باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • wordمەشغۇلاتىنى ئاپتۇماتلاشتۇرۇش

    ۋاقىت:2008-06-25 | تۈرى:wordھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/23580225.html

    ھۆججەت( تېكىست) كىرگۈزۈشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇشWord نىڭ ئاپتوماتىك تۈزىتىش ئىقتىدارى كىرگۈزۈلگەن سۆزلەرنىڭ (ئىنگلىزچە، خەنزۇچە) توغرا خاتالىقىنى تەكشۈرەلەيدۇ.  

    ئەگەر خاتالىق بايقىسا دەرھال توغرا بولغان سۆز بىلەن ئالماشتۇرىدۇ. ئاپتوماتىك تۈزىتىلىدىغان سۆزلەرنى مەشغۇلاتچى ئۆزى خالىغانچە بەلگىلىگىلى بولىدىغان بولغاچقا، بۇ ئىقتىدارنى ياخشى جارى قىلدۇرغاندا، كىرگۈزۈش ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

     

    1.      سۆز كىرگۈزۈشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش

     

    Word دا ھۆججەت تەھرىرلىگەندە دائىملا ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە خەنزۇچە يېزىقتىكى  سۆزلەرنى ئارىلاش كىرگۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇچاغدا ئۇيغۇرچە بىلەن ئىنگلىزچە ياكى خەنزۇچە كىرگۈزۈش شەكلىنى تولا ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىپ، خەت كىرگۈزۈش سۈرئىتىنى ئاستىلىۋېتىدۇ. ئەگەر بىز ئاپتوماتىك كىرگۈزۈش ئىقتىدارىدىن پايدىلانساق باشقا تىلىدىكى سۆزلەرنى كىرگۈزۈش شەكلىنى ئالماشتۇرماي تۇرۇپلا شۇ خىل تىلدىكى سۆزنى كىرگۈزۈش مەقسىتىگە يىتەلەيمىز. مەسىلەن: ئەگەر بىز بىر توختام يېزىۋاتقان بولساق، A تەرەپ ۋە B تەرەپ دېگەن سۆزلەرنى كۆپ كىرگۈزىمىز. بۇ چاغدا، Word  تىزىملىكىدىن قورال ← ئاپتوماتىك تۈزىتىش ( 工具自动更正选项) دېگەن تۈرنى بېسىپ، چىققان دىئالوگ رامكىسىدىكى ئاپتوماتىك تۈزىتىش دېگەن تاللاش تۈرى ئىچىدىكى ئالماشقۇچى (替换) دېگەن يەرگە ئالماشتۇرۇلماقچى بولغان سۆزنى كىرگۈزىمىز مەسىلەن (ئا)، ئالماشتۇرۇلغۇچى دېگەن يەرگە« Aتەرەپ» دەپ كىرگۈزۈپ، قوشۇش(添加) دېگەن كۇنۇپكىنى باسساقلا بۇ سۆز قوشۇلغان بولىدۇ. ھۆججەت تەھرىرلەش جەريانىدا بىز ئا دېگەن سۆزنى كىرگۈزۈپ ( Enter) قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى ياكى بوشلۇق كۇنۇپكىسىنى  باسساقلا Aتەرەپ  دېگەن خەتكە ئاپتوماتىك ھالدا ئالمىشىدۇ. ھۆججەتنى تەھرىرلەپ بولغاندىن كىيىن ئەگەربىز بۇ ئىككى سۆزنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارىساق ئاپتوماتىك تۈزىتىش تاللاش رامكىسىدىكى ئالماشتۇرۇش دېگەن يەرگە ئا دەپ كىرگۈزسەك ئا  ۋە Aتەرەپ  ھەر ئىككىلىسى كۆرۈنىدۇ. ئاندىن ئۆچۈرۈش دېگەن كۇنۇپكىنى باسساقلا ئۆچۈرۈلىدۇ.

     

    2. تۈرلۈك بەلگىلەرنى ئاپتوماتىك كىرگۈزۈش

     ئەگەر بىزتەھرىرلەۋاتقان ھۆججەتتە  ×،÷ قاتارلىق ماتېماتىكىلىق بەلگىلەرنى كۆپلەپ كىرگۈزۈش زۆرۈر بولۇپ قالسا، ئۇنى كېسىپ چاپلاش ئۇسۇلى ياكى قىستۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانسا سۈرئەت ئىنتايىن ئاستا بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز پەقەت ئاپتوماتىك تۈزىتىش ئىقتىدارىدىن پايدىلانساقلا ئىشلار ئىنتايىن ئاددىيلىشىدۇ.Word    تىزىملىكىدىن قورال ← ئاپتوماتىك تۈزىتىش

     ( 工具自动更正选项) نى تاللاپ ئالماشقۇچى ( 替换) دېگەن جايغا * نى كىرگۈزۈپ، ئالماشتۇرۇلغۇچى(替换位) دېگەن يەرگە × نى كىرگۈزۈپ قوشۇش(添加) نى باسساقلا بولىدۇ. ئەمدى بىز پەقەت * نى كىرگۈزسەكلا ئاپتوماتىك ھالدا × بەلگىسى قىستۇرۇلىدۇ. ÷ بەلگىسىنى قىستۇرۇشمۇ × نى كىرگۈزۈشتىكى ئۇسۇل بىلەن ئوخشاش.

     

    3. كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەرنى ئاپتوماتىك كىرگۈزۈش

     

      ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەرنىمۇ بۇ خىل ئاپتوماتىك تۈزىتىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ تىز سۈرئەتتە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. مەسىلەن: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دېگەن سۆزنى كىرگۈزۈشتە بىز پەقەت يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە ئالماشقۇچى  دېگەن يەرگە« ش ئۇ ئا ر  » نى كىرگۈزۈپ، ئالماشتۇرۇلغۇچى دېگەن يەرگە « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى » دېگەننى كىرگۈزۈپ قوشۇش دېگەننى باسساقلا بولىدۇ. كېيىنكى قېتىم بىز پەقەت « ش ئۇ ئا ر» دەپ كىرگۈزسەكلا « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى  » دېگەن سۆز ئاپتوماتىك قىستۇرۇلىدۇ.

     

    4.ئاپتۇماتىك ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ كىرگۈزۈش

     ئاپتۇماتىك تۈزىتىشتىن باشقا يەنە Word نىڭ يەنە ئاپتۇماتىك ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ كىرگۈزۈش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.بۇ ئىقتىدارنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تۆۋەندىكىدەك قىلمىز.Word    تىزىملىكىدىن قورال ← ئاپتۇماتىك تۈزىتىش ( 工具自动更正选项 ) نى تاللاپ چىققان دىئالوگ رامكىسىدىن ئاپتۇماتىك رەسىم-بەلگىلەر توپلىمى(自动图文集 )نى تاللاپ، بۇكۆزنەكتىكى  显示记忆式键入建议 دىگەن تۈرگە بەلگە قويۇپ قويۇپ،ئاستىدىكى بۇ يەرگە ئاپتۇماتىك رەسىم –بەلگە سۆزلىرىنى  كىرگۈزۈڭ دىگەن خەت ئاستىدىكى ئورۇنغا

    请在此键入自动图文集词条) ( ئەستە تۇتۇشقا تىگىشلىك سۆزلەرنى كىرگۈزىمىز.مەسلەن:« شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ھۆكىمىتى» دەپ كىرگۈزۈپ، قوشۇش دىگەن كۇنۇپكىنى باسساق،بۇ سۆز ئاپتۇماتىك رەسىم- بەلگىلەر توپلىمىغا قىتىلىدۇ. بىز كىيىنكى قىتىم بۇ سۆزنى كىرگۈزمەكچى بولساق پەقەت ئالدىنقى ئۈچ- تۆت  ھەرىپنىلا كىرگۈزسەك، بىز كىرگۈزگەن سۆزنىڭ ئۈستىدە كۆرسەتمە چىقىپ تۇرىدۇ.ئەگەر بىز قايتۇرۇش كۇنۇپكىسى( Enter ) باسساقلا بۇ سۆز ئاپتۇماتىك قىستۇرۇلىدۇ. ئەگەر ESC كۇنۇپكىسىنى باسساق ئەسكەرتىشىنى ئۆچۈرىۋىتىدۇ.

     

    5.تەرتىپ نومۇرىنى ئاپتۇماتىك ھالدا قوشۇش ۋەئۆچۈرۈش

     

    ئادەتتە سەل ئۇزۇنراق بولغان ھۆججەتتە بەلگىلىك مىقداردا ماۋزۇ، رەسىم دىگەندەك نەرسىلەر بولىدۇ.بۇلارغا نومۇر قويۇپ باشقۇرۇش بىر ياخشى ئادەت.بىراق بۇ رەسىم،ماۋزۇلار كۆپرەك بولۇپ قالسا ئۇلارغا بىرمۇ-بىر تەرتىپ نومۇرى قويۇش بەكمۇ قولايسىز.ھەمدە ۋاقىت كۆپ كىتىدۇ.شۇنداقلا كىينكى تەھرىرلەشكە ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرىدۇ.شۇڭا تەرتىپ(رەت ) نومۇرىنى ئاپتۇماتىك كىرگۈزۈش ۋە ئۆچۈرۈش خەت كىرگۈزۈش ۋە تەھرىرلەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم بىر ۋاستە.

     

    (1) رەسىمگە ئاپتۇماتىك رەت نومۇرى قويۇش. ئەگەر بىر ھۆججەتتە بەلگىلىك مىقداردا رەسىملەر بولسا،بۇ رەسىملەرگە 1- رەسىم،2-رەسىم، دىگەندەك شەكىلدە رەت نومۇرى قويماقچى بولساق، Word بۇ خىل شەكىل بىلەن تەمىنلىمىگەن بولغاچقا، ئۆزىمىز ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بۇ خىل شەكىلنى ياساشقا توغرا كىلىدۇ. بۇخىل شەكىلنى ياساش ئۇسۇلى بولسا تۆۋەندىكىدەك.

     

    Word تىزىملىكىدىن قىستۇرۇش←يۆتكەپ ئىشلىتىش← ماۋزۇ ئىزاھاتىنى(يەنى插入-引用-题注 ) باسىمىز.بۇ چاغداچىققان دىئالوگ رامكىسىغا قارىساق،خەتكۈچ دىگەن تۈرگە قارىساق بىز  پەقەت «جەدىۋەل»،«فۇرمىلا»،«گىرافىك» دىگەندەك تۈرلەر بارلىقىنى كۆرىمىز.ئەگەر بىز ئىھتىياجلىق تۈر رەسىم بولسا ئۇ ھالدا بىز يىڭى خەتكۈچ قۇرۇش (新建标签 ) دىگەننى بىر چىكىمىز. ئىچىلغان كۆزنەككە «رەسىم» دەپ كىرگۈزىمىز.جەزىملەشتۇرۈش كۇنۇپكىسىنى باسساقلا رەسىم دىگەن تۈر خەتكۈچ ئاستىدا كۆرۈنىدۇ.

     

    ئەگەر رەسىمنىڭ تەرتىپ نومۇرىغا باشقا خىل سان شەكلىنى ئىشلەتمەكچى بولساق،رەت نومۇرى( 编号) دىگەن تۈرنى بىر بىسىپ،كۆرۈنگەن كۆزنەكتىن ئىھتىياجلىق شەكىلنى تاللىساق بولىدۇ.ئەگەر رەسىم ھەر قايسى باپلارنىڭ نومۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئىلىش كىرەك بولسا،پەقەتلا باپ نومۇرى (章节号 ) دىگەن تاللانمىنى تاللاپ،ئاندىن تۆۋەندىكى تۈرلەردىن «باپنىڭ باشلىنىش شەكلى» ۋە «ئايرىش بەلگىسى شەكلىنى» تاللىساقلا بولىدۇ.

     

    بىز Word ھۆججىتىگە رەسىم ياكى باشقا ئوبىكتلارنى قسىتۇرغاندا ، رەت نومۇرىنى ئاپتۇماتىك كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۇ ئىقتىدارنى قوزغىتىمىز.يەنى قىستۇرۇش←يۆتكەپ ئىشلىتىش← ماۋزۇ ئىزاھاتىنى(يەنى插入-引用-题注 ) بىسىپ،چىققان دىئالوگ رامكىسىدىن ئاپتۇماتىك ماۋزۇ ئىزاھاتى قىستۇرۇش    ( 自动插入题注) دىگەن كۇنۇپكىنى بىسىپ،كۆرۈنگەن كۆزنەكتىن قىستۇرماقچى بولغان بىرقانچە ئوبىكتنى تاللايمىز. ئاندىن يەنە ئاستىىغا قارىساق،ئىشلتىلىدىغان خەتكۈچ، قىستۇرۇش ئورنى دىگەندەكلارنى بەلگىلىپ جەزىملەشتۇرۈپ چىكىنىمىز. مانا ئەمدى ھەرقانداق بىر رەسىمنى كىرگۈزسەك بىز بەلگىلىپ بەرگەن شەكىل بويىچە رەت نومۇر قويۇپ ماڭىدۇ. ئەگەر رەسىمنى ئۆچۈرىۋەتسەك ياكى ئارلىققا باشقا رەسىم قىستۇرساق، رەت نومۇرىنىمۇ ئاپتۇماتىك ھالدا توغۇرلاپ ماڭىدۇ.بىزنىڭ قول بىلەن توغۇرلاپ يۈرۈشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.ئەگەر سىز ئۇيغۇرچە بەلگىلىگەن بولسىڭىز،دەسلەپتە خەت نۇسقىسى نورمال بولماسلىقى مۇمكىن. بۇنى ئوڭشاش ئۈچۈن ھەممىنى تاللاش كۇنۇپكىسىنى بىسىپ(Ctrl+A)نى بىسىپ،ئاندىن خەت نۇسقىسىنى باشقىدىن بىر بەلگىلىۋەتسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.

     

    (2)جەدىۋەلدە كاتەكچىنىڭ رەت نومۇرىنى ئاپتۇماتىك بەلگىلەش

     ئادەتتە Word ياكى باشقا دىتاللاردا جەدىۋەل سىزساق، جەدىۋەلنىڭ 1- رېتى ئاساسەن رەت نومۇرى تولدۇرۇلىدۇ.بۇنى Wordدا ئاپتۇماتىك ھالدا ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:ئالدى بىلەن رەت نومۇرى تۇرغۇزۇدىغان بارلىق كاتەكچىلەرنى تاللىۋىلىپ،(ئەگەر بۇ كاتەكچىلەر ئارقىمۇ-ئارقا كەلمىسە،ئۇ ھالدا Ctrl كۇنۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇپ،كاتەكچىلەرنى تاللاش كىرەك.) فورمات←تۈر بەلگىلىرى ۋە رەت نومۇرى(项目符号与编号格式)

    نى تاللاپ،چىققان كۆزنەكتىن رەت نومۇرى(编号) دىگەن خەتكۈچنى تاللايمىز.ئاندىن ئۆزىمىزگە كىرەك بولغان مەلۇم بىر خىل رەت نومۇرى شەكلىنى تاللىساقلا بولىدۇ.ئەگەر رەت نومۇر شەكلىنى ئۆزگەرتىش زۆرۈر بولسا، ئۆزى بەلگىلەش(自定义) دىگەن كۇنۇپكىنى بىسىپ،ئىچىلغان كۆزنەكتىن رەت نومۇر فورماتى،شەكلى،ئورنى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.ئەگەر «.» يەنى چىكىتكە ئوخشاش بەلگىلەرنى كىرگۈزگىلى بولمىسا بۇلارنى ئالدى بىلەن Ctrl+C بىلەن كۆچۈرىۋىلىپ،ئاندىن رامكا ئىچىگە چاپلاپ قويساق بولىدۇ.

     

    (3) مۈرەككەپ بولغان رەت نومۇرلىرىنى ئاپتۇماتىك كىرگۈزۈش.

     

    1 zk20070708001            مۈرەككەپ بولغان رەت نومۇرلىرىنى ئاپتۇماتىك كىرگۈزۈش دىگەندە (复杂编号自动化)،ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى تىزىملاش جەدىۋىلى دىگەندەك جەدىۋەللەردە دائىم (zk20070708001) دىگەندەك شەكىللەردە رەت نومۇرى كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇنداق رەت نومۇرىنى بىز ئۆزى بەلگىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق كىرگۈزسەك بولىدۇ.يەنى ئالدى بىلەن. فورمات←تۈر بەلگىلىرى ۋە رەت نومۇرى دىگەن بۇيرۇقنى تاللاپ،چىققان كۆزنەكتىن،رەت نومۇرى دىگەن خەتكۈچنى تاللاپ،ئۆزىمىز خالىغان بىر رەت نومۇر شەكلىنى تاللايمىز.( دىن باشقىلىرى)ئاندىن ئۆزى بەلگىلەش دىگەن تۈر ئارقىلىق چىققان كۆزنەكتىكى رەت نومۇر فورماتى دىگەن ئورۇنغا (zk20070708001) نى كىرگۈزۈمىز. «.» چىكىتنى ئۆچۈرىۋىتىپ،«1» نى ساقلاپ قالىمىز.شۇنىڭ تۆۋەندىكى كۆرۈپ بىقىش كۆزنىكىدە بىز ھازىر كىرگۈزگەن شەكىل پەيدا بولىدۇ.ئەگەر بۇ ئۈنۈمدىن رازى بولمىسىڭىز،سىز يەنە رەت نومۇر شەكلى،ئورنى قاتارلىقلارنى قايتىدىن بىكىتسىڭىز بولىدۇ.تەڭشەپ بىكىتىپ بولغاندىن كىيىن،فورمات قورال سىتونىدىن رەت نومۇر كۇنۇپكىسىنى باسساقلا zk20070708001نى ھۆججەتكە قىستۇرالايمىز. ئاندىن كىيىن باشقا بۆلەكلەرنى كىرگۈزۈپ بولۇپ،قايتا Enter  كۇنۇپكىسىنى باسساقلا zk20070708002نى ئاپتۇماتىك قىستۇرىدۇ.كىينكى قەدەملەردە باشقىلىرىمۇ شۇ بويىچە ماڭىدۇ.

     

    6.جەدىۋەلنى ئاپتۇماتىك تەھرىرلەش.

     

    (1).ئاپتۇماتىك جەدىۋەل قۇرۇش

     

    ئادەتتە كۆپ قىسىم جەدىۋەللەرنىڭ شەكلى ۋە پاسۇنلىرى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ،پەقەتلا ھەرقايسى تۈرلەردىكى كونكىرىت مەزمۇنلار ئوخشاش بولمايدۇ.شۇڭا ئەڭ ئاددى ئۇسۇل ئۆرنەك  (模版)تەييارلاش ئۇسۇلىدۇر.بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئۆزىمىز دائىم ئىشلىتىدىغان شەكىلدە بىر جەدىۋەل تەييارلاپ،ئاندىن ئۇنى ئۆرنەك ھۆججىتى شەكلىدە ساقلاپ قويساقلا بولىدۇ.

     

    بۇنىڭدىن باشقا بىز يەنە ئاپتۇماتىك تۈزىتىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپمۇ جەدىۋەل قىستۇرۇش مەقسىتىگە يىتەلەيمىز.يەنى ئىھتىياجىمىزغا ئاساسەن بىر جەدىۋەل قۇرۇۋىلىپ،ئاندىن بارلىق جەدىۋەللەرنى تاللاپ،تىزىملىكتىن قورال←ئاپتۇماتىك تۈزىتىش تاللاشلىرى بۇيرۇقىنى چىكىپ،«ئاپتۇماتىك تۈزىتىش» كۆزنىكىنى ئاچىمىز،كۆزنەكتىكى ئاپتۇماتىك تۈزىتىش تاللانمىسىدىكى ئالماشتۇرۇلغۇچى دىگەن ئورۇنغا جەدىۋەل ئىسمىنى كىرگۈزىمىز. مەسىلەن:(يوقلىما جەدىۋىلى،بۇ ئىسىم ھەرگىزمۇ ھۆججەت ئىسمى ئەمەس،بەلكى سىز ئەشۇ تاللىغان جەدىۋەلگە ئىختىيارى قويغان ئىسىم) Word نى بىر قىتىم ئۆچۈرۈپ قايتا قوزغاتقاندىن كيىنلا بىز جەدىۋەل قىستۇرىدىغان ئورۇنغا بايامقى جەدىۋەل ئىسمىنى كىرگۈزۈپ،بوشلۇق كۇنۇپكىسى ياكى قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى باسساقلا  ئاپتۇماتىك ھالدا بىر جەدىۋەل قىستۇرۇپ بىرىدۇ.

     

    (2).مەزمۇننى ئاپتۇماتىك ھالدا جەدىۋەلگە ئايلاندۇرۇش

     

    بىر قاتار بەلگىلىك قانۇنىيەت بويىچە كىرگۈزۈلگەن بولسا(يەنى ھەر بىر قۇردىكى سۆزلەر بوش ئورۇن دىگەندەك بەلگىلەر بىلەن ئايرىلغان بولسا)،ئۇلارنى ئالدى ئابزاس ئايرىش بەلگىسى بىلەن قۇرغا ئايرىپ، ئاندىن ئۇلارنى تاللاپ،تىزىملىكتىن جەدىۋەل← ئايلاندۇرۇش←تىكىستنى جەدىۋەلگە ئايلاندۇرۇش بۇيرۇقىنى چىكىپ،ئىچىلغان كۆزنەكتىن«سۆزلەرنى بۆلۈش ئورنى» دىگەن تاللاش تۈرىدىن ئۆزىمىز ئىھتىياجلىق بولغان ئايرىش بەلگىسىنى تاللاپ،جەزىم كۇنۇپكىسىنى باسساق،بايامقى تاللانغان خەتلەر دەرھاللا بىر جەدىۋەلگە ئايلنىدۇ.

     

    (3).جەدىۋەل تەڭشەشنى ئاپتۇماتلاشتۇرۇش

     

    ①. رەت كەڭلىگىنى ئاپتۇماتىك تەڭشەش

     مائۇس سىتىرىلكىسىنى ئىككى رەتنى بۆلۈپ تۇرغان سىزىق ئۈستىگە ئەكىلىپ،مائۇس سول كۇنۇپكىسىنى ئىككى چەكسەك،سول تەرەپتىكى بىر رەت شۇ رەتتىكى سۆزلەرگە قارىتا ئاپتۇماتىك تەڭشەش ئىلىپ بارىدۇ.

    ②. مەزمۇنغا ئاساسەن جەدىۋەلنى ئاپتۇماتىك تەڭشەش

     

    ئالدى بىلەن جەدىۋەلنى تاللاپ،تىزىملىكتىن جەدىۋەل← جەدىۋەل خارەكتىرى دىگەن بۇيرۇقنى چىكىمىز.ئىچىلغان كۆزنەكتىكى جەدىۋەل تاللانمىسىدىكى رازمىرى دىگەن تۈردىكى بىكىتىلگەن كەڭلىك دىگەن تۈرنىڭ ئالدىدىكى تاللاش بەلگىسىنى ئىلىۋىتىمىز،يەنە شۇنداقلا ئوخشاش ئۇسۇل بويىچە قۇر،رەت ۋە كاتاكچە دىگەن تۈرلەردىكى ئوخشاش بولغان تۇرنىڭ ئالدىدىكى تاللاش بەلگىسىنى ئىلىۋىتىمىز.ئاندىن جەزىم كۇنۇپكىسىنى باسساق،جەدىۋەلدىكى ھەرقايسى قۇر ۋە رەتلەر يول قويۇلغان ئەڭ كىچىك ھالەتكە كىلىدۇ. ئەگەر بۇ مەشغۇلاتنىڭ ئۈنۈمى بولمىسا، جەدىۋەل تاللانمىسىنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى تاللاش تۈرى دىگەن كۇنۇپكىنى بىسىپ،ئىچىلغان كۆزنەكتىن « مەزمۇنغا ئاپتۇماتىك ماسلىشىش ئۈچۈن رازمىرىنى ئاپتۇماتىك تەڭشەش » دىگەن تۈرنى تاللاپ،جەزىم كۇنۇپكىسىنى باسساقلا جەدىۋەلدىكى رەت ۋە قۇر ئاپتۇماتىك ھالدى كىڭىيىدۇ ياكى تارىيىدۇ.

     

    ③مەزمۇن جەدىۋەلگە ئاپتۇماتىك ھالدا ماسلىشىش

     

    يۇقارقى ئۇسۇل بويىچە جەدىۋەل خارەكتىرى دىگەن كۆزنەكنى ئىچىپ،ئۇنىڭدىكى «كاتەكچە» دىگەن تاللانمىدىكى تاللاش تۈرى دىگەن كۇنۇپكىنى بىسىپ،بۇنىڭدىكى «خەتلەر ماسلىشىش» دىگەن تۈرنى تاللاپ قويساقلا بولىدۇ.

     

    ④.ماۋزۇ قۇرىنى ئاپتۇماتىك قايتىلاش

     

    ئادەتتە بىر جەدىۋەل بىر نەچچە ۋاراق بولسا، بۇنىڭدا بىرىنچى قۇردىكى مەزمۇنلارنى ھەر بىر بەتتە كۆرسىتىش زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن جەدىۋەلنىڭ 1-قۇرىنى تاللاپ، تىزىملىكتىن جەدىۋەل←ماۋزۇ قۇرنى قايتىلاش دىگەن بۇيرۇقنى باسساقلا بولىدۇ(表格标题行重复).

     

    ⑤.سانلىق قىممەتلەرنى ئاپتۇماتىك توغۇرلاش

     

    بەزى مالىيە بوغالتىرلىق جەدىۋەللىرىدە سانلارنى كەسىر چىكتى بويىچە توغۇرلاش دىگەندەك تەلەپلەر ئۇچرايدۇ.بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئالدى بىلەن كەسىر چىكىتى بويىچە توغۇرلىماقچى بولغان سانلارنى تاللاپ،فورمات←جەدىۋەل ياساش ئورنى(制表位) دىگەن بۇيرۇقنى چىكىمىز.ئىچىلغان كۆزنەكتىكى جەدىۋەل ياساش ئورنى دىگەن جايغا بىر قىممەت كىرگۈزىمىز( بۇ قىممەت كەسىر چىكىتىنىڭ سول تەرەپتىكى جەدىۋەل سىزىقىدىن ھەرپنى بىرلىك قىلغان ھالدا قالدۇرغان ئارلىقىدىن ئىبارەت).ئاندىن توغۇرلاش شەكلى دىگەن تۈردىن كەسىر چىكىتى بويىچە توغۇرلاش دىگەننى تاللايمىز.ئالدىدىكى بەلگە دىگەن جايغا «يوق» دىگەننى تاللىساقلا بولىدۇ.

     

    ⑥.فورماتنى ئاپتۇماتىك تاللاش.

     

    Word قا يەنە نۇرغۇن جەدىۋەل شەكىللىرى قوشۇلغان بولۇپ، ئالدى بىلەن تىزىملىكتىن جەدىۋەل← جەدىۋەل ئاپتۇماتىك تەقلىدى شەكىللىرى(表格自动套用格式)دىگەن بۇيرۇقنى تاللاپ،ئىچىلغان كۆزنەكتىن ئۆزىمىز ئىھتىياجلىق بولغان شەكىلنى تاللاپ،ئالدى بىلەن كۆرۈپ بېقىپ،رازى بولغاندىن كىيىن جەزىملەشتۈرۈپ كۈچكە ئىگە قىلساق بولىدۇ.ئەگەر بىز ماۋزۇ قۇرى، ئەڭ ئاخىرى قۇر دىگەندەك جايلارغا شەكىل ئىشلىتىشنى خالىمىساق،ئالاھىدە شەكىلنى ئىشلتىش دىگەن جايدىكى ماۋزۇ قۇرى،ئاخىرى قۇر دىگەندەكلەرنىڭ ئالدىدىكى تاللاش بەلگىسىنى ئىلىۋەتسەكلا بولىدۇ.ئۇندىن باشقا بىزمۇ دائىم ئىشلىتىدىغان جەدىۋەللىرىمىزنى تەقلىد شەكىلى قىلىپ قۇرۇپ قويساقمۇ بولىدۇ. يەنى ئالدى بىلەن جەدىۋەلنى تاللاپ، يۇقۇرقى ئۇسۇل بويىچە جەدىۋەل ئاپتۇماتىك تەقلىد شەكىللىرى كۆزنىكىنى ئىچىپ، بۇنىڭدىن يىڭىدىن قۇرۇش دىگەننى چەكسەك تاللانغان جەدىۋەل ئاساسىدا يىڭى بىر تەقلىد شەكلى ياسىيالايمىز.ئەگەر ئۆزگەرتىش دىگەن كۇنۇپكىنى  باسساق تاللانغان جەدىۋەلنىڭ شەكلىنى ھەر خىل قىلىپ ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.

     

    ⑦.جەدىۋەلنى ئاپتۇماتىك تەڭشەش

     

    Word  جەدىۋەل تەڭشەش جەھەتتە بىرقانچە ئىقتىدار بىلەن تەمىنلىگەن.يەنى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسى ئارقىلىق جەدىۋەل رايۇنىنىڭ خالىغان يىرىنى بىر چەكسەك بىر تىزىملىك چىقىدۇ. بۇنىڭدىن ئاپتۇماتىك تەڭشەش←مەزمۇنغا ئاساسەن تەڭشەش دىگەننى چەكسەك ھەرقايسى كاتەكچىلەر ئىچىدىكى مەزمۇنلارغا ئاساسەن تەڭشىلىدۇ.ئەگەر ئاپتۇماتىك تەڭشەش← كۆزنەككە ئاساسەن تەڭشەش بۇيرۇقىنى چەكسەك جەدىۋەل Word كۆزنىكىگە لىق تولغان ھالەتكە كىلىدۇ.

     

    ئەگەر جەدىۋەلنى تاللاپ تۇرۇپ،مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىپ چىققان تىزىملىكتىن ھەرقايسى قۇرلارنى تەڭ تەقسىملەش دىگەن بۇيرۇقنى چەكسەك ھەرقايسى قۇرلارنىڭ ئىگىزلىكى ئوخشاش بولىدۇ. ئەگەر ھەرقايسى رەتلەرنى تەڭ تەقسىملەش دىگەن بۇيرۇقنى تاللىساق، ھەرقايسى رەتلەرنىڭ كەڭلىكى ئوخشاش بولىدۇ.

     

    7.بەت لايىھەلەشنى ئاپتۇماتلاشتۇرۇش

     

    (1).ئاپتۇماتىك پاسۇننى ئىشلتىش

     

    ئادەتتە ئەندىزە ئارقىلىق بەت لايىھەلەشتىن باشقا يەنە ئاپتۇماتىك پاسۇن ئارقىلىقمۇ تىز سۈرئەتتە بەت لايىھەلىگىلى بولىدۇ.يەنى ئالدى بىلەن فورمات←ئاپتۇماتىك پاسۇن بۇيرۇقىنى بىر چىكىپ،ئىچىلغان كۆزنەكتىنىڭ ئاستىدىكى «دائىملىق ھۆججەت» دىگەن يەردىكى تىزىملىك بويىچە ئۆزىمىز ئىھتىياجلىق بولغان تۈرلەرنى تاللايمىز.(بۇ يەردە دائىملىق ھۆججەت،خەت- چەك ئىلخەت يوللانمىلىرى قاتارلىق تۈرلەر بار.)

     

    ئادەتتە ئاپتۇماتىك پاسۇن ئانچە كۆپ ئۆزگەرتىلمەيدىغان ياكى ئۆزگەرتىلمەيدىغان ھۆججەتلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.ئەگەر ھۆججەت بىرمۇ- بىر تەكشۈرۈش زۆرۈر بولسا،«ئاپتۇماتىك پاسۇن ۋە بىرمۇ- بىر تەكشۈرۈپ تۈزىتىش» دىگەن تۈرنى تاللاپ قويىمىز.جەزىم كۇنۇپكىسىنى باسساق،يەنە بىر كۆزنەك ئىچىلىدۇ.بۇنىڭدىن ئالدى بىلەن پاسۇن ئامبىرى دىگەن كۇنۇپكىنى بىر چىكىپ، خالىغان بىر شەكىلنى تاللاپ،جەزىم كۇنۇپكىسىنى بىسىپ، ئاپتۇماتىك پاسۇن كۆزنىكىگە قايتقاندىن كىيىن بىز «ھەممىنى قوبۇل قىلىش» ياكى «ھەممىنى رەت قىلىش» دىگەن تۈرنى تاللاش ئارقىلىق ھۆججەتنى تۈزىتىشكە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلەيمىز.ياكى «تەكشۈرۈپ تۈزەتمەك»دىگەن كۇنۇپكىنى چەكسەك ھۆججەتنى خالىغانچە تۈزەتكىلى ياكى تۈزىتىشنى چەكلىگىلى بولىدۇ. سىز يۇقارقى باسقۇچلارنى تۈگەتكەندىن كىيىن كەسپى سەۋىيەدىكى ھۆججەتكە ئېرىشىسىز.

     

    (2).خەت شەكلىنى ئاپتۇماتىك ئۆزگەرتىش

     

    ئەگەر مەلۇم بىر Word دا يىزىلغان ھۆججەتتە بىر نەچچە خىل خەت نۇسقىسى ئىشلىتىلگەن بولسا،كىيىن بىز بۇنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم بىر قىسمىنىڭ خەت شەكلى، چوڭ-كىچىكلىكى دىگەندەك خارەكتىرلىرىنى ئۆزگەرتمەكچى بولساق، بۇلارنى بىرمۇ-بىر تاللاپ قول بىلەن ئۆزگەرتىش ئىنتايىن ئاۋارىچىلىق.بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلى مائۇس سىتىرىلكىسىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئورۇنغا ئەكىلىپ،مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بىر چىكىپ، ئىچىلغان ئاسما تىزىملىكتىن «فورماتى ئوخشاش بولغان تىكىستلەرنى تاللاش»  دىگەن تۈرنى تاللىساقلا،مۇشۇ ھۆججەتتىكى بارلىق خەت شەكلى، فورماتى ئوخشاش بولغان مەزمۇنلارنى تاللايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىز بۇ مەزمۇنلارنىڭ خەت شەكلى،چوڭ-كىچىكلىكى دىگەندەك خارەكتىرلىرىنى باشقىدىن بىكىتەلەيمىز.

     

    ئەگەر بىز بەزىدە ھۆججەتتىكى سانلارنى توم خەت(قېنىق) بىلەن ئىپادىلمەكچى بولساق تىزىملىكتىن تەھرىرلەش←ئالماشتۇرۇش بۇيرۇقىنى چىكىپ،ئىچىلغان كۆزنەكتىن  دائىملىق(ياكى ئالى دەرىجە) دىگەن كۇنۇپكىنى چەكسەك، ھەرپ ئالماشتۇرۇشقا ئائىت بارلىق تۈرلەر كۆرۈنىدۇ.بىز ئالدى بىلەن نۇر بەلگىنى «ئىزدەش مەزمۇنى» دىگەن يەرگە كەلتۈرۈپ،  ئاندىن ئاستىدىكى  «ئالاھىدە ھەرپ- بەلگىلەر» دىگەن كۇنۇپكىنى چەكسەك بىر تىزىملىك ئىچىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى خالىغان سان دىگەن تۈرنى تاللىساق،ئىزدەش رامكىسى ئىچىدە #^ بەلگىسى كۆرۈنىدۇ. ئاندىن يەنە نۇر بەلگىنى ئالماشقۇچى(替换为) دىگەن ئورۇنغا ئەكىلىپ،يەنە «ئالاھىدە ھەرپ-بەلگىلەر» دىگەن كۇنۇپكىنى بىسىپ،ئىچىلغان تىزىملىكتىن «ئىزدەش مەزمۇنى» دىگەن تۈرنى تاللىساق ئالماشقۇچى رامكىسىغا &^ بەلگىسى پەيدا بولىدۇ. ئاخىرىدا فورمات دىگەن كۇنۇپكىنى چىكىپ،خەت نۇسقىسى دىگەن تۈرنى تاللىساق، خەت نۇسقىسىنى ئىزدەش دىئالوگ رامكىسى ئىچىلىدۇ. بىز بۇنىڭدىن خەت شەكلى دىگەن جايدىكى «توم (قېنىق) قىلىش» دىگەن تۈرنى تاللاپ، جەزىملەشتۇرۇپ ئىزدەش ۋەئالماشتۇرۇش كۆزنىكىگە  قايتىمىز. ئاندىن ھەممىنى ئالماشتۇرۇش دىگەن كۇنۇپكىنى چەكسەك ھۆججەتتىكى بارلىق سانلار توم ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ.

     

    (3).بەت ھالىتىنى ئاپتۇماتىك تەقلىد قىلىش

     

    ئادەتتە يىڭى بىر ئەندىزىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن،بۇ ئەندىزىنىڭ بەت شەكلىنى كۆرۈپ بىقىشقا توغرا كىلىدۇ.بۇنىڭدا ئەشۇ ئەندىزە بويىچە يىڭى ھۆججەتتىن بىرنى قۇرۇپ، باشقا ھۆججەتلەردىن مەزمۇن  كۆچۆرۈپ چاپلاپ كۆرۈشتىن باشقا يەنە مۇنداق بىر ئەپلىك ئۇسۇل بار.يەنى ئالدى بىلەن ئەشۇ ئەندىزە ئارقىلى بىر يىڭى ھۆججەت قۇرۇپ،ئىنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىدە تۇرۇپ، تۆۋەندىكى خەتلەرنى كىرگۈزىمىز. «=rand(20,5)» نى كىرگۈزۈپ قايتۇرۇش كۇنۇپكىسنى باسساق 20 ئابزاسقا ئايرىلغان، ھەر بىر ئابزاستا 5 جۈملە  «كۈلرەڭ تۈلكە ھورۇن ئىتنىڭ ئۈستىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتتى » دىگەن ئىنگلىزچە ياكى خەنزۇچە جۈملە تولدۇرۇلغان ،بارلىق ئۈنۈملىرى تەييار بولغان ھالدا كۆرۈنىدۇ.

     

    (4).ئابزاس پاسۇنىنى ئاپتۇماتىك يىڭىلاش

     پاسۇن بولسا ئابزاس فورماتىنى تىز بەلگىلەشتىكى ئۈنۈملۈك قورال. ئەگەر Word دىكى مەلۇم بىر خىل پاسۇن سىزنىڭ تەلىۋىڭىزگە لايىق كەلمىگەن بولسا، پاسۇن ۋە فورمات ۋەزىپە كۆزنىكىنى ئاچىمىز. (ئىچش ئۇسۇلى: كۆرۈنۈش←ۋەزىپە كۆزنىكى← پاسۇن ۋە فورمات ياكى فورمات← پاسۇن ۋە فورمات بۇيرۇقى ئارقىلىق ئاچىمىز) ئاندىن مائۇس سىتىرىلكىسىنى مەلۇم بىرخىل فورمات ئۈستىگە ئەكەلسەك ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئۈچبۇلۇڭ شەكلىدىكى كىچىك كۇنۇپكىنى باسساق بىر تىزىملىك كۆرۈنىدۇ .بىز ئۇنىڭدىن «ئۆزگەرتىش»  بۇيرۇقىنى تاللايمىز.ئاندىن ئىچىلغان كۆزنەكتىكى «ئاپتۇماتىك يىڭىلاش» دىگەن تۈرنىڭ ئالدىغا تاللاش بەلگىسى قويۇپ،تاللاپ قويىمىز.ئاندىن جەزىملەشتۈرۈپ چىكىنىمىز.

    ئەمدى بىز بۇ ھۆججەتتىكى مۇشۇ شەكىل ئىشلىتىلگەن بۆلەكنى قانداق ئۆزگەرتىشىمىزدىن قەتئى نەزەر Word ئاپتۇماتىك ھالدا بۇ پاسۇننىڭ فورماتىنى ئاپتۇماتىك يىڭىلايدۇدە ئۇنىڭ ھازىرقى ئۆزگەرتىش بىلەن بىردەكلىگىنى ساقلايدۇ.

     

    (5).بەتنى ئاپتۇماتىك ھالدا چوڭايتىش ياكى كىچىكلىتىش

     

    ئەگەر بىزنىڭ پىرىنتىرىمىز ئارانلا 4A  قەغەزگە بىسىپ چىقىرالىسا، لىكىن بىزدە بىر 3A ئۆلچىمى بىلەن ئۇرۇلغان ھۆججەت بولسا، قانداق قىلغاندا بۇ ھۆججەتنى بىز  4A قەغىزىگە بىسىپ چىقىرالايمىز؟ بۇنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق: يەنى ھۆججەت تەھرىرلەش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ھۆججەت←بىسىپ چىقىرىش بۇيرۇقىنى بىسىپ، بىسىپ چىقىرىش كۆزنىكىنى ئاچىمىز.كۆزنەكنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى «قەغەزگە ئاساسەن چوڭايتىش ياكى كىچىكلىتىش» دىگەن تۈردىن بىسىپ چىقارماقچى بولغان ئەمىلى قەغەرنىڭ چوڭلىقىنى بەلگىلەيمىز يەنى  4A نى تاللايمىز.ئاندىن جەزىم كۇنۇپكىسىنى باسساق Word ئاپتۇماتىك خەتنىڭ چوڭ- كىچىكلىگىنى تەڭشەپ، 4A قەغەزگە لايىق ھالەتكە ئەكىلىپ، بىسىپ چىقىرىپ بىرىدۇ.

     

    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !