باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-6 15:37 | ئاپتور: نۇرئەلى تۇرۇپ كۆكيار | مەنبە: قەلەم | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

چۈش

 چۈش

 
نۇرئەلى تۇرۇپ كۆكيار
 
    ئۆلۈپ كەتكىلى خىلى يىللار بولغان مەندەك بىر ئادەمنىڭ تۇرۇپلا رەستىدە پەيدا بولۇپ قېلىشى ھېچكىمنىڭمۇ دىققىتىنى تارتالمىدى. ھېيت ھەپتىسى بولغاچقىمىكىن ،يوللاردا ئادەملەر ناھايىتىمۇ كۆپ ئىدى. ئىگىز بىنالار ئارىسىدىن ئۇياتلىق قىزدەك مۇنداقلا بىر كۆرۈنۈپ قالمىسا تاپقىلى بولمايدىغان قۇياش يالغۇزخانىسىدا ئارام ئىلىۋاتامدۇ ياكى ھەجگە كەتتىمۇ ئىشقىلىپ كۆرۈنمەيتتى. شۇنداقتىمۇ ھاۋانىڭ شۇنچىلىك ئىسسىقلىقىدىن ئادەملەرنىڭ ئۆزىمۇ ئىپادىلەپ بىرەلمەيدىغان چېھرىدىن تەر تامچىلىرى توختىماي چۈشىۋاتاتتى .لىپمۇ-لىق خام –خىيال بىلەن قاچىلانغان ماشىنىلار توختىماي ئۆتىشىۋاتقان يولدىن مىڭ بىر تەستە ئۆتۈپ شەھەرنىڭ قاراڭغۇ كوچىسىغا جايلاشقان ئاددى بىر كەپەمگە ئۇلىشىۋالدىم. ئۆيۈمنىڭ ئىچىگە كىرىپلا ئاخشامقى ئىشلار ئېسىمدىن كەچكىلى تۇردى. ئۈستەلدىكى چېچىلىپ ياتقان گازىر شۆپەكلىرى، چېقىلغان پىۋە بوتولكىلىرى، تاماكا قالدۇقلىرى، بەتبۇي پۇراقلار كىشىنى راستىنلا يىرگندۈرەتتى. قولۇمغا سۈپۈرگىنى ئېلىپ ھەممە يەرنى تازىلىدىم. تام-تورۇستىن تارتىپ ئىشىكنىڭ بوسۇغىسىغىچە، ھەتتا كوچىنىڭ بېشىغىچە چالا قويماي تازىلاپ چىقتىم. ئەمدى بۇنداق ئىشنىڭ ئىككىنچى يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن ئۆز-ئۆزۈمگە قايتا-قايتا نەسىھەت قىلاتتىم. ئۆزۈمنى ئاگاھلاندۇراتتىم. گاھى تۇرۇپلا ياتاق ئۆيۈمنىڭ تېمىغا چاپلاپ قويغان «سەن ئۆزۈڭنى كونتىرول قىلالمىساڭ، باشقىلار سېنى كونتىرول قىلىدۇ» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز دىققىتىمنى تارتاتتى. ئۇنىڭغا قاراپ پايانسىز سۇئاللار قاينىمىغا غەرق بولاتتىم.                             
 خېلى بىر مەزگىللەرگىچە بەرداشلىق بەردىم .كوچىلارغا چىقسام ھەممە ئادەم ماڭا نەپرەتلىنىپ قاراۋاتقاندەك ، مېنى تىللاۋاتقاندەك تۇيغۇلارغا كەلگەن چاغلىرىم بولدى . ئەمما ، ئۇ ئۇزۇنغا بارمىدى ، ئىشلار يەنە ئەسلىگە قايتىشقا باشلىدى . ئەسلىدە ئىشلار بۇنداق راۋاجلانماسلىقى كېرەك ئىدى . كىچىككىنە ئۆيۈمدە جىمجىت ياشاۋىرىش تولىمۇ خەتەرلىك . ھېچ بولمىغاندا تالاغا چىقىپ ئايلىنىپ كىرىش كېرەك ئىدى .                                                   
ئۇزۇنغا سوزولغان دەريا بويىدا يىراق –يىراقلارغا قاراپ تۇرىۋاتىمەن .ئاسماندىكى يۇلتۇزلار بىلەن ئىگىز بىنالارنىڭ چىراقلىرى خۇددى دەرياغا كىرىۋالغاندەك تۇيغۇ بىرەتتى . سۇنىڭ يېنىك چايقىلىشى مېنىڭ تىنىقىم بىلەن تومۇرداشمۇ قانداق ئۇنىڭدىن بىر يېقىنلىقنى سېزىۋاتاتتىم .كۈنلۈكسىمان ئوروندۇقلاردا جۈپ-جۈپ بولۇپ ئۆز مۇزىكىسىغا غەرق بوپ كەتكەن قىز-يىگىتلەرگە قاراپ كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە ئۇلارغا ھەۋەسمۇ قىلىپ قالاتتىم. بىراق، ناھايىتى تېزلا ئېسىمنى يىغىپ ئۇلارنى تىللايتتىم ئىچىمدە .                                                       
 يەنە مەنىسىز كۈنلەر باشلاندى. بۇ كۈنلەردە كۆزۈمگە ھەممىلا نەرسە ئالدىنقى قېتىم يولدا تاساددىپى تونۇشۇپ قالغان، چىرايىدىن تەمكىنلىك، ئاقكۆڭۈللۈك چىقىپ تۇرىدىغان گۈلقىز ئىسىملىك ھېلىقى قىزدەك كۆرىنىۋاتاتتى. راست، ئۇنىڭ بىلەن تاساددىپى تونۇشۇپ قالدىم. شۇ چاغدا ئۇنىڭ قولىدىكى كىچىك ئەترەڭ سومكا يەرگە چۈشۈپ كەتكەنىدى. مەن چاققانلىق بىلەن يەرگە ئېڭىشىپ ئۇنىڭ سومكىسىنى ئېلىپ بەردىم ۋە سەمىمى ئەپۇ سورىدىم. توۋا ! تاساددىپى سوقۇشۇپ كېتىش بىلەن باشقىچىلا بوپ قالدىم دىسە. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى چىرايلىق بىر تەبەسسۇمى مېنى بارغانچە روھسىزلاندۇرۇشقا باشلىدى. ياق! مەن بۇنداق قىلسام بولمايدۇ. ئۇنى ئېسىمدىن چىقىرىۋىتەي، بۇ بىر تاساددىپىلىق!
 كېچىچە كۆزۈمگە پەقەتلا ئۇيقۇ كىرمىدى. ئۆي ئىچى تاماكا ئىسى بىلەن لىق تولغانىدى. دېرىزە تەكچىسىگە كېلىۋىلىپ زادىلا نېرى كەتمىگەن ئاۋۇ ئاي نېمانچە قىلىدىغاندۇ؟ سائەتنىڭ چىكىلداشلىرى بۇ جىملىققا نۇرغۇن سۇئال بەلگىلىرىنى تاشلاپ مېنى تېخىمۇ ئازاپلىماقتا ئىدى. تېزراق تاڭ ئېتىشنى كۈتەتتىم. پەقەت قات-قات قان ئىچىدىن سۇغۇرلۇپ چىققان قۇياشنى كۆرگەندىلا ئاندىن بىر ئاز يىنىكلەپ قالغاندەك بولدۇم .                                                       
   زادى نىمە سەۋەپكىن تاڭ بىلمىدىم. ھېلىقى قىزنى ئۇچراتقان دوقمۇشقا كەپ قاپتىمەن. ئالدىمدا گۈلدەك ئىچىلىپ تۇرغان گۈلقىزنى كۆرۈپ ھاڭۋىقىپ قالدىم.                  
-ئالدىنقى قېتىم ئىسمىڭىزنى دەپمۇ بەرمەي كېتىپقالغانتىڭىز؟                                            
-ھە...شۇنداقمۇ ؟ ئىسمىم ئەركىن .-دېدىم مەن خۇددى ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن گۇناھكارلاردەك دۇدۇقلاپ تۇرۇپ.         
    شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلەن كۈندە دىگۈدەك بىللە تاماق يەپ، ئايدىڭ ئاخشاملارنى بىللە ئايلاندىم. كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن بىزنىڭ ئارىلىقىمىز بارغانسىرى يېقىنلاشقا باشلىدى. كۈنلۈكسىمان ئورۇندۇقلاردا ئولتۇردۇق، مۇزىكا چالدۇق. شۇ كۈنلەردە جاھاندا خۇددى گۈلقىز ئىككىمىزلا قالغاندەك كۆزۈمگە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قارىسام، يۇمشاق بارماقلىرىنى سىلىسام ئاجايىپ لەززەت ھېس قىلاتتىم.                                                      
   ئۆزۈمگە ئوخشىماي قېلىۋاتقانلىقىمنى بىلىمەن. قەلبىمدە غەلىتە بىر سېزىم مېنى ئېلىپ قاچماقتا. ئادەم ياشىمايدىغان جايلارغا...                                                     
 بۈگۈن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاچقا ئۇنى ئۆيۈمگىلا تەكلىپ قىلىپ تەبرىكلىدىم. قاپقاراڭغۇ ئۆيدە پەقەت بىر تاللا شام ياندۇرۇلغان بولۇپ ناھايىتى رومانتىك تۇيۇلاتتى. ئوچۇق قالغان دېرىزىدىن ئاپئاق دېرىزە پەردىسى ئەزرائىلنىڭ قانىتىدەك لەپىلدىمەكتە ئىدى. يېنىك چىقىۋاتقان مۇزىكىغا كەلتۈرۈپ تانسا ئويناۋېتىپ، ئۇنىڭ خۇمارلىق قوي كۆزلىرىدىن مەست بولۇپ خۇدۇمنى بىلمەيلا ئۇ بىر تال شامنىمۇ ئۆچۈرىۋەتتىم. شامال بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى.     
   قۇش كۆزىدىن تامغان سۈزۈك بىر سەھەر قاناتلىرىنى كېرىپ زىمىنغا قاراۋاتاتتى. ئەمدى ھەممە ئادەم مېنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك، دېرىزىلەر ماڭا مەسخىرىلىك قاراۋاتقاندەك تۇيۇلدى. ئېھتىياتسىزلىقىمدىن تامغا ئۈسسۈۋېلىپ تېخىمۇ ئېسەڭگىرەشكە باشلىدىم. ياستۇقۇم ئۈستىدە گۈلقىزنىڭ ئۇزۇن بىرتال چېچىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ بىلەن دىيىشكەن سۆزلەر يادىمغا كەلدى. بىر ھازا ئويلانغاندىن كىيىن، قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ياخشىراق بىر پاراڭلىشاي دىگەن ئۈمىدتە ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم. يولدا توساتتىن ئۇنىڭ ئالدىراش بىريەرگە ماڭغانلىقى دىققىتىمنى تارتتى. ئۇ ناھايىتى ئالدىراش ئىدى. مېڭىۋىتىپ ھېلىقى ئەترەڭ سومكىسىدىن تارغىقىنى چىقىرىپ چاچلىرىنى تارايتتى. لەۋ سۇرىخىدا لەۋلىرىنى بويايتتى. ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىۋەردىم. كۆڭلۈم بارغانچە پاراكەندە بولماقتا ئىدى. ئاخىرى ئۇ بىر كوچىغا قايرىلدى. ماڭا بۇ كوچا تولىمۇ تونۇش بىلىندى. ھە راست! بۇ مېنىڭ نەۋرە ئىنىم خەمىتنىڭ ئۆيى ئەمەسمۇ؟ ئۇ دەرۋەقە ئاشۇ ئۆيگە كىرىپ كەتتى. دېرىزىدىن ئۇلارنىڭ ئاستا –ئاستا غايىپ بولىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق چۆچۈپ كەتتىم. نىمە دىيىشىمنى، نىمە ئىش قىلىشىمنى زادىلا بىلەلمىدىم. توكمۇ ئۆچتى، چاقماق چېقىپ، قاتتىق يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. چىلىق –چىلىق ھۆل بوپ كەتكەن بەدىنىمنى سۆرەپ يارىدار جەڭچىدەك ئۆز ئۆيۈمگە قايتىپ كەلدىم. پارە-پارە بولۇپ كېتىۋاتاتتىم. ھەممە ئادەملەر، ھەممە ئىشلار ئېسىمگە كېلىشكە باشلىدى. بېشىم ئاغرىپ گويا بىر تاغ بېسىۋالغاندەك تەنلىرىم شۇقەدەر ئېغىر ۋە جانسىز. پۈتۈن كېچىنى خىياللار بىلەن ئۆتكۈزۈپ سەھەرگە يېقىن ئۇخلاپ قاپتىمەن ھەم مۇنداق بىرچۈش كۆرۈپتىمەن:
چىرايلىق بىر ئۆي، تۆت كىشىلىك تاماق ئۈستىلىدە ئولتۇرۇپ ئايالىم، مەن، ئوغلۇم، قىزىم تاماق يەۋىتىپتىمىز. ئوغلۇمنىڭ پۇتى يوق، قىزىمنىڭ كۆزى يوق، ئايالىم گويا ئالۋاستى سىياقىدا ئولتۇرغۇدەك، قورقۇپ كېتىپ مەنمۇ دەرھال ئەينەككە قارىسام بېشىم يوق. تازا يىغلاپتىمەن، ئەمما ھېچكىم ئاڭلىمىغۇدەك...
قورقۇپ ئويغۇنۇپ كەتتىم. قارىسام پۈتۈن بەدىنىم چىلىق –چىلىق سوغوق تەرگە چۆمۈپتۇ. سائەت بۇرۇنقىدەكلا چىكىلداپ يېتىپتۇ، دېرىزە پەردىسى ئوخشاشلا لەپىلدەۋىتىپتۇ. ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاسمانغا قارىدىم، ئۇپۇقنىڭ كۆزلىرى ياش يۇقى كۆرۈندى، قۇشلار ناخشا ئېيتىۋاتاتتى. مەن يەنە سۈپۈرگەمنى ئېلىپ ئۆيۈمنى تازلىدىم.
                                                 
2009-يىلى 8-دېكابىر     قەشقەر  
مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
  • ئىگىز بىنالار ئارىسىدىن ئۇياتلىق قىزدەك مۇنداقلا بىر كۆرۈنۈپ قالمىسا تاپقىلى بولمايدىغان قۇياش يالغۇزخانىسىدا ئارام ئىلىۋاتامدۇ ياكى ھەجگە كەتتىمۇ ئىشقىلىپ كۆرۈنمەيتتى. شۇنداقتىمۇ ھاۋانىڭ شۇنچىلىك ئىسسىقلىقىدىن ئادەملەرنىڭ ئۆزىمۇ ئىپادىلەپ بىرەلمەيدىغان چېھرىدىن تەر تامچىلىرى توختىماي چۈشىۋاتاتتى.
    كۆكيار يۇقارقى قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ سىزگە سەمىمي تەكلىپ يازغۇم كەلدى. سىزگە مەلۇم ھېكايە تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا تەرىپىنى ئەمەس بەلكى مەلۇم كىچىككىنە كارتىنىسىنى مۇكەممەل يورۇتۇپ بېرىدىغان باش تېمىسى ئاددىي، سىيۇژىتى ئىخچام ،تىلى جانلىق ،سەھىپىسى قىسقا ،ھەجىمى كىچىك ژانىر ھېكايىدىكى باش تېمىنى يورۇتۇشتا تەسۋىر، مۇھىت ھەم پېرسۇناژلار تەسۋىرىنى بولۇپمۇ مۇھىت تەسۋىرىنى تەبىئىي ، يارقىن تەسۋىرلىگەندە پېرسۇناژلار خاراكتىرنى قەدەممۇ -قەدەم ماھىيەتلىك ئىچىپ ئوقۇرمەندە مۇھەببەت -نەپرەت تۇيغۇسىنى روشەن ھېس قىلدۇرۇپ قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشتا ، پېرسۇناژلار خاسلىقىنى خاسلاشتۇرۇپ ئەدەبىياتنىڭ سەنئەت ھەم قوراللىق خاراكتىرىدىن تەڭ پايدىلىشىنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
    ئۆچۈرۈش2011-6-6 16:07[3 نۇمۇر]ئايزىت
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY