كېنىيىدە قۇرۇلغان Umoja ئىسىملىك يېزىدا
پەقەت ئاياللار ياشايدىكەن.بۇ يېزىنى ئەرلىرى تەرىپىدىن خورلاشقا
ئۇچۇرغان،ئەسكەرلەر تەرىپىدىن تاجاۋۇز قىلىنغان ئاياللار ئەرلەرگە
نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۇلارنىڭ كىرىشىنى چەكلەپ قۇرغان ئىكەن.Nagusi Lokemu
ئىسىملىك ئايال 90-يىللاردا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن ۋەزىپىگە
تەيىنلەنگەن ئۈچ ئىنگلىز ئەسكىرى تەرىپىدىن باسقۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.ئېرىگە
باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغىنىنى دېگىنىدە ئېرى تەرىپىدىن قاتتىق دەپسەندە
قىلىنىپ ئۇرۇلىدۇ.كۆڭلى قاتتىق ئاغرىغان Nagusi Lokemu ئۆزىگە ئوخشاش
ئەھۋال ئاستىدىكى 13 ئايال بىلەن بىرلىكتە كېنىيە پايتەختى نايروبىدىن 350
كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تاشلىۋېتىلگەن بىر يەرگە "Umoja" ئىسمىنى قۇيۇپ
يېزىدىن بىرنى قۇرىدۇ. بۇ يېزا ياۋروپا بىرلىكى دۆلەتلىرىنىڭ ۋە ئافرىقا
ئىنسانى ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ ماددىي ياردىمىگە ئېرىشىدۇ.بۇ ئەركەكسىز
يېزىنىڭ ئاياللىرى ئىنەك بېقىپ سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ ئىقتىسادى
مەنبەسىنى قامدايدۇ.ساياھەتچىلەرنىڭ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن يېزىنىڭ
ئەتراپى دەرەخ ئۆيلەر بىلەن قورشۇۋېتىلگەن.ئۇلارنىڭ نىزامىدا ھېچقانداق
بىر ئەركەك جىنسىنىڭ بۇ يېزىغا كىرىشىگە قەتئىي يول قۇيۇلمايدۇ دەپ
يېزىلغان.جىنسى جەھەتتىكى ئېھتىياجلىرىنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقى
توغرىسىدىكى سوئالغا ئۇلار: ئەرلەرنىڭ ھەممىسى دوزاخقا مەھكۇم،دەپ جاۋاب
بېرىشىدۇ.






كېنىيە ھەققىدە:
كېنىيە (كېنىيە جۇمھۇرىيىتى) بولسا
ئافرىقا جايلاشقان بىر دۆلەت. ئۇنىڭ پايتەختى بولسا نايروبى. دۆلەت تىلى
بولسا ئىنگلىزچە. ئازىركى زۇڭتۇڭ مۋائى كىباكى. ئازىركى باش ۋەزىر رائىلا
ئودىڭا. بۇ دۆلەت 1963 يىلى 12 ئاينىڭ 12 كۈنى مۇستەقىل بولغان، يەر
مەيدانى 580 مىڭ 367 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 37 مىليون 953 مىڭ.