باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • FireFox نىڭ ئۈچ قىستۇرما دىتالى

    ۋاقىت:2011-04-21 | تۈرى:تور

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ilkitap-logs/121778054.html

    FireFox نىڭ ئۈچ   قىستۇرما دىتالى

    ئارىمىزدا FireFox تور كۆرگۈسىنى ئىشلىتىۋاتقانلار ئاز ئەمەس.بۇ تور كۆرگۈنىڭ   ئالقىشقا ئېرىشىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرسى 5000 دىن ئارتۇق  قىستۇرمىلار ئارقىلىق ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرگىلى بولىدىغانلىقىدا. ئۆتكەندە بىلىك كۇلۇبىغا مۇشۇ توغۇرلۇق بىر قىسقا يازما يوللىغان ئىدىم. بۇ قېتىم ئۆزۈم ئىشلتىۋاتقان قىستۇرمىلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە رولى ھەققىدە كۆپچىلىككە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشنى لايىق تاپتىم.

    1.مەن ئەڭ ياقتۇرغان قىسستۇرما دىتالى بولسا    Brief .مۇنداقچە ئىيتسام پەقەت مۇشۇ قىستۇرما دىتالىنى دەپلا مەن بۇ ئوت تۈلكىنى ئىشلىتىمەن.   بۇ قىستۇرما دىتالنىڭ ھازىرقى نەشىرى 1.5.4 بولۇپ، بۇ قسىتۇرمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى RSS مەنبە بىلەن تەمىنلىگەن تور بەتلىرىدىكى يىڭى يازمىلارنى كۆرسىتىپ بېرىش بولۇپ، مېنىڭ ھازىرچە بايقىغىنىم  ئۇيغۇرچە تور بەتلەر ئارىسدا ئاساسلىق RSS مەنبە بىلەن تەمىنلەيدىغان تور بەتلەر شەخسى بىلوگلار بولۇپ، ئۇندىن باشقا بىلىك كۇلۇبى قاتارلىق بىر قانچە تور بەتلىرىدۇر. سىز بۇ قسىتۇرمىنى قاچىلىغاندىن كېيىن، ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان بىلوگ ۋە تور بەتلىرىگە مۇشتەرى بولۇش (تور بەتلىرى خەتكۈچ تىزىملىكى ئاستىغا قوشۇلىدۇ)ئارقىلىق ، ھەر ۋاقىت بۇ تور بەت ۋە بىلوگلاردا يىڭى يازما يوللانغان ياكى يوللانمىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرالايسىز ھەمدە يىڭى يوللانغان يازمىلاردىكى ئاساسى مەزمۇنى ياكى پۈتۈن مەزمۇننى ئەشۇ كۆزنەكتە تۇرۇپلا ئوقۇيالايسىز تۆۋەندىكى رەسىمگە دىققەت قىلىڭ.


    رەسىمدىكى سول تەرەپتىك قىزىل سىزىققا ئېلىنغان جاينىڭ ئاستىدىكى 10 چوڭ بىلوگ، بىلوگباس دىگەندەك خەتلەرنى كۆردىڭىزمۇ؟ بۇ يەرگە مەن 10 چوڭ بىلوگ(2010-يىللىق 10 چوڭ بىلوگ كىرگۈزۈلگەن)، بىلوگباس(بىلوگباس سۇپىسى ئىشلەتكەن بىلوگلار كىرگۈزۈلگەن)، مۇستەقىل بىلوگ(ۋوردپىرەس قاتارلىق مۈستەقىل بىلوگ سۇپىسى ئىشلەتكەن بىلوگلار كىرگۈزۈلگەن )، تور بەت (ئۇيغۇرچە تور بەتلىرى كىرگۈزۈلدى)ۋە خەنزۇچە(خەنزۇچە خەۋەر قاتارلىق تور بەتلىرى كىرگۈزۈلدى.) قاتارلىق 5 مۇندەرىجە قۇرۇپ،ئۇلارنىڭ ئىچىگە مۇناسىپ بولغان، ئۆزۈم دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان بىلوگ ۋە تور بەتلىرىنى كىرگۈزۈپ قويدۇم. ھەمدە بۇلارنى ئوت تۈلكىنىڭ تەڭشەك ھۆججىتى شەكلىدە چىقىرىپ قويدۇم. سىز پەقەت تۆۋەندىكى ئادرىسىتىن بۇ ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ، ئوت تۈلكە تىزىملىكىدىن <خەتكۈچ-ھەممە خەتكۈچلەرنى كۆرسىتىش> بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلسىڭىز بىر كۆزنەك ئىچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكتىن <ئەكىر ۋە زاپاسلا> دىگەن تۈرنى تاللاپ باسساق، تۆت تىزىملىك كۆرۈنىدۇ، بىز بۇنىڭدىن ئىككىنچى تۈر يەنى <ئەسلىگە كەلتۈر> دىگەن تۈرنى بىسىپ ئۇنىڭدىن ھۆججەت تاللاش تۈرىنى تاللاپ، بۇ يەردىن سىز چۈشۈرگەن ھۆججەتنى كۆرستىپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ.

    ئەلۋەتتە بۇ يەردە سىزمۇ خالىغانچە بەتلەرنى قوشۇپ قويسىڭىز ياكى ئۆزىڭىز كۆرمەيدىغان تور بەتلىرى بولسا چىقىرىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

    بۇ ھۆججەتنى تۆۋەندىكى ئادرىسىتىن چۈشۈرۈڭ: چۈشۈرۈڭ

    http://ishare.iask.sina.com.cn/f/14770413.html

    رەسىمنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكىلەر بولسا تور بەتلەر دىگەن تۈر ئاستدىكى تور بەتلىرىدىكى يىقىندا يوللانغان، مەن تېخى ئوقۇپ بولدۇم دەپ بەلگە قويمىغان يازمىلارنىڭ تېمىسىدۇر. يازما تېمىسىنى ئۈستىدىكى بىرىنجخ قىزىل سىزىق بىلەن بوياپ قويۇلغان جايدىكى <ئوقۇپ بولدۇم دەپ بەلگە قويۇش () دىگەن خەتنى بىر بېسىۋەتسىڭىز، سىز ئوقۇپ بولغان مەزمۇنلار بۇ يەردە كۆرۈنمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى قىزىل سىزىقتا بويالغان ئۈچ سىنبەلگىنى كۆردىڭىزمۇ، بۇلارنىڭ سول تەرەپتىكىسىنى بىر بېسىپ قويسىڭىز، تېمىنىڭ مەزمۇنىنىمۇ قوشۇپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.تۆۋەندىكىدەك.


     

    مانا بۇ بىلىمدان بىلوگى بىلەن بىلىك كۇلۇبىغا يوللانغان ئىككى تېمىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى.

    1-رەسىمنىڭ سول تەرەپ ئۈستىدىكى قىزىل بويالغان جايغا دىققەت قىلدىڭىزمۇ؟ بۇ جايدىكى كۇلۇچنىڭ بەلگىسى يېنىدىكى يىڭىلاش بەلگىسىنى بىر چەكسىڭىز، تور بەتلەرگە قارىتا يىڭىلاش ئېلىپ بارىدۇ. ئەگەر يىڭى مەزمۇن يوللانغان بولسا، دەرھاللا كۆرستىىپ. ئەگەر تەڭشەش ئېلىپ بارماقچى بولسىڭىز كۇلۇچنىڭ بەلگىسىنى چەكسىڭىز تۆۋەندىكىدەك تەڭشەك كۆزنىكى ئېچىلىدۇ.


     

    يۇقارقى رەسىمدىكى «چىقىرىش» ( Export ) دىگەن كۇنۇپكىنى باسساق يۇقارقى تور بەتلىرىنى بىرلا ھۆججەت قىلىپ چىقىرىپ بېرىدۇ.ھۆججەت شەكلى opml ياكى xml  شەكلىدە چىقىرپ بېرىدۇ.( Opml ھۆججىتى بولسا بىر خىل xml    ئاساسىغا قۇرۇلغان بىر خىل ھۆججەت شەكلى بولۇپ، ئادەتتە مەلۇم بىر ماتىريالنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئىپادە قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.) سۆرەپ كىرىش ( Import ) كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئاشۇ ئۆزىمىز چىقىرىۋالغان ياكى باشقىلار ئەۋەتىپ بەرگەن opml ياكى xml شەكلىدىكى ھۆججەتلەرنى سۆرەپ كىرىشكە بولىدۇ.

    ئەگەر تورداشلار قىزىقسا تۆۋەندىكى مەن ئىشلەپ قويغان opml   ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ، Brief قا سۆرەپ كىرىش ( Import ) ئارقىلىق ھەر قايسى بىلوگ ۋە تور بەتلىرىگە كىرمەي تۇرۇپلا بۇ يەردىكى ئەڭ يىڭى يىڭى يازمىلاردىن خەۋەردار بولالايسىز.

    ئەگەر ئۆزىڭىز ياقتۇرغان بىلوگلارنى بۇ تۈرلەر ئارىسىغا كىرگۈزىۋالماقچى بولسىڭىز قانداق قىلىسىز؟

    تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ.


     

    يەنى ئادەتتە RSS مەنبە بىلەن تەمىنلىگەن تور بەتلىرىنى ئېچىپ، خەتكۈچ ( 书签 ) تىزىملىكىنى چەكسىڭىز <بۇ بەتكە مۇشتەرى بولۇش> ( 订阅此页 ) دىگەن تۈر ئاكتىپ ھالەتكە ئۆتىدۇ. ) RSS مەنبە بىلەن تەمىنلىگەن تور بەتلىرىدە بولسا، كۈلرەڭ ھالەتتە بولىدۇ. ( ئۇنى بىر باسساق، يەنە بىر بالا تىزىملىك كۆرۈنىدۇ.  بىز بۇ يەردىن بىرىنچى تۈرنى تاللاپ چەكسەك يەنە تۆۋەندىكى بەتكە كىرىدۇ.( تۆۋەندىكى رەسىملەرنى تۇتقاندا ئوت تۈلكىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرىۋەتكەن ئىدىم. شۇڭا تۆۋەندىكى رەسىمدە ئەسلىدە خەنزۇچە كۆرۈنىدىغان جايلار ئۇيغۇرچە كۆرۈندى.)


     

    بۇ بەتتىن <ھازىر مۈشتەرى بولىمەن > ( 立即订阅 ) دىگەن تۈرنى چەكسەك تۆۋەندىكى دىئالوگ رامكىسى ئېچىلىدۇ.

     

    بۇنىڭدىن خەتكۈچ قورال سىتونى دىگەن جايدىن بۇ بىلوگنى قايسى تۈرگە قويماقچى بولساق، ئۆزىمىز قۇرىۋالغان مۇۋاپپىق تۈرنى تاللاپلا ، ئاندىن <مۇشتەرى بول> دىگەن كۇنۇپكىنى چەكسەكلا بۇ بىلوگقا مۈشتەرى بولغان بولالايمىز.

    بۇ قىستۇرمىنىڭ باشقا تەڭشەش ئۇسۇللىرىنى ئۆزىڭىز يۇقارقى تەڭشەك كۆزنىكىدىكىدىكى <ئاساسى> ( main ) دىگەن بەتكۈچ ئىچىگە كىرىپ   تەپسىلى تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ.

    2. مەن ياقتۇرغان يەنە بىر قىستۇرما دىتال بولسا Im translator بولۇپ، بۇ قىستۇرما دىتالى گوگۇل تەرجىمانىنىڭ ئۆزى بولۇپ، 50 نەچچە خىل تىلدا تەرجىمە ئىلىپ بارالايسىز. دائىم گوگۇل تەرجىمە بېتى ئىزدەپ يۈرگەندىن كۆپ قولاي. تۆۋەندىكى ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى.


     

    3. مەن ياقتۇرۇپ ئىشلىتىۋاتقان قىستۇرمىلارنىڭ يەنە بىرسى Flash got ئىدى. بۇ قىستۇرما قاچىلاش ئارقىلىق  ئىلگىركى FireFox دا ھۆججەت چۈشۈرگەندە 迅雷 ، flash get قاتارلىق ھۆججەت چۈشۈرۈش قوراللىرىنى ئىشلەتكىلى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. ئەمما يىقىندا 迅雷 ، flash get   ھەر ئىككىلىسى ئۆزلىرىنىڭ FireFox دىكى قىستۇرمىسىنى چىقارغاچقا بۇ قىستۇرمىنى قاچىلىماي، ئۆزىنىڭ قىستۇرمىسىنى قاچىلاپ قويسىمۇ بولىدۇ.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !