باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • تور سودىسىدا خەتەردىن ساقلىنىش

    ۋاقىت:2011-04-12 | تۈرى:تور

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ilkitap-logs/118376958.html

    تور ئارقىلىق مال سىتىۋىلىش ھازىر ھەممەيلەنگە تونۇش بولۇپ كەتتى. ئەمما ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تور ئارقىلىق سودا قىلىدىغانلار سانىنى كۆپ دىگىلى بولمايدۇ. سەۋەبى سودىنى بىخەتەر ئىلىپ بىرىش مەسىلىسى بولۇپ، نۇرغۇن كىشلەر سودىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپلا تور سودىسىنى تاللىمايدۇ. دەرۋەقە تور سودىسىدا خەتەرمۇ بار بولۇپ، تۆۋەندىكى يازمىمىزدا تور سودىسىدىكى خەتەر ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۇسۇلى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بىرىلدى.

    1.سودا ئوبىكتىنى تاللاش

    سودا ئوبىكتىنى تاللىغاندا ئىناۋىتى ياخشى، تىجارەت كۆلىمى چوڭ، سودا ئىناۋىتى يۇقۇرى، تورداشلار ياخشى باھاسى كۆپرەك بولغان ساتقۇچىلارنى تاللاش كېرەك. بۇنداق بولغاندا سودا خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدا سىتىۋالغىلى بولىدىغان نەرسىنى ئەڭ ياخشىسى ئوخشاش شەھەردە سودىلىشىش ئۇسۇلىنى تاللاڭ. بۇنداق بولغاندا ساتقۇچىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى بىلەلەيسىز. ئەگەر كېيىن مەھسۇلاتنى  رىمونت قىلىش ، قايتۇرۇش، ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلار بولۇپ قالسا، ئاسان بولۇپ، سىزنىڭ ھوقۇقىڭىزنى قوغداش تەننەرخىڭىزنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

    2. تاۋار  تاللاش

    توردا مال سىتىۋىلىشتا مالنىڭ تۈرىگە قارىتا خەتەرمۇ چوڭ –كىچىك بولىدۇ. مەسىلەن: خەتىرى كىچىك بولغان ماللار بولسا كىتاپ تۈردىكى ماللار بولۇپ، توردىكىسى بىلەن ئەمىليەتتىكىسى ئاساسەن ئوخشاش چىقىدۇ. خەتىرى يۇقۇرى مەھسۇلاتلار بولسا ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى مەھسۇلاتلار بولۇپ، بۇلارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش تەس.  خەتىرى ئوتتۇراھال بولغان مەھسۇلاتلار بولسا، يۇقارقى ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى مەھسۇلات بولۇپ، بۇنىڭغا كىيىم كىچەك، گىرىم بۇيۇملىرى قاتارلىقلار كىرىدۇ.توردىن مال سىتىۋالغاندا ئامال بار قىممىتى بەك يۇقۇرى نەرسىلەرنى سىتىۋالماسلىق كېرەك ، بۇنداق بولغاندا چوڭ زىياننىڭ ئالدىنى ئالالايسىز. توردا مال سىتىۋالغاندا ئەرزان نەرسىگە ئىسىلىۋالماڭ، باھاسى ۋە قىممىتى ئەمىليەتكە ماس كەلمەيدىغان مەھسۇلاتلارغا قارىتا ئىھتىياتچان بولۇش كېرەك. ئەگەر ساتقۇچى مالنىڭ باھاسىنى بەكلا تۆۋەن قويغان بولسا تېخىمۇ ئىھتىيات قىلىش كېرەك. چۈنكى بۇ مال بىر بولسا ساختا مال بولۇشى مۇمكىن، يەنە بىر بولسا، كونا مال ياكى بىراك مال بولۇشى مۇمكىن.  سىتىۋالغۇچى مال سىتىۋالغاندا، ئەمىليەتتىكىگە ئوخشاش ساتقۇچىدىن مالنىڭ زاۋۇتتىن چىققان ۋاقتى، ساقلانغان ۋاقتى، رىمونت كاپالىتى بارمۇ يوق، رەڭگى، مال يەتكۈزۈش ۋاقتى دىگەندەكلەرنى تەپسىلى سوراش كېرەك. ئەگەر سىتىۋالغىنىڭىز قىممەت باھالىق بويۇم بولسا چوقۇم ساتقۇچىدىن شۇ مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت باھالاش دوكلاتىنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسىنى سوراپ ئېلىش كېرەك. ئاسان مەسىلە كۆرۈلىدىغان مەھسۇلاتلارنى (مەسىلەن: نىمكەش يانفۇن) سىتىۋالغاندا بەكرەك ئىھتىيات قىلىش كېرەك. مال سىتىۋالغاندا ساتقۇچىنىڭ مال توغرىسىدىكى بايانىنى تەپسىلى كۆرۈش، مالنىڭ ئاساسى ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش، ئالماشتۇرۇشقا، ياندۇرۇشقا بولامدۇ يوق تەپسىلى سوراش كېرەك. ھەمدە سۆھبەت خاتىرىسى، ئاشۇ مال بار تور بېتى قاتارلىقلارنى ئىسپات قاتارىدا ساقلاپ قويۇش كېرەك.

    3. سودىلىشىش ئۇسۇلىنى تاللاش

    سودىلىشىشتا ئەلۋەتتە بىخەتەر بولغان سودىلىشىش ئۇسۇلىنى تاللايمىز. بىخەتەر سودىلىشىش ئۇسۇللىرىدىن 1. مالنى تاپشۇرىۋىلىپ پۇل تاپشۇرۇش ئۇسۇلى. 2.  ئالىپاي قاتارلىق 3- تەرەپ نازارەت قىلىدىغان سودىلىشىش ئۇسۇلىنى تاللاش. 3. پەقەت بولمىغاندا پوچتىدىن پۇل سىلىش ئۇسۇلىنى تاللاش كېرەك. بۇ ئۇسۇل باشقا جايدا ( شەھەردە ) قىلغان سودىغا بەكرەك ماس كېلىدۇ. چۈنكى پۇلنى بانكىدىن پوچتىدىن سېلىش ئۈچۈن قارشى تەرەپنىڭ ئېنىق ئادرىسى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.ئەگەر ئادرىسى ئېنىق بولمىسا پۇل تاپشۇرىۋىلىش داكۇمىنتىمۇ قارشى تەرەپنىڭ قولىغا يېتىپ بارالمايدۇ. ئۇندىن باشقا  قارشى تەرەپمۇ پۇلنى كىملىك ئارقىلىق  ئالىدۇ. پۇلنى قارشى تەرەپنىڭ دوستى، ساۋاقدىشى، ياكى يولدىشى دىگەندەك كىشلەرگە سېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا قەتئى رەت قىلىڭ.

    4. ئىسپاتنى ياخشى ساقلاش

    توردىكى سودىگەرلەرنىڭ توردا سېتىلغان ماللارنىڭ كىيىنكى سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسى ھازىرقى تور سودىسىنى بوغۇپ قويىۋاتقان سەۋەبلەرنىڭ بىرسى. توردىكى سودا خاتىرىسى بولسا، ئىستىمالچىلارنىڭ ئۆزىنى قوغداشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنىڭ بىرى بولۇپ، سودىلىشىشتىن بۇرۇن، ساتقۇچىدىن مالنىڭ باھاسى، رەڭگى ، مال قايتۇرۇشقا بولامدۇ، ئالماشتۇرۇشقا بولامدۇ دىگەندەكلەرنى تەپسىلى سوراپ بىلىۋىلىڭ. ھەمدە ساتقۇچىنىڭ يازمىچە جاۋاپ قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىڭ.سۆزلەشكەندە ئامال بار شۇ تور سودىسىنى تەشكىللىگەن تور بىكىتى تەۋسىيە قىلغان سۆزلىشى قورالىنى ئىشلىتىڭ. ھەمدە سۆھبەت مەزمۇنىنى ئۆزىڭىزمۇ بىر نۇسخا كۆچۈرۈپ ساقلاپ قويۇڭ. سودا ئاياقلاشقاندىن كېيىن بارلىق تالۇن قاتارلىق ئىسپاتلارنى ياخشى ساقلاڭ. بۇلار كىيىن مالدىن چاتاق چىقسا سىزنىڭ ھوقۇقىڭىزنى قوغداشتىكى ئەڭ ياخشى قورال بولالايدۇ.

    5. توردىكى سودا قىلىش كۆرسەتمىلىرىنى ئوبدان كۆرۈڭ.

    ئەگەر سىز توردىن مەلۇم بىر مالنى ئالماقچى بولغان بولسىڭىز، بۇ مالنىڭ بىرلىك باھاسى بىلەن كىراسىنىڭ ئادەتتە بازاردىكى بىلەن بولغان باھا پەرقىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىڭ. بازاردىكى مال بىلەن بولغان پەرقى بەكلا چوڭ بولۇپ كەتسە، سىز ساتقۇچى ياكى ئەھۋالنى بىلىدىغان كىشلەردىن مەسلىھەت سوراپ ئاندىن قارار قىلىڭ. باشقىلارنىڭ توردىن مال سىتىۋىلىش تەجرىبىسى ھەققىدىكى يازمىلارنى كۆپرەك كۆرۈڭ. بۇنداق بولغاندا كۆڭلىڭىزدە بىرەر سان بولىدۇ.

    6. ساتقۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى ئىنىقلاش

    1. تىلفۇننى تەكشۈرۈش

    قارشى تەرەپ تەمىنلىگەن يانفۇن نومۇرى كىملىك ئارقىلىق ئىچىشقا بولىدىغان كارتىمۇ ياكى بازاردىكى 30 كويغا 50 كوي سۆزلىشىش ھەققى بىرىدىغان كارتىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر كىملىككە قارىمايلا ئاچقىلى بولسا،  قارشى تەرەپ يانفۇنىنى ئېتىۋالغاندىن كېيىن ئۇنى ھىچيەردىن تاپقىلى بولماي قىلىشى مۇمكىن.

    يەنە ئۆز جايىڭىزدىكى تىلىگىراف، كۆچمە ئالاقە، بىرلەشمە ئالاقە قاتارلىق شىركەتلەردىن  قارشى تەرەپنىڭ توردىكى يانفۇن نومۇرىنىڭ  قەيەردە تىزىمغا ئىلىنىپ ئىشلىتىلگەنلىكىنى تەكشۈرۈش كىرەك. ئەگەر شىركەت ئادرىسى بىلەن ئوخشاش چىقماي قالسا كۆپرەك دىققەت قىلىش كىرەك.

    بەيداغا كىرىپلا قارشى تەرەپ بەرگەن يانفۇن نومۇرىنى كىرگۈزۈپ ئىزدەش ئىلىپ بېرىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىنغان، مەلۇم قىلىنغان ئەھۋال بارمۇ يوق تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئۇندىن باشقا ئوخشاش بولمىغان سالاھىيەتتە ئۇچۇر ئېلان قىلغان، مەسىلەن: بەزى بەتلەردە شەخسى سالاھىيەتتە ، بەزىلەردە دۇكاندار سالاھىيىتىدە مال ئۇچۇرى ئىلان قىلغان ئەھۋال بارمۇ يوق تەكشۈرۈپ بېقىڭ. ئەگەر بۇنداق ئەھۋاللار  بار بولۇپ قالسا ، سودىلىشىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك.

    2. بانكا ھىساۋاتىنى كۆرۈش

    ئەگەر باشقا جايدا سودا قىلىپ، پۇلنى ساتقۇچىنىڭ بانكا ھىساۋىغا ئۇرۇپ بېرىش زۆرۈر بولۇپ قالسا، قارشى تەرەپنىڭ بانكا ھىساۋى ياكى ئىناۋەتلىك كارتىسىنىڭ قايسى شەھەردە ئىچىلغانلىقىنى تەكشۈرۈش كېرەك. پۇل سالغاندا پۇل ئالغۇچىنىڭ ئىسمىنىڭ توردىكى تىزىملاتقان ھەقىقى ئىسمى بىلەن ئوخشاش بولسۇن.   ئەگەر شىركەت ئادرىسى بىلەن ئوخشاش بولماي قالسا، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كىرەك. شىركەت نامىدا سودا قىلىپ، پۇلنى شەخسى ھىساپقا ئۇرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلغانلاردىن بەكرەك ئىھتىيات قىلىش كېرەك.

    7.   ئەنزىنى تىزلىكتە مەلۇم قىلىش

    تور سودىسىدىكى ئالدامچىلىق ھەركەتلىرىنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، ئالدى بىلەن يەمچۈك تاشلاپ، كىشلەرنى قاپقانغا دەسسىتىپ،ئاندىن ئۆزلۈكسىز پۇل سىلىشقا ئۈندەيدۇ. ئالدانغان كىشلەر  ياكى مالنى تاپشۇرۇپ ئالالماي، ياكى ئالدىدا سالغان پۇلنىڭ مىھرىدىن كىچەلمەي، بىر قانچە قېتىم پۇل سىلىۋىتىدۇ. ئاقىۋەتتە پۇلمۇ يوق، مالمۇ يوق بولىدۇ. ئەگەر بۇنداق ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز، يىلاننى چۈچۈتۈپ قويماستا ، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !