باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • ئۆزگەرتىشنى قارشى تەرەپمۇ بىلەلەيدىغان قىلىش

    ۋاقىت:2008-06-18 | تۈرى:wordھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/23164155.html

    ئەگەر سىز باشقىلارنىڭ ماقالىسىنى كۆرۈپ بولۇپ،بەزى يەرلەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن بولسىڭىز.بۇ ئۆزگەرتىشلەرنى قارشى تەرەپنىڭمۇ كۆرۈپ بىلەلىشىڭىز ئۈمىد قىلىدىغانسىز؟ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.ئالدى بىلەن ۋورد نىڭ ئاستىدىكى ھالەت قۇرىدىن >ئۆزگەرتىش< دېگەن كۇنۇپكىنى)ئىككى چېكىپ( بېسىپ،ئۇ بەلگىنى كۈلرەڭ ھالەتتىنقارا ھالەتكە ئەكېلىمىز.بۇ چاغدا ھۆججەتتىكى ئۆزگەرتىلگەن،ئۆچۈرۈلگەن خەتلەر ئاپتوماتىك ھالدا ھۆججەتنىڭ ئوڭ تەرىپىگەيۆتكىلىپ،قىزىل تىك تۆتبۇلۇڭ بىلەن ئورۇلىدۇ.ھەمدە بۇ ئۆچۈرۈلگەن خەتنىڭ  ئەسلىدىكى ئورنى قىزىل سىزىق ئارقىلىق كۆرسىتىلىدۇ.ئەگەر يىڭىدىن قوشۇلغان سۆزلەر بولسا،بۇ خەتلەر قىزىل رەڭ بىلەن )قىزىل خەت( ئىپادىلەيدۇ. تۈگىگەندىن كىيىنساقلاپ قويساقلا بولىدۇ.ھەمدە ئەسلى ئەسەر ئىگىسىگە ئەۋەتىپ بەرسەك بولىدۇ.ئەسلى ئەسەر ئىگىسى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن،بىر قۇر كۆرۈپ چىقىپ،ئۆچۈرۈلگەن مەزمۇنلارنى راستتىنلا ئۆچۈرمەكچى بولسا،مائۇس سىتىرىلكىسىنى قىزىل تىك تۆتبۇلۇڭغا تۇغۇرلاپ،ئوڭ كۇنۇپكىنى چەكسەك >ئۆچۈرۈشنى قوبۇل قىلىش < دېگەن تۈرنى تاللىساق ئۆچۈپ كېتىدۇ،ئەگەر ئۆچۈرۈشنى خالىمىساق،>ئۆچۈرۈشنى رەت قىلىش < دېگەن تۈرنى تاللىساقلائەسلىدىكى مەزمۇنلار ئەسلىگە كېلىدۇ.ئەگەر ھۆججەتنى ئاشۇ بەلگە قويۇلغان خەتلەر بىلەن بىللە پرىنتېردا بېسىپ چىقارماقچى بولساق، بېسىپ چىقىرىش دىئالوگرامكىسىدىكى > بېسىپ چىقىرىلىدىغان مەزمۇن < دېگەن تۈردىن >بەلگە قويۇلغان ھۆججەت < دېسەكلا بولىدۇ. ئەگەربۇ بەلگىلەرنى بېسىپ چىقارمايمىز دېسەك > ھۆججەت < دېگەن تۈرنىلا تاللىساق بولىدۇ.

    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30]مەن

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !