باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-8 18:36 | ئاپتور: گۈلجەننەت مۇھەممەت | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

گۇناھ كىمدە

 

 

گۇناھ كىمدە
 
گۈلجەننەت مۇھەممەت
 
ھېكايە
 
    گۇناھ ئىشلارنىڭ تۈرلىرى كۆپ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يامىنى ئۆزىنى دالدىغا ئېلىۋېلىشتۇر. بەك چوڭ ئىشلار بولمىسا، بەك زور تەسىرى بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن چوڭراق ئىشلار چىقىپ قالسا، ئاخىرىنى يىغىشتۇرغىلى بولمايدىغان پاجىئەلەرمۇ يۈز بېرىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا ھېچكىم ھېچكىمنى قانات ئاستىغا ئېلىپ بولالماسلىقى مۇمكىن. پەقەت بۇنىڭ ئىگىسى شۇ خاتالىق ئۆتكۈزگۈچىنىڭ ئۆزىدۇر. گۇناھىنى تونۇش ئەڭ ياخشى. تونىماسلىق يامان ئىللەتتۇر ھەم يوقىتىشتۇر.


    مەن بۈگۈن توي قىلىمەن. بۇ خۇشاللىق مېنىلا ئەمەس پۈتۈن ئائىلەمدىكىلەرنى خۇشال قىلدى.
    ھازىر مەن توي گىرىمى قىلدۇرىۋاتىمەن. مەن بۈگۈن تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتتىم. ئەسلىدىمۇ قونچاقتەك قىز بالا ئىدىم. ھەممىسىنىڭ مەسلىكى كېلەتتى. مەيلى گىرىم قىلىۋاتقانلار بولسۇن، مەيلى گىرىم قىلدۇرىۋاتقانلار بولسۇن، مەيلى دوستلىرىم بولسۇن ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي مېنى ماختاۋاتاتتى.

    -ئاداش بۈگۈن بەك چىرايلىق بولۇپ كەتتىڭ جۇمۇ. ھېلى يىگىتىڭ تونىيالماي قالىدىغان بولدى- دە.!
    -يىگىتىڭ دەيسەنغۇ، ئەتىگەن نىكاھ ئوقۇلدى ئېرىڭ دىمەمسەن ... - ھەممەيلەن پاراققىدە كۈلۈشتى. مەنمۇ كۈلدۈم. مەن ھەقىقەتەن خۇشال بولغان ئىدىم. بۇ خۇشاللىقىمنىڭ بۇنچە قىسقا بولىدىغانلىقىنى مەن خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدىم. بۈگۈن تويۇم بولدى، مېنىڭچە ھاياتىمدىكى ئەڭ ئەشەددىي بولغان قاباھەتلىك چۈشۈم باشلاندى. 
    بىز ياسىنىشىپ دېگەندەك ئىشلىرىمىزنى تۈگىتىشىپ، قىز ئولتۇرۇشى بولىۋاتقان رېستۇرانغا كەلدۇق.
    ئاپام-داداملار، باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلار ھەممىسى مېھمانلارنى كۈتىۋاتاتتى. ھەممىسى مېنىڭ تويۇمغا تەنتەنە قىلىۋاتاتتى. لېكىن ئاشۇ بىچارە ئاپامغىلا بىر تال قىزنى ياتلىق قىلىشى سەل ئېغىر كەلدى. بۈگۈندىن باشلاپ مېنى تالالىق قىلىپ خەققە تۇتقۇزىدۇ. ئاپام كۈلەلمىدى. كۆز چاناقلىرىدا ياشلار ئەگىپ تۇراتتى. ئاپامنىڭ يېنىدا تۇرغان قولداش خوتۇنلار :
    -خۇش بولۇڭ، زۈمرەتخان، خۇش بولۇڭ، پەرھىز ئادا قىلىندى . - دەپ ئاپامغا تەسەللىي بېرىۋاتاتتى. گىرىمخانىدا خۇشال يېنىپ كەلگەن مەن ئەمدى يىغامنى توختىتالمىدىم. مەن ئۇلاردىن بۈگۈندىن باشلاپ ئايرىلىدىكەنمەن. مەن بۇنى بۇرۇن ھېس قىلماپتىكەنمەن. مانا مۇشۇ دەقىقىلەردە ھېس قىلىۋاتىمەن. مەن ئەمدى بۇلارنىڭ ئەمەس ئىكەنمەن. ئۆزۈمنى خۇددى ئاتا-ئانىسى مەجبۇرىي باققۇسى كەلمەي، خەققە بېرىۋېتىلگەن 3-4 ياشلىق بالىدەك ھېس قىلىۋاتىمەن. لېكىن مەن كىچىك بالا ئەمەس، شۇنداق بولسىمۇ مەن ئەمدى ئۇلارغا ئەركىلەلمەيدىغان بولدۇم، ئۇلارغا قېيدىيالمايدىغان بولدۇم، ئاپامنى كۆپ قاخشىتىپتىمەن. دادامنى نۇرغۇن قېتىم ئۇھسىندۇرۇپتىمەن. بالا باققانغا راستىنلا تويغۇزغان ئوخشايمەن. نەچچە ۋاقىتتىن قىلچىمۇ بۇنداق ئويلىمايدىغان ئادەم بۈگۈن ھەممىنى ئويلاپ يەتكەندەك بولدۇم. ئەمدى سىلەرنىڭ ئىشىڭلارنى قىلاي دېسەممۇ قىلالمىغۇدەكمەن، چوڭلارنىڭ " قىز بېقىپ نېمەڭ قالدى دېسە، بىر چېلەك يۇندىسى"  دېگىنى شۇ ئىكەن. بۇ گەپنىڭ تېگىگىمۇ ئەمدى تېخىمۇ بەك يەتكەندەك قىلدىم. ھەممە ئادەم بېشىغا كەلگەندە بىلىدىكەن. باشقىلار مېنىڭ تويۇمغا توي قوشماقتا ئىدى. مەن بولسام قەلبىمدە ماتەم تۇتماقتىمەن. خەقلەر " تويۇڭدا مەجبۇرىي يىغلايسەن" دېسە ئۇنىمۇ بىلمەپتىكەنمەن. مەجبۇرىي ئەمەسكەن، ئىچى-ئىچىدىن چىققان پۇشايمان، ئۆكۈنۈش، ئاچچىق ھەسرەت، ئايرىلىش ئازابى ئۈچۈن يىغلايدىكەن. يىغلىمايمەن دېگەنگە ئۇنىماي چىقىدىغان توي يىغىسى ئىكەن.
    -يىگىتلەر كەلدى، قىزنىڭ يۈزىنى يېپىڭلار - دېدى بىر دوستۇم ئالدىراش كىلىپ.
    -تېز ، تېز - قىزلار قۇچقاچلاردەك چۇرقىرىشىپ كەتتى. ئۇلار مېنى ئوڭشاپ قويدى.
    يىگىتلەر كىردى. 
    -يىگىتىمىز نېمانچە قاملاشقان بۈگۈن - دېدى قىز  بېشى. 
   - قىز تېخىمۇ چىرايلىق بولغاچقا ئېلىپ كەتكىلى كەلدۇققۇ ؟ - دېدى يىگىتلەرنىڭ بېشى.
   -ئۇنداق ئاسان ئېلىپ كېتىدىغان قىز نەدىكەن دەيسىز، تۆش بېرىسىز تۆش. 
   - قىزلار تۆش ئالمىغۇچە قىز بەرمەيمىز شۇنداققۇ ..... ؟
   -بىز تۆشنىمۇ بەرمەيمىز، قىزنىمۇ ئېلىپ كېتىمىز.  قانداق دېدىم يىگىتلەر؟ - دېدى يىگىت بېشى.
    گارمونچى مۇزىكىسىنى تېخىمۇ كۈچلۈك چېلىپ، ئۈنلۈك ئېيتىشقا باشلىدى. ھەممەيلەن توي شادلىقىغا چۆمۈلگەن ئىدى. لېكىن مەن ئېچىلالمىدىم. ئاپامنىڭ سىماسى ئالدىمدا. مەن ئۇنىڭغا قىيالمىغۇدەكمەن. قانداقمۇ مېڭىپ چىقىپ كېتەرلەرمەن بۇ يەردىن....
    بىز ھەممىمىز دادام-ئاپاملارنىڭ ئالدىغا ئاستا مېڭىپ كەلدۇق. چوڭلار مېنىڭ ئۆمۈرلۈك يولدىشىم دەپ قارالغان مەردان بىلەن ئىككىمىزنىڭ بېشىدىن نان تۇزلارنى ئۆرىدى. ھەممەيلەن رازىلىق دۇئالىرىنى بېرىشتى. 
   مەردان مېنى تارتىپ ماڭدى. كەينىمگە قانداق ئۆرۈلگىنىمنى بىلمەيمەن ئاپامغا ئېسىلىپ ھۆڭرەپ يىغلىدىم. ھەممەيلەن :
   - بولدى قىزىم بولدى، تېز مېڭىڭ، تېز مېڭىڭ.
   -زۈمرەتخان بولدى قىلسىلا، يولدىن قويمىسىلا ...
   مەن كەتتىم. ئىچىمدە: "ئاپا ، دادا، مەندىن رازى بولۇڭلار " دىدىم. 
   مۇزىكا ئىچىدە بىز كەتتۇق.

