

تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن،سىچۈەن ميەنياڭ يۈجىن يولى شىمالىي بۆلىكىدە بىر يىگىت پىچاق بىلەن ياشانغان كىشىگە تەھدىت سېلىپ ھەمدە ئۇنىڭغا يۇقىرى ئاۋازدا‹‹تېزدىن ئۇنىڭغا ئۇقتۇرۇش قىل،بىر مىنۇت كېچىكسە ئۆلتۈرىۋېتىمەن›› دەپ ۋارقىرىدى.بۇ چاغدا ياشانغان كىشىنىڭ بىر قولى يارىلانغان بولۇپ قان ئېقىۋاتاتتى.سائەت 16 دىن 53 مىنۇت ئۆتكەندە،بىر پۇقراچە كىيىنگەن ساقچى يىگىتكە ئاستا يېقىنلىشىپ، يىگىتنىڭ پىچاق تۇتقان ئوڭ قولىنى قاماللاپ تۇتتى.شۇنىڭ بىلەن باشقا خەلق ئەسكەرلىرى تېزدىن ئېتىلىپ كېلىپ يىگىتنى كونترول قىلدى. ئىگىلىنىشىچە،بۇ يىگىت بۇ يىل 18 ياش بولۇپ،مۇھەببەت ئىشى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي كەيپىياتى تۇراقسىزلىنىپ بۈگۈنكى ئەھۋال يۈز بەرگەن ئىكەن.