شىنخۇا ئاگېنتلىقى 12- ئاينىڭ 23-كۈنى خەۋىرى ، ئامىرىكىدا بىر
ئائىلە كىشىللىرى يىقىندا يۈز بەرگەن ئېچىنىشلىق بوران چاپقۇنلۇق قار
ئاپىتىدە ماشىنىسى بىلەن قار ئاستىد ائىككى كۈن كۆمۈلۈپ قېلىپ ، ئاخىرى
قۇتقۇزىۋېلىندى .
بۇ ئائىلە ھەپتە ئاخىرىسىدىكى دەم ئېلىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ،
ھەپتىنىڭ بىرى كەچتە ( 19- چىسىلا ) تىكساس ئوبلاستىدىن ئۆتۈپ كىتىپ بېرىپ
قار ئاپىتىگە ئۇچىراپ ، بىر يېزا يولىدا قارغا كۆمۈلۈپ قالغان .ئۇلار
تېلىفۇن ئارقىلىق يېقىن ئەتىراپتىكى بىر تۇغقىنىغا قۇتقۇزۇش ئۇچۇرى
يوللىغان .
ئۆز ۋاقتىدا ، ئۇلارنىڭ تەلىيىگە ماشىنىدا يېتەرلىق يېمەكلىك بار
ئىكەن ، ئۇلار ئىسسىنىش ئۈچۈن پەقەت ئۆزئارا قىستىلىشقان . ئامېرىكا
دۆلەتلىك مۇھاپىزەتچىلەر ئەتىرىتى بىلەن شۇ يەردىكى ساقچى تەرەپ يېتىپ
كەلگەندە ، قار ئاللابۇرۇن ئۇلارنىڭ ماشىنىسىنى كۆمۈۋەتكەن ، ساقچىلار
قارنى كولاپ ، ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى چېقىپ ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ چىقتى .
ھازىر ، بىر ئائىلدىكى ئۈچ كىشى يەنى ئۇنىڭ ئىچىدە 5 ياشتىكى قىزىنىڭمۇ ھاياتى خەۋىپ ئىچىدە ئەمەس .