باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-8 18:35 | ئاپتور: گۈلجەننەت مۇھەممەت | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

يامغۇردىكى ۋىسال

يامغۇردىكى ۋىسال

 

ھېكايە

گۈلجەننەت مۇھەممەت

 

    بۈگۈن مەن تالاي ۋاقىتلار شۇنچە ساقلاپ كەلگەن شۇ دەقىقىنى ئاخىرى توشقۇزدۇم، بۇ ھىجران ئازابى مېنى بۈگۈنگىچە قىيناپ كەلدى. بۈگۈن مەن ۋىسال پەيزىگە يېتىدىغان بولدۇم.

    مەن ئاشۇ بىزنىڭ كونا جايغا باردىم. بۇ جاينىڭ مەنزىرىسى ئاجايىپ گۈزەل. بۇ گۈزەللىك تۇيغۇسى بەلكىم باشقىلارغا ئۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن. بۇ يەردىكى قۇشلارنىڭ سايرىشى خۇددى ئىككىمىز ئۈچۈن سايراۋاتقاندەك، بۇ يەردىكى يېشىللىق خۇددى بىز ئۈچۈن پايانداز بولغاندەك، بۇ يەردىكى گۈللەر خۇددى بىز ئۈچۈنلا پورەكلەپ ئېچىلىۋاتقاندەك، كىچىك ئېرىقتىكى سۇلار خۇددى بىز ئۈچۈن تېخىمۇ سۈزۈلۈپ ئېقىۋاتقاندەكلا، بۇ ئەتراپتىكى كىشلەر بۇ جاينى خۇددى بىزگە تەۋە جايدەك، بىزگە بوشلۇق ھازىرلاپ بېرىۋاتقاندەك .. بارلىق ھەممە خۇددى بىز ئۈچۈنلا...

    ھاۋانىڭ پەيلى ئانچە ياخشى ئەمەس، مەن كۈنلۈكىمنى ئېلىۋالغان ئىدىم، كۆڭلۈمدە خۇددى بىر ئىش بولىدىغاندەكلا، بەلكىم شۇ دەقىقىدىكى ھاياجانلار مېنى شۇنداق ئەنسىز قىلىپ قويغاندۇ دېگەنلەرنىمۇ ئويلىدىم. مەن كەلدىم. مەن بۇرۇنقىدەكلا بالدۇرراق كەلدىم. چۈنكى مەن شۇنچىلىك ئالدىرايتتى. ئۇنىڭغا يېتىش ئۈچۈن شۇنچىلىك ئالدىراش ئىدىم. كېلىپ نەچچە مىنۇت ئۆتمەيلا ھاۋا گۈلدۈرلەپ يامغۇر يېغىپ كەتتى.

بۇ يامغۇر ئاجايىپ قاتتىق ياغدى. مەن كۈنلۈكۈم ئاستىدا ئۇنى كۈتمەكتىمەن. ئۆتكۈنچى يامغۇرمىكىن دەپ ئويلىدىم. ھەممە ئادەملەر ئالدىراش، ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىشىپ كىرىشىدىغان جايلارنى ئىزدەپ تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. لېكىن بۇ يامغۇلار خۇددى مېنىڭ ئۈستۈمگە چۈشمەيۋاتقاندك ئۇنى كۈتتۈم. كۆزۈم تۆت بولدى. بويۇنلىرىم سوزۇلۇپ ھەر تەرەپلەرگە قارايتتىم. ياق ئۇ پەقەت شۇ شىمالى يولدىن كېلىدۇ... شۇ ياققىلا قارىدىم...ئۇ كەلمىدى.

    ھەممە ماڭا قارايتتى. خۇددى مېنى  قىزچاق بىر دالدىغا ئۆتىۋېلىڭ دېگۈسى بار دەكلا... لېكىن مەن ئۇلارغا پەرۋا قىلمايتتىم. يامغۇرلار تېخىمۇ كۈچەيگىلى تۇردى. بۇ ئۆتكۈنچى يامغۇر ئەمەسكەن. بىر دەم كۈچىيىپ بىردەم ئاجىزلاپ، چاقماق ئارىلاش يېغىۋەردى. بۇ كۈتۈشلەر مېنى چاقماقلاردىنمۇ قورقمايدىغان قىلىۋېتىپتۇ. بۇمۇ بەلكىم ئاشۇ ئاتالمىش مۇھەببەتنىڭ كۈچىدۇر بەلكىم؟ بۇرۇن چاقماق چاقىدىكەن دېگەننى ئاڭلاپ قالساملا، قىزىق ئىش ....

    سۇلار ئېقىپ ئاياقلىرىمغا كىرىشكە باشلىدى. مەن شۇ جايىمدا تۇراتتىم. ئەمدى يامغۇر تامچىسى كۈنلۈك دالدا بولمىغاندەك يۈزۈمگە ئۇرۇلۇشقا باشلىدى. بۈزۈمدىكى بۇ يامغۇر تامچىلىرى كۆز ياشلىرىمغا ئايلىنىشقا باشلاۋاتىدۇ. كۆزۈمدىن ياشلار تۆكۈلدى: << ئۇ كەلمىدى، ئۇ كەلمدى دەيتتىم >> ئۆز-ئۆزۈمگە. يەنە قانداقتۇر شۇنىڭ غىمىنى قىلىدىم: << كۈنلۈك ئالمىغاندىكىن يامغۇردا قېلىپ كەينىگە يېنىپ كۈنلۈككە كەتتىمۇ يە؟ بەلكىم يوللاردا ئاپتوموبىللار قالماي.. يولدا قالدىمۇ يە؟ ۋە ياكى ... >> كەينىدىكى بۇ خىيالىمىنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم : << ئۇ مېنى خالىمامدۇ يە؟ >> ئۈن سېلىپ يىغلىغۇم كەلدى. چاقماقلار بىلەن بىرگە ۋارقىرىغۇم كەلدى. ئۇ كەلمىدى.

    مەن تېلېفوننى قولۇمغا ئالدىم، ئۇنىڭ نومۇرنى ئۇردۇم. : «سىز ئۇرغان ئابونت مۇلازىمەت رايونىدا ئەمەس » دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدىم. يەنە ئۇردۇم يەنە شۇ ئاۋاز. يەنە بىر ئۇرغان ئىدىم: « سىز ئۇرغان نومۇر ئىتىۋېتىلگەن» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدىم. تېلېفوننى ئاستا باستىم. ھېچقانداق ئويلىماي دېسەممۇ لېكىن بۇ ئاڭلىغىنىم راست ئىدى. ئۇ كەلمىدى، ئۇ ئەمدى كەلمەيدىكەن، شۇڭا... شۇڭا .... 

    بۇ يامغۇر مېنىڭ ھېسسىياتىمنى چۈشەنگەندەك تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى. كوچىلاردا شۇ يامغۇرلارنىڭ ئاۋازلىرى، چاقماقلارنىڭ ئاۋازلىرىدىن باشقا ھېچنېمە قالمىغان ئىدى. مەن كۈنلۈكۈمنى تاشلىۋەتتىم. يۈرۈكۈم سۇ بولۇپ كەتكەندە، بۇ كۈنلۈكنى نېمە قىلارمەن. ئۈستى باشلىرىم ھۆل بولدى. گىرىملىرىم، چىرايلىق كىيىملىرى ھەممىسى يامغۇر بىلەن يۇيۇلدى. كۈنلۈكۈم شاماللاردا خۇددى ئىگىسى يوقتەك ئۇچۇپ لەيلەپ يۈرۋاتاتتى. مەن ساقلىماسلىق قارارىغا كەلدىم. نەھا مۇشۇ يامغۇرلار مېنىڭ قەلىب ئازابلىرىمنىمۇ ئاشۇ ئېقىنلاردەك ئاققۇزۇپ كەتسىچۇ.....

    ئۇ كەلمىدى، ئۇ نىڭ سۆزلىرى يالغانكەن، ئۇ كەلمىدى مەن دوستۇمنى چىڭ قۇچاقلاپ يىغلىدىم. بۇ كۆز ياشلىرىم ھېچ توختاي دېمەيدۇ. ئۇ مېنىڭ ئاشۇ ساپ مۇھەببىتىمنى ئوغرىلىغان. مەن ئۇنىڭغا ئىشەنگەن.

    بۈگۈن يەنە يامغۇر ياغدى. قانداقتۇر بۇ كۈتۈش نەچچە يىل داۋاملاشقان ئىدى.

    دوستۇم تېلېفون قىلدى:

   - ئاداش، بۈگۈنكى ئۇچرىشىش يوق بولدى. قارا يامغۇرنىڭ يېغىپ كەتكىنىنى، سەن ياقتۇرىدىغان ئۇ جايغا ئەتە بارايلى. ئۇ ساڭا تۇنۇشتۇرىدىغان بالىغىمۇ بارماسلىق خەۋىرىنى بەرمەكچى ئىدۇق. لېكىن ھازىرغىچە ئالاقىلىشالمىدۇق. ھېلىغىچە نىجات ئۇ بالىغا دەپ قويىدىغان بولدى. ئۇچرىشىش ئەتە بولسۇن. چوقۇم چىرايلىق ياسىنىۋال جۇمۇ....ئەتە كۆرىشىلى ئەمىسە.... - بىز خوشلاشتۇق.

    نېمىشقىكىن مۇشۇنداق يامغۇرلۇق كۈنلەردە شۇ كۈن ئىخىتيارسىز يادىمغا يېتىدۇ. بۈگۈن كەيپىياتىم خېلى ياخشى، مەن ئۆزۈم ئايلىنىپ كېلەي دېگەن خىيال بىلەن ئاشۇ مېنى ئويغا سالىدىغان، ھەم خۇشاللىقىمنى تاپالايدىغان، ھەم كۆڭۈل غەشلىرىمنى ئەسلىتىدىغان بۇ جايغا يول ئالدىم.

    بۈگۈن يامغۇر ئۇ ۋاقتىدىكىدەك قاتتىق ياغقان ئەمەس، ئۇ يەر بۇ يەرلەردە تېخى يامغۇر سەيلىسى قىلىۋاتقانلار بار.

مەن ھېلىقى ئورۇنغا كەلدىم، ئۇ جاي يەنىلا بۇرۇنقىدەك گۈزەل، بۇ يەرگە قانداقتۇر ئۆزگىچە مېھرىم بار ئىدى.

كۆزۈمگە ئىشەنمەي قالدىم. 

     «مەن چۈش كۆرمىگەندىمەن. مەن نەچچە ۋاقىتتىن كۈتكەن گەۋدە، مەن تا بۈگۈنگە قەدەر ئۇنتىيالمىغان ھېسسىيات، مەن سۆيگەن ئادەم » ئۆز-ئۆزۈمگە سۆزلىدىم، سۆزلەۋاتىمەن.

    سىنجىلاپ قاراي دېدىم ، دەرھال تەتۈر ئۆرۈلىۋالدىم. يۈزلىرىمنى سىلىدىم، چاچلىرىمنى تۇتتۇم. مەن ئويغاقكەنمەن. بۇ چۈشۈم ئەمەسكەن. ئۇ مەن تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى. 

    مەن كەينىمگە ئاستا ئۆرۈلدۈم. ئۇ قەدىمىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

    ئاغزىم گەپ كەلمەي قالدى.

    ئۇ يەنە شۇ بۇرۇنقى مۇلايىم تەبەسسۇمى بىلەن كېلىۋاتاتتى.

    – ياخشى تۇردىڭىزمۇ، سالامەتمۇ سىز؟ ئۆيدىكىلەر تىچلىقمۇ؟ ئاپىڭىزنىڭ سالامەتلىكى قانداق...... ؟

    مەن بۇ سۇئاللارنىڭ بىرىگىمۇ تېخى جاۋاب بەرمىدىم.

    -بۇ مەن، مېنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟ مەن سىزنى ئۇنتىمىدىم، يۈرىكىم بىرەر دەممۇ سىزدىن ئايرىلغىنى يوق. ئاپام ئالەمدىن ئۆتتى. مەن ئۆينىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ قالدىم. ئۇكىلىرىم تېخى كىچىك ئىدى. مەن شۇ ۋاقىتلاردا سىزگە بۇ ئەھۋاللىرىمنى دېسەم سىز چوقۇم بارلىقىڭىز بىلەن مەن بىلەن شۇ جاپالارنى تارتسام مەيلى دەپ تۇرىۋېلىشىڭىزدىن ئەنسىرەپ، سىزگە خەۋەر قىلمىدىم. سىزنىڭ ئەھۋاللىرىڭىزنى مەن دوستىڭىز گۈلسۈمدىن خەۋەردار بولۇپ تۇردۇم. بۈگۈن سىزنى ئېلىپ كەتكىلى كەلدىم.

    كۆزۈمدىن ياشلار تۆكۈلمەكتە. قانداق يۈگۈرۈپ ئالدىغا بارغانلىقىمنىمۇ بىلمەيمەن، ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلدىم. ئۇنىڭ باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم. مەن ھېچنېمە دېمىدىم. يۈرىكىم خۇشاللىقىدىن قېپىدىن چىقىپ كېتەي دەپ قالدى.

    يامغۇر سىم-سىم چۈشمەكتە. قۇياشمۇ خۇددى بىزنىڭ خۇشاللىقىمىزغا جۆر بولماقچىدەك بۇلۇت كەينىدىن مارىلاپ تۇراتتى.

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
  • گۇلجەننەتنىڭ بۇ ھىكايىسى ياخشى چىقىپتۇئۆچۈرۈش2011-6-9 03:02[3 نۇمۇر]سۇبھى
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY