باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • firefox4.0 : ئۆزىڭىزنىڭ قاچىلاش ھۆججىتىنى ياسىۋىلىڭ

    ۋاقىت:2011-05-10 | تۈرى:تور

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ilkitap-logs/127336756.html

    ھەر قېتىم سىستىما ئالماشتۇرغاندا ياكى باشقىلارغا سىستىما قاچىلاپ بەرگەندە firefox نىمۇ تەڭ قاچىلاپ بېرەتتىم،ھەمدە قاچىلاپ بولۇپ، يەنە بىرمۇنچە قىستۇرمىلارنى چۈشۈرۈپ، ئازراق تەڭشەش ئېلىپ باراتتىم. تاسادىپى ھالدا firefox4.0 نىڭ قىستۇرمىلىرىنى قاچىلاۋىتىپ، بۇ ئوت تۈلكىنى ئۆزىمىز خالىغانچە تەڭشەپ قۇراشتۇرىۋىلىشقا بولىدىغانلىقىنى بايقاپ قالدىم. بۇ ھەقتە بىلىك كۇلۇبىغا بىر يازما يوللىغان ئىدىم. بۇ قېتىم ئۆزىمىزنىڭ ئوت تۈلكىسىنى قانداق قۇراشتۇرۇپ چىقىش توغرىلىق تەپسىلى توختالدىم. ئەگەر سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئوت تۈلكىسىنى قۇراشتۇرماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغا دىققەت قىلىڭ.

    ئالدى بىلەن تور كۆرگۈدە تۆۋەندىكى بەتنى ئىچىڭ.

    http://diy.mozilla.com.cn

     

    بۇ بەتتىكى ‹ھازىر باشلاڭ› ( 现在开始吧 ) دىگەن خەتنى چەكسىڭىز تۆۋەندىكى ئوت تۈلگە بېتىگە ئەزا بولۇپ خەتلىتىش بېتىگە ئالمىشىدۇ.(ياكى ئوڭ ئۈستى تەرەپتىكى ‹خەتلىتىش›( 注册 ) دىگەن خەنزۇچە خەتنى بېسىپ خەتلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.ئەگەر بۇرۇن خەتلىتىپ بولغان بولسىڭىز بىۋاستە ئوڭ ئۈستى تەرەپتىكى ‹كىرىش›( 登录 ) دىگەن خەنزۇچە خەتنى بېسىپ ئەزالىق بېتىگە كىرسىڭىزمۇ بولىدۇ.تۆۋەندىكىسى خەتلىتىش بېتى.


     

    مۇشۇ بەتتىن ئەزا بولۇشقا تىزىملىتىسىز.سىز تىزىملاتقان ئېلخەت ئادرىسىغا بىر بىر مۇقىملاش ئادرىسىنى ئەۋەتىپ بېرىدۇ. سىز ئېلخەتنى ئېچىپ،شۇ ئادرىسىنى چىكىش ئارقىلىق نومۇرىڭىزنى ئاكتىپلاپ، ئاندىن يۇقارقى بەتنىڭ ئوڭ ئۈستى تەرىپىدىكى كىچىك خەنزۇچە يېزىلغان ‹كىرىش› ( 登录 ) دىگەن خەتنى بېسىش ئارقىلىق كىرسىڭىز بولىدۇ.

    خەتلىتىپ كىرگەندىن كېيىن يەنىلا 1-رەسىمدىكى كۆرۈنۈش ھالىتىگە كېلىپ قالىدۇ.

     

    بىز بۇيەردىن ‹ھازىر باشلاش›( 现在开始吧 ) كۇنۇپكىسىنى باسساق تور كۆرگۈنى تەڭشەش قەدەم باسقۇچلىرىغا كېلىمىز. ئەگەر سىز بۇرۇن بىر قېتىم ئوت تۈلكىنى ئۆزىڭىز قۇراشتۇرۇپ باققان بولسىڭىز تۆۋەندىكىدەك بەتكە كىلىۋىلىشى مۇمكىن.

     

    ئەگەر 1- قېتىم بولسا تور بەت ئۆزى ئاپتۇماتىك تۆۋەندىكى بەتكە ئۆتىدۇ.

     

    بۇ بەتتە تور كۆرگۈنىڭ ئۈستۈنكى ھالەت قۇرىدا كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان نامىنى ۋە بۇ تور كۆرگۈنىڭ باشقا تەپسىلى ئۇچۇرلىرىنى يېزىپ ‹كىيىنكى قەدەم›( 下一步 ) كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ، كەيندىكى باسقۇچقا ئۆتىمىز. يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بەتكە ئۆتىسىز.


     

    بۇ بەتتە ئوت تۈلكىنىڭ ئاساسى ئۇسلۇبىنى بەلگىلەيسىز. ئۆزىڭىز ياقتۇرغان بىر ئۇسلۇبنى بېكىتسىڭىز بولىدۇ.ئاندىن يەنە‹ كىيىنكى قەدەم ›( 下一步 )كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.


     

    بۇ باسقۇچتا ئوت تۈلكىنىڭ سىرىتقى تىرىسىنىڭ رەڭگىنى تاللايمىز. بۇ يەردىمۇ ئۆزۈڭلار ياقتۇرغان بىر تۈرنى تاللاپ ، كىيىنكى باسقۇچقا ئۆتسەڭلار بولىدۇ.


     

    بۇ باسقۇچ مۇھىم باسقۇچ بولۇپ، بۇ باسقۇچتا ئوت تۈلكىنىڭ تۈرلۈك قىستۇرمىلىرىنى بەلگىلەيمىز. شۇڭا بۇ يەردە ئۆزۈڭلار كۆپ ئىشلىتىدىغان قىستۇرمىلارنى تاللىساڭلار بولىدۇ. ئەمما بەك كۆپ تاللىۋەتسەڭلار ئوت تۈلكىنىڭ قاچىلاش ھۆججىتىنىڭ سىغىمى ئىشىپ كېتىدۇ. تاللاپ بولغاندىن كېيىن ‹كىيىنكى قەدەم› ( 下一步 ) كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، كىيىنكى باسقۇچقا ئۆتىمىز.


     

    بۇ باسقۇچمۇ مۇھىم باسقۇچ بولۇپ، بۇ باسقۇچتا تور كۆرگۈڭىز بىلەن بىللە تارقىتىلىدىغان، خەتكۈچكە قوشۇلىدىغان تور بەتلەرنى بەلگۈلەيسىز. يەنى خەتكۈچ قورال سىتونىغا ئەڭ كۆپ بولغاندا 3 دانە تور بەتنى قوشالايسىز. خەتكۈچ تىزىملىكى دىگەن تۈر ئاستىغا ئەڭ كۆپ بولغاندا 5 مۇندەرىجە قۇرالايسىز. بۇ 5 مۇندەرىجىنىڭ ھەر بىرىگە 10 تور بەت ئادرىسى قوشالايسىز. يەنى 5 خىل تۈردىكى تور بەتلەرنىڭ ھەر بىرسىدىن بولۇپ، جەمئى 10 دىن 50 دانە تور بەت ئادىرىسى قوشالايسىز. باشتىكى 3 دانە تور بەت بىلەن ئومۇمىسى 53 دانە تور بەت ئادرىسىنى قوشۇپ تارقىتالايسىز. دىمەك تور بەتلەر ئۆزىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان قولايلىق ئوت تۈلكە تور كۆرگۈسىنى تارقاتسا، ئۆزى ۋە ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تور بەت ئادرىسىلىرىنى قىستۇرۇپ قويسا بۇمۇ بىر تەشۋىقات بولۇپ قالىدۇ.

    ھەممىنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ئوڭ تەرەپتىكى ‹ساقلاش ۋە كۆرۈپ بېقىش› ( 保存并预览 ) دىگەن خەتنى باسسىڭىز  تۆۋەندىكىدەك كۆرۈپ بېقىش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش بېتى ئېچىلىدۇ.


     

    ئەگەر يارىمىغان يەرلىرى بولسا، تور كۆرگۈنىڭ باشقا يەرلىرىنى بىر چىكىۋەتسىڭىز بۇ كۆزنەك يوقايدۇ.ئاندىن سىز ئالدىغا قايتىپ يەنە قايتىدىن تەڭشىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر يارىغان بولسا ئاستىدىكى ‹مەزكۇر تور كۆرگۈنى قۇرۇش›( 构建该浏览器 ) دىگەن كۇنۇپكىنى چەكسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ. تور بىكەت تەرەپ تەكشۈرۈپ كۆرۈپ 2-3 كۈن ئىچىدە سىزنىڭ تور كۆرگۈڭىزنى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەپ بېرىدۇ. سىز بۇ يەردىن بىۋاستە چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ، ياكى باشقىلارنىڭ چۈشۈرىشىگە تەمىنلەپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈشۈرۈش ئۈچۈن تور بەتتىكى تىزىملىكتىن ‹ئۆزى قۇراشتۇرۇش شەخسلەر باش بېتى› ( DIY 个人主页 ) دىگەن تۈرنى چەكسىڭىز چۈشۈرۈش بېتىگە كىرەلەيسىز. تۆۋەندىكىدەك:

     

    بۇ يەردىن پەقەت چۈشۈرۈش ( 下载 ) كۇنۇپكىنى چەكسىڭىزلا ئۆزىڭىزنىڭ تور كۆرگۈسىنى چۈشۈرىۋالالايسىز.

    مەن ئۆزۈم ئىشلىتىدىغان بىر نەچچە قىستۇرما دىتال ۋە ئاندىن ئۇيغۇرچە بىلوگ، تور بەت، مۈنبەر قاتارلىق 5 تۈرگە 50 تور بەت ئادرىسىنى خەتكۈچكە قسىتۇرۇپ، ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگى نامىدىكى تۆۋەندىكى ئوت تۈلكىنى (قىزىل تۈلكە دىسەك بىر ئاز مۇۋاپپىق كىلەمدۇ قانداق؟ بۇ يەردە مەنمۇ خەقنى دوراپ ئوت تۈلكە دەپ ئاتاۋەردىم.) قۇراشتۇرۇپ چىقتىم.ئەگەر سىزمۇ قىزىقسىڭىز   چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭ .
    ئادىرىسى : http://diy.mozilla.com.cn/profiles/user64408/browsers/U3MTMyMDMwNA#download

    ياكى بولمىسا سىنا ماتىريال ئورتاقلىشىش بېتىدىن چۈشۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئادرىسى :
    http://iask.sina.com.cn/u/1515860331/ish?uid=1515860331
    ئەگەر خالىساڭلار سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنىڭ مەخسۇس تور كۆرگۈسىنى diy قىلىپ چىقالايسىلەر .

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !