باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • Shift كۇنۇپكىسىنىڭ 7 رولى

    ۋاقىت:2008-06-18 | تۈرى:سىستىما ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/23161818.html

    1.سىسىتما قوزغىلىۋاتقان چاغدا Shift كۇنۇپكىسىنى بىسىپ تۇرساق، >باشلاش-پىراگرامما-قوزغاش< ئىچىدىكى پىراگراممىلارنى ئىجرا قىلمايلا قوزغىلىدۇ.
    2.ئەگەر سەل كونىراپ قالغان ئوپتىك دىسكىنى ئوپتىك قوزغاتقۇچقا سالغاندا ،Shift كۇنۇپكىسىنى بىسىپ تۇرساق دىسكا ئىچىدىكى ئاپتۇماتىك قوزغىلىش پىراگراممىسىنى ئوقۇمايلا دىسكىنى ئاچقىلى بولىدۇ.
    3.بىرقانچە ھۆججەتلەرنى بىراق تاللىماقچى بولغاندا ،ئالدى بىلەن بىر ھۆججەتنى تاللاپ،ئاندىن Shift كۇنۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇپ،يەنە بىر ھۆججەتنى تاللىساق،بۇ ئىككى ھۆججەتلەرنىڭ ئارىسىدىكى باشقا ھۆججەتلەرمۇ بىراقلا تاللىنىدۇ.
    4.ھۆججەتنى ئۆچۈرگەن چاغدا Shift كۇنۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇپ ئۆچۈرسەك،ھۆججەت بىراقلا ئۆچۈرىلىدۇ. بولمىسائالدى بىلەن ئەخلەت ساندۇقىغا كىرىپ،ئاندىن ئەخلەت ساندۇقىنى تازىلاش ئارقىلىق ئۆچۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ. بىۋاستە ئۆچۈرۈشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى ئاۋال ھۆججەتنى تاللىۋىلىپ،ئاندىن Shift+del كۇنۇپكىسىنى بىراقلا بىسىشتىن ئىبارەت.
    5.ئەگەر سىزنىڭ مائۇسىڭىزنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسى ئىشلىمەي قالسا،Shift+F10 كۇنۈپكىسىنى تەڭ باسسىڭىزمائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسى كۆرۈنىدۇ.
    6.ئادەتتە تور زىيارەت قىلغۇچتا،يىڭى بىر بەتنى يىڭى بىر كۆزنەكتە كۆرسەتمەكچى بولساق، Shift كۇنۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇپ،ئۇلانمىنى چەكسەك، ئەشۇ ئۇلانمىدىكى بەت يىڭى بىر كۆزنەكتە ئىچىلىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى يەنە مىنىڭ كومپىيۇتۇرۇم ئىچىدە قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ.يەنى Shift كۇنۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇپ،خالىغان دىسكا نامى ياكى مۇندەرىجىنى ئىككى چەكسەك يىڭى بىر كۆزنەك ئىچىلىدۇ.
    7.ئادەتتە سىستىمىنىڭ مىكرۇسوفت پىنيىن ئۇسۇلى بىلەن خەت كىرگۈزۈش ھالىتىدە Shift كۇنۇپكىسىنى بىر باسساق ئىنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ،يەنە بىر باسساق خەنزۇچە كىرگۈزۈش ھالىتگە ئۆتىدۇ.

    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابرال دوستۇم سىزنىڭ بلوگىڭەزدىكى ماۋۇ ئەلىمامانىڭ رەسىملىك ئېلانى قانداق ئېلانكەن؟

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !