باش بەت | ئېلكىتاپ | تەرجىمە فىلىم | ئالبۇم | ULY نۇسخىسى |
-
گايتىس دەۋرى ئاخىرلاشتىمۇ؟
ۋاقىت:2008-06-18 | تۈرى:ITئۇچۇرلىرى
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
6-ئاينىڭ 6-كۈنى چەتئەلدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىكروسوفتنىڭ باش لېدىرى Bill Gates نىڭ كىلەر ئايدا شىركەتنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى باشقۇرۇشتىن چىكىنىپ، زىھنى كۈچىنى خەيىر- ساخاۋەت ئىشلىرىغا قارىتىدىكەن. Bill Gates يەنىلا مىكروسوفتنىڭ باش لېدىرلىقىنى ئۆتىسىمۇ، ئۇنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەرنى باشقۇرۇشتىن چىكىنىپ چىقىشى ، مىكروسوفتنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا «گەيتىس دەۋرى» نىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىدىن دىرەك بىرىدىكەن.
logs/23169741.html
تۆۋەندە مىكروسوفتنىڭ باش لېدىرى Bill Gates نىڭ ھاياتىدىن كۆرۈنۈشلەر:
Bill Gates ۋە Paul Allen 1975-يىلى مىكروسوفت شىركىتىنى قۇرۇپ چىقتى
رەسىمدە 1978-يىلى مىكروسوفتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى خىزمەتچىلىرىنىڭ كوللىكتىپ سۈرىتى. ئەينى چاغدا 23 ياشقا كىرگەن Bill Gates 1-رەت سولدا، Paul Allen 1-رەت ئوڭدا.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىللىرى مىكروسوفتنىڭ « ئالتۇن دەۋرى»بولۇپ،ئەينى يىللىرى بۇ شىركەت ئۆزلۈكسىز يىڭى يۇمشاق دىتاللارنى ئىشلەپ چىقىرىپ،مەبلەغ سالغۇچىلار ئۇنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان پايدا ئىلىش ئىقتىدارىدىن خوشال بولۇشقان.1995- يىلى مىكروسوفت Windows 95 مەشغۇلات سىستىمىسىنى بازارغا سالغان.
مىكروسوفت شەخسلەر كومپىيۇتېرى بازىرىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەلىگەندىن كېيىن ، Bill Gates پەن- تىخنىكا ساھەسىدە چولپانغا ئايلاندى. رەسىمدە 1996- يىلى Bill Gates ئامرىكا زوڭتۇڭى كېلىنتون بىلەن بىللە.
1997- يىلى Bill Gates كونا رىقابەتچىسى Steve Jobs ئاداۋەتنى تۈگىتىپ، ئالما بىلەن بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك تىركىشىشنى ئاياقلاشتۇردى.
Bill Gates يەنە مىكروسوفتنىڭ خەلقئارا بازارغا كىرىشىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈردى. 1999- يىلى ئۇ جۇڭگۇدىكى بىر قانچە كومپىيۇتېر ياساش كارخانىلىرى لېدىرلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر تۈرلۈك كىلىشىم ئىمزالاپ ھەمدە بىرلىكتە جاكارلاپ، جۇڭگۇ ئابونتلىرىنىڭ مىكروسوفت مەشغۇلات سىسىتىمىسى ئارقىلىق ئۆيدە تۇرۇپ كىنو ، مۇزىكا چۈشۈرۈش ۋە ئېلخەت يوللاش ، تاپشۇرۇپ ئېلىش قاتارلىقلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
1999-يىلى ئامرىكا تېنا تېلىۋىزىيە تورى بىر «كرېمنى جىلغىسىدىكى دىڭىز قاراقچىسى» ناملىق بىر كىنونى ئىشلەپ تارقاتقان بولۇپ، كىنودا ئاساسلىق Bill Gates ۋە Steve Jobs نىڭ ئىگىلىك تىكلەش جەريانى سۆزلەنگەن. فىلىمدە Bill Gates رولىنى Anthony Michael Hall ئالغان. Steve Jobs رولىنى بولسا Noah Wyle ئالغان.
1999- يىلنىڭ ئاخىرى ، ئامرىكا فىدرال سوت مەھكىمىسىدىكى بىر سوتچىسى، مىكروسوفت قايتا- قايتا ،قايتا- قايتا Windows مەشغۇلات سىستىمىسىنىڭ بازاردىكى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ،پەن-تىخنىكا بازىرىدىكى رىقابەت ۋە يىڭىلىقلارنى بوغدى دەپ قارىدى. مەزكۇر سوتچى بۇ ھۆكۈمنى چىقارغاندىن كېيىن مىكروسوفتنىڭ پاي چىكى باھاسى دەرھال چۈشكەن.
2001-يىلى، Bill Gates فىلورىدا شىتاتىدىكىبىر ئوتتۇرا مەكتەپنى زىيارەت قىلغان، ھەمدە 1100000.00 دوللار ئاجرىتىپ، فىلورىدا شىتاتىنىڭ جەنۇبىدىكى مەكتەپلەرنىڭ كومپىيۇتېر ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 2000-يىلى Bill Gates شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ،شىركەتنىڭ باش يۇمشاق دىتال قۇرۇلمىسى لايىھەلىگۈچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.
بېل- مېلىندا گەيتىس فوندى جەمىيىتى ئامرىكا ۋە باشقا دۆلەت ۋە رايۇنلارغا زور مىقداردا پۇل ئىئانە قىلغان .2005-يىلى گەيتىس ئەر-خوتۇنلار ھىندىستاننى زىيارەت قىلغان. مىكروسوفتنىڭ ھىندىستاندا يۇمشاق دىتال ئېچىش كەسپى بار بولۇپ، گەيتىس فوندى جەمىيىتى بۇ دۆلەتنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى خىزمىتىگە نۇرغۇن پۇل ئىئانە قىلدى.2006- يىلى 6-ئايدا Bill Gates ئۆزىنىڭ مىكروسوفتنىڭ كۈندىلىك باشقۇرۇش خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىدىغانلىقىنى سىرىتقا قارىتا جاكارلىدى.
2007-يىلى Bill Gates بىلەن Steve Ballmer بىرلىكتە Windows Vista مەشغۇلات سىستىمىسىنى ئىلان قىلدى.
كېلەر ئايدىن باشلاپ، Bill Gates مىكروسوفتنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىدۇ، بىراق باش لېدىرلىق ۋەزىپىسىنى يەنىلا ئۆتەيدۇ.
历史上的今天:
Word2003/2007 دا بوش قۇرلارنى يوقىتىش 2008-06-18ئۆزگەرتىشنى قارشى تەرەپمۇ بىلەلەيدىغان قىلىش 2008-06-18بەت قېشىدىكى تۈز سىزىقنى قانداق يوقتىمىز 2008-06-18بىر بەت مەزمۇننى ئىككى ئىستونغا تەڭ بۆلۈش 2008-06-18
收藏到:Del.icio.us
كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !
评论