   كەچتە ئوغۇل تەرەپتىمۇ توي شۇنداق ياخشى بولدى. توي قىزىپ خېلى ئەۋجىگە چىققان ئىدى. بىر ۋاقىتتا تۇيۇقسىز بىر تونۇش چىراينى كۆرۈپ قالدىم. كۆزۈمگە ئىشەنمىگەندەك يەنە بىر ئىزلەپ قارىدىم. يۈرۈكۈم قارتتىدە قىلدى. يۈرىكىم ئېغىشى تېنىمنى شۈركەندۈرۋەتتى. ئۇ تونۇش چىراي يەنە يوقاپ كەتتى. ئىچىمدە: "خىيالىمكەندە، " دېدىم دە، كۆڭلۈمدە ۋاقىت ھېسابلىدىم : "  12 يىل، بۇ يىل 12- يىلى ئىكەن. ئۇ تۈرمىدىن چىققانمىدۇ؟ "يەنە ئەنسىز ئەتراپقا قارىدىم. يېنىمدىكى قولداش مەندىن:
    - ئاداش، ساۋاقداشلىرىڭ كەپتىمۇ، ئەجەپ قاراپ كەتتىڭغۇ؟
    -ھە، ياق ، ھە .... - مەن كېكەچلەپ كەتتىم يەنە: - شۇنداق بىر ساۋاقدىشىمنى ئوخشىتىپ قالدىم. ئەمەستەك قىلىدۇ.
    -زۇلپىيە، يۈر، تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ چىقايلىچۇ ، - مەن قولداشنىڭ قۇلىقىغا بوش ئاۋازدا دېدىم. رېستۇران ئىچى مۇزىكىدا، ئۇسسۇل-ناخشىلاردا قىزىپ، قايناپ كەتكەن ئىدى. مەن مەردانغا سىرتقا چىقىدىغانلىقىم توغرىسىدا ئىشارەت قىلدى. ئۇمۇ باش لىڭشىتىپ قويدى.
    مەن قولدىشىم بىلەن تازىلىق ئۆيى تەرەپكە ماڭدىم. راستىنلا شۇ ئوخشىمامدۇ؟ ئۇ ئاۋۇ يەردە تۇرامدۇ قانداق؟
    مەن دەرھال كىرىپ كەتمەكچى بولغان ئىدىم. ئۇ كەينىنى قىلىپ تۇرۇپ:
    - قانداق، ئويلىمىغان بولغىيىتىڭىز نازاكەت.
    مەن جايىمدا قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. بۇ دەل ھېلىقى ئاۋاز. مەن ئەڭ يىرگىنىدىغان ھېلىقى ئاۋاز.
    -سەن كىىرپ تۇرغىن زۇلپىيە، مەن كەينىڭدىن كىرىمەن- دېدىم.
    زۇلپىيە كىرىپ كەتتى. ئۇ مېنىڭ يېنىمغا كىلىپ:
    - قانجۇق، مەن چىقتىم. ئويلىمىغان بولغىيىدىڭ، بۈگۈنكىدەك بەختلىك كۈنلىرىڭدە پەيدا بولۇشۇمنى ھە! مەن ئەمدى سېنى كۈندە يوقلاپ تۇرىمەن. مۇشۇنى ساڭا ئەسكەرتىپ قويماقچىمەن. سەن ئەمدى مېنىڭكىگە كۆنىسەن، كۆنمەيدىكەنسەن، مەن سېنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرىڭنى خەلقى-ئالەم ئالدىدا يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىمەن ! - دېدى_ دە، يەنە: - بۈگۈن ھەقىقەتەن چىرايلىق بولۇپ كېتىپسەن، - دېدى ئۇ ئاغزىنى بوينۇمنىڭ يېنىغا يېقىن كەلتۈرۈپ، بەك خۇشپۇراق دېدى ئۇ ئەسەبىيلەرچە، مەن دەرھال ئۇنى ئىتتىرىۋەتتىم. ئاڭغىچە زۇلپىيە چىقتى. 
    مەۋلان:
    - ساۋاقداشلار سالىمىنى يەتكۈزدى - دېدى زۇلپىيەگە يالغان كۈلۈمسىرىدى. ئۇ زالغا كىرىپ كەتتى.
    زۇلپىيە:
    - ئاداش نېمانداق ئۇزۇن تۇرۇپ قالدىڭ. 
   مەن جاۋاب بەرمەيلا تازىلىق ئۆيىگە كىردىم. ئەينەككە قارىدىم. مېنى قاتتىق ۋەھىمە بېسىۋالدى. يۈرەكلىرىم ئەنسىزلىكتىن سوقۇش سۈرئىتى تېزلىشىپ كەتكەن ئىدى. " ئۇ نېمىشقا مېنى يوقلايدۇ، بۇ قانداق گەپ ؟ " دېدىم ئۆز-ئۆزۈمگە، يەنە " مېنىڭمۇ يولدىشىم بار بولدى. ئۇ قۇرۇق گەپ قىلىۋاتىدۇ "  دەيتتىم. ئۆزۈمگە شۇنداق ئىشەنگەندەك گەپلەر بىلەن تەسەللىي بېرىۋاتقان بولساممۇ لېكىن مەن ھەقىقەتەن قورقۋاتقان ئىدىم.  " بۇ تويدا ئۇ نېمە قىلىدۇ. بۇ يەردە تونۇشى بارمۇ يە؟ قەستەن مېنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلدىمۇ يە؟ بىرەر ئۇرۇق-تۇغقىنىمۇ يە؟ " قورقۇنۇش چىرايىمغا چىقىپ كەتكەن ئىدى. زۇلپىيە كەينىمدىن كىردى:
    - ئاداش ساڭا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟
    -ياق، زۇلپىيە. مەن سەل چارچاپ قالغان ئوخشايمەن. يۈر چىقايلى- دەپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە چىقتىم. ئۇ كەينىمدىن كۆينەكلىرىمنى تۈزەشتۈرۈپ چىقتى.
   جايىمىزغا كىلىپ ئولتۇردۇق. مەردان:
    - نېمانچە ئۇزۇندا چىقىسىلەر، ئىچكىردىن كەلگەن ساۋاقداشلار بىرگە سۈرەتكە چۈشىۋالىمىز دېگەن ئىدى، سىز يوق بولۇپ قالدىڭىز -دېدى.
    -تازىلىق ئۆيىدە ئادەم كۆپكەن - شۇڭا دېدىم سەل تارتىنىپ. مانا مېنىڭ يالغانچىلىقىم ھازىردىن باشلانغان بولدى. مەن بۇ ئۆمۈرلۈك ھەمراھىم بولغان كىشىگە يالغان سۆزلەشنى باشلىۋەتكەن بولدۇم. لېكىن ئۇ بۇنى بىلمەيتتى.
    توي يەنە ئۆز يوسۇنىدا قىزغىن كەيپىياتتا ئىدى.
    مەن غىل-پال ئۇنى كۆرۈپ قالاتتىم. بىر ئازدىن كېيىن مەۋلان ئۇدۇل مەن تەرەپكە كېلىۋاتاتتى. مەن بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ كۆزۈمنى يۇمىۋالدىم.
    -ئاكا، بۇياققا كەل سۈرەتكە چۈشىۋالايلى، ئەتىگەندىن چۈشەلمىگەن ئىدۇق - دېدى مەردان بىراۋغا.
    مەن بېشىمنى كۆتۈردۈم. كۆزۈم ھەيرانلىقتا يوغىناپ چىقىپ كېتەيلا دەپ قالغان ئىدى« مەۋلان، ئاكىسى، مەن ئەجەپ....»
    -قانداقراق ئۇكا، بۈگۈن ساڭا قۇت كۈن جۇمۇ، مۇبارەك بولسۇن، بېشىڭلار باش، ئايغىڭلار تاش بولۇپ كەتسۇن! - دېدى بىزنىڭ كەينىمىزگە ئۆتكەچ. ئۇ ئىككىمىزنىڭ ئورۇندۇقى كەينىگە تۇردى. لېكىن قولىدا بىلىندۈرمەي مېنىڭ دۈمبەمنى سىلاۋاتاتتى.
    مەن تىنالمىدىم، سۆز قىلالمىدىم. ئەگەر گەپ قىلساملا، مەن تۈگىشىمەن.
    -يەنە ئىككى پارچە تارتە ئۇكا، يەنە ئىككىنى - دېدى مەۋلان سۈرەتچىگە.
    ئۇ توختىماي دۈمبەمنى سىلىدى. مەن ئۆزۈمنى قاچۇرۇشقا ئامالسىز قالدىم، مەجبۇرىي كۈلىۋاتىمەن. مەن خۇددى نىمجان بىر قۇشتەكلا بولۇپ قالغان ئىدىم. بۇ سۈرەتكىمۇ چۈشۈپ بولدۇق.
    -بەك چىرايلىقكەنسىز سىڭلىم، مەردان بەختىنى تېپىپتۇ، بەخىتلىك بولۇڭلار! - دېدى مەۋلان.  بۇگەپلەر ئوچۇقتىن-ئوچۇق ماڭا قىلىنغان تەنە سۆز ئىدى. ئەمما مەردان بۇلاردىن قىلچە خەۋەرسىز. ئۇ ئاكىسىنىڭ تىلەكلىرىدىن سۆيۈنگەن ئىدى.
    -رەھمەت! - ئاكا دېدى مەردان.
    - بۇ قايسى ئاكىڭىز ؟ - دېدىم مەن تۆۋەن ئاۋازدا، ئۇنىڭ قۇلىقىغا يېقىنراق كېلىپ. 
    - ھازىر دەپ بەرسەم گەپ جىق، كېيىن ئايرىم بولغاندا تەپسىلىي چۈشەندۈرەي. لېكىن ئۆز ئاكامدەكلا - دېدى ئۇ ماڭا سىنچىلاپ قاراپ يەنە: - بۈگۈن سىز پەرىلەردىنمۇ چىرايلىق بولۇپ كىتىپسىز ! -دېدى.
    مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن خۇشاللىق تاپاي دېسەممۇ، ۋەھىمە چۈشىۋالغان كۆڭلۈم ئۇنى قاياقلارغا ئېلىپ كەتكەن ئىدى. 
   "ئۇنىڭغا دەيمۇ دېمەيمۇ، دەي بولدى، دېمىسەم بولمىغىدەك، ياق دېسەم تېخىمۇ بولمىغىدەك، دېمەي، دېمەيمەن. بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر. " مەن خىيالغا چۆكتۈم.
    ئاشۇ ئويۇننىڭ كەينىگە كىرىپ، ئۆزۈمنى بىلمەي يۈرگەن ۋاقىتلىرىمنىڭ بىر كۈنى مەن ئۆيدە تارىنىپ، ياسىنىپ ئوينىغىلى ماڭماقچى بولدۇم.
    ئاپام ياغلىقىنى ئوڭشىغاچ يېنىمغا كىردى. مېنىڭ ياسىنىپ بىر يەرگە مېڭىشقا تەمشەلگىنىمنى كۆرۈپ:
    - قىزىم، يەنە نەگە بارىسەن بۇ كەچتە، قارىغىنا سائەتكە، قانچە بولدى ؟ -دېدى تامدىكى سائەتكە ئىشارەت قىلىپ.
    -ئاپا، - دېدىم ئەركىلەپ ۋە يەنە - بۈگۈن دوستۇم زىبانىڭ ئۆيىدە تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرۇشى قىلىپتىكەن ، بېرىپ كىلەي، ماقۇل دېگىنە ئاپا. - دېدىم ئاپامنىڭ شىلاپ يۈزىگە سۆيۈپ. ئاپام مۇشۇ كەمگىچە مېنىڭ سۆزۈمنى ئەزەلدىن رەت قىلىپ باقمىغان. نېمە ئۈچۈنكىن ، مېنى بىر بالا دەپ شۇنچىلىك ئارزۇلىغان ئىدى. 
    -ماقۇل قىزىم، كەچ قالما جۇمۇ، داداڭغا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي كېتىدىكەنمەن - دېدى ئاپام.
    -ئاپا ئۇ يەردە ئولتۇرساق كەچ بولۇپ كېتىدۇ. مەن زىبانىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالاي. ئەتە سەھەردىلا كېلىمەن. دادامغا كىچىك ئاپسىنىڭكىگە كەتتى دەپ قويغىنچۇ. -يەنە ئەركىلىدىم.
    -بالام ، تازا ياخشى بولماسمىكى، بۇنداق بولىۋەرسە ياخشى بولمايدۇ. بۈگۈن يېنىپ كەل بىلدىڭمۇ ، يېنىپ كەل - دېدى ئاپام سەل قاپىقىنى تۈرۈپ. لېكىن ئاپامنىڭ شۇنداق دېسىمۇ قوشۇلغانلىقىنى مەن بىلىپ بولغان ئىدىم.
    -مەن ئەھۋالغا قاراي - ھە ،  ئاپا - شۇنىڭ بىلەن ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم.
    مەن ئۆيدىن چىقىپلا ، مەۋلانغا تېلېفون قىلدىم.
     مەۋلان مېنىڭ يېشىمغا نىسبەتەن سەل چوڭراق بالا ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ ئەركەكلىكى، قەيسەرلىكى، باتۇرلىقى مەردلىكى مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالغان ئىدى. يەنە ئۇنىڭ قاراملىقىنىمۇ بىلەتتىم. 
    -سىز نەدە، مەن ھازىر ئۆيدىن چىقتىم.
    -مەن ھازىر «ئۇچقۇر» دېسكوخانىسىدا. سەن مۇشۇ يەرگە كەلگىن - دېدى ئۇ. 
    - بولىدۇ - دەپ شۇ يەرگە ماڭدىم.
    مانا مۇشۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش، مۇشۇ قېتىملىق ئويۇن مېنىڭمۇ ھەم ئۇ مەۋلاننىڭمۇ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. ئۇ شۇ كۈنى مېنىڭ ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي نومۇسۇمغا تەگدى. مېنى دەپسەندە قىلدى. 
    -مەن سېنى بەك ياخشى كۆرىمەن، جېنىم، سەن مېنىڭكى، - ئۇندىن كېيىنكى گەپلەر مۇشۇ بولدى.
    ئەسلىدە بۇ ئىشلارنى ھېچكىمگە دېمەي يىغىشتۇرۋېتەي دېگەن ئىدىم. لېكىن ئىشلار يەنە ئويلىغىنىمدەك بولماي قالدى. ئىككى ئايدىن كېيىن بويۇمدا قالغانلىقىنى بىلدىم. ئەمدى قانداق قىلىمەن زئ
    ئاپامغا بۇ ئەھۋالنى ئېيتتىم. ئاشۇنداق سۆرىشىپ يۈرۈپ دېگەندەك، ئاپام، داداملار بۇ ئىشتىنمۇ خەۋەر تاپقان بولدى. دادامنىڭ ئالدىدا يۈزۈم تۆكۈلدى. ئاپام مېنى بىر نەرسە دەي دېسە تېخى، دېمەي دېسە تېخى دېمى ئىچىگە چۈشۈپلا كەتتى.
    بۇنىڭدىن مەۋلاننىڭ خەۋرى بار ئىدى. ئۇ مېنى ئالىمەن دەپ شۇ كويدىلا يۈرىۋەردى.
    ئاپاملار بىر كۈنى مېنى دوختۇرخانىغا ئەكىلىپ بالىنى ئالدۇرۋەتتى.
    ئاپاملار خىيالىدا " يېپىق قازان پېيىق پېىتى قالسۇن، داۋراڭ سېلىشمايلى " دەپ ئويلىغان ئىدى.
    مەنمۇ ئەسلىمگە كېلىپ ، ئارىدىن بىر ئىككى ئاي ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى مەن تالا-تۈزلەرنى ئايلىنىپ كېلىش ئۈچۈم ئۆزۈم يالغۇز سەيلىگە چىقتىم.
    مەۋلاننىڭ ئۇ مەھەللىدە تېخىچە تىمسىقىلاپ يۈرگىنىنى مەن خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىمەن.
    -سەن تېخى مېنىڭ بالامنى ئۆلتۈرگىدەك بولدۇڭما، مەن سېنى يا ئالمايمەن دېمىسەم - ئۇ مېنى قاتتىق ئۇردى، تەپتى، دەسسىدى. ئاغزى بۇرنۇمدىن قانلار ئوقتەك ئېتىلىپ چىقتى. ئۇ بارچە كۈچى بىلەن مېنى ئۇرىۋاتاتتى. ئۇ مېنىڭ يالۋۇرۇشلىرىم، ئۆتۈنۈشلىرىمگە قارىمىدى.
    مەھەللىدىكىلەر يىغىلىشىپ كەتتى. بىر ھازادىن كېيىن خوشنىلىرىمىز ساقچىغا مەلۇم قىلدى. دادام-ئاپاملارمۇ يۈگۈرۈپ كىلىشتى، مېنىڭ بۇ ھالىمنى كۆردى. 
    دادامنىڭ ئەمدى سەۋىر قاچىسى يېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىم بويىچە ئەرزىيەت سۇنۇپ مەۋلانغا سوت ئاچتى. ئاخىرىقى ھۆكۈم، باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە قەستەن ئېغىر دەرىجىدە يارلاندۇرۇش جىنايىتى بىلەن 12 يىل قاماق جازاسى بېرىلدى.
     سوت ئاخىرلاشقان ۋاقىتتا ئۇ ماڭا ۋارقىراپ تۇرۇپ :
     - بىز يەنە ئۇچرىشىمىز، سېنى بوش قويىۋەتمەيمەن. بۇ ئەنتىمنى چوقۇم ئالىمەن، قانغا قان ئالىمەن ! - دەپ جار سالدى. 
    مەن قورققىنىمدىن يىغلاپ كەتتىم. ساقچىلار ئۇنى باستۇرۇپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
    بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇ مەرداننىڭ ئاكىسىكەن. بۇ جاھان نېمانچە تار. ئەجەبا ئۇ مېنىڭ تەقدىرىممىدۇ؟
    كۆزۈمدىن ياشلار قۇيۇلۇشقا باشلىدى.
    -تېخىچە ئاپىڭىزغا قىيالماپسىز ھە ! - دېدى مېنىڭ خىيالىمنى بۇزۇپ.
    مەن پەقەت بېشىمنى بوش قىلىپ لىڭشىتىپ قويدۇم. 
    بۈگۈن تويمۇ ئاخىرلاشتى. بىزنى ئۆيگىچە ئەكەلگەنلەرمۇ بىزگە بەختلەر تىلەپ مەردان ئىككىمىزنى يالغۇز قويدى.
    ئىككىمىز بۇ چىرايلىق بېزەلگەن، يېڭى ئۆيدە بەخت پەيزى سۈرمەكچى بولغان. لېكىن مېنى چىرمىۋالغان ئۇ ۋەھىمە ھېچبىر ئارامىمدا قويمايۋاتاتتى. 
مەردان ماڭا مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىۋاتىدۇ. لېكىن مەن ئۇنىڭدىن تېخى....... 
    - بۈگۈن بەك چارچاپ قالدىڭىزمۇ نازاكەت، گەپمۇ قىلمايسىزغۇ؟
    - ياق ئۇنداق ئەمەس، سىزگە ياتلىق بولغىنىم مېنىڭ بەختىم - دېدىم . ئىچىمدە "مەن بۈگۈن مەرداننىڭ قانۇنلۇق نىكاھلىق خوتۇنى بولدۇم. بۇنىڭدىن باشقىسى ماڭا ھارام. مەن شۇم خىياللارنى قىلمايمەن " دەپ ئۆزۈمگە مەدەت بەردىم. 
    شۇنىڭ بىلەن بىز بەختلىك يېڭى تۇرمۇشىمىزنى باشلىدۇق. ئەتىسى بىز چوڭلارنىڭكىگە بارماقچى بولدۇق.
    -جىنىم خوتۇنۇم، بۈگۈن ھەرقاچان يەنە ئالدىراش بولۇپ كېتىمىز، ھېلى باشقىلار كەلگۈچە ئازىراق بىر نەرسە يەۋالايلى ،ماقۇلمۇ ؟ - دېدى مەردان كۆينىكىنىڭ يەڭ تۈگمىسىنى ئەتكەچ.
    -ماقۇل، - دېدىم  مەن يەنە - ھە راست،  مەۋلان ئاكىڭىز؟ - دېدىم مەن سۇئال تەرىقىسىدە... 
   - ھە، مەۋلان ئاكامما؟ ئۆز ئاكامغا ئوخشاش. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى يوق. ئاپام بىر قوللۇق چوڭ قىلدى. بىز بىر ئۆيدە چوڭ بولغان. ئاپامنىڭ ئاچىسىنىڭ ئوغلى. 
   -ئۇنداقتا ئاپىسىچۇ؟
   -تۈگەپ كېتىپتىكەن، بىر ياش ۋاقتىدىلا ئاكامنى ئاپامغا قالدۇرۇپتىكەن. ئاپاممۇ بەك ئامراق ئىدى. دادامنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن بىزدىن ئايرىلىشى ئاپامغا ئېغىر كەلگەندەك بولۇپ، ئاپاممۇ تۈگەپ كەتكىلى بىر يىل بولدى. مەن سىزگە بۇ ئەھۋاللارنى دېگەن.
    -دېگەن، لېكىن ئاكىڭىزنىڭ بارلىقىنى......
    -ئاكاممۇ چەتئەلدىن كەلگىلى تېخى بىر ئاي بولمىدى - دېدى ئۇ داستىخانغا كېلىپ ئولتۇرۇپ. 
    مەن ئۇنىڭ پىيالىسىگە چاي قۇيىۋاتقان ئىدىم، بۇ گەپ بىلەن چاينى تېشىغا قۇيىۋەتتىم:
    - چەتئەلگە؟ ئاپلا، قايناق چاي ئۇچىڭىزغا تۆكۈلمىگەندۇ؟
    -ياق ياق ھېچۋەقەسى يوق.
    -نېمىگە بۇنچىۋالا ھەيران قالىسىز؟ چەتئەلدە ئوقىسا بولمامدىكەن؟
    -ئاكام چەتئەلگە ماڭغان ۋاقىتتا مەن ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىدىم. ئاپام شۇنداق دېگەن - دېدى ئۇ ناننى سۇندۇرۇپ، پىيالىسىگە ئىككى پارچىسىنى چىلىدى.
    -ئەسلىدە مۇنداق ئىكەندە، - دېدىم . ئىچىمدە " مەردان ھېچنېمىنى بىلمەيدىكەن ئەمىسە، مەن تېخىمۇ بىلدۈرسەم بولمايدىكەن" دېدىم.
    -بولدى خوتۇن، نېمىلەرنىڭ ئويلاپ كەتتىڭىز، تېزراق بولايلى، ئۇلارنىڭ كىلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى.
    -مەردان، مەردان ، - تۆۋەندىن چىققان بوم ئاۋاز مېنى چۆچۈتىۋەتتى.
    مەردان دېرىزىدىن تۆۋەنگە قاراپ :
    - مانا ھازىر - دېدى دە، - ئۇلار كەپتۇ. بىزمۇ چۈشەيلى - دېدى.
    -ئۇلار ئۆيگە چىقمامدىكەن؟
    -كەچتە ئۇلارنى ئايرىم چاقىرايلى - دېدى مەردان ئۈستى باشلىرىنى تۈزەشتۈرگەچ. 
    مەن قىپقىزىل بىر قۇر كىيىمنى كىيىۋالدىم. بۇ كىيىممۇ ماڭا بەك ياراشقان ئىدى. 
    -ئىسمىڭىزغا لايىق نازاكەت بولۇپ كەتتىڭىز ! - دېدى مەردان ماڭا سۆيۈنۈپ قاراپ.
    بىز تۆۋەنگە چۈشتۇق. بىزنى ساقلاۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە مەۋلانمۇ بار ئىدى.
    -ئاكا، سەنمۇ باركەنسەنغۇ؟
    -مەن ھەر ۋاقىت بار ئۇكام  - دېدى ئۇ گەپنى ماڭا دارتمىلاپ دېگەندەك قىلىپ. ئۇنىڭ ماڭا غەزەپ بىلەن قاراشلىرى، ئۆچمەنلىك نەزىرىدە تىكىلىشلىرى مېنى تېخىمۇ دەككە-دۈككە قىلىۋەتكەن ئىدى.
    مەن يەنە خىيالغا چۆكتۈم. مەرداننىڭ ماڭا بولغان سەمىمىي ئىش-پائالىيەتلىرىگە قاراپ مەن تېخىمۇ بەك ئۆزۈمنى بىر ھاڭغا تاشلاۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن.
    -مەن سىزنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەن نازاكەت، مېنىڭ تۇرمۇشۇمدا سىز بولمىسىڭىز مەن ياشىيالمايمەن. ئاپامنىڭ ۋاقىتسىز ئايرىلىشى مېنى تېخىمۇ يىگانە قىلدى. مەن سىزگە مۇھتاجمەن. مەن سىزنى بەخىتلىك قىلىمەن - دېدى مەردان.
    -لېكىن مەن سىزگە لايىق ئەمەسمەن مەردان.
    -بۇنداق دېمەڭ، مەيلى سىز قانداقلا بولۇڭ، مەن سىزنى تاللىدىم. ئۆتمۈش كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇندىن كېيىن ماڭا ۋاپادار خانىمىم بولالىسىڭىزلا بولدى. ماڭا شۇ يېتەرلىك - دېدى ئۇ مېنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ.
    -مەن لايىق ئەمەسمەن -  دەپ قولۇمنى تارتىۋالدىم.
    -مەن قانداق قىلسام سىز ماڭا ياتلىق بولىسىز؟ پۈتۈن ھاياتىم بىلەن ۋەدە بېرەي، سىز تۇنجىسى ھەم ئەڭ ئاخىرقىسى بولۇشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
    -نازاكەت، نازاكەت، نازا..... - دەپ يەنە چاقىرىشىغا مەن - ھە، كەلدۇقمۇ ؟ - دېدىم يەنە دۇدۇقلاپ.
    -ياق، ئەمدى ماڭىمىز، ماشىنىغا چىقىڭ دېدى مەردان.
    ئالدىدا ئولتۇرغان مەۋلان ھە دەپ ماشىنا ئەينىكىدىن ماڭا قاراپ تۇراتتى. مەن كۆزۈمنى ئامالنىڭ بېرىچە قاچۇردۇم. ماشىنا ئىچىدىكى مۇزىكا ئىچىمنى تېخىمۇ بەك سىقىۋەتتى. خۇددى نەپىسىم سىقىلغاندەك، خۇددى مەۋلان ھازىرلا يېنىمغا ئۆتۈپ مېنى بوغۇپ قويىۋاتقاندەك بولۇپ كەتتىم. 
    -ئەينەكنى چۈشۈرۋەتسەڭچۇ - دېدىم دوستۇم زۇلپىيەگە. ھەممەيلەن ماڭا بىر خىل ھەيرانلىق نەزىرىدە قارىدى. چۈنكى سىرتنىڭ ھاۋاسى ئۇنچە ئەينەك چۈشۈرگىدەك ئىسسىق ئەمەس ئىدى.
    مەۋلان يەنە شۇ ئالدى ئەينەكتىن كۆزۈمگە غەزەپ بىلەن مىيقىدا كۈلۈپ قاراپ قويدى.
    مانا شۇ كۈندىن باشلاپ مەن ۋەھىمە ئىچىدە ياشىدىم. ئۇ كۈنى مەۋلان بىزنىڭ ئۆيگە كىرمىدى. بىزنىڭ قورۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە مەن تاماكا ئېلىۋالاي دېگەن باھانە بىلەن مەھەللىگە يېقىن جايدا چۈشۈپ قالغان.
    قانداق كۈنلەرنى كۆرىدىغىنىمنى ئاللاھ ئۆزىگە ئامانەت بولدى ....مۇشۇنداق دەككە –دۈككە بىلەن بىر ھەپتە ئۆتتى.
    مەردانمۇ خىزمەتكە چۈشتى. بۈگۈن سەھەر مەن ناشتىلىق تەييارلىدىم.
    مەردان ناشتىلىقىنى قىلىپ بولۇپ:
    - خوتۇن مەن چۈشتە ئۆيگە كىلىپ بولالمايمەن. كەچتە بىراقلا كىلىمەن. كەچتە كۆرىشەيلى ئەمىسە - دەپ چاپاننى ئېلىپلا ئالدىراش چىقىپ كەتتى.
    مەن ئۆيلەرنى تازىلاشقا باشلىدىم. يېنىك مۇزىكىغا ئەگىشىپ مەنمۇ غىڭشىدىم.
    ئاۋۋال ئاشخانا ئۆينى يىغىشتۇردۇم. بايىقى ناشتىلىق قىلغان قاچىلارنى يۇيدۇم. بۇ يەرلەرنى بىرەر قۇر يىغىشتۇرۋېتىپ ياتاق ئۆينى يىغىشتۇرغىلى كىرىدىم. مەن خۇشال ئىدىم. بىر ئورۇننى قاتلىغان بولسام بىر ئەينەككە قاراپ كۈلدۈم. بىر كىيىمنى كىيىم ئىشكابىغا ئاسقان بولسام يەنە بىر ئايلىنىپ ئەينەككە قارىدىم. بۇخۇشاللىقىم بىباھا ئىدى. 
     مېنىڭ ئىللىق، سۆيۈملۈك، گەرچە چوڭ بولمىسىمۇ ئوماق ئائىلەم بار بولدى. مەن مۇشۇلارنى خيال قىلغاچ ئۆي يىغىشتۇرۋاتسام، ئىشىك چىكىلدى.
     مەن ھېچقانداق ئارتۇق ئىشىنى ئويلىمايلا :
     - كىم ؟ - دەپ ئىشىكنى ئاچتىم.
    -جىنىم، مەن، بۈگۈن ئەجەپ خۇشالغۇسەن؟ ئېرىڭ كۆڭلۈڭنى بەك ياخشى ئالغان ئوخشىمامدۇ دېدى مەۋلان ماڭا دىۋەيلەپ كىرىپ كەلدى. 
    - سىز، سىز نېمىگە كەلدىڭىز؟ 
    -مەن نېمىگە كىلەتتىم، بۇ مېنىڭ ئىنىمنىڭ ئۆيى، نېمە بولدى كېنلىچەك، كەلسەم بولمامدىكەن؟ بۇ ئۆيگە كىرىش ئۈچۈن رۇخسەت ئېلىش كېرەكمۇ ئەمدى؟ بۇ دېگەن مەن چوڭ بولغان ئۆي. - ئۇ كەينىگە ئۆرۈلۈپ، ئۆيلەرنىڭ ئىچىنى بىرەر قۇر ئايلاندى. - خېلى چىرايلىق قىلىۋاپسىلەر ھە؟! سەن مېنىڭ مۇشۇ ئۆيدە تۇرۇشۇمنى مەھرۇم قىلغان. شۇنى بىلەمسەن. گالۋاڭ ئېرىڭ نېمە دەيدۇ؟ مېنى چەتئەلدىن كەلدى دېگەندۇ؟ مەن چەتئەلدە تۇرغاندىمەنمۇ؟ بۇ ساڭا بەك ئايان. ئېرىڭغا دەيمۇ دېمەيمۇ؟ ئاكىسىغا خوتۇن بولغاننى ئىنىسىغا خوتۇن بولسا، بىر ئەركەك نېمە بولۇپ كېتەر؟ ئۇ ساڭا يەنە مۇشۇنداق ئامراقلىق قىلارمۇ جېنىم، ئۇ مېنى يېنىمغا كىلىپ قۇچاقلاپ سۆيمەكچى بولدى.
    -نېرى تۇر. - مەن ئۇنى ئىتتىردىم. لېكىن ھېچقانچە كۈچىيەلمىدىم. ئۇنىڭ يوغان تەمبەللىكىگە مەن نېمە قىلالايتتىم. ئۇ مېنى مەجبۇرىي سۆيىۋاتاتتى ھەم ماڭا سۆزلەۋاتاتتى - سەن ئېرىڭغا ھازىرقى ئەھۋاللارنى دىيەلەمسەن؟ ئەگەر ئۇنىڭغا بىلدۈرۈشنى خالىساڭ، مەنلا يەتكۈزۈپ قويىمەن..... سەن قانجۇقنى مەن ھەرگىز بوش قويىۋەتمەيمەن. 
    مەن ئۇنىڭ قوينىدا تىپىرلىدىم، ئۆزۈمنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇندۇم لېكىن ئامالسىز قالدىم. ئۇ ماڭا بارلىق بولمىغۇر قىلىقلارنى قىلىشقا باشلىدى. قانداق سۇغۇرلۇپ چىققىنىمنى بىلمەيمەن، تامنىڭ يېنىغىچە سەنتۈرلۈپ كەتتىم.
    -بولدى بۈگۈن مەن كەتتىم. ئېرىڭ دېگەن ئاكتىپ خىزمەتچى. ئۇ ھەر كۈنى ئىشقا بارىدۇ، شەنبە يەكشەنبىسىمۇ يوق ئىشلەيدۇغۇ ؟ 12 يىللىق بەدەلنى مەن سەندىن چوقۇم ئالىمەن جېنىم. مەن سېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەن  . بىلەمسەن ؟ - ئۇ ئالدىمغا دىۋەيلەپ كەلدى- دە ، يۈزۈمگە بىرنى سۆيۈپ - مەن ئەتە يەنە كېلىمەن. ھە، راست، ئېرىڭغا ھېلى مەن تېلېفون قىلىپ قويىمەن دېيىشىگە ، مەن  :
    -ياق، ياق - دېدىم يىغلاپ تۇرۇپ.
    -يىغلىما جېنىم، باشقىنى دېمەيمەن پەقەت ئۆيگە كېلىپ كەتكەنلىكىمنى دەيمەن. چۈنكى خۇشنىلار مېنىڭ كىرگىنىمنى چوقۇم كۆرىدۇ. قالغىنىنى سېنىڭ ئىپادەڭگە قارايمەن.
    ئۇ ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتى.
    قېنى مېنىڭ خۇشاللىقىم، قېنىڭ مېنىڭ بەختىم. بۇ مېنىڭ بەخىتممۇ، بۇ مېنىڭ تۇرمۇشۇممۇ. مەن بۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلىمەن. ساقچىغا مەلۇم قىلايمۇ؟ مەن يەرگە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ قالدىم. كۆزۈمدىن پۇشايمان ياشلىرى تۆكۈلۈشكە باشلىدى. نېمىگە پۇشايمان قىلىدىغانلىقىمنى بىلمىدىم، توي قىلغىنىمغىمۇ، نازاكەت بولۇپ قالغانلىقىمغىمۇ؟ ئۆزۈمنىڭ تېرىغان ئىشلىرىمغىمۇ، ئاپام-داداملارنىڭ يۈزىنى تۆككەنلىكىمگىمۇ؟
    مەن ئەمدى قانداق قىلىمەن، مەن ئەمدى قانداق قىلىمەن. باياتىن مەن قويۇپ قويغان مۇزىكا تېخىمۇ يۈرىكىمنى ئەزگىلى تۇردى. 
   مەن بارغانسېرى ئۆزۈمنى ئاسىيدەك ھېس قىلدىم. ھېس قىلىش ئەمەس مەن راستىنلا ئاسىي بولۇپ قالدىم. بېشىم قاتتى، قانداق قىلىشنى بىلمىدىم. مەرداننى ئازابلاشنى خالىمىدىم. شۇ ئولتۇرغىنىمچە جايىمدا بىر سائەتتەك ئولتۇرۋېتىپتىمەن. پۇتۇم ئۇيۇشۇپ قالغانمۇ ئۆرە تۇرالماي قالدىم. 
    پۇتۇمنى ئۇۋلىغاچ ئاستا كىلىپ كىرىسلودا ئولتۇردۇم. قولۇم ئىشقىمۇ بارمىدى.
    كەچتە مەردان قايتىپ كەلدى. مەن ھېچ ئىشنى بىلىندۈرمەسلىك ئۈچۈن چىرايلىق ياسىنىۋالدىم. كەچتە ئوخشىتىپ چۆچۈرە قىلدىم. چۈنكى مەردان تۈگۈپ قىلغان تاماقلارنى بەكمۇ ياقتۇراتتى.
    بىز بىللە غىزالاندۇق. مەردان ئۆزىنىڭ خىزمەتتىكى مەسئۇلىيىتىنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقىنى، بىر كۈن كەچكىچە ئارام ۋاقتىنىڭ ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى، بىردەم ماتېرىيال كۆرۈپ ئۇخلىماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.
    مەن قانداقمۇ يوق يەردىن گەپ چىقىرالايمەن. ئۇ ئارام ئېلىشى كېرەكتە. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئۇنىڭ خالىغىنى بويىچە ئىش كۆردۈم. بۈگۈن يەنە ئېغىز ئاچالمىدىم. ئۇنىڭغا بالدۇراق ئورۇن راسلاپ بەردىم. خىزمەت بېسىمى ھەقىقتەن بەك ئېغىرمۇ ماڭا تۈزۈك يېقىنچىلىقمۇ قىلىپ قويمىدى. بۇنىمۇ توغرا چۈشەندىم، ئۇ چارچىدى ئەمەسمۇ ....
    مېنىڭ كۆڭلۈم تېخىچىلا دەككە-دۈككىدە ئىدى.
    - ھە راست بۈگۈن ئاكام كەلگەنمىدى ؟ - دېدى ئۇ يېتىشقا تەمشىلىپ.
    - ھەئە - دېدىم مەن، يۈرىكىم ئىتتىك سوقۇپ كەتتى.
    -ئاكام كەلگەندە ياخشى تاماقلارنى قىلىپ، كىر قاتلىرىنى يۇيۇپ بېرەرسىز . ئېغىر كۆرمەي، ئۇنى توي قىلىۋال دېسەم ئۇنىمىدى. كۆڭلىدە بىرەرسى بار ئوخشايدۇ بەلكىم-  دېدى مەردان .
    -ھەئە، بىلدىم .... - دېدىم ئۇنىڭغا ئەركىلىگەندەك قىلىپ. 
    - سىزنى سۆيىمەن خوتۇن - دەپ مەڭزىمگە سۆيۈپ قويۇپ، يېتىپ ئۇخلىدى.
    لېكىن مەن ئۇخلىيالمىدىم. ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. تېلېۋىزور كۆردۈم، قاناللارنى قارىسىغا يۆتكۈدۈم. بېشىم ئاغرىقتىن ئېلىشىپلا قالايلا دېگەن ئىدى. مەۋلاننىڭ گەپلىرى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇراتتى.
    شۇنىڭ بىلەن كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى.
    مەۋلانمۇ مېنى كۈندە بىر بوزەك قىلىۋېلىپ كېتىدىغان بولدى. مەن قارشىلىق كۆرسەتكەن كۈنۈم تاياق يېدىم. مەردانغا بەزىدە يىقىلىپ كەتتىم ئەينەك سۈرتكىچە ياكى پەلەمپەيدىن تېيىلىپ كەتتىم دەپ قوياتتىم. مەن ئەمدى ئاكىسىغىمۇ ئىنىسىغىمۇ خوتۇن بولۇپ يۈردۈم. بۇنى پەقەت مەۋلان ئىككىمىزلا بىلدۇق. ئۇنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرى ياكى مېنىڭكىدە بولسۇن چاندۇرۇش بولمىدى. مەن ھەممە ئىشتا ئۆزۈمگە خۇدۈك ئېلىپ يۈرۈپ ياشىدىم. بىرەر يەردە ئىشلەي دېسەم مەردان يول قويمىدى. پەقەت مېنىڭ تېزراق ئوماق بالا تۇغۇپ بېرىشىمنى ئۆتۈندى ۋە تەلەپ قىلدى.
     شۇنىڭ بىلەن كۈن بويى مەرداننىڭ ئىشلىرىنى قىلىش ۋە يەنە مەۋلاننىڭ ئوغۇرلۇقچە ھاجىتىدىن چىقىدىغان بولدۇم.
     بىر كۈنى مەردان دەم ئالدى. ئۇ كۈنى مەۋلانمۇ مەرداننىڭ دەم ئېلىشىنى بىلىپ كەلمىدى. 
    مەن ئۆزۈمنىڭ ئىشلىرىدىن تېخىچە ئەنسىزلىكتە يۈرگەچكە ئۆزۈمنىڭ بۇ تىراگىدىيىسىنى ئوخشىتىپراق قىلىپ بىر كىنونىدىكى كۆرۈنۈش دەپ ئېلىپ، مەن بولغان بولسام ھەر گىز قوللىمايتتىم دەپ، مەۋلان بىلەن بولغان ئۈچ كىشىلىك مۇناسىۋەتنى مىسال ئېلىپ سۆزلىگەن ئىدىم، مەردان دەرھال ئىشىنى قويۇپ ماڭا سۆزلەپ كەتتى.
     -ئۇنداق ئايالنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىش كېرەك. نومۇسنى بىلىمىگەن، ئىتائەتنى بىلمىگەن، ئېتىقادنى بىلمىگەن ئۇنداق ئايالنىڭ بارا جايى ۋەيلۇن دوزاق. ئەگەر مەن شۇ ئەرنىڭ ئورنىدا بولغان بولسام، بىلىپلا قالسام، ئەتراپىدا باشقىلار بارمۇ يوق كارىم يوق، شۇ پەيتىدىلا ئۇ دۇنياغا يولغا سېلىۋېتىمەن. بۇ يەردە باشقا قېرىندىشىم باركەن دەپ ھەرگىز ئۇنىڭغا يەنە بىر نۆۋەت ياشاش پۇرسىتى بەرمەيمەن ... ئۇ ئىنسان قىلىپىدىن چىققان ھايۋاندۇر! - دەپ قايناپلا كەتتى. 
    مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ پۈتۈن بەدىنىمگە تىترەك ئوۋلىشىۋالدى. 
    -سىز مېنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ئايالىم. بىزنىڭ ئەمدى بىر ئوماق پەرزەنتىمىز بولسىلا ، بىز تېخىمۇ مۇكەممەل بىر ئائىلە بولغان بولىمىز  -دېدى ئۇ مىيقىدا ئىللىق كۈلۈپ.
    -ھەئە، راست دەيسىز - دېدىم مەن تەخسىدىكى ئاشنى يىگۈم كەلمەي ئاستا ئىلەشتۈرۈپ. مەرداننىڭ سۆ‍زلىرى مېنى چۆچۈتتى.
   ئارىدىن مۇشۇنداق قىلىپ ئۈچ ئاي ئۆتۈپتۇ. مۇشۇ بىر قانچە كۈندىن بېرى نېمىشقىدۇر تاماقلارنى يىگۈم كەلمەيدىغان، كۆڭلۈم ئاينىيدىغان بولۇپ قالدى. بويۇمدا قالغانلىقتىن مۇشۇنداق بولدىمۇ يە؟ بويۇمدا قالسا بولمايتتى.
بۇ زادى كىمنىڭ بالىسى؟ بۇ ئەھۋالنى ھېچكىمگە بىلدۈرمەي دوختۇرخانىغا باردىم. دىئاگنوزدا بالا ئىككى ئايلىق بوپتۇ. مەن ئۆز-ئۆزۈمگە "- بۇ مەرداننىڭ بالىسى ئەمەسكەن. بۇ مەۋلاننىڭ بالىسىكەن، مەن بۇ بالىنى تۇغمايمەن.
مەن بۇ بالىنى تۇغمايمەن مەن بۇ بالىنى تۇغمايمەن ! "
    مەن شۇنداق دېگەنچە ئۆيگە يېنىپ كەلدىم. ئۆيگە كەلسەم بىنا ئالدىدا مەۋلان تۇرۇپتۇ. ئۇ مېنى ساقلاۋاتقان ئىكەن" ئەجەپ قۇتۇلمىدىم بۇنىڭدىن" دېدىم ئاچچىقىمدا ئۇنىڭغا ئالىيىپ قارىدىم. مەۋلان سەت ھىجاراپ ئارقامدىن ئۆيگە كىردى.
    مەن تازىلىق ئۆيىگە كىرىۋالدىم. قانداق قىلىش توغرىسىدا ئويلاندىم.
    مەۋلان مېنى چاقىرىۋەردى.
    مەن نۇرغۇن ئويلىنىپ چىقتىم. يەنىلا بۇرۇنقىدەك قوپال-قوپال مۇئامىلە قىلدىم.
    چىقىشىمغىلا ئۇ مېنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى.
    -مەن سېنى تېخىمۇ بەك ياخشى كۆرۈپ قىلىۋاتىمەن. ساڭا بولغان نەپرىتىم مۇھەببەتكە ئايلىنىۋاتىدۇ. ئېرىڭدىن ئاجراش، مەن بىلەن توي قىل - دېدى.
    -سىز چۈش كۆرمەڭ. مەن ئۆلۈشكە رازىمەنكى مەرداننى تاشلاپ قويمايمەن ! - دېدىم ئۇنى سىلكىپ.
    ئۇ مېنى مۇنداقلا كۆتۈرۈپ ياتاق ئۆيدىكى كارۋاتقا تاشلىدى.
    -مەن ساڭا چىرايلىق گەپ قىلسام ئاڭلىمايسەنغۇ. مەن ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان ئادەممەن. سەن مېنى شۇنداق قىلىۋەتكەن. مەن مۇشۇ ئىشلارنى ئاشكارلىۋەتسەم، ئاندىنغۇ مەردان ئۆزى سېنى تاشلايدۇ. ۋاقتى كەلسە مەن مەرداندىنمۇ قورقمايمەن! - دېدى.
    ئۇ مېنى بېسىپ سۆيۈشكە باشلىدى. مەن بۇ قىلىقلىرىدىن شۇنداق بىزار بولغان ئىدىم. ئۇنىڭ قويۇق يېڭى چىققان ساقاللىرى يۈزۈمگە سانجىلىپ تۇراتتى.
    مەن يەنە ھېچنېمە دېمىدىم ۋە ئىچىمدە " توختاپتۇر.  سېنىڭ ئەدىبىڭنى بېرىدىغان ئادەم چىقىدۇ. سەن مېنى مۇشۇنچە ۋاقىت دەپسەندە قىلدىڭ. ئەمدى يا كۆرۈم، يا ئۆلۈم بولىدۇ. بارلىق شەرمەندىچىلىكنى قىلدىم، ئەمدى مەنمۇ ھېچنېمىگە قارىمايمەن " دېدىم.
    ئۇ قىلغۇلىقىنى قىلىپ بولۇپ يەنە كەتتى. مەن شۇ جايىمدا يىغلاپ يېتىپ قالدىم. مەن قانداق قىلىمەن. نېمىشقا بۇنداق ئۆزۈمنى قىينايمەن. بۇ ماڭا نېمە كۆرگۈلۈك. مەن ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم دە ، ئۈستەل ئالدىغا كىلىپ ئولتۇردۇم. قولۇمغا قەغەز قەلەم ئېلىپ ئاۋۋال سۆيۈملۈك مېھرىبان ئاپامغا قەلب سۆزلىرىمنى تۆكۈشكە باشلىدىم :
    " قەدىرلىك ئاپا !
    زۈمرەت خانىم دەپ قويسام شۇنچىلىك خۇشال بولۇپ كېتەتتىڭ، قىزىم مېنى ئەركىلەتتى دەپ ...... 
    جىنىم ئاپا. مەن دۇنيالىقتىكى بىر تال ئارزۇلۇق قىزىڭ. سىلەر مېنى تېخىمۇ گۈزەل بولسۇن. ئۇيغۇر ئاياللىرىغا خاس نازۇكلۇق، شەرمى ھايالىق، ۋاپالىق، ئەخلاقلىق، ئەدەپلىك قىز بولۇشۇمنى تىلەپ بۇ نازاكەت دېگەن ئىسمىمنى قويغان بولغىيدىڭلار. 
    مەن بۇ دۇنيالىقتا سىلەرگە ھېچنەرسە قىلىپ بېرەلمىدىم. سىلەرنىڭ يۈزۈڭلارنى تۆكتۈم. سىلەرگە يۈز كىلەلمەيمەن. 
    مەن توي قىلغاندىن كېيىن، سەن ماڭا نۇرغۇن تەربىيىلەرنى قىلغان ئىدىڭ. يولدىشىڭنى ياخشى كۈتكىن، ئۇنىڭغا يانمىغىن، ئۇنى قەدىرلىگىن، ئۇنى پاك مۇھەببىتىڭ بىلەن سۆيۈندۈرگىن. ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلمىغىن. ئۇ ھەر ۋاقىت سېنىڭ ئىللىقلىقىڭنى ھېس قىلسۇن دەپ نۇرغۇن تەربىيىلەرنى بەرگەن ئىدىڭ. لېكىن ئاپا، مەندەك شەرمەندە قىزىڭىنى كەچۈرگىن. مەن قىلالمىدىم. كەچۈرگۈسىز گۇناھ قىلدىم. گۇناھلىرىم بەك ئېغىر ئاپا. ھېلىقى مەۋلان مەرداننىڭ ئاكىسى ئىكەن. مەن توي قىلغان كۈنى ئۇ پەيدا بولدى. تاكى بۈگۈنگە قەدەر مېنى دەپسەندە قىلدى. مەن ھېچكىمگە ئېيتالمىدىم. قورقتۇم. يەر بىلەن يەكسان بولۇشتىن قورقتۇم. مەرداننىڭ ئالدىدا شەرمەندىچىلىككە قىلىشتىن قورقتۇم. مەن مەرداننى قەدىرلەيتتىم. ئۇنى ئاسرىماقچى بولغان ئىدىم. لېكىن مەن بۇ مەينەتچىلىكىم بىلەن ئۇنى قانداقمۇ ئاسىرىيالايمەن. مەن ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەيمەن. مېنىڭ گۇناھىم بەڭباشلىق قىلغىنىم، مېنىڭ گۇناھىم بۇنى سىر ساقلىغانلىقىم، مېنىڭ گۇناھىم، گۇناھىم، گۇناھىم بەك كۆپ، بەك كۆپ. مەن بىر پەسكەش ئايال. مەندەك بىر ئايالنىڭ يەنە داۋاملىق ياشاش سالاھىتى بولمايدۇ. بۇ قورسۇقىمدىكى بالا مەۋلاننىڭ بالىسى ئاپا، مەن بۇ بالىنى تۇغمايمەن. مەن سىلەرگە يۈز كېلەلمەيمەن. ئۈمۈدۈڭلارنى ئاقلىيالمىدىم. پەرزەنتلىك بۇرچۇمنى ئاداقىلالمىدىم. 
                                                                                                    نازاكەتتىن  "  
    دەپ خەتنى ئاخىرلاشتۇردۇم. بۇ خەتنى يېزىپ بولغۇچە ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىدىم. ياشلىرىم قەغەزلارنى، قوللىرىمنى ھۆل قىلدى. مەن خەتنى چىرايلىق قاتلاپ يەنە بىر پارچە خەتنى يېزىشقا باشلىدىم .  

    " سۆيۈملۈكۈم مەردان !
    بۇ خەتنى يازغۇچە مەن نۇرغۇن ئىشلارنى قايتىدىن ئويلاپ چىقتىم. سىز مېنى ئاسرىدىڭىز، ئۆزىڭىزدىن ئارتۇق كۆردىڭىز. ھېلىقى نۆۋەت ئاغرىپ قالغاندا، سىز كېچە كۈندۈز يېنىمدا بولدىڭىز، ئاشۇنداق مۇھىم خىزمەتلىرىڭىزنى تاشلاپ ئاپاملارنىڭ قارايمەن دېگىنىگە ئۇنىماي، مېنى باقتىڭىز. سىز بولغاچ، سىزنىڭ مەدىتىڭىز ۋەى ياخشى كۈتىشىڭىز بولغاچ مەن سەللىمازا ساقىيىپ كەتتىم. لېكىن مەن سىزگە نېمە قىلىپ بەردىم، ئاياللىق مەجبۇرىيىتمنى ئادا قىلالىدىممۇ، بۇنداق دېسەم، ئاش-تاماقلىرىمنى ئەتتىڭىز، كىر-قاتلىرىمنى يۇيدىڭىز، ئۆينى ياخشى تۇتتىڭىز، ماڭا خوتۇن بولدىڭىز مېنى ئاسرىدىڭىز دەپ بىر مۇنچە چىرايلىق گەپلەرنى قىلىپ مېنى خۇش قىلىدىغانلىقىڭىزنىمۇ بىلىمەن. سىز بىرەر قېتىم مېنى ئالداپ باقمىدىڭىز، بىرەر قېتىم مېنى قاتتىق سىلكىپ ۋارقىراپ باقمىدىڭىز. لېكىن مەن سىزگە شۇنداق قىلدىم. بۇ قانداقمۇ بىر ياخشى ئايالنىڭ پەزىلىتى. سىزگە يەنە نۇرغۇن گەپلىرىم بار. يۈز تۇرانە دېيىشنى ئويلاشقان بولساممۇ لېكىن سىزگە قاراشقا پېتىنالمىدىم. ھېلىھەم شۇنداق، قىلغان بارلىق ئەتكەنلىرىمنى ئويلاپ كۈن بويى دەككە-دۈككە، ئەنسىزلىكتە ئۆتتۈم. بەزى گەپلەرنى دېسەم سىز چوقۇم ئاڭقىرالماي قىلىشىڭىز، ئىشەنمەسلىكىڭىز ھەتتا بىزنىڭ ئۆيدىكىلەردىنمۇ رەنجىشىڭىز مۇمكىن. تويدىن كېيىنكى ئىشلارنىڭ بىرسىنىمۇ ھېچكىم بىلمەيدۇ. مەن ئۆزۈم باشلىغان تىراگىدىيە، ئۆزۈم ئاخىرلاشتۇراي دەپ ئويلاپتىمەن. لېكىن بۇ ...لېكىن ....
     مەن سىزگە ئۆز ۋاقتىدا مەن باشقىلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنغان، سىزگە ماس كەلمەيمەن، ئاشۇ ئادەم تېگىشلىك جازاسىنى تارتىۋاتىدۇ دېگىنىم ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئۇ ئادەم دەل سىزنىڭ مەۋلان ئاكىڭىز. ئىككىمىزنىڭ توي كۈنى مەن ئۇنى ئۇچىراتتىم. ئۇ چەتئەلگە ئەمەس، تۈرمىگە بۇيرۇلغان. رەھمەتلىك ئاپىمىز ئەھۋالدىن قارىغاندا سىزنى بەك ئىچىگە ئېلىپ كەتمىسۇن دەپ شۇنداق دېگەن ئوخشايدۇ. لېكىن بۇ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلىماسلىققا ئىلاجىم يوق. بىز توي قىلغان ھەپتە كۈندىن كېيىنلا مەۋلان ماڭا تەدىت سېلىپ مېنى كۈندە قورقۇتۇپ مېنى بوزەك قىلدى. سىز ئىشقا كەتسىڭىزلا ئۇ ئۆيدە پەيدا بولىدۇ. مېنى ئۆزى خالىغانچە كۆڭلىنى خوش قىلدى. مەن سىزگە ئېيتاي دەپ كۆپ تىرىشقان بولساممۇ، سىزنىڭ مەندىن بەكىرەك تۈگىشىپ كېتىدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ دېمىدىم. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مېنىڭ بويۇمدا قاپتۇ. بۇ سىزنىڭ بالىڭىز ئەمەس، مەن ئەسلىدە سىزنىڭ بالىڭىزغا ھامىلىدار بولسام بولاتتى. لېكىن ئىش ئويلىغاندەك بولمىدى. مەن قانداقمۇ سىزنىڭ ۋاپادار، ئەقىللىق، سۆيۈملۈك خوتۇنىڭىز بولاي. مەن ئەسلا لايىق ئەمەسمەن. خۇددى سىز دېگەندەك مەن دوزاخقا مەھكۇم ئايالمەن. مەن پەقەت سىزگە بۇ ۋاقىتتا مېنى كەچۈرۈڭ دېگەننىلا دىيەلەيمەن. مەن ... "
    خەتنى مۇشۇنچە يازدىم. يەنە يازماقچى بولغان ئىدىم، يەنە نېمىنى يازىمەن. ھەممىسى بۈگۈن ئاخىرلىشىدۇ. نېمىنى يازىمەن. شۇنىڭ بىلەن كەينىگە" نازاكەت " دەپ يېزىپلا خەتنى تاماملىدىم. ئىككىسىنى چىرايلىق قىلىپ قاتلاپ، ئاپامغا، مەردانغا دەپ يېزىپ قويدۇم.
    شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم توغرا دەپ قارىغان شۇ يولنى تاللىدىم. قاچانلاردىن بىر ۋاقىتلاردا ئۇيقۇم كەلمىدى دەپ ئۇيقۇ دورىسى سېتىۋالغان. شۇ دورىنى تېپىپ چىقتىم. ئەمدى تېخى سائەت بىر بوپتۇ. مەرداننىڭ كېلىدىغىنىغىمۇ ئالتە سائەت بار ئىكەن. مەن دورىنىڭ ھەممىنى ئىچتىم.
    مەن دورىنى ئىچىپ بولۇپ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلىدىم.
    بۇ دۇنيادا رەزىللىككە تولغان. ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيدە چوڭ بولغان، گەرچە بىر قان قېرىنداش بولمىسىمۇ، بىر قازان ئاش يەپ چوڭ بولغان. غەزەپ نەپرەتلەر بولغان تەقدىردىمۇ ئاز تولا مېھرى-مۇھەببەتلەر بولغاندۇ؟ ئۇ مەۋلاننىڭ قىلغان ئەتكەنلىرى پەقەت كاللامدىن ئۆتمىدى. مەن شۇ ۋاقىتلاردا نېمىشقا، نېمىشقا.....
    نازاكەت ئۇيقىغا كەتتى. ئۇ مۇشۇنداق پېتى ھېچنېمىنى ئاقلىماي، يا ئاقلانماي ئۇيقىغا كەتتى. ئۇ مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا كەتتى ...

    مەردان ئىشتىن قايتىپ كەلدى. مەردان ئىشىكنى ئېچىپلا :
    -خوتۇن بۈگۈن توي قىلغانلىقىمىزنىڭ توپتوغرا ئۈچ ئاي بولغان كۈنىكەن. سىزنى تۇيۇقسىز خۇش قىلاي دېدىمغۇ ... 
    -خوتۇن، خوتۇن ! - دەپ چاقىردى مەردان ئايىقىنى سالغاچ.
    مەرداننىڭ قولىدا يوغان بىر دەستە گۈل يەنە بىر كىچىك سومكا بار ئىدى.
    -نازاكەت، نازاكەت، سىرتقا چىقىپ كېتىپتۇ - دە! - دېدى ئۇ گۈل ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئۈستەلگە قويۇپ، ئاشخانا ئۆيگە كىردى. لېكىن ئاشخانا ئۆيدە ھېچقانداق بىر تاماققا تەييارلىق نەرسىلەر يوق ئىدى.
    -بۈگۈن نازاكەت تاماق ئەتمەپتۇ دە، - ئۇ چاپاننى سېلىپ ياتاق ئۆيگە كىردى. نازاكەتنى كۆرۈپ:
   -ئۇخلاپ قاپتۇ دە - دېدى ئۇ نازاكەتنىڭ يېنىغا كىلىپ ئولتۇردى. 
   ئۇ نازاكەتكە تويماي قارايتتى. ئۇ ھېچنىمىنى تۇيمىدى. ئۈستەل ئۈستىدىكى خەتنى كۆرۈپ:
   - نېمىلەرنى قىلىپ يۈرىيسىز نازاكەت؟ -  دېدى زاڭلىق ئارلاش تەبەسسۇم بىلەن .
   مەردانغا دېگەن خەتنى ئېلىپ :
    - ئاۋۋال ئوقۇپ باقاي ھە!
   مەردان خەتنى ئوقۇپ بولغۇچە قوللىرى تىترەپ كۆزلىرىدىن ياش تامچىلىرى ئەگىشكە باشلىدى. 
   مەردان غەزەپ بىلەن خەتنى پۇرلىدى- دە،  نازاكەتنى سىلكىدى:
    - نازاكەت، نازاكەت، نازاكەت....... ! - ئۇ توختىماي ۋارقىرايتتى. يىغلايتتى. ئۇ قاتتىق ۋارقىرىدى. ئۇ غەزەپ بىلەن ئاشخانا ئۆيىگە كىردى - دە،  قولىغا پىچاقنى ئېلىپ يانچۇقىغا سالدى.
    ئۇ قەھرى بىلەن ئۆيدىن چىقتى.
    -نازاكەت، مەن سىزنى جىنىمدىن ئەتىۋار بىلىمەن. مەن سىزنىڭ يولدىشىڭىز تۇرۇپ، ئەجەپ ھېچنىمىدىن خەۋەردار بولماپتىمەنغۇ؟ مەنمۇ ئەركەكمۇ، يىقىلىپ چۈشتۈم ، ئەينەك سۈرتكۈچە تېيلىپ كەتتىم دېسىڭىز ئىشىنىپتىمەنغۇ؟ ئەجەپ ھالىڭىغا يەتمەپتىمەنغۇ. مەنمۇ بىر ئەر كىشىغۇ.... سىز مېنىڭ باغرىم ئىدىڭىز، مەن سىز ئۈچۈن نېمىلا قىلسا مەيلىدى. مۇشۇ ئازغىنە ۋاقىتتىمۇ سىز بولغاچ مەن ئۆزۈمنى ئىنتايىن مۇكەممەل ئەر كىشى دەپ بىلگەن ئىدىمغۇ....نازاكەت، نازاكەت، مەن قانداق ياشايمەن نازاكەت...سىز بولمسىڭىز مېنىڭ كۈنۈم قانداق ئۆتىدۇ.. ئۇ تىگىشلىك جازاسىنى تارتسا بولاتتىغۇ. بۇنىڭ سەۋەبچىسى سىز ئەمەس، مەن، مەن ئەسلىدە سىزنى قوغدىسام بولاتتىم، مەن قوغدىيالماپتىمەن، مەن گۇناھكارمەن... مەنمۇ ئەركەكمۇ....

    ئۇ توختىماي ئۆزىنى ئەيىبلەيتتى. ئۇ مەۋلان تۇرىۋاتقان ئۆيگە كەلدى. مەۋلان بۇ ئۆيدىمۇ بىر ئايال بىلەن ئېغىز - بۇرۇن يالىشىپ ئولتۇرغان ئىكەن. مەردان ئۈسۈپلا كىرىدۇ دە،  مەۋلاننىڭ زاڭىقىغا بىرنى سالىدۇ. يېنىدىكى ئايال" ۋايجان، ۋاييەي! " دەپ چىرقىراپ چىقىپ كېتىدۇ. 
    - سەن نازاكەتنى نېمە قىلدىڭ؟ ئېيتە، سەن نازاكەتنى نېمە قىلدىڭ؟ 
    -مەن نازاكەتنى نېمە قىلغانلىقىمنى دەپ بەرمىدىمۇ ؟ - دېدى ئۇ لىۋىدىكى قاننى باش بارمىقىدا بوشقىنا سۈرتۈپ قويۇپ.
    -سەنمۇ مېنىڭ ئاكاممۇ؟
    -كىم سېنىڭ ئاكاڭكەن؟  سېنى ئايىغاننى بىل. ئەڭ ياخشىسى چىقىپ كەت، مەن سەندەك ماڭقىلارغا ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلمايمەن! - دېدى مەۋلان يوغان سۆزلەپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ ياندىكى ئۆيگە كىرىپ كەتمەكچى بولىدۇ.
    مەردان غەزىپىنى باسالماي، شۇ ئەسنادا يۈگۈرۈپ كىلىپ، مەۋلاننىڭ كەينىدىن ئىككى پىچاق ئۇرۇپ پىچاقنى سۇغۇرۋالدى. 
    مەۋلان كەينىگە ئۆرۈلۈپلا ئۇنىڭ قولىدىكى پىچاق بىلەن مەرداننىڭ مەيدىسىگە ئۇرىدۇ دە، ئىككىلىسى تولغىنىپ يەرگە يىقىلىدۇ. پۈتۈن ئۆينىڭ ئىچى قانغا بويىلىدۇ.
    ئۆينىڭ ئىچىدە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ.
    دوستىغا قارلىق تۇتقان زۇلپىيە زۈمرەتخاننى ئىزدەپ كىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنى تۇتىۋېلىشىنى ئېيتىپ نازاكەتنىڭ خېتىنى تاپشۇرىدۇ.
زۈمرەتخان خەتنى ئوقۇپ بولۇپ، ئاڭقىرالماي قالىدۇ دە:
    - قىزىم، بۇ نېمە خەت؟ نازاكەت ھازىر دوختۇرخانىدىمۇ ، زادى نېمە ئىش بولدى ؟ - دەيدۇ. 
    -ئۆزلىرىنى تۇتىۋېلىپ سۆزۈمنى ئاڭلىسىلا. ھازىر نازاكەتنىڭ ئۆيىنى ساقچىلار تەكشۈرۋاتىدۇ. نازاكەت كەتتى، نازاكەت كەتتى... - دەپ يىغلاپ كىتىدۇ.
    زۈمرەتخان قولىدا ئاغزىنى ئېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ :
    - نېمە دېمەكچى، قىزىمغا نېمە بولدى...سىز ...سىز .. ئۇنى ....ئۇنى ... - زۈمرەتخان ھوشىدىن كېتىدۇ. 
    بىرەر سائەتتىن كېيىن زۈمرەتخان ھوشىغا كىلىدۇ. يېنىدا نازاكەتنىڭ دادىسى، زۇلپىيە ۋە باشقا تۇغقانلار ھەممىسى يىغىلغان ئىدى.
    زۈمرەتخان دات ئېيتىپ يىغلاپ:
    - ھەممە گۇناھ مەندە، مەن شۇ ۋاقىتلاردا قىزىمنى كۆپ ئىشلاردىن توسىمىغان گۇناھ مەندە، بۇ سوراققا قىزىم ئەمەس ، مەن تارتىلىشىم كېرەك. ۋاي مېنىڭ باغرىم، ۋاي مېنىڭ جگىرىم. مېنىڭ جېنىم قىزىم، مېنىڭ بىر تال گۈلۈم، ھەممە گۇناھ مەندە. ئوبدان قىزىم چىرايلىق قىزىم...مەردان قېنى، مەردان قېنى مەردان قېنى .... -ھەممەيلەننىڭ زۈمرەتخاننىڭ دات-پاريادىغا قاراپ كۆز يېشى قىلدى.

    گۇناھ كىمدە ؟ گۇناھ زادى كىمدە؟ زۈمرەتخاندىمۇ؟ مەۋلاندىمۇ ؟ مەرداندىمۇ؟ نازاكەتتىمۇ؟ ياكى مۇشۇ رەزىللىككە تولغان جەمئىيەتتىمۇ؟
    ھەممە ئادەم گۇناھنى قىلىپ، خاتالىقنى ئۆتكۈزۈپ بولغاندا گۇناھىنى تونۇيدۇ ۋە تۆۋبە قىلىدۇ. گۇناھ ۋە خاتالىقلارنى قىلىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئالسىچۇ كاشكى ......
 
مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
  • كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ توغرا يول شۇكى: ئاللاھقا سېغىنىش ، ئۆز ۋىجدانىغا يۈز كىلىشتۇر. قەلبى پاك كىشىنڭ يولى ئوچۇقتۇر،سەمىمىيەتسىز كىشىنڭ قالىدىغىنى پۇشايماندۇر!ئۆچۈرۈش2011-6-12 01:51[3 نۇمۇر]ھىدايەت
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY