باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-7 06:05 | ئاپتور: كۆكيار | مەنبە: قەلەم | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئىككى كۈن تالادا قالغان ئادەم

 

ئىككى كۈن تالادا قالغان ئادەم
 
ھېكايە
 
   ئۈچىنچى كۈنى ئۇ ئىشىكتىن ئاستا كىرىپ ھېچكىمگىمۇ بىر ئېغىز گەپ قىلماستىن كارۋىتىغا كېلىپ بېشىنى چاڭگاللىغانچە ئۇزاق ئولتۇردى. ياتاق ئىچى جىمجىت ئىدى. ئۇ ئېغىر بىر ئۇھسىندى-دە ، ئۇدۇل كېلىپ ئەينەككە قارىدى. سارغايغان چىرايى، نۇرسىز كۆزلىرى، چۇۋۇلغان چاچلىرى ئۇنى ئاخىرەتنىڭ ئادەملىرىگە ئوخشىتىپ قويغانىدى. ئۇ ئۈمىدسىزلەندى. ئىككى قولىنى جۈپلەپ ئالقانلىرىغا قارىدى .                       
   ئۇزۇندىن بىرى ئۇنىڭغا دىققەت قىلىۋاتاتتىم. ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى، نىمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلگۈم كېلەتتى. گاھىدا ئۇ ھەقتە يامان خىياللاردىمۇ بولۇپ قالاتتىم . مانا ئەمدى خىياللىرىم بىردىنلا راستقا ئايلانغاندەك ئۇ ئىككى كۈن قايتىپ كەلمىدى. توپتوغرا ئىككى كۈن تالادا قالدى.                 
   ياتاقتا ئۇنىڭ نەگە بېرىپ نېمە ئىش قىلغانلىقى توغرىسىدا گەپ- سۆزلەر بولۇشقا باشلىدى .ھەركىم ئۆزى بىلگەنچە تەسەۋۋۇر قىلاتتى. بىراق مەن ئۇنىڭ ئىلگىرىكىگە زادىلا ئوخشىمايۋاتقانلىقىغا قىزىقىۋاتاتتىم. ئۇنىڭ بىلەن بىر پاراڭلىشىپ بېقىشنى ئويلىدىميۇ، مۇۋاپىق پۇرسەت تاپالمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھەدىسىلا يالغۇز يۈرۈيدىغان، ياتاققا كىرسىلا تام تەرەپكە قاراپ يىتىۋالىدىغان بولۇپ قالغانىدى .                                  
   تام-تورۇسلاردا، دېرىزە تەكچىلىرىدە تەسۋىرلىگۈسىز جىمجىتلىق كۆزلىرىنى چىمىلدىتىپ ئولتۇراتتى. ھېچكىم ئۈندىمەيتتى. پەقەت يۇلتۇزلار جىمىرلاپ ئاخشامگۈللەر ئېچىلغاندا بولسا ئۈزۈك-ئۈزۈك خورەك ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. ھەممە ئۇيقۇغا كەتتى. قاراڭغۇنىڭ قات- قېتىغا يوشۇرۇنغان يېشىل نۇر، چەكسىز جىمجىتلىقنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى پىنھان ئاۋازلار تۇيغۇمنىڭ تۈڭلۈكلىرىدىن تامچىپ-تامچىپ چۈشمەكتە ئىدى. مەن كېچىگە ئامراق، چۈنكى كېچىدە مەن ئۆزۈمگە تەۋە بولىمەن. ئۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم ھەققىدە پىچىرلىشالايمەن. توساتتىن شامال چىقىپ دېرىزە قاناتلىرىنى، ئىشىكلەرنى غىچىرلىتىشقا باشلىدى. ئىشىك قىيا ئېچىلىپ كارىدوردىكى چىراقنىڭ نۇرى ياتاقنى يېرىم يورۇتتى. ئەسلىدە تىۋىشسىز بېرىپ ئىشىك- دېرىزىلەرنى يېپىۋەتمەكچى ئىدىم. ئەمما، ئۇنىڭ كارۋىتىنىڭ يېنىغا كەلگەندە داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم . ئۇ ئولتۇراتتى، تام تەرەپكە قاراپ ئۈمچىيىپ يىغلاۋاتاتتى. ئۇ ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى يۆگىۋالغان بولۇپ مېنىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىمنى ئەسلا سەزمىدى. ئىشىك-دېرىزىلەرنى ئاستا يېپىپ قويۇپ جايىمغا كېلىۋالدىم. توۋا ! نىمە بالا تەگدى ھە ؟ بىردەم يىغلىسا، بىردەم تامغا قاراپ ئۈن-تىنسىز ئولتۇرسا ...ئۇ زادى نەگە بارغان بولغىيتتى؟!                     
   پەر قېقىپ كەلگەن ئەزان ئاۋازى بىلەن تەڭلا تاڭ سۈزۈلدى، مىڭلارچە تەشەككۈر بىلەن ئورنۇمدىن تۇردۇم. تەڭ كېچىدىكى ئىشلار يادىمغا كېلىپ ئۇنىڭ كارۋىتىغا قارىدىم . ئۇ يوق ئىدى. كارىۋات ئۈستىدە ئۇنىڭ بالىلىق ۋاقتىدىكى بىر پارچە سۈرىتى تۇراتتى . ئۇنى ئېلىپ ياستۇقىنىڭ ئاستىغا قىستۇرۇپ قويدۇم . ھېچكىم ئۇنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى بىلمەيتتى . بۇ تۇيۇقسىز غايىپ بولۇش بىزنى تېخىمۇ ساراسىمگە سالغانىدى . ئۇ ئادەتتە كۆپرەك بارىدىغان يەرلەرگە بېرىپ ئۇنى ئىزدىدۇق، تونۇشلاردىن سۈرۈشتە قىلدۇق ، ئىز-دېرىكى بولمىدى . قاش قارىيىپ ئاسمان قانىغاندا ئامالسىز ياتاققا قايتىپ كەلدۇق . يەنە بىر تاڭ ئاتتى . ياتاق ئىچى ئەسلىدىكىدەك جىمجىت ئىدى . ھەممىمىز تەرەپ-تەرەپتىن ئۇنىڭغا ېلفۇن قىلاتتۇق . بىراق نەتىجە ئوخشاش بولاتتى. مەن بارغانچە تىت-تىت بولۇشقا باشلىدىم . خۇددى بىرەر كۆڭۈلسىز ئىش يۈز بىرىپ قالىدىغاندەك كۆڭلۈم پاراكەندە ئىدى . ئەگەر يەنە ساقلاپ ئولتۇرىۋەرسەك يەنە بىر تاڭ ئاتاتتى . ئىشلار تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتەتتى . قانداق قىلىش كىرەك ؟ يەنىلا چىقىپ ئۇنى ئىزدىدۇق ، بارىدىغان يەرگىمۇ باردۇق ، بارمايدىغان يەرگىمۇ باردۇق ، ھېچيەردىن تاپالمىدۇق  .ھەممىمىزنىڭ روھى سۇلغۇن ئىدى . گەپ قىلىشمۇ خۇش ياقمايتتى . خۇددى چوڭ بىر مۇرەككەپ دىلونى ھەل قىلىۋاتقاندەك بىر نۇقتىغىلا تىكىلگەن كۆزلەردە بىرلا مەنا، بىرلا مەقسەت بار ئىدى. كۈتۈشلەرگە تولغان دەقىقىلەر يىڭنە تۆشۈكىدىن كارۋان ئۆتكۈزگەندەك شۇقەدەر ئاستا ھەم تەس ئۆتىۋاتاتتى . چىكەتكىلەرنىڭ كۇرۇلداشلىرى ئاڭلاندى، تۈن پەرىسى قاناتلىرىنى يېيىپ زىمىنغا قاراۋاتاتتى . توساتتىن قۇربان جىمجىتلىقنى بۇزدى .
   - ئاغىنىلەر ! مۇشۇنداق قاراپ تۇرىۋىرەمدۇق؟                     
   ئاچچىق بىلەن مەسلىھەت تەرىقىسىدە ئېيتىلغان بۇسۆزلەر جاۋاپسىز قالدى . كىم جاۋاپ بېرەلەيدۇ؟ تاملارمۇ، شاماللارمۇ ياكى سىزمۇ ؟ بىر-بىرلەپ ئۇيقۇغا كېتىشتۇق، ئاي شولىسى دېرىزىدىن ئۇنىڭ ئادەمسىز تۇرغان كارۋىتىغا چۈشەتتى .             
   ئۈچىنچى كۈنى ئەتىگەن ئىشىك يىنىك چىكىلدى . ھەممىمىزنىڭ كۆزى ئىشىكتە ئىدى، بىرىپ ئىشىكنى ئاچتىم . ئالدىمدا پاكىزە چىراي، كۆزلىرىدىن ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى چېقىنداپ تۇرىدىغان سېرىق چاچ ، خۇشخۇي بىر ئادەم تۇراتتى . ھەئە ئۇ قايتىپ كەلگەن ئىدى . ئۇ ئىللىق بىر تەبەسسۇم قىلغىنىچە ياتاققا كىرىپ ھەممىمىز بىلەن بىر كۆرىشىۋەتكەندىن كىيىن خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۆز ئىشلىرىغا كىرىشىپ كەتتى. بىزمۇ ھېچ ئىشنى سورىمىدۇق، ئۇ ھەم ھېچنىمنى دېمىدى. تۇرمۇش ئىزىغا چۈشكەندەك قىلاتتى . بىراق مېنىڭ ھەم باشقا ئاغىنىلەرنىڭ قەلبىدە بىر ھەيرانلىق بىر تۈگۈن قېلىپ قالغان ئىدى . ئېھتىمال ئۇنى بىلىشنىڭ ئانچە زۆرۆرىيىتى يوقتۇ ياكى ئەسلىدىنلا ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەندۇ . قارىغاندا شۇنداق ئويلاش ياكى تەلتۆكۈس ئۇنتۇپ كېتىش ئەڭ ياخشى چارە بولسا كېرەك . مەن يەنە ئۆزۈمگە تەۋە بولدۇم ، ئۇنىڭ بىلەن مەن ھەققىدە پاراڭلىشىپ قەلبىم چوڭقۇرلىقىدىكى پايانسىزلىققا يول ئالدىم .            
 
مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
  • ھېچنىمىنى بىلەلمىدىم بۇ ھېكايىدىن،نىمىش بولغان بولغىيدى؟!ئۆچۈرۈش2011-6-17 06:37[3 نۇمۇر]يۈرۈگۈم
  • پەر قېقىپ كەلگەن ئەزان ئاۋازى بىلەن تەڭلا تاڭ سۈزۈلدى،
    ئەسسىلام كۆكيار ئەپەندى بۇخىل ئىپادىلەش مۇۋاپىق ئەمەستەك ھىس قىلدىم.شۇخىل شارائىتقا تىل ماسلاشمىغاندەك ھىسياتمەن.
    ئۆچۈرۈش2011-6-7 10:44[3 نۇمۇر]مەرپو
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY