باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-8 03:06 | ئاپتور: ئادىل يۇنۇس | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

بودەك قىز

بودەك قىز

(ھېكايە)


    -تاك-تاك-تاك.

    ئىشىك چېكىلسە خۇددى قەلبىم چېكىلگەندەك بولدى. مەكتەپ ئويۇشمىسىنىڭ ئەزالىرى سان ئالغىلى كىرىدىغان ۋاقىت بولغان ئىدى. شۇڭا يەنە ھېلىقى بۇدرۇققىنا قىزنىڭ كىرىدىغانلىقىنى ئويلاپ، يۈرىكىم دۈپۈلدەشكە باشلىدى. يۈرىكىمنىڭ قاچاندىن باشلاپ ئۇنىڭغا سوقىدىغان بولۇپ قالغانلىقى ئۆزۈمگە ئايان. قولىمىزنىڭ بىر نەچچە قېتىملىق تېگىشىپ كېتىشى، يادەك ئېگىلگەن كىرپىكلىرى ئاستىدا ئويناقشىپ تۇرىدىغان پىيالىدەك دۈگىلەك، قاپقارا كۆزلىرى بۇنىڭ سەۋەبى ئىدى. ئالدىنقى ھەپتە شۇنداق تۇيۇقسىزلا مەست بولدۇم. دەل بۈگۈنكىدەكلا مۇزاكىرە ۋاقتى ئىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن سىنىپ باشلىقى ئىمزا قويىدىغان بولغاچقا، ئۇ ئىمزا قويۇپ بېرىش ئۈچۈن قەلەمنى ماڭا سۇندى. قولۇمنى تەڭلىدىم. ئاھ! قولۇمدىن باشلانغان شۇنداق بىر قىززىق ھارارەت پۈتۈن بەدىنىمنى چايغا سېلىنغان قەنتتەك ئېرىتىپ تاشلىدى. ئۇنىڭ قولىغا قولۇم تېگىپ كەتكەن ئىكەن. قولۇمنىڭ ئۇنىڭ قولى تەگكەن يېرى بۆلەكچىلا سېزىمدە ئىدى. بىر ئاز ھۇشسىزلانغاندەك بولۇپ، ھۇشۇمنى يىغدىم. قەلەم يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ئىكەن. يەرگە ئېڭىشتىم. بىر قول مېنىڭ قولۇم بىلەن تەڭلا يەرگە سوزۇلدى. قولۇمنى يەردىن ئۈزمەي تۇرۇپ، بېشىمنى سەل كۆتۈرۈپ قارىدىم.يەنە شۇ قىز ئىدى.كۆزلىرىمىز ئۇچراشتى.ئۇ كۆزمۇ ياكى لاۋۇلداپ كۆيىۋاتقان گۈلخانمۇ؟ بىر پارچە ئوت ئۇنىڭ كۆزىدىن چىقىپ،كۆزۈمدىن كىرىپ يۈزلىرىمنى قىزارتتى، پۈتۈن بەدىنىمنى قىزىتتى؛ ئۇ كۆزمۇ ياكى چەشمە بۇلاقمۇ؟ ئۇنىڭ كۆزىگە چۆكۈپ كەتتىم؛ ئۇ كىرپىكمۇ ياكى ئېگىلگەن يامۇ، ياكى دارمۇ؟ ئەگەر دار بولسا، ئېسىلىپ... ئۇ تۇرۇپ كەتتى. شۇندىلا ئۆزۈمنى ئوڭشاپ، قەلەمنى ئالدىم. ئىمزامۇ قويدۇم. ئۇ چىقىپ كەتتى، يۈرىكىمنى سۇغارغاندەكلا... 

    قولنىڭ بۇنداق تېگىشىپ كېتىشى، كۆزلەرنڭ ئۇچرىششى نەچچە قېتىملاپ يۈز بەردى. گاھى قەستەنمۇ قول تەگكۈزدۈم، ئۇمۇ خۇددى شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەكلا ئۆزىنى قاچۇرمايتى. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئۇنىڭ كۆزۈمگە سىغىپ قالغان بۇدىرۇققىنە ھالىتى،ئوتلۇق كۆزلىرى مېنى قىيناشقا باشلىدى. ئۇمۇ ھەر قېتىمدا مەندىن كۆز ئۈزمەيتى. گەپمۇ قىلىشتۇق، چىقىشىپمۇ قالدۇق.ئۇ ھەر قېتىمدا سىنىپقا كىرگىنىدە خۇددى مەن ئۈچۈن كىرگەندەكلا تۇيۇلۇپ، يايراپ كېتەتتىم. چىقىپ كېتىدىغان چاغدا ئارقىسىدىن چىقىپ بىردەم پاراڭلىشىۋالمىسام كۆڭلۈم ئۇنىمايتتى. ئۇمۇ شۇنداق تاتلىق كۈلۈشلىرى، يەرنىڭ تىگىدىن قاراپ يۈرەكنى سۇغۇرۇپ ئالغۇدەك گەپلىرى بىلەن مېنى ئېرىتىپ تاشلايتى. خوشلىشىدىغان چاغدا ئارقىسىغا قارىماي قول پۇلاڭلاتقىنىچە ماڭغىنىدا يۈرىكىم ئۇنىڭدا قالاتتى. كۈنلەر ئۆتكەنسىرى مۇناسىۋىتىمىز قۇيۇقلاشتى. سان ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن بىر –ئىككى ئېغىز گەپ بىلەنلا خوشلىشىدىغان ھالدىن، خالىي بىر جاي تېپىپ ۋاقىت توشقىچە پاراڭلىشىدىغان ھالغا يەتتۇق.

    بىر كۈنى ئۇ قىز ئويلىمىغان يەردىن پەيدا بولۇپ قالدى. ئىشىك ئاستا ئېچىلىپ،ئۇنىڭ گۈلدەك چىرايى كۆرۈندى-دە،غايىپ بولدى. مېنى چاقىرغانلىقىنى پەملەپ، ئاستاغىنا ئارقىسىدىن چىقتىم. ئۇ ئىشىك تۈۋىدە قىزىرىپ يەرگە قاراپ تۇراتتى. ياخشى بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى تۇيدۇم. گەپ-سۆزسىز ئالدىمغا ماڭدىم. ئۇمۇ ئارقامدىن جىمغىنە ماڭدى. مەن ئۇنى بىر دېڭىزغا چۆكتۈرمەكچى، بىر تۈۋرۈككە باغلىماقچى، بىر ئوتنىڭ ئىچىگە تاشلىماقچى. لېكىن ئۇ رازى ئىدى. شۇ ماڭغانچە بىنانىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىگە چىقىپ توختىدىم. ئۈچىنچى قەۋەت ئىنتايىن تىنچ ھەم ئازراق قاراڭغۇ ئىدى. ئىككىمىز بىردەم تىنچ تۇرغاندىن كېيىن تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ قولىغا ئوت ياقتىم. ئۇ بىر چۆچۈپلا جىممىدە بولدى. ئۇنى ئالدىمغا تارتتىم. ئۇ كۆزىنى يۇمدى. لېۋىگە ئوت ياقتىم. ئۇ ئېرىپ كەتتى ...

    -بالام، تۇرە، تۇرە! ئىشقا كېچىكىپ قالاي دېدىڭ... 

    ئۇھ ! شۇندىلا بۇلارنىڭ چۈش ئىكەنلىكىنى بىلدىم. بىراق بۇ يالغۇز چۈشلا ئەمەس، ماڭا شېرىن ئازابلارنى ئەسلىتىدىغان تارىخ ئىدى. بۇ چۈش مەن ئۇنتۇپ كەتكەن ۋەقەلەرنى بىر-بىرلەپ قايتا ئەسكە ئېلىشقا مەجبۇر قىلدى. كىم بىلسۇن، شۇ چۈشنى كۆرگەندىن بۇيان بىر خىل ئازابلىق تۇيغۇ ئىچىدە يۈردۈم. ئۆتمۈشتىكى شۇ تۇيغۇلارنى ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدىم. خۇددى ماڭا شۇ تۇيغۇنى ئاتا قىلىدىغان بىر بودەك قىز ئەتراپىمدا باردەكلا تۇيۇلاتتى. توۋا، كىشى ئەجەب-ھە؟ كېيىنكى كۈنلەردە سۆيگۈ ئىزدىگەندە تۇنجى قېتىملىق تۇيغۇ ۋە شۇ تۇيغۇنى ئاتا قىلغۇچىغا ئوخشاش يەنە بىرىنى ئويلاپ قالىدىكەن. پەقەت شۇندىلا بەختلىك بولالايدىغاندەك تۇيغۇدا بولىدىكەن. شۇ سەۋەب بولسا كېرەك، يېقىنلا يەردە ماڭا شۇ شېرىن تۇيغۇلارنى بېغىشلايدىغان بۇدرۇققىنا بىر قىز ئەگىپ يۈرىۋاتقاندەك تۇيغۇدا ئىدىم. كوچىدىكى بودەك قىزلار كۆزۈمگە باشقىچە ئىللىق كۆرىنەتتى. ماڭا تۇنجى قېتىم شېرىن تۇيغۇلارنى ئاتا قىلغان شۇ بودەك قىز سەۋەبلىك ئەتراپىمدىكى بودەك قىزلارنىڭ كۆزۈمگە شۇنچە ئىللىق كۆرۈنگىنىگە ھەيرانمەن. بولۇپمۇ ئىشقا كەلگىنىمدە ئۇ خىل تۇيغۇ تېخىمۇ كۈچىيىپ، يۈرىكىم سوقۇپ تۇراتتى. ئەتراپىمدىكى ئىشخانىلارنىڭ بىرىدە ماڭا ئىلگىرىكى گۈزەل تۇيغۇلارنى ئەسلىتەلەيدىغان ۋە شۇنداق گۈزەل مۇھەببەت ئالىمىگە باشلىيالايدىغان بىر قىز باردەكلا تۇيغۇدا بولاتتىم. نەچچە كۈن شۇنداق يۈردۈم. خۇددى ھازىرلا بىر قىز ماڭا يولۇقىدىغاندەك ، مېنى گۈزەل تۇيغۇ ئالىمىگە باشلايدىغاندەك قىلاتتى. كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ خىل تۇيغۇمنىڭ مەلۇم بىر ئىشخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكىنىمدە خۇددى سىگىنال قوبۇللىغۇچنىڭ سىگىنالى كۈچەيگەندەك كۈچىيىپ، يۈرىكىمنىڭ تېز-تېز سوقىدىغانلىقىنى بايقىدىم.

    بىر كۈنى ئىشخانىدا جىددى ئىشلەۋاتاتتىم. يۈرىكىمنىڭ رېتىمى بارغانچە تېزلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. بىر بودەك قىز بارغانچە ماڭا يېقىنلاپ كېلىۋاتقاندەك ، مۇھەببەت ئالىمىگە باشلاپ ماڭىدىغاندەك تۇيغۇدا جىددىيلىشىشكە باشلىدىم. شۇندىمۇ خىزمىتىمنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا بولىۋەردىم. بىر دۆۋە ماتېرىياللارنى رەتلاپ، ياندىكى ئىشخانىغا ئېلىپ ماڭدىم. يۈرىكىم قاتتىق گۈپۈلدەپ كەتتى. ئىشىككە قاراپ قەدەم ئالغانسېرى يۈرىكىمنىڭ سوقىشى تېزلىشىپ، ئىشىك ئالدىدا مېنى خىيالغا چۆكتۈرىۋاتقان بودەك قىز بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم. چىقىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. لېكىن خىزمەت جىددى، چىقماي بولمايتى. بىر قۇچاق ماتېرىيالنى كۆتۈرۈپ، ئىشىكنى پۇتۇم بىلەن ئېچىپ چىقتىم. مۇشۇ پەيىتتە ئىككى زەررىچە ئۇچرىشىپ، پارتىلاش ھادىسسى يۈز بېرىدىغاندەك قىلاتتى.

    -ۋاييەي!

    ماتېرىيالىم بىلەن تەڭلا بىر نەرسە يەرگە تاراققىدە چۈشتى. ئىزىمدا تۇرۇپ قالدىم.

    -ۋاي نېماندەك قىلىسەن دەيمەن، تېلېفونۇم ساق قالغانمىدۇ ئەمدى. ۋاي بوپتىلا، سەن قەستەن سوقمىغاندىكىن مېنى. قارا، مەن ئېڭىشەلمەيمەن ئۇكام، ئا تېلىفونۇمنى ئېلىۋىتە. ماتېرىيالىڭنىمۇ ئۆزۈڭ ئېلىۋال، ھە.

    قارىسام، ئالدىمدا مەندىن بىر ھەسسە يوغان چىققۇدەك بەستلىك، سېمىزلىكىدىن پۇتىنىڭ ئۇچىنى كۆرەلمەيدىغان بىر ئايال ماڭا قاراپ تۇراتتى. تېلېفونىنى قانداق ئېلىپ بەرگىنىمنى بىلمەيمەن. پۇت- قولۇمدا جان قالمىدى. ئاستاغىنا تامغا يۆلىنىپ، ئاستا-ئاستا سىيرىلىپ يەردە ئولتۇرۇپ قالدىم. بىر مۇنچە ماتېرىيال يەردە چېچىلىپ ياتاتتى. يۈرىكىم ئېچىشىشقا باشلىدى. بۇدرۇققىنا بىر تىكەن يۈرىكىمدىن باشلاپ ئىچىمنى تاتىلاپ كېلىپ، گېلىمغا كەپلەشتى...

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY