
جودىيا فوستېر 1962-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ يىل 48ياشقا كىرگەن. ئۆسمۈر ۋاقتىدىن باشلاپ نام قازانغان، مەلۇم بىر ئەر ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن زۇڭتۇڭنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن. گەرچە ھازىر ئۇنىڭ يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان بولسىمۇ لېكىن يەنىلا سېھرىي كۈچىدىن كەتمىگەن ھوللىۋودتىكى سىرلىق ئايال. ئۇنىڭ ئىككى بالىسى بار.

جەنىفور لوپىز 1970-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى تۇغۇلغان. بۇ يىل 42ياش. ئۇ ھوللىۋودتا ئاجايىپ نام چىقارغان تەنناز چولپاننىڭ بىرى.

ھاللىي بېررىي 1966-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇغۇلغان. بۇ يىل 45ياش. ئۇ ئەڭ گۈزەل ‹قارا مەرۋايىت›دەپ ئاتالغان بولۇپ، 40ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ گۈزەللىكى ۋە كېلىشكەن قامىتىدىن كەتمىگەن.

كەيت بلانچېت 1969-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇغۇلغان. بۇ يىل 43ياش. ئۇ ئېكراندائايال پادىشاھ ئوبرازىغا ئىگە بولسا، ئېكران سىرتىدا كەمتەر ۋە ئىللىق چىراي ھاياتقا ئىگە گۈزەل.

جەنىفور كونېللىي 1970-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى تۇغۇلغان. 42ياش. ئۇنىڭ گۈزەللىكى ، ئۇنىڭ ئاددىي-ساددىلىقى، قالتىس رول ئېلىش ماھارىتى ھەتتا ئۇنىڭ ھەمراھى پاۋلو بېتتانىيمۇ بىزنى مەھلىيا قىلىدىغان جەلپكار چولپان.

رېننا زېلۋېجېر 1969-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ يىل 43ياشقا كىرگەن. كېلىشكەن لېدلىي كوپېر بىلەن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن ئىزچىل تەنھا ئۆتمەكتە.

تىلدا سىۋېنتون 1960-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغۇلغان ، بۇ يىل 51ياشقا كىرگەن. ‹قارلىق مۇزدىكى ئايال پادىشاھ›،‹مۇھاپىزەتچى ئايال ئىلاھ›قاتارلىق فىلىملەردە رول ئېلىپ نام قازانغان.

سېلما ھايىك 1966-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ بۇ يىل 45ياش. ئۇ مېكسىكىدىن چىققان گۈزەل بولۇپ، ئۆزگىچە لاتاپەتكە ئىگە.

مىچىل فېيفېر 1958-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ. بۇ يىل 54ياش. ئۇ تەبىئىي گۈزەللەردىن بولۇپ، يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان بولسىمۇ گۈزەل ھۆسنىدىن قالمىغان.

تىنا فېي 1970-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ يىل 42ياشقا كىردى. ئۇ كەسىپ ۋە تۇرمۇشتا پىشقان تالانتلىق گۈزەل بولۇپلا قالماي ئائىلىدە ياخشى ئانا، ياخشى ئايالدۇر.

سارا جېشكا پاركېر 1965-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ بۇ يىل 47ياش. ئۇ گەرچە ئەڭ گۈزەللەردىن بولمىسىمۇ لېكىن ئېسىل پەزىلەتكە ئىگە ئايال چولپاندۇر.

دىياننا لىيانىن 1965-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ يىل 47ياش. ساپ كىچىك قىزلارغا خاس گۈزەللىككە ئىگە. ئۇ ھوللىۋودنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى.

ئۇمما زۇرمان 1970-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇغۇلغان . بۇ يىل 42ياش. ئۇ ئاجايىپ سالاپەت ۋە سېھرىي كۈچكە ئىگە داڭلىق چولپان.

ئاننېتى بېينىڭ 1958-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇغۇلغان. بۇ يىل 54ياش. ئۇ رول ئالغان فىلىملەرنى كۆرسىڭىز ئۇنىڭ قالتىس رول ئېلىش ماھارىتىگە قايىل بولماي تۇرالمايسىز.

مارىسا تومېي 1964-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ يىل 47ياشتا. ئۇ ئېكراندا قالتىس ئوبراز ياراتسا ، ئېكران سىرتىدا ئاددىي-ساددا يۈرىدىغان گۈزەل ئايالدۇر.

كېررىي ئانموس 1967-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغان .بۇ يىل 44ياش. ‹خايكېر ئىمپېرىيىسى›دە رول ئېلىپ يۇقىرى رول ئېلىش ماھارىتى بىلەن دەھشەت نام قازانغان.

فامىكا جانسون 1965-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ يىل 46ياش. ئۇ مودېل ساھەسىدىن كېلىپ چىققان، ‹ئالتۇن كۆز›ناملىق فىلىمدە رول ئېلىپ نام چىقارغان.

ليۇ يۈلىڭ 1968-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى تۇغۇلغان. بۇ يىل 43ياش بولۇپ، غەربلىكلەر نەزىرىدىكى شەرق گۈزىلى، شۇنداقلا ھوللىۋودتا ئەڭ ياخشى تەرەققىياتقا ئېرىشكەن جۇڭگولۇق چولپاندۇر. ئۇ ھوللىۋودنىڭ نۇرغۇن داڭلىق فىلىملىرىدە رول ئالغان.

ساندارا بىللوك 1964-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ يىل 48ياش. ئۇ ئەقىللىق بولغاچقا ئوماق كۆرۈنىدىغان، يۇمۇرىستىك بولغاچقا گۈزەل كۆرۈنىدىغان ئاياللارنىڭ تىپىك ۋەكىلى.

شايىلى جۇد 1968-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ يىل 44ياشقا كىردى.

لاۋرا لىننېي 1964-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغۇلغان. بۇ يىل 48ياشقا كىردى. ئۇ نۇرغۇن فىلىملەردە رول ئالغان.

كىرىستىنا سكوت توماس 1960-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ يىل 52ياش.

ئېلزابىت ھارلىي 1965-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان. بۇ يىل 47ياش.

جۇلىيا ئورموند 1965-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ بۇ يىل 47ياش. ئۇ ‹يالقۇنلۇق يىللار›ناملىق فىلىمدە رول ئېلىپ نام قازانغان.

جۇلىيات بىنوچى 1964-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ بۇ يىل 48ياش.