داڭلىق مودا كىيىم لايىھلىگۈچى رۈيبىكا مىنكوف
9-ئاينىڭ 7-كۈنى، مودا كىيىم لايىھىلىگۈچى رۈيبىكا مىنكوف ئامېرىكا نيويورك لىنكولىن مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلغان 2013-يىللىق نيويورك باھار پەسىللىك مودا كىيىم ھەپتىلىكىدە پەيدا بولدى. شۇ كۈنى 2013-يىللىق نيويورك مودا كىيىم ھەپتىلىكى ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويغان بولۇپ، رۈيبىكا مىنكوف ئىنچىكىلىك بىلەن لايىھىلىگەن چىرايلىق كىيىملەرنى كىيگەن گۈزەل مودېللار سەھنىدە ئېسىل لاتاپىتىنى نامايان قىلدى. كىشىنى جەلپ قىلىدىغان بۇ ئېسىل كىيىملەر نەق مەيداندىكىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىپ نەق مەيدان كەيپىياتىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈۋەتتى.