باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-9 08:05 | ئاپتور: سەرۋى | مەنبە: ئىجادىيەت | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

بەخت ھارپىسى

بەخت ھارپىسى

رىزۋانگۈل يۈسۈپ



    دەرىزىدىن كىرگەن سەلكىن شامال ئۇنىڭ چاچلىرىنى، مەڭزىنى سۆيۈپ ئۆتتى. ئۇ دەرىزە تەكچىسىدىكى ھالرەڭ ئېچىلغان يەسىمەن گۈلىگە قارىغىنىچە دوختۇرنىڭ سۆزىگە جىممىدە قۇلاق سالدى.

    - سىز نىمىشقا ئۆزىڭىزگە بۇنچە بىپەرۋالىق قىلىسىز؟ ئۆيىڭىزدىكىلەر بىلەن بىللە كېلىڭ، دىگەنتىمغۇ سىزگە ؟
   - نىمە گەپ بولسا ئۆزۈمگە دەۋىرىڭ - دىدى ئۇ دوختۇرنىڭ ئاچچىقلىنىشلىرىنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەندەك خاتىرجەم ھالدا. 
   - بوپتۇ ئەمىسە، ئېنىق گەپنى دەۋىرەي. سىزگە ھازىرلا يۆتكەش قەغىزى يېزىپ بىرەي، چوقۇم يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۈرتۈڭ، سەل قارىماڭ ،ئۆسمە دىگەن چاقچاق قىلىدىغان نەرسە ئەمەس - دوختۇرنىڭ تەلەپپۇزى يەنىلا سەل جىددى ئىدى. 
   - سىز مىنى ساقايماس كىسەل بوپ قاپسىز دىمەكچىمۇ؟- چاقچاق قىلغاندەكلا سورىدى ئۇ .
   - ئاۋۋال تەكشۈرتۈپ كېلىڭ، ھازىر ئېنىق بىر نىمە دىمەك تەس.
   دوختۇر ئۇنچە رەھىمسىز ئەمەستەك قىلاتتى، ئۇنىڭ يۈزىگە قارىماسلىققا تىرىشىپ قەغەزگە بىرنىمىلەرنى يىزىپ ئولتۇراتتى.
   ئۇ دوختۇرنىڭ دىئاگنۇز قەغىزىنى تۇتقىنىچە ئاستا قەدەم بىلەن سىرتقا چىقتى. ھاۋا ساپ ئىدى.باھارنىڭ نەمخۇش پۇرىقى كىشىنى مەست قىلاتتى.ئەمدىلا گۈللەر ئىچىلىۋاتقان پەسىل بولۇپ، تارچۇق يوللار يىشىللىق ئارىسىدا سوزۇلۇپ ياتاتتى. ياپ- يىشىل چىملىقنىڭ ئوتتۇرسىدا،بىر تۈپ يىشىل قارىغايغا يانداشقان ھالدا بىر قىزنىڭ بىشىنى سىلىغىنىچە ئولتۇرغان قاناتلىق پەرىشتە كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇراتتى. توساتتىن ئۇنىڭ ئالدىدىكى تارچۇق يولدىن كىچىك بىر قىزچاق ۋىلىقلاپ كۈلگىنىچە يۈگۈرۈپ ئۆتۈپ كەتتى، قىزنىڭ كەينىدىنلا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ياش، چىرايلىق پەرىشتىدەك ئانىسى يېقىملىق ھاسىرىغىنىچە قىزىنى قوغلاپ ئۆتتى. مەيىن شامالدەك ئىللىقلىق ئۇنىڭ يۈرىكىگە شۇررىدە قۇيۇلدى. ئۇ قىز بالىنى ياخشى كۆرەتتى، بەكلا قىز بالىلىق بولغۇسى بار ئىدى، قىزىنىڭ ئىپەكتەك چاچلىرىنى قىنىپ-قىنىپ پۇرىۋىلىشنى ، قورۇ ئىچىدىكى لەيلىمە ئورۇندۇقتا تەۋرىنىپ ئولتۇرغان قىزىنى غىدىقلاپ، دومىلىتىپ كۈلدۈرۈشنى، قىزى بىلەن بىللە سۇغا چۆمۈلۈشنى، قىزىغا ئۆزى بىلىدىغان ھەممە قوشاق-ھىكايىلارنى، چۆچەكلەرنى ئىيتىپ بىرىشنى خىيال قىلاتتى. ئۇ قاناتلىق پەرىشتىگە ھەم بايىقى قىزچاق كەتكەن تەرەپكە قىيماسلىق بىلەن قارىغىنىچە ئاستا مىڭىپ دوختۇرخانا دەرۋازىسىنىڭ سىرتىغا چىقتى.
   دوختۇرخانا دەرۋازىسىدىن قايتىپ چىققىنىدا ئەمدى بۇ جايغا قايتا ئاياغ باسمايمەن دەپ ئويلىدى ئۇ. ئۇنىڭ ئەزەلدىن تىنى ساغلام ئىدى. يىقىندىن بۇيان ئانچە-مۇنچە ھارغىنلىقنى، بەزى-بەزىدە بولۇپ قالىدىغان بىئاراملىقنى ھىساپقا ئالمىغاندا بەدىنىدە نە ئاغرىق نە باشقا كىسەللىك ئالامەتلىرى يوق دىيەرلىك ئىدى. قىرىشقاندەكلا ئىش بولدى. بىر كۈنى ئىدارىدىن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىگىنى تەكشۈرتۈشكە ئىلىپ باردى. تەكشۈرتۈپ بولغاندىن كىيىن ئۆزىچىلا ئۇنى يەنە قايتىلاپ تەكشۈرۈپ ، گويا قەستەن سوراپ تاپقاندەك ئۇنىڭ قولىغا قاملاشمىغانلا بىر كىسەلنىڭ دىئاگىنۇزىنى تۇتقۇزۇپ قويدى. ئۇنىڭ سەل كەيپى ئۇچتى، قولىدىكى قەغەزنى پۈرلەپ تاشلىۋىتىشتىن ئۆزىنى ئارانلا تۇتۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بىلەن زادى كىم قىرىشىۋاتقاندۇ؟ ئىدارە باشلىقىمۇ ياكى دوختۇرمۇ؟.....
   ئۇ پىيادىلار يولىدا ئاستا كىتىۋاتاتتى، ھاۋا ئوچۇقمۇ ئەمەس، تۇتۇقمۇ ئەمەس ئەمما كۆڭلى نازۇك ئايالدەك مۇلايىم ئىدى. سوزۇلۇپ ياتقان ئاقۇش سېمونت يول بوۋايلاردەك مىسكىن كۆرۈنەتتى. ئۇ شۇ ھالەتتە مىڭىپ شەھەر سىرتىدىكى مىشا ئۆستەڭ بويىغا كەلدى. ئۆستەڭدە ھەر ۋاقىت شاۋقۇنلاپ سۇ ئىقىپ تۇرغىنى ئۈچۈن بۇ يەر بۆلەكچىلا يىشىللىق، ھوزۇرلۇق ئىدى. نەچچە يىل ئىلگىرى بۇ جاي ھازىرقى ھالىتىدىنمۇ نەچچە ھەسسە گۈزەل ئىدى. ئۆستەڭ بويىدىكى ھەم يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى سۇۋادان تىرەكلەر مەغرۇر ئەركەكتەك كۆككە تىككىدە قاراپ تۇراتتى. ياپ-يىشىل يوپۇرماقلار ئەرنىڭ باغرىدىكى ساھىپجامالنىڭ چاچلىرىدەك يىيىلىپ ،يەلپۈنۈپ،توزغۇپ تۇراتتى.بىر كۈنلەردە يولنى كىڭەيتىپ ياساش ئۈچۈن كۆككە تاقىشايلا دەپ قالغان تىرەكلەر گويا جەڭدە شىھىت بولغان ئەركەكلەردەك بىر-بىرلەپ يىقىلدى.ئۆستەڭ بويى پەيلىرى يۆلىۋىتىلگەن بىچارە قۇشتەك يالىڭاچلىنىپ قالدى.شۇندىن كىيىن يوللار ھەم ئۆستەڭ بويى يىڭىلىنىپ پاكار ئوماق چىملىقلار،قىزلاردەك نازۇق كۆچەتلەر پەيدا بولدى.بۇ كۆچەتلەر خىلى يىللارغىچە گويا ئاتا-ئانىسىز يىتىم بالىلاردەك بويۇن قىسىپ يا چوڭىيالماي، يا ئۆسەلمەي تۇرۇپ قالدى. ئۇلارغا ئەمدىلەتىن جان كىرگەندەك قىلاتتى، ئەمما ئۇلار يەنىلا بىچارە ئىدى. يازنىڭ تومۇز ئىسسىقىدا ئادەملەرگە سايە تاشلاش تۈگۈل ئۆزلىرىمۇ قاغجىراپ تىنىقى يىتىشمەي قالاتتى.
   مۇشۇ ئۆستەڭنىڭ بويىدا قەد كۆتۈرۈپ گىدىيىپ تۇرغان ئىگىز بىنا ئۇ ئىشلەيدىغان ئىدارە بولۇپ ، ئۇنىڭ كۈنلىرى مۇشۇ ئىدارىنىڭ تۈگىمەس ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئۆتەتتى. ئۇ ھازىر شۇنچە كۈنلەرنى نىمىشقا ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتكۈزىۋەتكىنىگە ھەيران قالدى. ئۇ نىمىگە ئالدىرىغان بولغىيتتىكىنە؟ بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى تىزرەك تۈگۈتۈپ، باشقا بىر دۇنياغا بىرىشقا ئالدىرىغان بولغىيمىدى؟...ئۇ ئۇيان ئويلاپ،  بۇيان ئويلاپ ئاخىرى مۇشۇ باھانىدا تەكشۈرتۈپ داۋالىنىشنى سەۋەپ قىلىپ بىرەر ئايلاپ سىرتلارغا چىقىپ ئايلىنىپ كىلىشنى كۆڭلىگە پۈكتى. ئۇ شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى ئىشلەپ-ئىشلەپ نىرۋىلىرى چىڭقىلىپ بەكلا چارچاپ كەتكىنىنى ئەمدىلا ھىس قىلغاندەك ئىدارىسىنىڭ دەرۋازىسىغا روھسىز ھالدا قاراپ قويدى. راستىنى ئىيتقاندا ئۇنىڭ ئەمدى بىرەر ئايغىچە بۇ دەرۋازىغا قەدەم باسقۇسى يوق ئىدى.
   باشلىقى ئۇنىڭغا تىزلا رۇخسەت بەردى. دىئاگىنۇز قەغىزىنى كۆرىۋىتىپ ئۇنىڭغا سەل ئىچ ئاغرىتقاندەك نىمىلەرنىدۇ دەپ كەتتى. ئەمما ئۇنىڭ قۇلىقىغا گەپ كىرمىدى. خىزمەتداشلىرى بىلەن ھاپىلا-شاپىلا خوشلىشىپ ئىدارە دەرۋازىسىدىن ئىتتىكا يىنىپ چىقتى.
   ئۇ بىردىنلا ئۆزىنى ئەركىن - ئازادە، قۇشتەك يەڭگىل سەزدى. ئۆزىنىڭ بۇ ھالىتىنى تىزلا ياقتۇرۇپ قالدى .ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرقى خاتىرجەم ھالىتىدىن سۆيۈنۈپ ئىختىيارسىز كۈلۈمسىرەپ قويدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كىسىلى توغرىلىق ھىچكىمگە ھىچنىمە دىمەسلىكنى قارارىغا كەلدى.
   ئۇ سەپەر تەييارلىقىنى تىزلا تۈگەتتى. ئەزەلدىن يالغۇز سەپەر قىلىشنى ياقتۇرمىغىنىغا قارىماي بۇ قىتىم ئۆزى يالغۇزلا سەپەرگە ئاتلاندى. ئۇ بۇرۇن نۇرغۇن قىتىم ماڭغان يەكەن بىلەن ئۈرۈمچى ئارىلىقىدىكى يول بەكلا ئۇزىراپ كەتكەندەك ، ۋاقىت ئاپتۇبۇسنىڭ چاقىدەك بىر ئىزىدا توختىماستىن پىقىراۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ خىيالىدا ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە... دەل-دەرەخ،ئىتىز-ئىرىق،چۆل-باياۋان،تاقىر تاغلار ھەممىسى تەۋرىنەتتى. شۇنچىلىك مەيۈس،پەرىشان ھالەتتە چايقىلاتتى. شۇ دەقىقىلەردە ھەممە نەرسە يالغۇز ئىدى .ھەممىلا نەرسە ھاياتلىققا شۇنچىلىك بىپەرۋا،بىكۆيۈم ھالەتتە قاراپ تۇرىشاتتى. ۋاقىت چۆمۈلە ماڭغاندەك شۇنداق ئاستا ئۆتەتتى. ئادەم ھەم ئاپتۇبۇس يەنىلا بىر خىلدا چايقىلاتتى. بۇ سەپەر گويا مەڭگۈ تۈگىمەيدىغاندەك بۇ يوللار شۇ قەدەر ئۇزۇن ھەم قۇرغاق ئىدى.

* * *


   بىر كۈنى ئۇ تىببى ئۇنۋېرسىستىت دوختۇرخانىسىنىڭ ئون يەتتە قەۋەتلىك بالنىست بىناسىدىكى لىفىتتا بىر قاملاشقان ئەرنى كۆرۈپ قالدى. بۇ ئەر كىمگىدۇر ئوخشايدىغاندەك قىلاتتى، ئەمما ھەرقانچە ئويلاپمۇ كىملىگىنى نەدە كۆرگىنىنى ئەسلىيەلمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئەرگە قانداقلارچە شۇ قەدەر مەستانىلىق بىلەن تىكىلىپ قالغىنىنى سەزمەيلا قالدى. ھىلىمۇ ياخشى شۇ چاغدا لىفىتتا ئادەم خېلى جىق ئىدى. ئەر ھىچنىمىنى تۇيمىدى، ھەتتا ئۇنىڭغا دىققەتمۇ قىلمىدى. ئەمما شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە نەرسە ئۆزگەرگەندەك ئۇنىڭ قەلبىدە يىقىملىق بىر ناخشا جاراڭلاشقا باشلىدى. توۋا! بۇ ناخشا شۇ قەدەر گۈزەل ھەم يىقىملىق ئىدى. ئۇنىڭ قەلبىدە بۇنداق يىقىملىق تۇيغۇلارنىڭ پەيدا بولمىغىنىغا تالاي يىللار بولغان ئىدى.ئ ەتىسىدىن باشلاپ ئۇ ئەرنى كۈندە نەچچە رەت ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان بولدى. ئەمما ئەر ئۇنىڭغا دىققەت قىلمايتتى. بىپەرۋا ھەم خاتىرجەم كۆرۈنەتتى. شۇنچىلىك سالاپەتلىك ھەم سۇمباتلىق ئىدىكى ، ھەر قىتىم كۆرگەندە ئۇ ئىختىيارسىز بۇ ئەردىن كۆزىنى ئۈزەلمەي قالاتتى. ئۇ ھەر كۈنى بىر كۈنلۈك نۇر بىلەن داۋالىنىشىنى تۈگۈتۈپ بولۇپ لىفىت ئىچىدە ئەرنىڭ چىقىشىنى ساقلايتتى، شۇنداق سەۋىرىچانلىق بىلەن ساقلايتتىكى ، ئۇ ئۆمرىدە ھىچنىمىنى ھىچكىمنى بۇ قەدەر سەۋرىچانلىق بىلەن كۈتۈپ باقمىغان ئىدى. تاڭ سەھەردە تاماق زالىدا ئۇ يىراقتىن ئەرنىڭ قارشى تەرىپىدە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا كۆز ئۈزمەي قاراپ ئولتۇرۇپ تامىقىنى ھوزۇرلىنىپ يەيتتى. ئاندىن ئۇنى كۆزلىرى بىلەن ئۇزۇتۇپ قويۇپ، ئاستا ياتىغىغا قايتىپ كىرەتتى. ئەرنىڭ ياتىقى يەتتىنچى قەۋەتتە، ئۇنىڭ ياتىقى بولسا توققۇزىنچى قەۋەتتە بولۇپ ئۇ توققۇزىنچى قەۋەتنىڭ دەرىزىسىدىن سىرتلارغا قاراپ تاماششا قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى. بۇ دوختۇرخانا گۈل-گىياھلار ، ياپ-يىشىل چىملىقلار بىلەن پۈركەنگەن بەكلا چىرايلىق جاي ئىدى. يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە قارىغاندا يوللار، چىملىقلار، دەرەخلەر ، گۈللەر، كىتىۋاتقان ئاياللار ، بالىلار،ماشىنىلار، بۇلۇڭغا دۆۋىلەپ قويۇلغان چىرىندىلەر، ئەخلەتلەر ، يامغۇرلار، پاتقاقلار، كوچىلاردىكى سىتىقچىلار، مايلامچىلار،ناۋايلار ،ھۆپىگەرلەر گۈزەل سىزما رەسىمدەك كۆزگە تاشلىناتتى.
    ئەر بەزىدە كىسەللەر كىيىمىنى كىيىپ ئۆزى يالغۇز گۈللۈكلەرنى ئايلىناتتى. ئۇنىڭ يىنىدا ھىچقاچان بىرەر ئايال زاتى كۆرۈنمەيتتى. توۋا، شۇنچىلىك قاملاشقان ئەرنىڭ ئايالى ياكى سۆيگۈنى يوقمىكىنە؟ دەپ ئويلايتتى ئۇ قىزىقسىنىپ.
    ئۇ ئۆزىنىڭ كىسىلىنى ئىختىيارسىز ئۇنتۇشقا باشلىدى. ئۇ گويا يىگىتىنى يوشۇرۇن كۈتىۋاتقان ئاشىق ئىدى. بۇ خىل تۇيغۇ ئۇنىڭ قۇرغاق تۇرمۇشىغا يىڭىچە مەنالار قوشاتتى... ئۇ ئەر بىلەن تونۇشۇشنى، پاراڭلىشىشنى، قول تۇتۇشۇپ سەيلە قىلىشنى خىيال قىلاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ خىيالىنى شۇنچىلىك ئەركىن -ئازادە قويىۋەتتىكى ، ئۇ ئۆمرىدە ھازىرقىدەك خاتىرجەم ئازادە بولۇپ باققىنىنى ئەسلىيەلمەيتتى.
    قۇياش پارلاپ چىققان بىر كۈنى ئىدى. ئۇ ئورۇندۇقتا گۈللەرگە قارىغىنىچە خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتى.سالماق ئاياغ تىۋىشى ئۇنىڭغا ئاستا يىقىنلاپ كەلدى.
    - ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟- دەپ ئەھۋال سورىدى ئەر گويا كونا تونۇشلاردەكلا. 
    ئۇنىڭ يۈزىنى مەيىن شامال سىپاپ ئۆتتى، مۈرىسىدە يىيىلىپ تۇرغان بۈدرە چاچلىرى توزۇپ مەڭزىگە يىپىشتى. خۇشاللىق ئۇنىڭ مەڭزىگە ، لەۋلىرىگە تىپىپ چىقتى .
    - خىلى ياخشى. ئۆزىڭىزچۇ؟- دەپ جاۋاپ قايتۇردى ئۇ سەلگىنە تىترەڭگۈ ئاۋازدا .
    - مەن ئەتە دوختۇرخانىدىن چىقىمەن. شۇڭا سىز بىلەن خوشلىشاي دەپ كەلگەنىدىم.—دىدى ئەر ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ . 
    ئۇ نىمە دىيىشىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى. ئەمما كۆزلىرى ، لەۋلىرى يەنىلا كۈلۈمسىرەيتتى. بىشىنى لىڭشىتتتى، ئەرگە تىكىلىپ قارىدى، ئاندىن يەنە كۆزلىرىنى ئىتتىك ئىلىپ قاچتى. ئۆز-ئۆزىگە گەپ قىلىۋاتقاندەك لەۋلىرىنى مىدىرلاتتى، ئەمما ئاۋازسىز ئىدى.
    - مەنمۇ ئون كۈنلەردىن كىيىن چىقارمەنمىكىن- دىدى ئۇ ئاخىرى ئىغىز ئىچىپ.
    - سىزنىڭ تۇنجى كىلىشىڭىزمۇ؟-دەپ سورىدى ئەر. 
    ئۇ دەمالىقتا ئەرنىڭ نىمە دىگىنى بىلەلمەي قالدى،شۇنداقتىمۇ ھەئە دىگەن مەنىدە بىشىنى لىڭشىتتى.
   - ماڭا ھەر يىلى دىگۈدەك كىلىۋاتقىنىمغا يەتتە يىل بولدى- دىدى ئەر ئاستا ئاۋازدا . ھەر يىلى كېلىپ تەكشۈرتۈپ بىر باسقۇچتىن داۋالىنىپ كىتىۋاتىمەن.
   - سىز ماڭا پەقەتلا كىسەلدەك كۆرۈنمىدىڭىز. شۇنچىلىك خاتىرجەم، ساغلام تۇيغۇ بەردىڭىز، ماڭا –دىدى ئۇ ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن.
   -شۇنداقمۇ؟-دىدى ئەر كۈلۈپ - ئۆزۈمگىمۇ شۇنداق تۇيۇلىدۇ. مىنى بىئارام قىلىدىغان ئومۇرتقامدىكى ئۆسمىدىن بۆلەك جايلىرىم بەكلا ساغلام بولمىسا .
   -ئومۇرتقىڭىزما؟- قايتىلاپ سورىدى ئۇ.
   -ھەئە، كۈندۈزى ئۇنچىلىك قاتتىق ئاغرىق يوق. ئەمما جىمجىت كىچىلەردە گويا بىراۋ ئىنچىكە پىچاق بىلەن ئومۇرتقا سۆڭىكىمنى ئۈنسىز كولاۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ.
    شۇلارنى دەۋىتىپ ئەر گويا باشقا بىرىنىڭ ھىكايىسىنى ئىيتىپ بىرىۋاتقاندەك خاتىرجەملىك بىلەن كۈلۈمسىرىدى.
   قۇياش نۇرى ئەرنىڭ گەۋدىسىگە يىيىلدى. ئەر يىقىملىق نۇر ئىچىدە شۇنچىلىك ساغلام نۇرانە كۆرۈنەتتى.
   - مەنمۇ شۇنداق ئىدىم، ھەتتا زۇكامداپ قالمىغىلى نەۋاق. بىر كۈنى ئىدارىدىن سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە ئىلىپ باردى، ئۆزىچىلا كاناي يولىدا ئۆسمە بار ئىكەن دىدى. ئۆزۈممۇ خىزمەتتىن چارچاپ تۇرغانىدىم، مۇشۇ باھانىدا رۇخسەت سوراپلا بۇ ياققا كەلدىم. مەندە ھىچقانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى يوقتى بولمىسا، ئۆزۈممۇ ئىشىنەلمەي يۈرگەنىدىم، ئەمما بۇ يەردىكى دىئاگىنۇزمۇ ئوخشاش چىقىپ قالدى. تەقدىرىم شۇ بولسا كىرەك.
    - سىز ئوقۇتقۇچىمۇ؟- دەپ سورىدى ئەر. 
    -ھەئە؟
    - كەسپى كىسەلكەنسىز، كاناي يولىدىكى كىسەللىك ئادەتتە ناخشىچى ھەم ئوقۇتقۇچىلاردا كۆپرەك بولىدۇ - ئەر شۇ تۇرقىدا مۇنبەردە دەرس سۆزلەۋاتقان ئەقىللىق ئوقۇتقۇچىغا ئوخشاپ قالدى.
    - نىمىشقا شۇنداق دەيسىز؟- ئۇ قىزىقسىنىپ سورىدى.
    - بەلكىم سىزمۇ ھېس قىلىپ قالغانسىز. ئادەم قايسى ئەزاسىنى كۆپرەك ئىشلەتسە، ئاۋايلىمىسا شۇئەزاسى ئاسان كاردىن چىقىدىغان گەپكەن.
    - ھەئە؟ ئۇنداقتا سىز...؟
    - مىنىڭ كەسپىمنى سىز پەرەز قىپ بىقىڭا!
    مەيىن شامال ئايالنىڭ لەۋلىرىنى يەنە بىر قىتىم سۆيۈپ ئۆتتى. ئايال كۈلۈمسىرىگىنىچە، بىشىنى سەلگىنە سىڭايان قىلىپ ئويلىنىشقا باشلىدى.
    - يازغۇچى؟
    ئەر كۈلگىنىچە بىشىنى چايقىدى.
    - ئەمىسە كاتىپ ياكى تەرجىمان..؟
    ئەر يەنە توختىماي بىشىنى چايقىدى. 
    - ئەمىسە سىز سەيپۇڭ ياكى شوپۇرمۇ؟
    ئەر بىشىنى چايقاشتىن توختىدى، تاپتىڭىز دىگەندەك بىشىنى لىڭشىتتى.
    ئايال ھەيران بولۇپ تۇرۇپلا قالدى. ئۇ بۇ ئەرنىڭ سەيپۇڭ ياكى شوپۇر بوپ چىقىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.
    - ھەيران قالدىڭىز - ھە ؟- دەپ كۈلدى ئەر خاتىرجەم ھالدا. 
    ئايال- ھەئە -دىگەن مەنىدە بىشىنى لىڭشىتتى.
    - مەن بىكەتتە ئىشلەيمەن. ئىلگىرى بىر مەزگىل ماشىنا ھەيدىگەن ئىدىم. بۇ كىسەلنى ماشىنا ھەيدەشكە ئامراقلىقىمدىن تاپقانمەن.
    - ھازىرچۇ؟ھازىر ماشىنا ھەيدىمەمسىز؟
    - ياق. ھازىر مەن باشقۇرغۇچى - دىدى ئەر چاقچاق قىلغاندەكلا كۈلۈپ.
    - شۇنداقمۇ ؟ شۇڭا باشلىقتەك سالاپەتلىككەنسىز- دە ؟ -دىدى ئايالمۇ چاقچاق قىلىپ .
    ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگىنىچە بۇ قەدەر يىقىملىق پاراڭلىشالايدىغانلىغىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. ياپ-يىشىل چىملىقنىڭ ئوتتۇرسىدىن سۇلار ئەتراپقا پۈركۈلۈپ چىچىلاتتى، سۇ تامچىلىرى چىملارنىڭ ،گۈللەرنىڭ بەرگىلىرى ئۈستىدىن قىزلارنىڭ كۆز ياشلىرىدەك سىرغىپ تۆكۈلەتتى، قۇياش نۇرىدا مەرۋايىتتەك پاقىرايتتى. چىملىقتىن،گۈللۈكلەردىن نەمخۇش توپا پۇرىقى كىلەتتى.
    - سىزنى ئەتە ئۇزۇتۇپ چىقاي –دىدى ئايال جىملىقنى بۇزۇپ.
    - ماقۇل - دىدى ئەر . ئارىنى يەنە جىمجىتلىق قاپلىدى.
    - بۇ ھايات بەكلا قىسقىكەن - دىدى ئەر بىر ھازادىن كىيىن ئۆز-ئۆزىگە سۆزلىگەندەك ئاستا ۋەزمىن ئاۋازدا،  –قىلىشنى ئارزۇ قىلغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىپ بولالماي تۇرۇپلا يەنە نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كىتىدىكەن. ئادەم ئۆزىنىڭ ھەر بىر كۈنىنى ئۆزىنى قىيناپ ئەمەس، ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى بىر-بىرلەپ ئورۇنلاپ ئۆتكۈزگىنى ياخشىكەن.سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇيىڭىز نىمە؟
    ئۇ ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى.ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى زادى نىمە؟ئۇ بۇنى چوڭقۇرلاپ ئويلاپ باقمىغانىدى.تۇيۇقسىز كاللىسىغا شىرىن بىر خىيال كەلدى . توغرا ،خاتىرجەملىك،ئۆزىگە ھەقىقى خاتىرجەملىك ئاتا قىلالايدىغان بىر ئەر بىلەن خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇنىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئىدى.
    ئۇ ئۆزىگە قاراپ تۇرغان ئەرگە قاراپ كۈلۈپ قويدى.ئ ۇ بۇ ئەرگە ئۆزىنىڭ شۇ ئارزۇسىنى دىسۇنمۇ؟ئايالنىڭ بۇ ئارزۇسى ئۇنىڭغا بەكلا كۈلكىلىك تۇيۇلار بەلكىم.
    سەلكىن شامال ئايالنىڭ چاچلىرىنى توزۇتۇپ ئۆتتى. ئايال تۇيۇقسىز بىر تال چىكەتكىنىڭ جورىسىنى چاقىرىپ چىرىلداۋاتقىنىنى ئاڭلىدى.
    - نارات يايلىقىغا بىرىپ باققانمىدىڭىز؟-دەپ سورىدى ئەر تۇيۇقسىزلا.
    ئايال ئىختىيارسىز ياپ-يىشىل ئوت-چۆپلەر يەلپۈنۈپ تۇرغان گۈزەل بىر يايلاقنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى.
    - ياق بىرىپ باقمىغان،ئەمما بارغۇم بار-دىدى ئايال مەيىن ئاۋازدا. 
     -مەن دوختۇرخانىدىن چىقىپلا شۇ يەرگە بارىمەن.
    - كىم بىلەن؟ ئۆزىڭىز يالغۇزما؟-ئىتتىكلا سورىدى ئايال.
    - بىرنەچچە ئاغىنىلىرىم بىلەن بىللە بارىمەن.نەچچە كۈن تۇرۇپ كەيپىياتىمنى تەڭشەپ،ھاردۇق چىقىرىپ كىلەيمىكىن دەيمەن.
    - نارات يايلىقىغا بىرىش سىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيىڭىزما؟-دەپ سورىدى ئايال.
    - ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس -دىدى ئەر كۈلۈپ—بۇ پەقەت مىنىڭ ۋاقىتلىق خىيالىم.
    - ئەمىسە سىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيىڭىز نىمە؟
    - ساغلاملىق-دىدى ئەر ئويلىنىپ تۇرمايلا-بىر ئەر ئۈچۈن ساغلاملىق بولسىلا ھەممە نەرسە بولىدۇ.--ئەرنىڭ چىرايىدىكى كۈلكە ئورنىنى سالماق بىر ئويچانلىق ئالدى—سىز بىلمەيسىز بىر ئەر ئۈچۈن ساغلاملىق ھەممە نەرسىدىنمۇ مۇھىم. 
    - مىنىڭچە ، سىز چوقۇم ساغلام بوپ كىتىسىز،بەلكىم بۇ قىتىم نارات يايلىقىغا بىرىپ ئويناپ كەلسىڭىز تىخىمۇ تولۇق ساقىيىپ كىتەرسىز.ئۇ چاغدا سىزدىن ساغلام ئەر بولماس بۇ دۇنيادا.
    - دىگىنىڭىزدەك بولار ئىلاھىم! سىز ئادەمنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ بەك ياخشى تەسەللى بىرەلەيدىكەنسىز. ئادەم كۈندە مۇشۇنداق يىقىملىق پاراڭلارنى ئاڭلاپ تۇرسا نىمىدىگەن ياخشى ھە!سىز بىلەن بىللە ياشىغان ئادەم بىر ئۆمۈر خۇشال ياشىغۇدەك.
    - شۇنداقمۇ ،رەھمەت سىزگە !
    ئۇ يەنە ھىلىقى چىكەتكىنىڭ جورىسىنى ئىزدەپ چىرىلداۋاتقىنىنى ئاڭلىدى. ئۇنىڭ يۈرۈگى لىققىدە خۇشاللىققا چۆمدى. ئۇنىڭ بۇنداق يىقىملىق ماختاشلارنى ئاڭلاپ باقمىغىنغا تالاي يىللار بولغانىدى.
    - ئەگەر قەشقەرگە بىرىپ قالسىڭىز مىنى ئىزدەرسىز.مەن خەلىقئارا ئاپتۇبۇس بىكىتىدە ئىشلەيمەن. -دىدى ئەر ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش ئەمدىلا ئىسىگە كەلگەندەك .
    - ئىسمىم ئايسۇ. يەكەن تەرەپلەرگە ئۆتسىڭىز كۆرۈشۈپ قالارمىز.
    -يەكەنگە بارسام سىزنى چوقۇم ئىزدەيمەن-دىدى ئەر ئاندىن ئۇنىڭغا ئىسىم كارتۇچكىسىنى ئۇزاتتى.


* * *


    ئۇ ياتاققا قايتىپ كىرگەندىن كىيىن قولىدىكى ئىسىم كارتىسىغا قاراپ ئۇزاققىچە ئولتۇردى ، كارتۇچكىغا يىزىلغان نەبى دىگەن ئىسىمنى ياقتۇرۇپ قالغانلىغىنى ھىس قىلىپ ئىختىيارسىز كۈلۈمسىرىدى.ئەتە ئەتىگەندە نەبىنى ئۇزۇتۇپ قويغىلى چىققاندا ئۇنىڭغا ئاددى بولسىمۇ بىرەر سوۋغا بەرسە قانداق بولاركىن؟بەلكىم مۇشۇ كۆرۈشكەنچە ئۇلار بۇ دۇنيادا ئەمدى قايتا كۆرۈشەلمەس... 
    سۈتتەك ئاي نۇرى ئۇنىڭ كىسەل كارۋىتى ئۈستىگە سوزۇلۇپ چۈشكەنىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ نۇر ئىچىدە تۇرىۋاتقىنىنى ھىس قىلدى.ئۇ ھازىرقىدەك گۈزەل كىچىنى ھىس قىپ باقمىغىنىغا تالاي يىللار بولغىنىنى ئەسلىدى.ئىرى ئۆلۈپ كەتكەندىن بۇيان ئۇ نۇرغۇن كىچىلەرنى ھەسرەت،ئەلەم بىلەن ئۆتكۈزگەنىدى.ئىرىنىڭ ئۆلۈمى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى نۇرغۇن گۈزەل نەرسىلەرنى يۇتۇپ كەتتى.ئاچچىق ھەسرەت ئۇنىڭ يۈرۈگىنى قۇرۇتتەك غاجىلاپ ئارام بەرمەيتتى.ئۇ ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ،خورلانغانلىقىنى ھەر بىر ھىس قىلغىنىدا بۇ دۇنيا ئۇنىڭ كۆزىگە دەشت-باياۋان چولدىنمۇ بەتتەر كۆرۈنەتتى. تالاي يىللار ئىلگىرى ئۇنىڭ ئۆزىنى بەختلىك ھىس قىلغان چاغلىرىمۇ بولغانىدى،ئۇنىڭ كۆيۈمچان ئىرى ھەم ئوماققىنە ئوغلى بار ئىدى.ئۇ ئوغلى ھەم يولدىشى بىلەن ئۆزىنى بەختلىك سىزەتتى،ئائىلىسى ئۈچۈن بارلىغىنى ئاتىغانىدى.ئەمما ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە بەكلا كۈتۈلمىگەن بىر ھادىسە يۈز بەردى.ئىرى ئۇنىڭ قەلبىگە تولدۇرغۇسىز ئاچچىق ھەسرەت قالدۇرۇپ قويۇپ شۇنداق تۇيۇقسىزلا ئۆلۈپ كەتتى.ئىرى ئۆلۈپ كىتىش بىلەنلا ئىرى توغرىلىق تارقالغان گەپلەر ئۇنىڭ ئەس-ھۇشىنى يوق قىلغىلى قىل قالدى.توۋا! ئۇ نەقەدەر ساددىلىق بىلەن ئىرىگە ئىشەنگەن ھە ! ئۇ توي قىلغان يەتتە يىلدىن بۇيان راستىنلا ئىرىدىن،ئىرىنىڭ ئۆزىگە ۋە ئائىلىسىگە بولغان مىھرىدىن ئازراقمۇ گۈمانلىنىپ باقمىغانىدى،ئەمما ئىرى ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەن كۈنى ئۇنىڭ يىنىدا باشقا بىر ئايال بار ئىدى..... 
    ئۇ كىچىچە بىئارام بولۇپ ئۇخلىيالمىغانلىقىنى چاندۇرماسلىق ئۈچۈن لەۋلىرىگە لەۋسۇرۇخ سۈرۈپ چىرايلىق ياساندى.ئۆزى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان <<سۆيگۈ مەنزىلى>>دىگەن كىتاپنى كۆتۈرگنىچە ياتاقتىن چىقتى،ئاندىن پەلەمپەيدىن ئاستا-ئاستا چۈشۈشكە باشلىدى.ئۇ نەبىنىڭ ياتىغىدا ئۇنىڭدىن بۆلەك ھىچكىمنىڭ بولماسلىقىنى ئۈمىت قىلاتتى.بولۇپمۇ ئۇنىڭ يىنىدا بىرەر ئايال زاتى بولمىسا بەك ياخشى بولاتتى.
    ئۇ 9-قەۋەتكە چۈشۈپ ئەرنىڭ ياتىقىنى تىزلا تاپتى.ياتاق ئالدىدا بىرئاز ئارىسالدى بولۇپ تۇرۇپ قالدىيۇ جۈرئەتكە كىلىپ ئىشىكنى ئاچتى.
    -كىلىڭ ! كىرىڭ !—نەبى ئۇنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.--مەن نەرسە-كىرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ بولۇپلا سىزگە تىلفۇن قىلىپ خوشلىشاي دەپ تۇرغانىدىم.دوستۇم ئايالى بىلەن بىللە بىكەتكە بىرىپ مىنى ئۇزۇتۇپ قويماقچىدى-دىدى ئۇ يىنىدا تۇرغان بىر جۈپ ئەر-ئايالنى تونۇشتۇرۇپ.
    نەبى بۈگۈن چاقماق كۆڭلەك كىيىۋالغانىدى.كۆڭلەك ئۇنىڭ قامىتىگە شۇنچىلىك ياراشقانىدىكى ئۇ ئىختىيارسىز ئۇنىڭ يىنىغا بىرىپ ئۇنى ئاستا قۇچاقلىغۇسى،ئۇنىڭ كەڭ باغرىغا بىشىنى قويۇپ بىردەم تۇرىۋالغۇسى كەلدى.
    ئۇ قولىدىكى كىتاپنى نەبىگە ئۇزاتتى.
    -سىزگە بىرەر نەرسەسوۋغا قىلاي دىگەنىدىم –ئۇنىڭ ئاۋازى سەلگىنە تىترەپ چىقتى--ئەمما سىز بەكلا تۇيۇقسىز ماڭىمەن دىگەچ سوۋغات ئىلىشقا ئۈلگۈرەلمىدىم.
    -ئاۋارە بولمىسىڭىزمۇ بولاتتى.رەھمەت سىزگە –دىدى نەبى خۇشال ھالدا كىتاپنى قولىغا ئىلىۋىتىپ-سىز ئىشلارنى بەك ئەتراپلىق ئويلايدىكەنسىز،قاراڭ مەن سىزگە سوۋغات ئىپ قويماپتىمەن،مىنى بەك خىجىل قىلىۋەتتىڭىز.
    -بولدى ئۇنداق دىمەڭ! ئەمىسە ئامان بولۇڭ!خۇداغا ئامانەت! 
    ياتاقتىن ئۇمۇ،نەبىمۇ ،نەبىنىڭ دوستلىرىمۇ چامادان ،سومكىلارنى كۆتۈرىشىپ بىللە چىقتى.
    -خۇداغا ئامانەت!سىزمۇ ئامان بولۇڭ!
    ئۇلار خوشلاشتى،ئۇ دەرىزىدىن قاراپ نەبىلەرنىڭ دوختۇرخانا ئىشىگىدىن چىققىنىنى،ئاغىينىسىنىڭ بىر ماشىنىنى ھەيدەپ كەلگىنىنى،ئاندىن ئۇلارنىڭ نەرسە كىرەكلەرنى ماشىنىغا سىلىپ،ئۆزلىرىنىڭمۇ ماشىنىغا چىققىنىنى كۆردى. ئۇ ھەممىگە كۆزىنى مىت قىلماي قاراپ تۇردى.ماشىنا ئاستا قوزغىلىپ ماڭغىنىدا ئۇ گويا بۇ دۇنىيادىكى ئەڭ يىقىن كىشىسىدىن ئايرىلىپ قىلىۋاتقاندەك ئىختىيارسىز كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلدى.مىھىر دىگەن شۇنداق نەرسە بولسا كىرەك.توۋا !ئۇلار پەقەت نەچچە سائەتلا پاراڭلاشتى،ئەمما شۇ نەچچە سائەتلىك مۇڭدىشىش ئۇنىڭ كۆڭلىنى نەبىگە مەھكەم باغلىۋەتكەن بولسا كىرەك.ئۇ ئەمدى ھاياتىدا تاسادىبىلا ئۇچراپ قالغان بۇ ئەرنى ئۇنتۇپ كىتەلىشى مۇمكىنمۇ؟

2
 

    قەشقەرنىڭ كۈز پەسلى بەكلا گۈزەل ئىدى. كۆل بويىدىكى تىخى يىشىللىقىنى يوقاتمىغان مەجنۇنتاللار قەشقەر قىزلىرىنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىدەك ئاستا تەۋرىنەتتى.ئاسمان بىتى رەڭلىك خىرۇستالدەك سۈزۈك بولۇپ ئاپپاق بۇلۇتلار شۇنچىلىك بىخىرامان لەيلەپ يۈرەتتى.قۇياش نۇرى چەكسىز بىر گۈزەللىك بىلەن پارلايتتى. سۇ يۈزىدە بىر جۈپ قۇش بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۇچۇپ يۈرەتتى. ئىگىز دوڭگە يانداشقان بىر قەدىمى مەھەللىنىڭ دوقمۇشىدا بىر بوۋاي ئۆتكەن كەچكەنلەرگە قارىغىنىچە شۇنچىلىك بىخىرامان ئاپتاپسۇنۇپ ئولتۇراتتى. ئۇ بۇ مەھەللە يولىدا ئاستا كىتىۋىتىپ بوۋاينىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئىختىيارسىز توختاپ قالدى.بوۋاينىڭ ئالدىدا نەچچە تال رەڭلىك تاش چىچىغلىق تۇراتتى.
    -كەلسىلە قىزىم پال سەپ بىرەي!-دىدى بوۋاي كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ-سىلىنىڭ بۇ مەھەللىدە ھىچكىملىرى يوقكەن.تۇققانلىرى تۈگۈل تونۇشلىرىمۇ يوقكەن.ئۆزلىرىچە بىكار ئايلىنىپ يۈرىۋاتىپلا.سىلى بىرسىنى ئىزدەيلا ،ئەمما سىلە ئىزدىگەن كىشى بۇ يەردە يوق.-
    ئۇ بوۋاينىڭ سۆزىگە كۈلۈپ قويدى. ئىختىيارسىز ھالدابوۋاينىڭ يىنىدا زوڭزىيىپ ئولتۇردى.
    -بوۋا ئىيتىپ باقسىلا مەن قانداقراق بىرسىنى ئىزدەيدىكەنمەن؟-ئۇ شۇلارنى دەۋىتىپ بوۋاينىڭ رەڭلىك تاشلىرىغا قاراپ قويدى.بوۋاي تاشلارنى قولىغا ئىلىپ كۆزلىرىنى يۇمۇپ بىر ھازا تۇرغاندىن كىيىن بىر نىمىلەرنى دەپ تاشنى يەرگىلا چاچتى.تاشلار ھەر تەرەپكە چىچىلدى.تاشلارنىڭ ئىچىدە يىشىل رەڭلىك بىر تال تاش نىرىغىراق دومىلاپ توختىدى.
    -بىرسىنى ،نەسەبى ئىسىل بىر ئەرنى ئىزدەۋىتىپلا-دىدى بوۋاي تاشلاردىن كۆز ئۈزمەي—يىراق سەپەردە تونۇشۇپلا .ئۇياققا كۆڭۈللىرى چۈشۈپتۇ.ئۇياقنىڭمۇ سىلىگە كۆڭلى باركەن ئەمما قوشۇلمىقىڭلار تەس بولىدىكەن.
    -نىمىشقا ؟--ئۇ بوۋاينىڭ ئىغىزىغا قارىغىنىچە ھەتتا تىنىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي تۇرۇپ قالدى.
    -رىسقىڭلار بىر يەردىن چىقمىدى-دىدى بوۋاي چاقچاق قىلغاندەك كۆزلىرىنى يەنە چىمچىقلىتىپ.
    ئۇنىڭغا بىردىنلا بۇ بوۋاينىڭ گەپلىرى كۈلكىلىك تۇيۇلدى.ئۇ قەشقەرگە ئەلۋەتتە ئەر ئىزدەپ ئەمەس خىزمەت بىلەن كاماندۇرۇپكىغا كەلگەن ئىدى.
    بوۋاي ئىغىزىنى ئۆمەللەپ يەنە نىمىلەرنىدۇ دىمەكچى بولاتتى.ئەمما ئۇ بىشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ يانچۇغىدىن 10كويلۇق پۇلدىن بىرنى ئىلىپ بوۋايغا ئۇزاتتى.
    -ئەمما قىزىم ،كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ!كىيىنكى كۈنلەردە بەختىڭىز ئىچىلىدىكەن،كۆڭلىڭىزدىكى ئەرگە ياتلىق بولىدىكەنسىز.-دىدى بوۋاي بىر ھازادىن كىيىن پۇلغا قاراپمۇ قويماي،
    ئۇنىڭغا بىردىنلا ئەتراپ ۋاللىدە يورۇپ كەتكەندەك تۇيۇلدى،تۇيۇقسىزلا كۆزلىرى قامىشىپ ئالدىغا چىچىغلىق تاشتىن بۆلەك ھىچنەرسىنى كۆرەلمىدى .يىشىل رەڭلىك تاشقا ئاستا قول ئۇزاتتى.ئاۋۋال يىشىل رەڭلىك تاشنى،ئاندىن باشقا تاشلارنى بىر-بىرلەپ تىرىپ ئىلىپ ئورنىدىن تۇردى.بشى سەل قايغاندەك بولۇپ گويا سىھىرلەنگەندەك ،يىنىدىكى بوۋاينىمۇ ئۇنتىغاندەك ئالدىغا قاراپ ماڭدى. 
    ئۇ تىخىچە كۆل بويىدا كىتىۋاتاتتى.سەلكىن شامال ئۇنى سەگىتتى.ئۇ كۆلگە ئىڭىشىپ سۈزۈك سۇنى ئوچۇملاپ ئىلىپ يۈزىنى يۇدى،ئاندىن ئاستا ئىسىگە كىلىپ كۆزلىرى بىلەن بايىقى بوۋاينى ئىزدىدى. بوۋاي بايىقى جايدا كۆرۈنمەيتتى،ئۇ جايدا تىخىچە كۆزنى چاقنىتىدىغان كۈچلۈك ئاپتاپ چوغدەك يالىلداپ تۇراتتى.
    ئۇ كۆل بويىدىكى بۇ مەھەللىدىن ئاستا يىراقلاشتى.بوۋاي بايا ئىيتقاندەك ئۇنىڭ بۇ مەھەللىدە ھىچقانداق تونۇش-بىلىشى يوق ئىدى.پەقەت كۆڭلى تارتىپ مەخسەتسىزلا ئايلىنىپ يۈرگەن ئىدى. بوۋاينىڭ بايىقى گەپلىرىدىن ئۇنىڭ يۈرۈگى ئىيتقۇسىز خۇشاللىققا چۆمدى.
    ئۇ نەبىنى ئۇنتىمىغانىدى.ھەر قىتىم قەشقەرگە كەلسىلا نەبىنى ئىزدەپ تىپىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆڭۈللۈك پاراڭلىشىشنى،قەشقەرنىڭ كوچىلىرىدا بىللە ئايلىنىپ يۈرۈشنى خىيال قىلاتتى.
    بىر قىتىم ئۇ يۈرەكلىك ھالدا نەبىنى ئىزدەپ ئۇنىڭ خىزمەت ئورنىغاباردى.ئۇ بىكەت دەرۋازا تۈۋىدە خىزمەت كىيىمى كىيىپ تۇرغان بىر ئايالدىن نەبىنى سورىدى.
    - نەبىجان بۈگۈن دەم ئالدى-دەپ جاۋاپ بەردى ئايال ئۇنىڭغا قىزىقسىنىپ قاراپ. 
    ئۇ ئارتۇقچە گەپ سوراشقىمۇ پىتىنالمىدى.ئۇ ھىلىقى ئايالدىن نەبىنى سوراپ بولۇپلا ئۆزىنىڭ بەكلا كۈلكىلىك ئىش قىلغىنى ھىس قىلغاندى.توۋا نەبى ئۇنى كۆرسە ئۇنى خۇشال قارشى ئالارمىدى؟ئۇ بەلكىم خىزمەتداشلىرىنىڭ ئالدىدا ئەپسىز ھىس قىپ قىلىشى مۇمكىنغۇ؟ -ھىلىمۇ ئۇنىڭ يوق بوپقالغىنى بەك ياخشى بولدى.-دەپ ئويلىدى ئۇ -بولمىسا ئۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا خىجىللىقتا ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالماي قالارىدى.-
     ئۇ نەبى توغرىلىق ھىچنەرسىنى بىلمەيتتى،ھەم بىلىشتىن ئەنسىرەيتتى.ئۇنىڭ بەلكىم ئائىلىسى باردۇ، بەلكىم كىسىلى ساقىيىپ خاتىرجەم خۇشال ياشاۋاتقاندۇ...بەلكىم ئۇنى ئاللىبۇرۇن ئىسىدىن چىقىرىپ قويغاندۇ...ئۇشۇنداق حىياللارنى ىەلاتتىيۇ يەنە بۇ خىياللارنى يوققا چىقارغۇسى كىلەتتى.
     ئارىدىن نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى.ئۇ ھەر قىتىم قەشقەرگە كەلگىنىدە نەبى ئىشلەيدىغان جاينى بىر ئايلىنىپ كىلەتتى.ئەمما ھىچكىمدىن ئۇنى سورىمايتتى،پەقەت نەبىنىڭ تۇيۇقسىزلا ئۇچراپ ئۆزىنى تونۇۋىلىشىنى ئاندىن تەبىلا پاراڭغا چۈشۈپ كىتىشنى خىيال قىلاتتى.

** ** **


    يەكەندە بۇ يىل قاتتىق قار ياغدى.ئاپپاق قار ئۇچقۇنلىرى گۈللەردەك پورەكلەپ ئۇچۇپ يۇرەتتى . پۇتكۇل زىمىندا پاك بىر گۈزەللىك جىلۋە قىلاتتى. قاتناشلار توسۇلۇپ قالدى.ئۇ قەشقەر تەرەپلەرگە بارالمىدى.پەقەت نەبىگە ئاتاپ ئىبەرتكەن يىڭى يىللىق ئاتكىرتكىنىڭ دەل ۋاقتىدا قولىغا تىگىشىنى ئارزۇلايتتى ئۇ خىلىدىن بىرى بۇ يىڭى يىلنى قەشقەردە ئۆتكۈزۈشنى خىيال قىپ يۈرەتتى، ئۇ بۇ قىتىم قەشقەرگە بارغىنىدا چوقۇم يۈرەكلىك بىلەن يەنە بىر قىتىم نەبىنى ئىزدەشنى ئويلاپمۇ قويغانىدى.ئەمما قىرىشقاندەكلا قاتتىق ياققان قار قاتناشنى ئۈزۈپ قويدى.ئۇ نەبىگە يىڭى يىللىق بىرەر سوۋغات ئىلىشنى ئويلاپ يۈرۈپ يەنىلاچىرايلىق ئاتكىرىتكا ئىبەرتىشنى لايىق تاپتى.ئۇ يىڭى يىللىق ئاتكىرتكىنى بەكلا كۆڭۈل قويۇپ تاللىدى،ئوماق يوغان باش قونچاقنىڭ يىنىدا جىلمىيىپ تۇرغان كىچىك بىر ھەمرىيى بار ئىدى.ئۇ تەبرىك خىتىنىمۇ بەكلا تۈجۈپىلەپ چىرايلىق يازدى. ئۇ كونۋىرتنىڭ بىر تەرىپىگە تىلىفۇن نۇمۇرىنى يىزىپ قويۇشنى ئويلىدىيۇ يەنە بۇ خىيالىدىن يالتايدى. 
    يىڭى يىل كۈنى تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭدىن تىلىفۇن كەلسە ئۇنىڭ يۈرۈگى خوشلۇقتىن يىرىلىپ كىتەرمىكىن؟ ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ روھى ھالىتىدىن ،خىياللىرىدىن ئىختىيارسىز ھەيران قالدى. توۋا،ئۇ مۇشۇ چاققىچە نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن تۇرۇغلۇق يەنە شۇنداق سەبىلەرچە خىيال سۈرۈپ يۈرگىنى قىززىقتە... 
    يىڭى يىل كۈنى يەنە توختىماي قار ياغدى.ئەتراپ ئاق توي كىيىمى كىيگەن كىلىنچەكلەردەك گۈزەللىشىپ كەتتى. بۇ كۈن بەكلا جىمجىت،بەكلا خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ تىلىفۇنغا پات-پات قاراپ قوياتتى. ئۇنىڭغا ھىچكىمدىن تىلفۇن كەلمىدى . بەلكىم ئۇنىڭ ھاياتى مۇشۇنداق ئۈن-تۈنسىز توختام سۇدەك ئۆتۈپ كىتەر.بەلكىم يىللار ئۇنىڭ ياشلىقىنى ،گۈزەللىكىنى ئۈن-تۈنسىز يۇتۇپ كىتەر... 
    نەبى ئۇنى ئىزدەپ كەلگەن كۈنى تىخىچە لەپىلدەپ قار يىغىۋاتاتتى.ئۇ پۈتۈن بەدىنى ئاپپاق قارغا پۈركەنگىنىچە ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا لوڭڭىدە پەيدا بولغاندا ئۇ چۆچۈپ كەتتى.يۈرۈگىنىڭ دۈپۈلدەشلىرىنى نەبىنىڭ ئاڭلاپ قىلىشىدىن قورققاندەك قولى بىلەن مەيدىسىنى تۇتۇپ بىر ھازا تۇرۇپ قالدى. 
    -تىنچلىقمۇ ؟--دىدى نەبى كۈلۈپ تۇرۇپ 
    -ياخشى ،ئۆزىڭىزچۇ ؟-دىدى ئۇمۇ خۇشلۇقىنى باسالمىغان ھالدا
    -يىڭى يىل كۈنىنى ياخشى ئۆتكۈزدىڭىزمۇ؟-دەپ سورىدى نەبى.
    -ياخشى ئۆتتى . ئۇ كۈنى ئۆيۈمدىن چىقماي دەرىزىدىن سىرتقا قاراپ قار تاماششاسى قىلدىم.
    -ئەسلىدە يىڭى يىل كۈنى يەكەنگە كىلىش خىيالىم بار ئىدى،ئەمما ئۇ كۈنى جىددى ئىشلەپ قالدىم.شۇڭا بۈگۈن كەلدىم.يىڭى يىللىق سوۋغىتىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
    ئۇلار قارلىق يولدا ئاستا ياندىشىپ مىڭىشتى.ئۇ كىتىۋىتىپ كۆزلىرىگە ئىشەنمىگەندەك نەبىگە قايتا-قايتىلاپ قارايتتى.نەبى قارا كۆك رەڭلىك پەلتۇ ئىچىدە تىخىمۇ سالاپەتلىك كۆرۈنەتتى.ئۇنىڭ لەۋلىرىدە قانداقتۇر ئۇنىڭغا ئىيتىدىغان نۇرغۇن سۆزلىرى باردەك قىلاتتى.
    -مىنى ئىزدەپ كەلدىڭىزما؟-دەپ سورىدى ئۇ خۇددى قىزلاردەك قىزىرىپ تۇرۇپ.
    -ھەئە،ئەلۋەتتە سىزنى ئىزدەپ كەلدىم.يىڭى يىللىق ئاتكىرتكىڭىز مىنى چىللاپ كەلدى-دىدى نەبى.
    ئۇ كۈلدى.ئاندىن نەبىنى قولتۇقلاپ ئۇنىڭغا يۆلىنىپ مىڭىشنى خىيال قىپ بولۇپ يەنە ئۆز خىيالىدىن خىجىل بولۇپ قىزىرىپ كەتتى.
    -خالىسىڭىز مىنى قولتۇقلىۋىلىڭ ،بولمىسا يىقىلىپ كىتىسىز-دىدى نەبى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ قالغاندەك.
    ئۇ بىشىنى لىڭشىتىپ ئاستالا نەبىنى قولتۇقلىدى.ئۇنىڭ يۈرۈگى ئاجايىپ ئىللىقلىققا تولۇپ كەتتى.ئۇ مۇشۇ ھالىتىدە نەبى بىلەن قولتۇقلىشىپ دۇنيانىڭ ئۇ چىتىگە بولسىمۇ بىرىشقا رازى ئىدى .
    قار توختىدى،گويا مۆجىزە يۈز بەرگەندەك قۇياش پارلاپ پۇتۇن ئەتراپ ئاپئاق نۇرغا تولۇپ كەتتى.ئۇلار نۇر ئىچىدە ئاستا كىتىۋاتاتتى،گويا بۇ نۇر ئۇلارنى گۈزەل بىر مەنزىلگە باشلاپ كىتىۋاتقاندەك قىلاتتى.
    -بۇ يىل يازدا يەنە ئۇرۇمچىگە قايتا تەكشۇرتكىلى بارىمەن .سىزمۇ بارامسىز؟.-دىدى نەبى ئۇنىڭغا قاراپ.
    - دۇختۇر مىنىڭمۇ يىلدا بىر قىتىم بىرىپ تەكشۈرتىشىمنى تاپىلىغانىدى.مەنمۇ يازدا بىرىشنى ئويلىغانىدىم.
    -9-ئاينىڭ بىشى ئەڭ مۇۋاپىق ،ئۇ چاغدا ھاۋا ئىسسىقمۇ ئەمەس سوغۇقمۇ ئەمەس نورمال بولىدۇ.تەكشۈرتۇپ بولۇپ ساياھەت قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.
    -راست ،سىز ئۆتكەن يىل يازدا ناراتقا باردىڭىزمۇ؟-دىدى ئۇ تۇيۇقسىز ئىسىگە كىلىپ.
    -ھەئە باردىم.خۇدا خالىسا بۇ يىل يەنە بىر بىرىش پىلانىم بار،سىزمۇ بىرىشنى خالىسىڭىز 9-ئايدا بىللە بارايلى. 
    -ماقۇل –دىدى ئۇ بىشىنى ئىتتىك لىڭشىتىپ.—بۇ يىل ئۈرۈمچىگە پەقەت ئۆزۈم يالغۇز بارغۇم يوق ئىدى،ياخشى بولدى،سىز بىلەن بىللە بارسام ،نەگىلا بارسام مەيلى.
    -مەنمۇ شۇنداق ،نەچچە يىللاردىن بىرى يالغۇز سەپەرگە چىقىىپ ھاردۇق يەتتىمىكىن دەيمەن.-دىدى نەبى ئۇنىڭغا قايرىلىپ قاراپ.-بولۇپمۇ دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كىيىن كىشىنى بەكلا غىرىپلىق باسىدىكەن،ئۆتكەن يىلى مەن ئەڭ دەسلەپ سىزنىڭ دوختۇرخانا گۈللىكىدە يالغۇز سەيلى قىپ خىيال سۈرۈپ مىڭىشلىرىڭىزغا ،ئاشخانىسىدا يالغۇز تاماق يەۋاتقىنىڭىزغا دىققەت قىلغان ئىدىم.
    -راستما؟ سىزمۇ ماڭا دىققەت قىلغانمىدىڭىز؟-دىدى ئۇ كۈلۈپ.
    -ئەلۋەتتە،خۇددى سىز ماڭا ئاستىرىتتىن دىققەت قىلغاندەك مەنمۇ دىققەت قىلغانىدىم،سىزگە –دىدى نەبى چاقچاق قىلىپ.
    -ۋاي ،سىزنى ....---ھەر ئىككەيلەن قاقاھلاپ كۈلۈشتى.ئەشۇ كۈلكە بىلەن تەڭ ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئۇزۇن يىللىق ھەسرەت توزۇپ كەتكەندەك ئۇ ئۆزىنى شۇنچىلىك ئازادە خاتىرجەم ھىس قىلدى. 
    -مەن سىزنى دەسلەپ كۆرگەن چىغىمدا چوقۇم سىزدەك بىر قاملاشقان ئەرنىڭ ھەمراھى بار دەپ ئويلىغانىدىم—دىدى ئۇ تۇنجى قىتىم كۆڭلىدىكى خىياللىرىنى ئىيتىشقا جۇرئەت قىلىپ-سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى بەكلا بىلگۈم بار ئىدى.ئەمما سوراشقا پەقەت پۇرسەت بولمىدى.بۈگۈن بىلگۈم بار،سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزدىكى مۇھىم كىشىلىرىڭىزنى ،ھاياتىڭىزنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىدە كۆز ئالدىڭىزدا زاھىر بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشىڭىزنىڭ كىملىگىنى بىلىپ باققۇم بار.ئىيتىپ بىرەلەرسىزمۇ؟
    ئۇلار ئىسىل بىر تاماقخانىنىڭ ئايرىمخانىسىدا بىر-بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇشتى.
    -ئايالىم بىلەن ئالى مەكتەپتە ساۋاقداش ئىدۇق. قاتناش ئىنۇستىتۇتىدا بەش يىل بىرگە ئوقۇعانىدۇق—دەپ ئاستا سۆزلەشكە باشلىدى نەبى--ئۇ ئۈرۈمچىدىكى ئاتا-ئانىسى ،ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىدىن ئايرىلىپ مەن بىلەن قەشقەرگە كەلدى. بىز توي قىلدۇق.ئەمما نىمىشقىدۇر ئۇچ يىلغىچە بالىلىق بولالمىدۇق. ئۇ دەسلەپ كەلگەندىلا قەشقەرنىڭ تۇرمۇشىغا كۆنەلمىگەنىدى،ئۇ قەشقەردىكى قائىدە –يوسۇنلارنىڭ كۆپلىگىدىن قاخشاپلا يۈرەتتى.مىنىڭ ئاتا-ئاناممۇ <<قائىدە-يوسۇن ئۇقمايدىغان >>بۇ ئۇرۈمچىلىك كىلىنىنى تازا ياقتۇرۇپ كەتمىدى.مەن يالغۇز ئوغۇل بولغىنىم ئۈچۈن ئۆي ئايرىپ چىقالمايتتىم. شۇنداق قىلىپ ئۇنى قەشقەردە ئۇزاق تۇتۇپ قالالمىدىم .ئۇ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتتى. تۇرمۇشىمدىكى شۇ ئىشلار قاتتىق ھار كەلگەندەك ئۇزاق ئۆتمەي بۇ كىسىلىم ئىنىقلاندى.بۇ ھالىتىمدە يەنە باشقا خىياللارنى قىلىشىم مۇمكىنمۇ؟يەتتە يىلدىن بۇيان داۋالىنىش ئۈچۈن قەشقەر بىلەن ئۈرۈمچى ئوتتۇرسىدا قاتراپ يۈردۈم. ھازىر ھەر ھالد خۇداغا شۈكرى.مانا سىزنىڭ يىنىڭزدا تۇرۇپتىمەن.-دەپ گەپنى تۈگەتتى نەبى.
    - ئۇ چىرايلىقمۇ؟دەپ سورىدى ئۇ.
    -ھەئە-نەبى ئاستالا بىشىنى لىڭشىتتى. 
    -ئۇنى ھازىرمۇ ئەسلەمسىز ؟-دەپ سورىدى ئۇ يەنە .  نەبى ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويدى.
    -ئۈرۈمچىگە داۋالانغىلى بارغان دەسلەپكى يىللىرى ئۇنى ئىزدىمىدىم.چۈنكى ئۆزۈمنىڭ كىسەل ھالىتىنى ئۇنىڭغا كۆرسەتكۈم كەلمىدى. كىيىنكى يىللىرى بارغاندا ئۇنى ساۋاقداشلىرىمدىن سۈرۈشتۈرسەم ئۇ ئۆزىنىڭ نەۋرە ئاكىسى بىلەن توي قىلىپ تۈركىيىگە چىقىپ كىتىپتۇ.قوشگىزەك بىر جۇپ ئوغۇل تۇغۇپتۇدەك.بەختلىك ياشاۋىتىپتۇ.ئويلىسام شۇ چاغدا ئايرىلىپ كەتكىنىمىز بەك ياخشى بوپتىكەن،ئۇ ئائىلىسىدە بەكلا ئەركە ئۆسكەن ئەتىۋارلىق قىز بولغان ئازغىنە جاپاغا بەرداشلىق بىرەلمەيتتى.بىز ھامىنى بىر كۈن ئايرىلىپ كىتەتتۇق.
    نەبى مىنىڭ ھىكايەم تۈگىدى دىگەندەك ئۇنىڭغا قارىدى.
    -ئەمدى مىنىڭ ھىكايەمنى ئاڭلامسىز؟-دىدى ئۇ
    -سىز خالىسىڭىز.
    -يولدىشىم ماشىنا ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كەتتى.بۇنىڭغا بەش يىل بوپ قالدى.ھىلىمۇ ياخشى ھازىر نۇرغۇن ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتتىم.ئوغلۇممۇ يەتتە ياشقا كىرىپ قالدى.چوڭ ئۆيدە ئانام-داداملار بىلەن بىللە تۇرىمىز.مىنىڭ تۇرمۇشىم شۇنچىلىك ئاددى،خۇددى سىز ھازىر مىنى كۆرۈۋاتقىنىڭىزدەكلا.-ئۇ ھىكايىسىنى تىزلا سۆزلەپ تۈگەتتى.گويا باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى سۆزلەپ بىرىۋاتقاندەك تەمكىن ئىدى.
    -بىر-بىرىمىزنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشكىنىمىز بەك ياخشى بولدى.-دىدى نەبى-راستىنى ئىيتسام مەن سىزنىڭ ئەھۋالىڭىز توغرىلىق بىر ئاغىينەمدىن سۈرۈشتۈرگەنىدىم.بولمىسا قاپ يۈرەكلىك بىلەن يەكەنگە كىلەلىشىم مۇمكىنمۇ؟
    نەبىنىڭ سۆزىدىن ئۇنىڭ كۆڭلى خوش بولدى.ئۇنىڭ ھاياتىدىكى يالغۇزلۇق شۇنىڭ بىلەن تۈگىسە،ئۇ نەبى بىلەن خۇشال مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنى باشلىيالىسا قانداق ياخشى بولاتتى ھە !
    ئۇ پولۇ يىيىشنى ياخشى كۆرەتتى.نەبىنىڭمۇ پولۇنى ھوزۇرلىنىپ يەۋاتقىنىغا قاراپ كۈلدى.-سىزمۇ پولۇغا ئامراقمۇ؟ -دەپ سورىدى ئۇ قىزىقسىنىپ.
    -ھەئە –دىدى نەبى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىدەك جاۋاپ بىرىپ-مەن ئادەتتە تاماق تاللىمايمەن ،ئەمما پولۇغا بەكراق ئامراق .
    -مەن پولۇ ئىتىشكە ئۇستا-دىدى ئۇ .
    -شۇنداقمۇ ؟ -دەپ كۈلدى نەبى –شۇنىسى قەشقەرلىككە كىلىن بولماق بەك تەس جۇمۇ -
    -ھەئە –دىدى ئۇ كۆزلىرىنى چوڭ ئىچىپ-راستما ؟ 
    -چاقچاق قىلدىم-دىدى نەبى- بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ھازىر ماڭا قىز تىپىپ بولالماي كۆزى تۆت ئەنسىرىمەڭ ! -
    ئۇلار بىر-بىرىگە يىقىملىق قاراشقىنىچە كۈلۈشتى.
    نەبى قايتىپ كەتمەكچى بولدى- بۇ قىتىم كەلسەم مەخسۇس سىزنى ئەكەتكىلى كىلىمەن دىدى ئۇ-چاقچاق قىلغاندەك.
    ئۇ نەبىنى بىكەتكىچە چىقىپ كۆزى قىيمىغان ھالدا ئۇزۇتۇپ قويدى،
    قار توختىدى.ئەتراپ خىرۇستال ئوردىدەك گۈزەللىشىپ كەتكەنىدى، ئۇ گويا ئۆزىنى مەلىكىلەردەك خۇشال سىزەتتى.ئۆزىنىڭ ھازىرقى خۇشاللىقىنى بەختىيارلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا جاكالىغۇسى كىلەتتى . 

 

ئەسكەرتىش : خۇشدىل تور بېتىگە يوللانغان رىزۋانگۈل يۈسۈپ ئەسەرلىرىنىڭ توردىكى تارقىتىش ھوقۇقى خۇشدىل تورى ۋە شۇ ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، تور بېتىمىزدىن  باشقا بېكەتلەرگە بىردەك يوللاشقا بولمايدۇ.  باشقا بېكەتلەر بىزدىن خالىغانچە كۆچۈرىۋالغان بولسا مەسئۇلىيەت قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. پەقەت ئۇلىنىش قىلىشقىلا رۇخسەت! بېكىتىمىزدىكى ئىجادىي ئەسەرلەرنى ھەرقانداق شەخس ۋە ئورۇننىڭ خالىغانچە خۇشدىل تورىدىن يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY