇشقا توغرا كىلىدۇ.يەنى ئالدى      Microsoft office   دىتالىنىڭ قاچىلاش دىسكىسىنى نۇر دىسكا قوزغاتقۇچقا سىلىپ،تىزىملىكتىن قورال← ماكرۇ يۈكلەش(加载宏)  دىگەن بۇيرۇقنى چىكىپ،ماكرۇ يۈكلەش كۆزنىكىنى ئاچىمىز.بۇنىڭدىن« شەرتلىك جەملەش يولباشچىسى»(条件求和向导) دىگەن تۈرنى تاللاپ جەزىم كۇنۇپكىسىنى باسساق،Excel ئاپتۇماتىك ھالدا بۇ ئىقتىدارنى قوشىدۇ.

     

      ئەمدى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن جەدىۋەلگە ئاساسەن بىز بۇنىڭدىن مىللىتى ئۇيغۇر،جىنسى ئەر بولغان كىشلەرگە بىرىلگەن ياردەم سوممىسىنى جەملەپ چىقايلى.

     رەسىم 3

    رەسىمدە جىنسى ئەر،مىللىتى ئۇيغۇر بولغان پىشقەدەم كادىرلارغا بىرىلگەن ياردەمنىڭ جەمئى665.00 يۇەن ئىكەنلىكى ھىساپلاپ چىقىلغان.بۇ نەتىجە قانداق چىقتى؟ تۆۋەندە بۇنى ھىساپلاش جەريانىغا دىققەت قىلىڭلار.

     

      ئالدى بىلەن بىز بۇ جەدىۋەلدىكى A4:k19 گىچە بولغان كاتەكچە رايۇنىنى تاللاپ،تىزىملىكتىن قورال← يولباشچى ← شەرتلىك جەملەش دىگەن بۇيرۇقنى چىكىپ،«شەرتلىك جەملەش يولباشچىسى- 4 قەدەمنىڭ 1- قەدىمى» دىگەن كۆزنەكنى ئىچىپ،كىيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى باسىمىز. كۆزنەك تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىدۇ.

     رەسىم 4

    بىز بۇ كۆزنەكتىن شەرت رىتى(条件列) دىگەن يەرگە جىنسى، ئەمەل بەلگىسى دىگەنگە = نى،سىلىشتۇرۇش قىممىتى دىگەنگە ئەر دىگەنلەرنى تاللايمىز. ئاندىن شەرت قوشۇش دىگەن كۇنۇپكىنى چىكىمىز. ئىككىنچى قىتىمدا يەنە شەرت رېتى دىگەنگە مىللىتى دىگەننى، ئەمەل بەلگىسى دىگەن يەرگە = نى،سىلىشتۇرۇش قىممىتى دىگەن يەرگە ئۇيغۇر دىگەنى تاللايمىز.ئەگەر يەنە باشقا شەرت قاتماقچى بولساق يۇقارقى ئۇسۇل بويىچە داۋاملىق قاتساق بولىۋىرىدۇ. (مەسىلەن : تۈرى دىگەنگە پارتىيە ئەزاسى دىگەن تۈرنى قوشىۋەتسەك ئۇچاغدا بىز جەملەپ چىققان سان مىللىتى ئۇيغۇر،جىنسى ئەر،سىياسى قىياپىتى پارتىيە ئەزاسى بولغان پىشقەدەم كادىرلارغا بىرىلگەن ئومۇمى ياردەم سوممىسى بولۇپ چىقىدۇ.) ئاندىن كىيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى بىسىپ، كۆڭۈلدىكى قىممەتنى كۈچكە ئىگە قىلىپ،يەنە بىر قىتىم كىيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.بۇ كۆزنەكتىن ھىساپلاش نەتىجىسىنى چىقىرىپ بىرىدىغان كاتەكچىنى بەلگىلەپ بولۇپ، تامام كۇنۇپكىسىنى باسساق نەتىجە ۋە بىز تۈزمەكچى بولغان فورمىلا بىز بەلگىلىگەن كاتەكچە ئىچىگە تولدۇرۇپ چىقىرىپ بىرىدۇ.يەنى665.00 بولىدۇ.

     

    (2) سانلار قاتارى فورمىلاسى

     بىز نەتىجىنى كىرگۈزمەكچى بولغان كاتەكچىنى تاللاپ مەسىلەن: H21 نومۇرلۇق كاتەكچىنى تاللاپ،بىۋاستە فورمىلانى كىرگۈزۈش.يەنى =SUM(IF($B$5:$B$19="",IF($C$5:$C$19="",$K$5:$K$19,0),0((

    كىرگۈزۈپ،ئاندىن دەرھاللا قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى باسماي بەلكى، CTRL+Shift+Enterبىرلەشمە كۇنۇپكىسىنى بىسىپ جەزىملەشتۈرىمىز. بۇ يەردىكى فورمىلا بىر خىل سانلار قاتارى خارەكتىرىگە ئىگە بولۇپ، بىز CTRL+Shift+Enter بىرلەشمە كۇنۇپكىسى ئارقىلىق سانلار قاتارى فورمىلاسىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن فورمىلانىڭ ئىككى تەرىپىدە {} پەيدا بولىدۇ. بۇ دەل سانلار قاتارى فورمىلاسىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، بۇ بەلگىنى بىۋاستە كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ.

     

    4.ئادەتتىكى ساناق ھىساپلاش

     ئادەتتىكى ساناق ھىساپلاش فۇنكىسيەسى ئىككى بولۇپ، بۇلارCOUNT(Value1, Value2. Value30)  ۋە

    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !